logo

trugen jacn

تۇنيۇقۇق:مىدىيالاردا بىز

 

مىدىيالاردا بىز

تۇنيۇقۇق

 

يىل  2018- 4-ئاينىڭ 6-كۈنى

 

23- مارت، ئامرىكا پارلامىنتى بىر پارچە خامچوت لاھىيەسىنى تەستىقلىغان بولۇپ، 2018- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ ئامرىكا ھۆكۈمىتى تىبەتكە 17 مىليون دوللار ياردەم مەبلىغى بىرىدىغان بولغان. بۇ 17 مىليون دوللار پۇلدىن تىبەت ئىچىدىكى تىبەتلەرگە 8 مىليون دوللار، ھىندىستان بىلەن نىپال ئىچىدىكى تىبەت رايونىغا 6 مىليون دوللار تەقسىملەنگەن. قالغان ئۈچ مىليون مەخسۇس مەبلەغ بولۇپ، تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا سەرپىيات قىلىنىدىكەن. بۇ تەمىناتنىڭ تىبەت ئىچىگە ئىشلىتىدىلىدىغان قىسمى بولسا مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش، سىجىل تەرەققىيات، مائارىپ ۋە مۇھىت قوغداش قاتارلىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا ياردەم قىلىنىدىكەن. 2016- يىلى ئامرىكا پارلامىنتى ھىندىستان- نىپال ئارىلىقىدىكى تىبەتلەرگىلا 6 مىليون دوللار تەستىقلىغان. ئۇندىن باشقا ئامرىكا ھۆكۈمىتى قۇرۇپ چىققان دۆلەتلىك دىموكراتىيە ڧوندى جەمىيىتى NED 2017- يىلى تىبەتكە ئاجراتقان ئىقتىسادىي ياردەم 820 مىڭ 60 دوللار بولۇپ، 13 تۈرلۈك خىزمەتكە تەقسىملەنگەن. بۇ پەقەت ئامرىكىدىن بىرىدىغان پۇل، تىبەتلەرگە ياردەم بىرىدىغان خەلقئارا ڧوندى جەمىيەتلەر، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تىلغا ئىلىنمىدى.

 

تىبەتلەرگە ئوخشاش خىتاي ئىستىلاسىدا قاتتىق زۇلۇم تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا 2017- يىلى ئاجرىتىلغان پۇل بولسا 556،000 دوللار. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىلغىنى 310 مىڭ دوللار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئاجرىتىلغىنى 246مىڭ دوللار. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتى، كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر كۇلۇبى قاتارلىقلار دىموكراتىيە ڧوندىدىن ياردەم ئىلىشقا باشلىغان 2006- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بولغان 6 يىل مابەينىدە جەمئىي بولۇپ 3،718،175 دوللار ياردەم قوبۇل قىلغان، بۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچەنىسبىتى 619،695 دوللار. بۇنىڭدىن يالغۇز دۇقنىڭ قوبۇل قىلغىنى بولسا 938 مىڭ دوللار، يىللىق ئوتتۇرىچە نىسبىتى 156 مىڭ دوللار بولغان. بۇنچىلىك پۇل بىرەر خىتاي ئەمەس، ئۇيغۇرغا پىخسىقلىق قىلىپ خىتايغا ھەممە نەرسىسىنى تارتقۇزۇپ قويغان بىرەر ئۇيغۇر زەردارلاردىنمۇ چىقىشى مۇمكىن. ئەمما خىتايغا قارشى ئون يىللاپ سىياسىي پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر لوبىيلىرىدىن چىقمايدۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن چىقمايدۇ. ئەپسۇسكى، دەۋاغا پىخسىق بىر قىسىم باي ئۇيغۇرلىرىمىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى خىتايغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە قۇرال سىتىۋىلىشقا پۇل بەرمەي، ئاخىرىدا ھەممىنى تۇڭگانغا خوتۇن- قىزلىرى بىلەن قوشۇپ تارتقۇزۇپ قويغان قەشقەر بايلىرىغا ئوخشايدۇ.

