logo

trugen jacn

تارىخ بىلەن سۆھبەت: ئامېرىكا، غەرب، ئاسىيا، ۋە جۇڭگو

 

 

ئەلروھلان

يىل 2017-  3-ئاينىڭ 30-كۈنى

 

 

مەن ئالدىنقى قېتىملىق يازمامدا كىشور ماھبۇبانى (Kishore Mahbubani) نىڭ 2015-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن «جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا» دېگەن تېمىدىكى بىر مەيدان ئىلمىي دوكلاتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇردۇم. مەزكۇر ماقالىدە ئۇ 2008-يىلى ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلېي شۆبىسىدە خەررى كرېيسلېر (Harry Kreisler) بىلەن ئېلىپ بارغان، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېلېۋىزورلىرىدا تارقىتىلغان بىر قېتىملىق سۆھبەتتە دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. مەن تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى كىشورنىڭ دېگەنلىرى بولۇپ، ئەگەر مەزكۇر ماقالىغا ئۆزۈمنىڭ سۆزىنى قىستۇرماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە ئايرىم ئابزاس قىلىپ يازىمەن.

 

كىشور ماھبۇبانى ھازىر سىنگاپور لى كۋان يې ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، 2001- ۋە 2002-يىللىرى ب د ت بىخەتەرلىك ئىشلار دائىمىي كومىتېتىغا رەئىس بولغان. ھەمدە سىنگاپورنىڭ خېلى كۆپ ئەللەردىكى ئەلچىسى بولغان بولۇپ، كۆپلىگەن مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرغىچە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ۋە ئاسىيا ھەققىدە 6 پارچە كىتاب يازغان. ئۇ مەزكۇر سۆھبەتتە جۇڭگو مەسىلىسى ھەققىدە خېلى كۆپ توختىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەزمۇنلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ۋە غەرب يېقىندا سادىر قىلغان بىر قىسىم خاتالىقلار، ۋە ئۇلارنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن قانداق رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىقلارمۇ بار.

 

مەزكۇر سۆھبەت كىشورنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئاسىيا يېرىم شارى» ناملىق كىتابىنى چۆرىدىگەن ھالدا سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەنمۇ بۇ يازمىدا ئاشۇ شەكىلنى قوللىنىمەن.

 

سوئال-1: كىتابىڭىزدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر مەزمۇن ئاسىيانىڭ ئۆزگىرىشى ھەققىدە ئىكەن. مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

 

جاۋاب: بىز ھازىر دۇنيا تارىخىنىڭ بىر يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدۇق. بۇنىڭ ئىككى تەرىپى بار. ئۇنىڭ بىرى غەربنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئەمما غەربنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس. غەرب بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ۋاقىت ئىچىدە يەنىلا ئەڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت بولۇپ ساقلىنىپ ماڭىدۇ.

 

ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا ئاسىيانىڭ بۇرۇنقى ئورنىغا قايتىپ كېلىشى، يەنى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قائىدىگە قايتىپ كېلىشى. ئالدىنقى 2000 يىلدەك ۋاقىت جەريانىدا دۇنياغا غەرب ھۆكۈمرانلىق قىلدى. مىلادىدىن كېيىنكى 1-يىلىدىن 1820-يىلىغىچە ئىقتىسادتا جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ ماڭدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى 200 يىل جەريانىدا غەرب ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر ئاسىيا ئەللىرى قانداق قىلغاندا قايتىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. ئۇلار غەربنىڭ ھېكمەتلىرىنى قوللاندى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكىلارنىڭ بىرى بولغان گولدمەن سەكس (Goldman Sachs) نىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2050-يىلىغا بارغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتە جۇڭگو 1-ئورۇنغا، ئامېرىكا 2-ئورۇنغا، ھىندىستان 3-ئورۇنغا، ۋە ياپونىيە 4-ئورۇنغا ئالمىشىدۇ. دېمەك، ئەڭ ئالدىنقى 4 ئورۇننىڭ ھېچ قايسىسىدا ياۋروپا ئەللىرىدىن بىرەرى كىرەلمەيدۇ. بۇ دۇنيا تارىخىنىڭ بىر ناھايىتى زور كۆچۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

 

سوئال-2: مۇشۇنداق ئۆزگىرىشنى ئېلىپ كەلگەن ھەل قىلغۇچ ئامىللار قايسى؟ بۇ ئۆزگىرىشتە غەربنىڭ ئوينىغان رولى نېمە؟

 

جاۋاب: ئاسىيا تەرەققىي قىلىپ، غەربكە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ. بەلكى ئۇ غەربنىڭ بىر يېڭى نۇسخىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. غەربنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى يولغا قويىدۇ. ئاسىيا ئەللىرى پەقەت غەربنىڭ ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپلا ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەسىلەن، جۇڭگونى ئالساق، مەن 1980-يىلى جۇڭگوغا بىر قېتىم بارغان. ئۇ چاغدا جۇڭگو تېخى ئەركىن بازار ئىقتىسادنى يولغا قويمىغان. مەن بىر ساتىراشخانىغا كىرىپ چاچ ئالدۇرسام، ئۇستام ئىشنى ئىنتايىن ئاستا قىلىپ، چېچىمنى بىر سائەتتە ئاران ئېلىپ بولدى. مەن ئۇستامدىن «نېمىشقا چېچىمنى بۇنچە ئاستا ئالىسىز؟» دەپ سورىسام، ئۇ «مەن بىر سائەتتە 5 ئادەمنىڭ چېچىنى ئالامدىم، ياكى 10 ئادەمنىڭ چېچىنى ئالامدىم، بەرىبىر ئوخشاش كىرىم تاپىمەن. شۇڭلاشقا ئالدىراپ نېمە قىلىمەن؟» دەپ جاۋاب بەردى. جۇڭگو ئەركىن بازار ئىقتىسادىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئىشنى چاققان ۋە ئۈنۈملۈك قىلىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ئالدىنقى 100 يىلدەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئىش ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمى بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. جۇڭگو دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت. شۇنداق بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ ئالدىنقى 30 يىلدەك ۋاقىتنىڭ مابەينىدە ئىقتىسادنى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ مېڭىشى خۇددى بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ئەڭ سېمىز ئوقۇغۇچى 100 مېتىرغا تېز يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئۇتۇپ چىققانغا ئوخشاش بىر ئىش. بۇنداق نەتىجە ئەركىن بازار ئىقتىسادىدىن كېلىپ چىقتى.

