logo

trugen jacn

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز

Picture background

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز

مەھمەتىمىن ھەزرەت

تايلاندتا 11 يىلغا يېقىن قامالغان 40 ئۇيغۇرنىڭ 2025-يىلى 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇلۇشى خەلقارادا جىددى ئىنكاس قوزغىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت): ب د ت تايلاندنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ ، ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ خىتايدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئامېرىكا): ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو تايلاندنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ ، قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جازالارغا ئۇچىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشى:

تايلاند باش مىنىستىرى پېيتوڭتارن شىناۋاترا ئۆز دۆلىتىنىڭ ھەرىكىتىنى خەلقارا قانۇن ۋە جەريانلار بويىچە ئاقلاشقا تىرىشىپ، 11 يىلدىن بېرى بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايدىن باشقا قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقمىدى، دېدى.

ئۇيغۇر دى’ئاسپوراسىنىڭ ئەندىشىلىرى:

ئۇيغۇر دى’ئاسپوراسى قايتۇرۇلغان شەخسلەرنىڭ خىتايدا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ ئەھۋال دى’ئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر قايغۇ ۋە چارىسىزلىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلماقتا

تۈركىيە ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك ئىدى. ئامما، يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈنمىگەنلىكى ئورتىغا چىقتى.

خەلقارا تەشكىلاتلار (ب د ت ، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى) تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىپ ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بىخەتەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. نەتىجىدىن كۆرۈلدىكى، تايلاندتىكى تۇتقۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە جىددى كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن.

2015-يىلى تايلاند 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ قەۋرىسىنىڭ قايەردە ئىكەنلىكىمۇ نامەلۇم. تايلاند ھۈكۈمىتىنىڭ، تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى، تۇيۇقسىز ئۇچىراپ قالغان بىر بايلىق سۈپىتىدە خىتايغا سېتىۋېتىدىغانلىقى ئاللاقاچان ئىسپاتلانغان بىر مەسىلە ئىدى.
ئۇيغۇر مىللىتىنى، خىتاينى ئۇرىدىغان بىر توخماق، چۇماق ياكى خىتايدىن مەنپەئەت ئۈندىرىدىغان كوزۇر ئورنىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر، ھېچ بولمىسا چەتئەلدە خەتەر ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇپ قويىشى بىر ۋىجدان، ئەخلاق مەسىلىسى ئىدى.

خىتاي بىلەن تايلاند، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى ھۇزۇر ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئارزۇ ۋە ھىسسىياتىغا زەھەر تۆكتى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبى يەنە بىر قېتىم ئېغىر يارىلاندى. 27. پىيۋۇرال بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇنۇتۇلماس بىر ئازاپ ۋە چارىسىزلىك كۈنى سۈپىتىدە تارىختا خاتىرلىنىدۇ.

 

تايلاند رەھبەرلىرىنىڭ، 11 يىلدىن بىرى قاماقتا ياتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايدىن باشقا بىر دۆلەتنىڭ قۇبۇل قىلىش تەلىپىدە بۇلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىشى بىز ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر ئويغا سېلىشى كېرەك.

نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قىممىتى يوق؟ نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بەزى دۆلەتلەر ئالدىدا تۆكمە مال قاتارىدا سېتىلىدىغان ئەرزان مالغا ئايلىنىپ قالدى؟

پۈتۈن بۇ پاجىيەلىك تەقدىرىمىزنىڭ سەۋەبى، دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادى ۋە سىياسى كۈچكە ئىگە بولالماسلىقىدا ياتىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار كۈچلۈك بولماي تۇرۇپ، باشقىلار تەرىپىدىن خەجلىنىدىغان پارچە پۇل بولىشتىن قۇتۇلالمايدۇ.

چەتئەلدە ھەقىقى مىللى مەپكۇرە بىلەن پىكىر يۈرگىزىدىغان تەپەككۈر ئىگىلىرى ۋە خىتايغا مۇھتاج بولمىغان ئىختىسات ئىگىلىرى چەتەلدە كۈچكە ئىگە بولۇشنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش ھاياتى بىر ۋەزىپە سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا.
.

Share
195 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.