 

دىمەك، خىتايدەك دۇنياۋى ئىككىنجى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ھىسابلانغان دۆلەتكە قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىپلوماتلىرىنىڭ تەخمىنەن ئىرىشكەن 6 يىللىق ئومومىي مەبلىغى ئارانلا 3 مىلىيون 720 مىڭ دوللار، يىللىق ياردىمى ئوتتۇرا ھىسابتا 620 مىڭ دوللار، مەركىزى تەشكىلات ھىسابلىنىدىغان دۇقنىڭ بولسا ئوتتۇرىچە ھىسابتا 156 مىڭ دوللار بولماقتا. 2006- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە ئۇيغۇرغا ئاجرىتىلغان چىقىمنى يىللىق ئوتتۇرىچە نىسبەت بىلەن تەخمىن قىلساق، 6 مىلىيون 200 مىڭ دوللاردىن ئاشمايدۇ. ئۇيغۇرلار 10 يىلدا ئىرىشكەن 6 مىلىيون دوللار پۇل، نىپال- ھىندىستان چىگراسىدا تۇرىۋاتقان تىبەتلەرگە ئاجرىتىلغان بىر يىللىق پۇلغا تەڭلىشىدۇ. ئەمما 2018- يىلى ئامرىكا پارلامىنتى تىبەتكە تەستىقلىغان 17 مىلىيون پۇلنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كىلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە رابىيە قادىر خانىملار 10 يىلدىن بۇيان ئەنە شۇنداق يالاڭ ئاياغ، يالاڭ ئۇستىخان ھالەتتە بۇ دەۋانى ھازىرقى كۈنىمىزگە ئەكەلدى. ئۇيغۇر لوبىيلىرى 10 يىلدىن بۇيان 6 مىلىيون دوللار پۇل بىلەن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتى 10 تىرىلىيون دوللاردىن ئاشىدىغان خىتايغا قارشى كۆرەش قىلىۋاتىدۇ. ئاندىن بىز ئۇلاردىن ھىچقانداق پايداڭلارنى كۆرمىدۇق دەپ ئاغرىنىۋاتىمىز!

 

2017- يىلى دىكابىردا، ئامرىكا خىتاينى ئاساسلىق رەقىبى قاتارىغا تىزغاندىن بۇيان، خىتايغا ئۇدا ئېغىر زەربىلەرنى بەردى. ئامرىكا خىتاينى ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىمىزغا تاجاۋۇز قىلدى، خىتايغا مەبلەغ سالغان ئامرىكا شىركەتلىرىنى تىخنىكا ئۆگىتىشكە مەجبۇرلىدى دەپ ئېغىر جەرىمانە قويدى. ئاندىن خىتاي ماللىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا باجنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئۇرۇشنى باشلىۋەتتى. 3-ئاينىڭ 16- كۈنى شى جىنپىڭ قايتا رەئىس بولۇپ سايلىنىش ھارپا كۈنىدە، ئامرىكا تەيۋەن ساياھەت قانۇنىنى ماقۇللاپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەيۋەنگە بىرىپ كىلىشىگە رۇخسەت قىلدى. جەنۇبى دىڭىزغا ئۈچ دانە ئاۋىياماتكىسىنى تىزدى، ھەتتا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاۋىياماتكىسىنىمۇ ياندۇرۇپ ئەكەلدى. جەنۇبى كورىيە ئارقىلىق، شىمالىي كورىيە ئالىي رەھبىرى كىميۇڭئۇننى يىنىغا تارتىپ، بىۋاستە كۆرۈشمەكچى بولدى. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا چىدىماي، كىميۇڭئۇننى مەخپى تەكلىپ قىلىپ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ يەنىلا شىمالىي كورىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغان بولدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئامرىكا تىبەتكە بىراقلا 17 مىلىيون دوللار پۇل بىرىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، لاگىرغا سولانغان بىر مىلىيون ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرىق قىلىدىغان بوپتۇ. ئازراق سوغۇققانلىق بىلەن ئويلانساق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامرىكىنىڭ خىتاينى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتلىق تاكتىكىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئامرىكىدىنمۇ بەكرەك كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرى، كانادا، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا سۈكۈتتە، قىرىندىشىمىز تۈركىيە سۈكۈتتە، دىندىشىمىز مۇسۇلمان ئەللىرى خىتاي تەرەپتە!