 

 

سوئال-3: 1978-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە جۇڭگونىڭ GDP سى 147.3 مىليارد دوللاردىن 1.6 تىرىليون دوللارغا تەرەققىي قىلدى. تاشقى سودا قىممىتى 20.6 مىليارد دوللاردىن 1.15 تىرىليون دوللارغا كۆپەيدى. بۇ ئىقتىسادنىڭ ھەر يىلى 16 پىرسەنت ئۆسكىنىگە باراۋەر كېلىدۇ. GDP نىڭ بولسا ھەر يىلى 9.4 پىرسەنت ئۆسكىنىگە توغرا كېلىدۇ. چەت ئەللەر بىلەن مالىيە ئالماشتۇرۇش زاپاس پۇل مىقدارى 167 مىليون دوللاردىن 609.9 مىليارد دوللارغا ئۆستى. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ھازىرمۇ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. پۈتۈن ئاسىيا ئەللىرى ھازىر ئەركىن بازار ئىقتىسادىنى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا-سىنىپ پۇقرالىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. مانا بۇلار سىزنىڭ كىتابىڭىزدا يېزىلغان مەزمۇنلار. مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

 

جاۋاب: ھەقىقەتەنمۇ جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەر ئىككىسىدە ناھايىتى كۆپ ئوتتۇرا سىنىپ تەبىقىلىرى ۋۇجۇدقا كەلدى. بۇ تەبىئىي ھالدا دۇنيانىڭ تارتىش كۈچى مەركىزىنى ئاسىياغا يۆتكەيدۇ. جۇڭگودىكى ئوتتۇرا سىنىپ تەبىقىسىنىڭ سانى ھازىر 300 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ سان ئامېرىكىنىڭكىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. كۆپىنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق. ئوتتۇرا سىنىپ تەبىقىلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسىنىڭ ئۆزىلا «مەسئۇلىيەتچان مەنپەئەت ئىگىلىرى» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭمۇ بىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەت بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاسىيانىڭ تەرەققىياتى بىلەن دۇنيا تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇشقا ئەمەس، تېخىمۇ بىخەتەر بولۇشقا مېڭىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىنى غەربتىكى كىشىلەرگە كۈچەپ تەشۋىق قىلىش كېرەك. ھازىر غەرب رەھبەرلىرى نۇتۇق سۆزلىگەندە، سۆزىنى داۋاملىق «بىز ھازىر دۇنيانى تېخىمۇ خەتەرلىك قىلىشقا، تەھدىتلەرنى يەنىمۇ كۆپەيتىشكە قاراپ كېتىۋاتىمىز» دېگەندىن باشلايدۇ. بۇ گەپ توغرا ئەمەس. جۇڭگو، ھىندىستان ۋە باشقا ئاسىيا ئەللىرىدە ئوتتۇرا سىنىپ تەبىقىلىرى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيا بۇرۇنقىدىن بەكرەك تىنچ بولۇشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا غەرب ئاسىيانىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى قارشى ئېلىشى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنماسلىقى كېرەك.

 

 

سوئال-4: كىتابىڭىزدا 2000-يىلى 56 مىڭ كىشىنىڭ ئوتتۇرا سىنىپ تەبىقىسىگە تەۋە بولغان بولۇپ، بۇ سان 2030-يىلى 361 مىليون كىشى ئاشۇ تەبىقىگە تەۋە بولىدۇ، دەپسىز. ھەمدە تەبىئىي-پەن ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە ئاسىيادا زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپسىز. مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

 

جاۋاب: مەن كىتابىم ئۈچۈن ئىزدىنىش جەريانىدا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئىقتىساد» ژۇرنىلىنىڭ ئاسىيادىكى تەبىئىي-پەن ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشى ھەققىدە توختالغان بىر پارچە ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە 2010-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 90 پىرسەنتى ئاسىيالىقلار بولىدىكەن. بۇ سان 85 ياكى 80 پىرسەنت بولغاندىمۇ، ئۇ بىر ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇرۇن غەربنىڭ دۇنيانى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇپ، دۇنيانى بېسىۋېلىپ يۈرەلىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدا. بۈگۈن ئاسىيالىقلار «بىزمۇ شۇنداق قىلالايدىكەنمىز» دېگەننى بايقاۋاتىدۇ. بۇ ئاسىيادىكى ئۆزگىرىشنىڭ بىر رېئال ۋەقە ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ دۇنيا تارىخىدا بىر تۈپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاسىيالىقلارنىڭ ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيىنى ئىگىلەش دەرىجىسى بۇ نۇقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

 

 

سوئال-5: كىتابىڭىزدا يەنە مۇنداق دېيىلىپتۇ: ئاسىيادىكىلەرنىڭ يۇقىرى تېخنولوگىيە بۇيۇملىرىنى ئېكسپورت قىلىشى 1980-يىلى دۇنيا ئېكسپورتىنىڭ 7 پىرسەنتىنى ئىگىلەيتتى. 2001-يىلىغا بارغاندا 25 پىرسەنتكە ئۆستى. مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت نىسبىتى 31 پىرسەنتتىن 18 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. 1983-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئامېرىكىدا تەبىئىي-پەن ۋە ئىنژېنېرلىق كەسىپلىرىدە بېرىلگەن دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىگە جۇڭگو، تەيۋەن، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق 4 ئاسىيا دۆلىتىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئېرىشتى. سىز كىتابىڭىزدا يەنە «زامانىۋىلىققا قەدەم تاشلاش» ۋە «تالانت ئىگىلىرىنى دۇنيا جەمئىيەتلىرىگە سوۋغات قىلىش» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپسىز. مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

 

جاۋاب: سىز كىتابىمدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىككى نۇقتىنى تىلغا ئالدىڭىز. ئۇنىڭ بىرى زامانىۋىلىققا قەدەم تاشلاش. مۇشۇ ئىش ھازىر دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر جايغا ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ. ئاسىيادا ئالدى بىلەن ياپونىيە تەرەققىي قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن «4 يولۋاس» چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىمۇ قەد كۆتۈردى. شۇ چاغدا جۇڭگو رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ ئەتراپقا قاراپ، «نېمىشقا جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىپ، پەقەت بىزلا تەرەققىي قىلالمايمىز؟» دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگومۇ زامانىۋىلىققا قەدەم تاشلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستانمۇ «بىزمۇ جۇڭگودىن قېلىشمايمىزغۇ؟ بىز نېمىشقا تىرىشمايمىز» دېيىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھىندىستانمۇ تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.