 

سۇئال شۇكى، نېمىشقا ئۇيغۇرلار شۇ قەدەر زۇلۇم چىكىۋاتقان بۇ يىللاردا ئامرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى تىبەتلەرگە نەچچە ئون مىلىيون دوللار ياردەملەرنى قىلىدۇيۇ، ئۇيغۇرلارغا ئاساسىي جەھەتتىن خۇپسەن بولىۋالىدۇ؟ تىبەت مۇستەقىللىق ھەرىكىتى نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق جەمىيەتلەر، ئارتىسلار، مەشھۇر شەخىسلەر، ئادۇكاتلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. بىراق، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى كۆرەشلىرى، تارتقان زۇلۇملىرى، مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى تىبەت بىلەن ئىنتايىن ئوخشاش بولسىمۇ، تىبەتنى كۈچەپ قوللىغان كۆپ قىسىم خەلقئارالىق جەمىيەتلەر نېمىشقا ئۇيغۇرلارغا دىققەت ئىتىبارىنى بەرمەيدۇ؟

 

تۆۋەندە مەن ئامرىكىلىق ئايال تەتقىقاتچى Isabella Steinhauer ئىسابىللا ئىستەيىنخاۋىر 2017- يىلى 4- ئايدا يازغان بىر ئىلمىي ماقالىدىكى مۇھىم نۇقتىلار ئارقىلىق، تىبەت- ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

 

International Social Support and Intervention: The Uyghur Movement -Xinjiang Province, China

”شۈبھىسىزكى، مەزلۇم خەلق ئۈچۈن خەلقئارا جەمىيەتلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خەلقئارا ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشتە مىدىيا ۋاستىلىرى ئەڭ مۇھىم ۋە كۈچلۈك رول ئوينايدۇ. مىدىيانىڭ خەلقئارالىشىش ئىقتىدارى كۈچەيگەنسىرى، مىدىيانىڭ تەسىر كۈچى ھەتتا كۆپ قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەسىر كۈچىدىنمۇ ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن. مىدىيانىڭ بۇ خىل ڧۇنكىسىيەسى ئۇيغۇر- تىبەت مەسىلىسىدە ئوخشاش رول ئوينايدۇ. مىدىيا ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنى ھەرخىل تەسۋىرلىشى ۋە سۈپەتلىشى نەتىجىسىدە، كىشىلەر ئوخشىمىغان چۈشەنچىگە ئىگە ياكى خاتا تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. مىدىيا ۋاستىلىرىدا ئاساسىي كۈچ ھىسابلانغان غەرب دۆلەتلىرى قىزىق نۇقتىلارنى تەھلىل قىلغاندا، ئامرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى ئاساسلىق ئوبىكىت قىلىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىدۇ. خىتاي مىدىيالىرىدا بىر تەرەپلىمىلىك ئېغىر، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى دۆلەت مۇقىملىقىنىڭ دۈشمىنى دەپ سۈپەتلەش ئادەت بولغاچ، خىتاي مىدىيا مەنبەلىرى ئىتىبارغا ئىلىنمايدۇ.

 

خەلقئارادا كۈچلۈك ئىناۋەتكە ئىگە غەرب مىدىيا ۋاستىلىرىدىن: نىيۇيورك ۋاقىت گىزىتى، س ئىن ئىن، ۋاشىنگىيون پوچتا گىزىتى، ئىقتىساد گىزىتى قاتارلىقلارنى تاللاپ، ئىزدەش ئورنىغا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، شىنجاڭ، تىبەت دىگەن ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى كىرگۈزسەك، تۆۋەندىكىدەك نەتىجە چىقىدۇ.

غەرب مىدىيالىرىدا قاپلىنىش قىتىم سانى : 1- رەسىمگە قاراڭ

 

نەتىجىدىن خۇلاسە:

1- سان جەھەتتىن: تىبەت، تىبەتلەر دىگەن ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ قىتىم سانى ”ئۇيغۇر، شىنجاڭ“ دىگەن سۆزلەردىن تەخمىنەن 4 ھەسسە كۆپ چىقىدۇ. مىدىيادا قاپلىنىش نىسبىتىنى ئىككى مىللەتنىڭ نوپوس سانىغا نىسبەتلەشتۈرگەندە، تىبەتلەر ئۇيغۇرلاردىن بەش ھەسسە ئارتۇق كۈچىگەن بولىدۇ. نىيۇيورك ۋاقىت گىزىتىدە تىبەت شىنجاڭدىن 11 ھەسسە ئارتۇق تىلغا ئىلىنغان، تىبەتلەر ئۇيغۇرلاردىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق تىلغا ئىلىنغان، ئىككىسىنى جەملىگەندە، تىبەت ۋە تىبەتلەر، ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭغا قارىغاندا 8 ھەسسە ئارتۇق تىلغا ئىلىنغان. ( بۇ بوشاڭلىقىمىز ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ).

2- تېما جەھەتتىن: خەۋەرلەرنىڭ تېمىسى، ماۋزۇلىرىدىن تىبەتلەرگە ئالاقىدار ئەڭ كۆپ بىسىلغان خەۋەرلەر تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرىۋىلىش نامايىشلىرى. ئەگەر بىر ئوقۇرمەنە تىبەتلەرنىڭ خىتايدىن زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقى خەۋەردار بولمىسىمۇ، تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرىۋىلىش نامايىشلىرىنى ئوقۇغان ھامان چۆچۈپ كىتىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىدۇ. ئۆزىنى كۆيدۈرىۋىلىش ئارقىلىق زۇلۇمغا قارشى پىدائىيلارچە قۇربانلىق بىرىش، ئۇلۇغۋار غايىلەر ئۈچۈن باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئالىيجاناپ تۇيۇلىدۇ. مۇھىمى، مىدىيا ۋاستىلىرى ئەنە شۇنداق ئۆزىنى كۆيدۈرۈش نامايىشلىرىنى كۈچەپ تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق، تىبەتلەرنىڭ كىشىلەرگە ھىسداشلىقىنى قوزغايدۇ، تىبەتنى قوللاش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ زىھنىگە كىشىلىك ھوقۇق، رايىش بۇددىزىم، زۇلۇمغا ئۇچراش، ئاپتونومىيە ۋە مۇستەقىللىق، خىتاينىڭ غالجىرلىقى، تىبەت تۈرمىلىرى، دالاي لاما قاتارلىقلار كىلىدۇ. گەرچە خىتايلار تىبەتنى ئاپتونۇم رايون دەۋاتقان بولسىمۇ، ئوقۇرمەنلەر يەنىلا تىبەتنى مۇستەقىل بولىشى كىرەك، خىتاي تىبەتكە تاجاۋۇز قىلغان دەپ قىياس قىلىدۇ. بۇددا دىنى دائىما ناھايىتى تىنىچلىقپەرۋەر سۈپەتلەنگەچ، تىبەت بۇددىسىتلىرى دىگەن ھامان كىشىلەرگە تىبەتلەرنى تىنىچلىق سۆيەر، زوراۋان بولمىغان مىللەت سۈپىتىدە پەرەز قىلىشىدۇ. بۇددىسىت تىبەتلەرنىڭ مەنىۋىي داھىيسى، نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتى ساھىبى دالاي لاما يەنە بۇ نۇقتىنى كۈچەيتىدۇ.