 

زامانىۋىلىققا قەدەم تاشلاش ھازىر ئىسلام دۇنياسىغا كىرىشكىمۇ باشلىدى. بۇ بىر ئىنتايىن چوڭ خوش خەۋەر. ئەگەر ئىسلام دۇنياسىدىكى رەھبەرلەر ۋە ئوتتۇرا سىنىپ تەبىقىلىرىمۇ «بىزنىڭ غايىمىزمۇ جۇڭگو ۋە ھىندىستاندەك بولۇش» دەپ ئىش تۇتىدىكەن، ئۇلارمۇ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋە زامانىۋىلاشقان ئىقتىسادنى بەرپا قىلالايدۇ. ئەگەر ئىسلام دۇنياسىمۇ ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئوتتۇرا سىنىپ تەبىقىلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە باشلىسا، دۇنيا بارغانسېرى بىخەتەرلىككە يۈزلىنىدۇ. ئۇلارمۇ مەسئۇلىيەتچان مەنپەئەت ئىگىلىرىگە ئايلىنىپ، نەتىجىدە ھەممىمىز ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ.

 

سىز تىلغا ئالغان 2-نۇقتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئاسىيادا ئەزەلدىن يۈز مىليونلىغان ئەقىل ئىگىلىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلمىدى. ئەنئەنىۋى ئاسىيا مەدەنىيىتىدە تۇغۇلۇش بىر خىل مەنزىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھىندىستاندا بىر ئادەم مەلۇم بىر تەبىقىدىكى ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭدىن مەڭگۈ باشقا بىر تەبىقىگە ئالمىشالمايدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە مىليونلىغان ئەقىل ئىگىلىرى ئىسراپ قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال ھازىر ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ھازىر ئوخشىمىغان تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىشىپ ئوقۇپ، ھەر خىل يۇقىرى ئورۇنلاردا ئىشلەشكە باشلىدى. ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇشقا باشلىدى.

 

 

سوئال-6: سوغاق ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، ئاسىيا ئەللىرى تەرەققىي قىلىشقا باشلىغاندا، بەزىلەر «ئاسىيادا دۆلەتلەر كۆپ، مىللەتلەر كۆپ.  ئۇلارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز-ئارا توقۇنۇشلارنىڭ بولۇپ تۇرۇشى بىر نورمال ئەھۋال بولىدىغان بىر يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ.» دېگەندەك پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.  ئەمما ئۇنداق ئىشلار يۈز بەرمىدى.  سىزچە بۇ نېمە ئۈچۈن؟

 

جاۋاب: ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاسىيا ھەققىدىكى كونا مەزمۇنلارنى دەرس قىلىپ سۆزلەشنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.  ئاشۇنداق مەزمۇنلارنىڭ بىرى «ياۋروپانىڭ ئۆتمۈشى ئاسىيانىڭ كەلگۈسى بولىدۇ»، دېگەندىن ئىبارەت.  بۇ  «ياۋروپا نەچچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپلا كەلگەن، ئەمدى نۆۋەت ئاسىياغا كەلدى. ئاسىيا ئەللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇشنى باشلايدۇ.» دېگەننى كۆرسىتىدۇ.  ياۋروپالىقلار ھېكمىتىنىڭ 7 تۈۋرۈكى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرسى «تىنچلىق مەدەنىيىتى» دىن ئىبارەت.  ئاسىيالىقلار ئاشۇ ھېكمەتنى ئۆگەندى.  ياۋروپا بىرلىكى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىشىش تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  ياۋروپا بىرلىكىگە تەۋە ئەللەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشنىڭ سانى نۆل بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ قېلىش ئېھتىماللىقىمۇ ھازىر نۆلگە تەڭ.  بۇ ئىنسانلار ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئىچىدىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەلىبىلەرنىڭ بىرى.  ئاسىيالىقلار بۇ خىل ئەھۋالنى تەتقىق قىلدى.  بۇ خىل ئەھۋالدىن ئۆگەندى.  ھازىر ئاسىيادا يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشلارنىڭ سانىمۇ نۆلگە تەڭ بولۇپ، شەرقىي ئاسىيادىمۇ بىرەر ئۇرۇش مەۋجۇت ئەمەس.  مېنىڭ پەرىزىمچە ئاسىيانىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشى ئاسىيادا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىمۇ نۆل پىرسەنتكە چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت.

 

سوئال-7: بۇ ئاسىيادا ئوتتۇراھال سىنىپ تەبىقىسىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئاسىيانىڭ زامانىۋىلىققا قەدەم تاشلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟  ئاسىيادا ئۇرۇش پارتلاپ قېلىشنىڭ بىرەر ئامىللىرىمۇ مەۋجۇتمۇ؟

 

ھازىر ئاسىيادا ئاقىلانىلىكنىڭ چوڭ دولقۇنى ھۆكۈم سۈرۈۋاتىدۇ.  ئاسىيادىكى يېڭى ئەۋلادلار ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋاتىدۇ.  يۇتيۇب ۋە گۇگۇل قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىش ھازىر ئاسىيادا كەڭ تۈردە ئومۇملاشتى.  تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېتنىڭ يولغا قويۇلىشى جەھەتتە ھازىر ئاسىيا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ھازىر ئاسىيا ھەقىقەتەنمۇ زامانىۋى دۇنيا بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.  بۇنداق بىر دۇنيادا ئۇرۇش پارتىلاشنىڭ ئۇرۇقى ئۆسۈپ چىقالمايدۇ.  ئىراق ئۇرۇشى ھازىرقى زاماندا ئۇرۇشنىڭ بىر خاتا نەرسە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ھالدا ئىسپاتلاپ بەردى.  دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ باي بىر دۆلەتنىڭ ئاران 20 مىليون نوپۇسى بار بىر كىچىك دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇنى بېسىپ ئالالمايدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا كۆردى.  بۇ بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇرۇشنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

بۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيا ئەللىرى دۆلەت مۇداپىئە ۋە ھەربىي خىراجەتلىرىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆستۈرۈپ ماڭىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار ئۇرۇشتىن ساقلىنىشقىمۇ قاتتىق تىرىشىدۇ.