 

ئۇيغۇرلار بولسا:

ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭغا ئالاقىدار خەۋەرلەردە بولسا ئەڭ كۆپ كۆزگە چىلىقىدىغان ماۋزۇ: زوراۋانلىق. ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆلۈم، ئۆلتۈرۈش، ھۇجۇم قىلىش، قوزغىلاڭ قاتارلىق زوراۋانلىققا ئالاقىدار تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭدەك، خىتاي تۈرمىلىرىدە سولانغان، ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن خەۋەرلەر بار. بۇ خەۋەرلەرگە ئاساسەن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدا ئۇيغۇرلار كونتىروللۇقىنى يوقاتقان، ھۆكۈمەتكە قارشى ناھايىتى زوراۋان ئىتنىك گۇرۇپ شەكلىدە سۈپەتلىنىدۇ. تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرىۋىلىش نامايىشلىرى كىشىلەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىسا، ئۇيغۇرلار زوراۋان ئۆكتىچىلەر قارىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن ئۇيغۇرلار مەقسەتلىك ھالدا باشقىلارغا زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئەخلاقسىز تۇيغۇ بىرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە باسقۇنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى تۇتۇق ۋە چۈشىنىكسىز بولۇپ قالىدۇ.

زوراۋانلىق ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خەۋەرلەردىكى ئاساسلىق تېمىغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە، شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنى سۈپەتلەشتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولسا “ ئىتنىك“ دىگەن سۆزدۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قارشى ھەرىكەتلىرى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئەمەس، ”ئىتنىك ئازسانلىق مىللەتنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى“ دەپ تونۇشتۇرۇلىدۇ، ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئىچىدىكى ئىتنىك ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ ئەسلى ئىسمى بويىچە ئۇيغۇرلار، ۋەتىنى شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتالماي، ئاز سانلىق مىللەت، شىنجاڭ دەپ ئاتالغان. بۇ ئاتالغۇلار ئوقۇرمەنلەرگە ، قارىماققا ئۇيغۇرلار خۇددى نائېنىق مەقسەتلەر ئۈچۈن خىتايغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت دىگەن تۇيغۇ بىرىدۇ. ھالبۇكى، ”ئىتنىك، ئاز سانلىق مىللەت“ ئاتالغۇلىرى تىبەتلەرگە ناھايىتى ئاز ساندا قوللىنىلغان، ئۇلار ھەردائىم ”تىبەتلەر“ دىگەن توغرا ئاتىلىشى بىلەن ئاتالغان.

 

ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇرلار دائىم يەنە “ تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت“ دەپ سۈپەتلىنىدۇ ( ئامرىكا 5-ئاپرىل ئىلان قىلغان باياناتىدىمۇ شۇنداق ئىلىنغان). ئەمما تىبەتلەر ھەرگىزمۇ “ تىبەت تىللىق بۇددىسىت ئاز سانلىق مىللەت“ دەپ سۈپەتلەنمەيدۇ.. تىبەتلەر ھەرگىزمۇ ئاز سانلىق مىللەت ياكى ئىتنىك مىللەت دەپ تونۇشتۇرۇلمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ توغرا نامى بىلەن تىبەت دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ توغرىسىدا ئىزدەنگەندە، ئاپتونومىيە، مۇستەقىللىق، كىشىلىك ھوقۇق، ھوقۇق، باستۇرۇش دىگەن ئاتالغۇلار ئاساسىي جەھەتتىن تىلغا ئىلىنمىغان، تىبەتلەرگە ئالاقىدار خەۋەرلەردە بولسا يۇقارقى ئاتالغۇلار كۆپلەپ تىلغا ئىلىنغان. نەتىجىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش تېخىمۇ ئېنىقسىز بولۇپ قالغان. ئەكسىنچە ئۇيغۇرلار زوراۋانلىق، تىرورىزىم بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلار خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان مەزلۇم مىللەت ئىكەنلىكى يورۇتۇلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھىسداشلىقىغا ئىرىشەلمىگەن.