 

سوئال-8: چەت ئەلگە قارىتىلغان سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشتا سىز جۇڭگونى بىر مودېل ياكى بىر ئۈلگە ھېسابلايدىكەنسىز.  ئۇلارنىڭ سىياسىتى ئاسىيانى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئاسىيا مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دەپ قارايدىكەنسىز.  مۇشۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

 

جاۋاب: مەن گېئو-سىياسىي ئىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى (Geo-political competence) نىڭ بىر يېڭى كۆرسەتكۈچىنى تۈزۈپ چىقاي، دەپ ئويلاۋاتىمەن.  بۇ كۆرسەتكۈچ بويىچە بولغاندا بىز دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىگە بىردىن 10 غىچە نومۇر قويىدىغان بولۇپ، مەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىغا 2 نومۇر بېرىمەن.  چۈنكى ئۇلار يەر يۈزىدىن غايىپ بولدى.  ياۋروپا بىرلىكىگە 4 نومۇر بېرىمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ چېگرالىرى بىخەتەر ئەمەس.  ئامېرىكىغا 6 نومۇر، جۇڭگوغا بولسا 8 ياكى 9 نومۇر بېرىمەن.  مېنىڭ جۇڭگوغا 8 ياكى 9 نومۇر بېرىشىمنىڭ سەۋەبى مۇنداق:  پۈتۈن ئىنسان تارىخىدا، بىر دۆلەت يېڭىدىن بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت ئورنىغا چىقىشقا قاراپ ماڭغاندا، سۈركىلىش ۋە ئەندىشىنىڭ دەرىجىسىمۇ يۇقىرىلاپ ماڭغان ئىدى.  ئەمما جۇڭگو بىر ناھايىتى چوڭ كۆلەملىك تەرەققىياتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ھېچ قانداق بىنورمال ۋەقەلەرنى پەيدا قىلمايۋاتىدۇ.  بۇ بىر ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىلىك گېئو-سىياسىي ئىقتىدارنى تەلەپ قىلىدۇ.  جۇڭگو مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى چەكلەشكە ئورۇنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.  بۇنى بىلىش ناھايىتى چوڭ ئەقىل تەلەپ قىلىپمۇ كەتمەيدۇ.  جۇڭگو بولسا ئاشۇنداق بىر ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي، ھۇجۇمنى ئالدى بىلەن ئۆزى باشلىدى.  ئۇ ھۇجۇم بولسىمۇ تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنى ئۆز ئەتىراپىدىكى ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىشتىن ئىبارەت.  مۇشۇ ئەھۋال ھازىر دۇنيادا ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ياۋروپادا ئەمەس، ئاتلانتىك ئوكياندا ئەمەس، شىمالىي ئامېرىكىدا ئەمەس، بەلكى جۇڭگو ۋە ئۇنىڭ خوشنىلىرى بولىشىنى بەلگىلىگەن. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ۋە جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى گېئو-سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ئېلىنغان قارارلار ھەقىقەتەنمۇ ئاقىلانە بولدى.  جۇڭگونىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشىمۇ ئۇ ئالغان ئەڭ ئاقىلانە قارارلارنىڭ بىرى.  شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا 500 مىليون نوپۇس بار.  سوغاق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇ دۆلەتلەردىن ئامېرىكا پايدىلاندى.  ئەمدىلىكتە بولسا جۇڭگو ئۇلار بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  يالغۇز لاھىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، ئۇنى بىر رېكورد ھېسابلىنىدىغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملاپ بولدى.  ھەمدە ئۆزى شەرقىي-ئاسىيا ئەللىرىگە ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەركىن سودا ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى.  ئەگەر ياۋروپامۇ ئافرىقىغا ئاشۇنداق يول تۇتقان بولسا، ئافرىقىنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدىن كۆپ تىنچ بولغان بولاتتى.  ھازىر جۇڭگو قىلىۋاتقان ئىشلارنى ياۋروپا ھازىرمۇ قىلالمايدۇ.  بۇ جۇڭگونىڭ ھازىر قانچىلىك ئالدىدا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  جۇڭگو ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك گېئو-سىياسىي ئىقتىدارنى نامايان قىلدى.

 

سوئال-9: غەربنىڭ ئۆگىتىدىغىنى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاسىيانىڭ ئۆگىنىدىغىنىمۇ ناھايىتى كۆپ.  ھازىر غەرب ئۆگىنىشنى توختىتىپ، ئاسىيا بولسا ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى.  بۇ مەسىلىگە سىز قانداق قارايسىز؟

 

جاۋاب: غەربتىكى بۇرۇنقى ئەۋلادلار يېڭىلىققا قۇچاق ئېچىپ، يېڭىلىقنى ئۆگىنىشكە ئىنتىلىپ، تەجرىبە قىلىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.  ھازىر غەربتە ياشاۋاتقان كىشىلەر بىر تاغنىڭ ئۈستىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ تاغقا چىقىش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان.  شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرى ياشايدىغان تەبىئىي ئورۇن تاغنىڭ ئۈستى، دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاكاۋۇر، مەغرۇر، ۋە دۇنيادىكى قالغان كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەملەرگە ئايلاندى.  ئۇلار ھازىر دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ تاغقا يامىشىپ چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۆۋەنگە قاراپ، «نېمىشقا سىلەر بىر كېچىدىلا دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ئۆزگەرمەيسىلەر؟»، دەپ سوراۋاتىدۇ.