 

ئۇنداقتا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىچۇ؟ ھۆكۈمەتلەر ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان قاتتىق زۇلۇم چىكىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. 2009- يىلى، ئامرىكا ھۆكۈمىتى:“ ئۇيغۇرلار گەرچە مۇسۇلمان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار جىھادپەرەس بولماستىن، بەلكى تىنىچلىقنى سۆيىدىغان، دىنىي ئەركىنلىكنى ھۆرمەتلەيدىغان، دىموكراتىيەنى ياقىلايدىغان مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق“ دەپ دوكلات بەرگەن. ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى، بۇ دوكىلات ئاۋامغا ئاشكارىلانمىغان. ئامرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق زۇلۇم چىكىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ئەمەلىي سۆز-ھەرىكەتتە بولمىغان. چۈنكى، ئۇلارغا شۇنداق بىر زۆرۈرىيەتنى ھىس قىلدۇرىدىغان ئامرىكا خەلقىدىن بىسىم كەلمىگەن. سىز بىلىسىز، دىموكراتىك دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت خەلق ئۈچۈن ئىشلىمەيدۇ، بەلكى خەلق ھۆكۈمەتنى ئىشلىتىدۇ. ھۆكۈمەت خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گىپىگە قۇلاق سالىدۇ. يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بولسا، دۇنيادىكى ئىككىنجى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتايغا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە قاتتىق يۆلەنگەن دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى ئاشكارا سۆزلەشتىن يالتايغان.

 

كۆپ قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدە، تىرورىزىمنى ئىسلامغا باغلاپ چۈشەندۈرۈش، كىشىلەرگە ئىسلامدىن قورقۇش خاھىشىنى پەيدا قىلغان. خىتاي بۇنىڭدىن ئۆز ۋاقتىدا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان. ئۇيغۇرلار “ خىتايدىكى ئاز سانلىق، ئىتنىك مىللەت“ ئاتىلىپ، زوراۋانلىق ۋە تىرورىزىمغا باغلاپ چۈشەندۈرۈلۈش نەتىجىسىدە چۆكتۈرۈلگەندىن باشقا، ئىسلامىي خىلاپەت ئىدىلوگىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى يەنە بىر قەدەم خۈنۈكلەشتۈرۈش رولىنى ئوينىغان. 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن تولۇق پايدىلانغان خىتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دىنىي ئەسەبىيلىك، تىرورىزىمغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ھەقلىق كۆرسەتكەن. تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئاڧغانىستاندىكى ئەلقائىدە، سۈرىيەدىكى نۇسرەت ۋە دائىش قوشۇنلىرىدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار نەچچە ئەۋلاد ھەتتا نەچچە ئەسىردىن بۇيان خىتايلارنىڭ زۇلۇمىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، مىدىيالاردا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركىستان “ قالايمىقان، زوراۋان، ئاداۋەتچى “ سۈپىتىدە سۈپەتلەنگەن. يىغىپ ئىيىتقاندا، يۇقارقى خەۋەرلەر ۋە خەۋەر ماۋزۇلىرىغا ئاساسەن ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇرلارنى مەزلۇم مىللەت ئەمەس، بەلكى ئىسلام ۋە تىرورىزىم قوزغىتىپ چىقارغان زوراۋان مىللەت دىگەن چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان.ئاۋام خەلق ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەقىقىي ۋە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولالمىغان. شۇنىڭ بىلەن غەرب سىياسىيونلىرى ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا قوللاش- قوللىماسلىقتا خەلقتىن كىلىدىغان ھىچقانداق بىسىم ھىس قىلمىغان. گەرچە تىبەتلەرمۇ نەچچە قىتىم زوراۋانلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە بولغان، خىتاي ئۇلارنى 2016- يىلىدىن باشلاپ تىرورچىلار دەپ ئاتاشقا باشلىغان بولسىمۇ، غەرب مىدىيالىرىدا تىبەتلەر ھىچۋاقىت تىرورىزىمغا باغلانمىغان. غەربلىكلەرنىڭ ئىسلام قورقۇنچىسى ئوخشاش ۋەقەگە ئوخشىمىغان مەۋقە تۇتۇشقا ۋە خاتا تونۇشتۇرۇشقا ئىلىپ بارغان.