 

ئامېرىكىنى ئالساق، ئۇ 1776-يىلى ھەممە ئادەملەرنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر پرىنسىپ لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن 100 يىل ۋاقىت كەتتى.  ئاياللارنىڭ سايلام ھوقۇقىنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 150 يىلدەك ۋاقىت كەتتى.   قارا تەنلىكلەرگە سايلام ھوقۇقى بېرىش ئۈچۈن 200 يىلدەك ۋاقىت كەتتى.  ئامېرىكا ئۈچۈن تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىشقا ئاشۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى.  شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار باشقا دۆلەتلەردىن بىر كېچىدىلا ئۆزگىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.  شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى دىئاگلوگنىڭ ئۆزگىرىش نۇقتىسى دەل مانا شۇ.  شۇڭلاشقا ھازىر شەرقتىكىلەر غەربتىكىلەردىن كەلگەن لېكسىيە-تەربىيىلەرگە ناھايىتى روشەن ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.  ئۇلار غەربلىكلەرگە «بىزگە تەربىيە بېرىمەن دېمەي، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ جەمئىيىتىنى ئوڭشىغىن، بىزگە نېمە ئىش قىلىشنى ئۆگىتىمەن دېمىگىن، ئۆزۈڭنىڭ قانداق قىلىۋاتقىنىغا قاراپ باققىن»، دەۋاتىدۇ.

 

سوئال-10: كىتابىڭىزدا ئامېرىكىنىڭ ياپون ئۇرىشى بىلەن ئىراق ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىدىكى پەرقلەرنى بايان قىلىپسىز.  مۇشۇ ھەقتە ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

 

جاۋاب: ئامېرىكا 1945-يىلى ياپوننى بېسىۋالغان.  2003-يىلى ئىراقنى بېسىۋالدى.  بۇ ئىككى ۋەقەدىكى ئەڭ چوڭ پەرق شۇكى، ياپونىيىنى بېسىۋېلىشقا ئەۋەتىلگەن كىشىلەردىن ياپونىيە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش تەلەپ قىلىنغان.  شۇ چاغدا ئېلىنغان ئەڭ ھالقىلىق قارارلارنىڭ بىرى ياپونىيە پادىشاھىنى سوتقا تارتماسلىق. ھەقىقەتەنمۇ ئۇ چاغدا ياپونىيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بىر قىسىم ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلمىلارنى ساقلاپ قېلىش ئىدى.  شۇڭلاشقا ياپونىيىگە ئەۋەتىلگەن ھەربىي قوشۇن ئادەملىرى ياپونىيىنىڭ تارىخى بىلەن ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەنمىسە بولمايتتى.

 

ئەمما، ئىراققا ئەۋەتىلگەن ھەربىي قوشۇن ئادەملىرى ئەڭ ھاكاۋۇر كىشىلەردىن تەركىپ تاپتى.  ئۇلار ئىراقنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئالدىن چۈشىنىۋېلىشنى پۈتۈنلەي بىر تەرەپكە قايرىپ قويدى.  ھەمدە ئىنتايىن زىيانلىق قارارلارنى ئالدى.  پۈتۈن ئوتتۇراھال سىنىپ تەبىقىلىرى ۋە رەھبەرلىك ئورۇنلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى چۆرۈپ تاشلىدى.  شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 

1942-يىلى ياپونىيە سىنگاپورنى بېسىۋالغاندا،  ياپونلۇق تاجاۋۇزچىلار ئىنتايىن ۋەھشىي ئۇسۇللارنى قوللاندى. ئەمما، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيىنىڭ سىنگاپوردا تۇرۇشلۇق مۇستەملىكە ئىش بېجىرىش ئىدارىسىنىڭ داۋاملىق ھالدا بۇرۇنقىدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.  ياپونلار سىنگاپوردىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرىغىمۇ چېقىلمىدى.  بۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ئىراقنى بېسىۋالغاندا، كىشىلەرنىڭ ئىراقتىكى ھەر خىل ناھايىتى قىممەتلىك تارىخىي ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا يول قويدى.  باغدات مۇزىيخانىسىدىكى قەدىمىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا يول قويدى.  بۇ ئۇچىغا چىققان قابىلىيەتسىزلىك.  مېنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغان بىر ئىش شۇكى، شۇنچىۋالا يامانلىقلار يۈز بەرسىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت ئەمەلدارلىرى ئىچىدىن «بىز نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا قابىلىيەتسىز بولۇپ قالدۇق؟  بىزگە نېمە بولدى؟» دەپ سوراپ باقىدىغانلار چىقمىدى.  بۇنداق ئەھۋالنى غەربلىكلەرنىڭ قەلبىدە شەكىللىنىۋاتقان ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ھاكاۋۇرلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان.  بۇنداق ئىدېئولوگىيە ھاكاۋۇرلىقىنى چوقۇم يوقىتىش كېرەك.  ئۇنداق قىلمىغاندا ئۇ غەربلىكلەرنىڭ ھازىرقى رېئال دۇنيانى توغرا چۈشىنىشىدىكى بىر توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ.

 

سوئال-11: بىز سوغۇق ئۇرۇشتا غەلىبە قازاندۇق. ئەمما ھازىر ئۇ ئىش ھەققىدە خاتا چۈشەنچىلەر بار. سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۆزىمىزنى باھالاشتا ئەمەل قىلىشىمىزغا تېگىشلىك يېڭى پرىنسىپلار قايسىلار؟

 

جاۋاب: سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ۋاقىتتىن تارتىپ غەربتە ھەقىقەتەنمۇ بىر چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىك ئىدىيىسى مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ بىر سىر ئەمەس. مەن ياۋروپاغا يىغىنلارغا بارغاندا كىشىلەردىن «ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت ئىككىلا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۈچ قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا تەرتىپىنى بىز بەلگىلەيمىز» دېگەن گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىدىم. غەربتىكىلەر سوغۇق ئۇرۇشى غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇ ئۇرۇشتا قانداق قىلىپ غەلىبە قىلالىغانلىقىنى ئۇنتۇلۇپ قالدى. غەربلىكلەر سوغۇق ئۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىگە تايىنىپ غەلىبە قىلمىدى، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا تايىنىپ غەلىبە قىلدى. بۇ ئىككى سىستېمىنىڭ قايسىسىنىڭ بەكرەك ئەۋزەل ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي سىناق سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن ئاندىن مەيدانغا چىقتى. يەنى، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو باشقا-باشقا يول تۇتقاندىن كېيىن ئاندىن مەيدانغا چىقتى. گورباچېف غەربلىكلەرنىڭ ئىدىيىسىگە ئىشىنىپ كېتىپ، ئىقتىسادىي سىستېمىنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن سىياسىي سىستېمىنى ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيەدە بىر چوڭ ئىقتىسادىي قالايمىقانچىلىقنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كەتتى. كىشىلەرنىڭ ئۆمرىمۇ قىسقىراپ كەتتى. ھەر خىل ئىجتىمائىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ قىممىتى مىنۇس بولۇپ قالدى. رۇسىيەلىكلەر قاتتىق قىينالدى. 1990-يىللىرى رۇسىيەلىكلەر ئەنە شۇنداق قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسىمۇ، غەربلىكلەر ئۇلارغا «سىلەر سىياسىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ بەك ياخشى قىلدىڭلار»، دەپ چاۋاك چېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن رۇسىيەلىكلەر غەربلىكلەرگە چىش-تىرنىقى بىلەن ئۆچ بولۇپ كەتتى.

 

جۇڭگو بولسا رۇسىيەلىكلەرنىڭكىگە قارىمۇ-قارشى يول تۇتتى. دېڭ شياۋپىڭ «مەسىلە سىياسىي تۈزۈمدە ئەمەس، ئىقتىسادىي سىستېمىدا. بىز ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي سىستېمىنى ئوڭشايلى»، دېدى. جۇڭگو ئىقتىسادىي سىستېمىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ناھايىتى زور ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئېرىشتى. يەنى، جۇڭگو غەربلىكلەرنىڭ سوغۇق ئۇرۇشتا قانداق قىلىپ ئۇتۇپ چىققانلىقىنى ھەقىقىي تۈردە توغرا چۈشەندى. سىياسىي تۈزۈمنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي سىستېمىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتەلىدى.

 

سوئال-12: سىز كىتابىڭىزدا جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ «ئەركىنلىك» ھەققىدىكى ئېنىقلىمىلىرىدا پەرق بارلىقىنى تىلغا ئېلىپسىز. مۇشۇ ھەقتە ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

 

جاۋاب: ئەگەر جۇڭگولۇقلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇش خىراجىتى بىر دوللاردىن كەم بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش يولىدا تىركىشىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. بۇنداق ئەھۋالدا سىزدە سىياسىي ئەركىنلىك ۋە سايلام ھوقۇقىنىڭ بار-يوقلۇقى ئانچە مۇھىم ئەمەس. جۇڭگولۇقلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ئۇلار ئالدىنقى 150 يىلنىڭ ئىچىدە چەت ئەل تاجاۋۇزلىرىغا ئۇچرىدى. ئەنگلىيىلىكلەر جۇڭگوغا كېلىپ، «بىز سىلەردىن چاي سېتىۋالىمىز، ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەر بىزدىن ئەپيۈن سېتىۋېلىڭلار»، دېدى. جۇڭگولۇقلار «ياق» دېسە، ئەنگلىيىلىكلەر ئۇلارنى بومباردىمان قىلدى. جۇڭگونىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالدى. ھەمدە جۇڭگولۇقلارنى ئەپيۈن سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلىدى. قىسقىسى، ئالدىنقى 150 يىلنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇقلار ناھايىتى ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئەمدى ناھايىتى تەسلىكتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە باشلىدى. جۇڭگودا كۈنلۈك تۇرمۇش سەۋىيىسى بىر دوللاردىن تۆۋەن بولغان نوپۇسنىڭ سانى 600 مىليوندىن 200 مىليونغا چۈشتى. يەنى، ئامېرىكا نوپۇسىدىن كۆپرەك بولغان 400 مىليون نوپۇسنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ناھايىتى زور دەرىجىدە يۈكسىلىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر قىسىم ئەركىنلىككە ئېرىشتى. يەنى، ئۇلار ئەمدى ھاياتلىقنى ساقلاش يولىدا ئېلىشمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. ھەر خىل تاللاشلارغا ئىگە بولدى. نەدە ئىشلەشنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغان بولدى. ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن تېلېۋىزورلارنى سېتىۋالالايدىغان بولدى. ساياھەت قىلالايدىغان بولدى. بۇ تۇرمۇشتىكى غايەت ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

بىر خەلقنىڭ ئەركىنلىكى بار-يوقلۇقىنى ئۆلچەيدىغان ھەقىقىي سىناق ئۇلارنىڭ چەت ئەللەرگە چىقىشىغا يول قويۇلغاندا ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىش-كەلمەسلىكىدۇر. ئەگەر جۇڭگو ئىشىكى تاقالغان، قاراڭغۇ ۋە ئەزگۈچى بىر جەمئىيەت بولغان بولسا، چېگرادىن ئايرىلغان جۇڭگولۇقلار ۋەتىنىگە ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمىگەن بولاتتى. ئەمما ھازىر ھەر يىلى 20 مىليوندىن كۆپ جۇڭگولۇقلار چەت ئەلگە چىقىپ، يەنە ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ، جۇڭگولۇقلاردا يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئەركىنلىك بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگولۇقلار ھازىرمۇ ئامېرىكىلىقلاردەك سىياسىي ئەركىنلىكلەرگە ئىگە ئەمەس. ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھازىرقىدەك سىياسىي ئەركىنلىكلەرگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن 200 يىلدىن كۆپ ۋاقىت كەتتى. جۇڭگولۇقلارغا بىرەر 100 يىل ۋاقىت بەرسەك، ئۇلار ئامېرىكىلىقلار ئېرىشكەن نەرسىلەرگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن.