 

مىدىيا ۋاستىلىرى كەلگۈسىدە ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىيالىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ تەرىپىمۇ ئانچە ئوچۇق ئەمەس. مىدىيا ۋاستىلىرى خەلقنى قوزغاپ، خەلق سىياسسىيونلارغا بىسىم چۈشۈرۈپ مەزلۇملارنى قوغداشقا چاقىرىق قىلالايدۇ. خەلقئارا جەمىيەتتىن ئىرىشكەن ياردەملەر ۋەتەسەللىيلەر مەزلۇم خەلقنىڭ داۋاملىق كۆرەش قىلىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما شۇنچە كۆپ خەلقئارا ئىجتىمائىي ياردەملەر تىبەت مەسىلىسىگە مۇداخىلە قىلىشتا بەك زور رول ئويناپ كىتەلىگىنى يوق. خىتاينىڭ زور ئىقتىسادىي گەۋدىسى، خەۋىپسىزلىك كىڭىشىگە ئەزا بەش دۆلەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن بىرىلگەن ھەرقانداق ئالىي ياردەمنىمۇ بىكار قىلىۋىتىشكە يىتىپ ئاشىدۇ.

 

يەكۈن: ئەنە شۇنداق ئوخشىمىغان پورتىرىت يارىتىش جەريانىدا، بولۇپمۇ ئۇ مەزلۇم خەلق مۇسۇلمانلار بولۇپ قالغاندا، مىدىيا ۋاستىلىرى مەزلۇم مىللەتكە ئىجتىمائىي ياردەم توپلىماقتا يوق، ئەكسىنچە يامان كۆرۈش پەيدا قىلىپ قويغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى مىدىيا ۋاستىلىرى تەرىپىدىن “ ئىسلامىي خىلاپەتچىلەر“ دەك كۆرسىتىلگەن. پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قىلىۋاتقان كۆرەشلىرى تېخى يىقىندىلا پەيدا بولغان يەككە ئاتالغۇ: تىرورىزىمغا باغلىنىپ، چەتكە قېقىلغان“. ماقالە مەزمۇنى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى.

 

نەتىجە ئىتىبارى بىلەن كۆزەتكەندە، 70 يىلدىن بۇيان مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىۋاتقان، ئامرىكا ۋە خەلقئارا جەمىيەتلەر، مەشھۇر شەخىسلەر، ئادۇۋكاتلار زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقان، ھىندىستان تىبەت چىگرىسىدا مەخسۇس رايوننى تىبەتلەرگە تەمىنلەپ بىرىۋاتقان، نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن رايىش راھىپ دالاي لاما 60 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئىلاھىي داھىي بولۇپ مەركەزلىك يىتەكلەۋاتقان تىبەتلەرمۇئىچكى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقىنى يوق. تىبەتلەرنىڭ تىلى خىتاي تىلى بىلەن بىر تىل سىستىمىسىدا، تىبەتلەرنىڭ دىنى خىتايلارغا ئوخشاش بۇددا دىنى، تىبەتلەرنىڭ يىرىمى خىتايلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشايدۇ، شۇنداقتىمۇ خىتاي ئۇلارنى ئاياپ قويغىنى يوق. دالاي لاما ھەتتا يىقىندىن بۇيان مۇستەقىللىقتىن ۋاز كىچىپ، “ ئوتتۇرا يول- يۈكسەك ئاپتونومىيە“ تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ماقۇل دىسىلا دالاي لاما تىبەتكە قايىتماقچى بولغان بولسىمۇ، تىبەت خەلقىنىڭ ھال- ئەھۋالىدا ھىچقانداق ئەمەلىي نەتىجە قازانغىنى يوق. خىتايلار ئىچىدە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئىتىقاد قىلغان، ھىلىھەم غەرب ئەللىرى كۈچلۈك يۆلەۋاتقان خىرىستىئان دىنىي مۇرىتلىرىمۇ ئوخشاشلا زۇلۇم ئىچىدە ياشىماقتا. روجىستىۋا بايرىمى ئۆتكەن يىلىلا چەكلەنگەنىدى. ئۆتكەن ھەپتە تېخى ۋاتىكان خىتايدىكى مۇخلىسلىرىغا باش پوپ تەيىنلەش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچتى، خىتاي ۋاتىكان مەخپى تەيىنلىگەن باش پوپنى تۇتۇپ كەتتى، ئىنجىللارنى توردا سىتىشتىن چەكلىدى. كۈچلۈك ئەھلى سەلىپ دۆلەتلىرىمۇ خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنى خىتاي كومىنىسىتلىرىدىن قوغداپ قالالمىدى. بىزلەرگە ياردەمدە بولۇش ئەمەس، پىچكا ئورنىدا ئىشلىتىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرمۇ ئازلاپ كىتىۋاتقان شارائىتتا، ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بىزلەرنى كىشىلىك ھوقۇق نامىدا كوزۇر قىلىشى بىز ئۈچۈن پۇرسەت. شۇ باھانىدا تۈرمە- لاگىردىكىلەرنىڭ بىر قىسمىنى بولسىمۇ ئازات قىلىپ بىرەلىسە، بىز ئۈچۈن چوڭ غەلبە!