 

ئامېرىكىلىقلار داۋاملىق ئۆزلىرىنى ئەركىنلىكنىڭ بىردىن-بىر قوغدىغۇچىلىرى ھېسابلايدۇ. ئەمما، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن مەدەنىيەتلىشىشنىڭ ئاجىزلىشىشىغا قاراپ بېقىڭ. ئامېرىكىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك قانۇنى» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەريانىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇلار، ئامېرىكىلىقلارمۇ بىرەر تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە ئۆزلىرى پەخىرلىنىدىغان بىر قىسىم ئەركىنلىكلەردىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا قىلغان، ئادەمنى ھەممىدىن بەك چۆچۈتىدىغان ئىش تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى قىيناشتىن ئىبارەت. بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتتى. قانداق قىلىپ ئۆزىنى ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ سىمۋولى ھېسابلايدىغان بۇ زېمىن ئارقىغا چېكىنىپ، جىنايەتچىلەرنى قىيناش ئىشىنى يولغا قويىدىغان بولۇپ قالىدۇ؟ بۇ خۇددى ئامېرىكا ئارقىغا چېكىنىپ، قۇللۇق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىك بىلەن ئوخشاش ئىش. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى باشقا ئەللەر ئامېرىكىغا «سىلەرنىڭ ئەمدى ئازراقمۇ باشقىلارغا كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە تەلىم بېرىدىغان ئەخلاقىي نوپۇزۇڭلار قالمىدى. چۈنكى، سىلەر ئۆزۈڭلار بېكىتكەن سىناقتىن ئۆتەلمىدىڭلار.» دەيدىغان بولدى.

 

سوئال-13: سىز كىتابىڭىزدا غەربنىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ئىككى يۈزلىمىلىك قىلمىشلىرىنى ئانالىز قىلىپسىز. غەربنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاراتقان پوزىتسىيىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ھەقىقەتەنمۇ ئاسىيالىقلار ئامېرىكىنىڭ قانۇنسىز قىلىقلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى غەربلىشىشتىن بىر چەتكە ئېلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. سىز بىرەيلەننىڭ مۇنداق سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپسىز: «غەرب خەلقئارا تەشكىلاتلار، ھەربىي كۈچ ۋە ئىقتىسادىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، دۇنيانى غەربنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلايدىغان، غەربنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان ۋە غەربنىڭ سىياسىي قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر تەرىقىدە باشقۇرۇۋاتىدۇ.» سىزچە بۇ بىر يېڭى يۈزلىنىشمۇ؟

 

جاۋاب: ئىقتىسادىي كۈچنىڭ ئاسىياغا يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، غەرب ھازىر بىر قىسىم يېڭى ۋە چوڭ قارارلارنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار ھازىر كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى ھۆكۈمران ئورنىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتى بىلەن بىر مۇقىم خەلقئارالىق تەرتىپنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئىتىدىن بىرىنى تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. بىر مۇقىم دۇنيا تەرتىپىنى ساقلاپ مېڭىش ئۈچۈن يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن چوڭ كۈچكە مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى بىر قىسىم مۇھىم ئورۇنلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ھەر قانداق بىر ئەلنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشى بىر ئىنتايىن قىيىنغا توختايدىغان ئىش. مەسىلەن، ھازىر دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ئىككىسى بار. ئۇلارنىڭ بىرى دۇنيا پۇل تەشكىلاتى، يەنە بىرى بولسا دۇنيا بانكىسى. ئەمما ھازىر «دۇنيا پۇل تەشكىلاتىغا پەقەت ياۋروپاغا تەۋە بىر دۆلەتلا رەئىس بولالايدۇ»، ۋە «دۇنيا بانكىسىغا پەقەت ئامېرىكىلا رەئىس بولالايدۇ»، دەيدىغان تۈزۈم بار. گەرچە ئاسىيادا 3.5 مىليارد نوپۇس بار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى ئىككى تەشكىلاتقا رەئىس بولۇشقا شەرتى توشمايدۇ. بۇ بىر ئاجايىپ ئىش. ھازىر ئاسىيانىڭ ئىقتىسادى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئاسىيانىڭ چەت ئەل پۇلى زاپىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ، ھەمدە ئاسىيالىقلار كارخانىچىلىقتا ئىشنى باشقا يەرلەر بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئېلىپ ماڭالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بولدى. شۇنداق بولسىمۇ ئاسىيالىقلارنىڭ يۇقىرىدىكى ئىككى تەشكىلاتقا باشلىق بولۇش سالاھىيىتى يوق. بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ باشلىقلىرى 2007-يىلى بىر قېتىم ئالماشقان بولۇپ، يېڭى باشلىقلار يەنىلا بۇرۇنقى تۈزۈم بويىچە بېكىتىلدى. ئەسلىدە ھېلىقى تۈزۈملەر يېڭى ئەھۋاللارغا ئاساسەن بىر ئاز تەڭشەلگەن بولسا ياخشى بولاتتى.

 

يەنە بىر مىسال ئۈچۈن ب د ت نىڭ دائىمىي بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ھازىر ئۇنىڭغا ئەزا بولغان ئەللەر بۈگۈنكى چوڭ دۆلەتلەر ئەمەس، كەلگۈسىدىكى چوڭ دۆلەتلەرمۇ ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى چوڭ دۆلەتلەر. ئۇنىڭغا ئەزا بولۇشنىڭ بىردىن-بىر شەرتى سىز چوقۇم 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇتقان، ياكى 1945-يىلىدىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇتقان بىر دۆلەت بولۇشتەك قىلىدۇ. بۇنداق تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك. 2009-يىلى ياۋروپا بىرلىكى بىر ئورتاق تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى تۇرغۇزۇپ چىقتى. شۇنداق بولغانىكەن، ب د ت نىڭ دائىمىي بىخەتەرلىك كومىتېتىدا ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەردىن پەقەت بىرسىلا بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھازىر ئەنگلىيە بىلە فىرانسىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت بار. ھازىر بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھېچ قايسىسى ئۆز ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ.

 

سوئال-14: مەن سىزنىڭ سۆزىڭىزنى مۇنداق چۈشەندىم: ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەقىقىي خەۋپ غەربنىڭ يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ ماڭالماسلىقى. سىزچە بۇنداق ئەھۋال نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىدۇ؟

 

جاۋاب: بىز ھازىر دۇنيا تارىخىدىكى بىر ئەڭ پىلاستىك دەۋرگە قەدەم قويدۇق. بىز ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان كۆلەمدىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ ئالمىشىشىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ خىلدىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ ئالمىشىشى يۈز بەرگەندە، بىز ئۆزىمىزنى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان قىلىپ تەڭشىشىمىز، ھەمدە بىر قىسىم يېڭى ئەھۋاللارغا يول قويۇشىمىز كېرەك. غەرب نەچچە ئەسىرنىڭ مابەينىدە دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلدى. ئەمدى ئۇلار ئۆزلىرىنى ئازراق تەڭشىمىسە بولمايدۇ. غەرب داۋاملىق تۈردە ئۆزلىرىنى مەسىلىلەرنىڭ چارىسى، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھازىر مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىق ئېھتىماللىقىمۇ بارلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللارنى غەربلىكلەرگە چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن تەسكە توختاۋاتىدۇ. ھازىر غەربتىكى كاللىسى ئەڭ مۇرەككەپ زىيالىيلارمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ.