 

بۇنىڭدىن بىر نەچچە مەسىلىنى چۈشۈنۈش مۇمكىن: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا تەشكىلاتلار كۈچىيىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋا ئىشلىرى تىبەتلەرگە يىتىشىۋالغان تەقدىردىمۇ ھەتتا بىر قىسىم قۇربانلىقلارنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، كۆزلىگەن نەتىجىگە يىتەلىشىمىز ناتايىن، ۋەتەندىكى خەلقنىڭ دەردىگە دەۋا، رەنجىگە شىپا بولالىشىمىز ناتايىن. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەن بەل قويىۋەتسەك بولمايدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىۋاستە ھالدا ۋەتەننى ئازات قىلالمايدۇ، ۋەتەننى ھامان ۋەتەندىكىلەر ئازات قىلىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىدىن كىلىدىغىنى بولسا ۋەتەننىڭ ئازات بولىشى ئۈچۈن كاتالىزاتورلۇق رول ئويناش، تاشقى مۇھىت يارىتىش، قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن لىدىرىمىز رابىيە قادىر خانىم تېخى تۈنۈگۈن ئىيىتقاندەك ھەرقايسى دۆلەت پارلامىنتلىرى، ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا يىتىۋالساقمۇ، ئاچلىق ئىلان قىلساقمۇ ئەرزىيدۇ! مەن يىقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان نەرسە ھازىر خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق خەۋەرلەر بىر ئاز ئىجابىيلىشىشقا قاراپ ماڭماقتا، ئۇيغۇرلار زوراۋانلىق بىلەنلا ئاتالماستىن، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى دەپ ئىلىنماقتا. دىئاسپورا دىگەن ئاتالغۇ دەسلەپتە يەھۇدىلارغا قوللىنىلغان، ئۇيغۇر دىئاسپوراسى دەپ ئاتىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ يەھۇدىلارغا ئوخشاش ۋەتىنىنى يۈتتۈرۈپ قويغان مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بىزگە نىسبەتەن ئەلۋەتتە ئىجابىي بۇرۇلۇش

 

 

6-4-2018

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

 

https://scholar.colorado.edu/cgi/viewcontent.cgi?article=2648&context=honr_theses

 

https://www.ned.org/region/asia/china-tibet-2017/

 

http://tibet.net/2015/12/us-sanctions-massive-six-million-dollars-for-tibetans-in-nepal-and-india-for-fiscal-year-2016/

 

https://www.savetibet.org/us-congress-confirms-support-for-funding-for-tibet-programs-in-2018-budget/

 

Share
1896 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.