 

مەسىلەن، مېنىڭ بۇ قېتىمقى كىتابىم نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئىقتىساد» ناملىق داڭلىق ژۇرنالغا مېنىڭ كىتابىمغا باھا بېرىدىغان بىر پارچە ماقالە بېسىلدى. ھەمدە ئۇ ماقالىدە مېنىڭ كىتابىمغا «غەربكە قارشى ئىدىيىلەر تەرغىب قىلىنغان»، دېگەنگە ئوخشاش باھالار بېرىلدى. بۇ مەزكۇر كىتابنى پۈتۈنلەي خاتا چۈشىنىۋېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن كىتابىمدا ھازىرقى يېڭى مەسىلە غەربكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش بولماستىن، بەلكى غەربنى دوراش ئىكەنلىكىنى، غەرب بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق شېرىك بولۇش ئىكەنلىكىنى، ئەمما غەربنىڭ مۇشۇنداق تەڭ ھوقۇقلۇق ھەمكارلاشقۇچىلارنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ۋە غەربنىڭ ئۆزلىرىدە ھازىرغىچە بار بولۇپ كەلگەن ئالاھىدە ھوقۇقلارنىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدىم. بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەۋپ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ مۇشۇ ئاددىي گېپىممۇ غەربلىكلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. مېنىڭ كىتابىم ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ بىر قىسىم غەربلىك دوستلىرىمنى ۋە باشقا غەربلىك زىيالىيلارنى راھەتسىزلەندۈرىدۇ. ئەمما ئۇنداق راھەتسىزلىك غەربلىكلەر ھازىرقى دۇنيانى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن تۆلىمىسە بولمايدىغان بەدەللەرنىڭ بىر قىسمى.

 

سوئال-15: ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنتلىق سايلامنىڭ مۇنازىرە نۇتۇقلىرىغا قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ ھېچ قايسىسى ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقىنى بايقايسىز. بۇ بىرىنچىدىن بىزنىڭ سىزنىڭ كىتابىڭىزدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئىقتىدارىمىزنىڭ يوقلۇقىنى، ئىككىنچىدىن سىز تىلغا ئالغان خەۋپلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرەر يولى يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

 

جاۋاب: ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پرېزىدېنتلىق سايلام مۇنازىرىسى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئورۇننى تالىشىۋاتقانلار زېھنىنى پەقەت قىسقا مۇددەتلىك ئىشلارغىلا مەركەزلەشتۈرۈۋاتىدۇ. ھەمدە تاشقى دۇنياغا نەزەر تاشلىمايۋاتىدۇ. سايلامغا چۈشكەنلەر بۇرۇندىن تارتىپ سايلام جەريانىدا بىر خىل گەپ قىلىپ، سايلانغاندىن كېيىن بۇرۇنقى ۋەدىسىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يوللارنى تۇتۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىلىقلار ھازىر بۇنداق ئەھۋالغىمۇ بىر ئاز كۆنۈپ قالدى.

 

مەسىلەن، پرېزىدېنت كلىنتوننى ئالىدىغان بولساق، ئۇ 1992-يىلىدىكى سايلام جەريانىدا مۇنداق دېگەن: «مەن ھەرگىزمۇ چوڭ بۇشقا ئوخشاش جۇڭگو دىكتاتورچىلىرىغا يۇمشاق قوللۇق قىلمايمەن.» مەن ئۇنى 1993-يىلى 11-ئايدا كۆرگەندە، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە يول تۇتۇۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگو رەھبىرى جياڭ زېمىنغا ھەمكارلىق قولىنى ئۇزارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەگەر كېلەر قېتىم ئوباما سايلىنىپ قالىدىكەن، دۇنيانىڭ ئامېرىكىغا بولغان قارشىلىقىنىڭ يېرىمى يوقاپ كېتىدۇ. يەنى، دۇنيا ئامېرىكىنىڭ بىر ئاز سانلىق مىللەت ئادىمىنى پرېزىدېنت قىلىپ سايلىغىنى كۆرگەندە، «ئامېرىكا ھەقىقەتەنمۇ بىر ئۇلۇغ دۆلەت ئىكەن»، دەپ ئويلايدۇ.

 

سوئال-16: سىز كىتابىڭىزدا ئاسىيالىقلار قوبۇل قىلىۋاتقان غەرب قىممەت قارىشى بىلەن غەربنىڭ مەنپەئىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرقلەر بارلىقىنى ئېيتىپسىز. غەرب بۇرۇن دۇنيا مەنپەئىتى بىلەن دۆلەت مەنپەئىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش يولىنى تۇتقان بولسا، ھازىر ئۇ يولدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپسىز. ھەمدە بۇ ئىشتىكى خاتالىق غەربتە ئىكەنلىكىنى شەرھلەپسىز. مۇشۇ ھەقتە ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

 

جاۋاب: ئەگەر سىز ھازىر دۇنيادىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى بولىدىكەنسىز، ئۇلارنى ناھايىتى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. يەنى، دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىنى پەقەت غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، غەرب داۋاملىق دېموكراتىيە ئىنسان مەدەنىيەتلىشىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. دېموكراتىيەنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ مەنىسى، جەمئىيەت ھەممە كىشىلەرنى ئوخشاش مىقداردىكى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىش، دېگەندىن ئىبارەت. ھەممە ئادەملەر ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىش، دېگەندىن ئىبارەت. ھازىر دۇنيادا 6.6 مىليارد نوپۇس بار. بۇرۇن پەقەت غەربلا ئىشلارنى دىنامىك (dynamic)، ئېنېرگىيىلىك ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ئېلىپ مېڭىپ كەلگەن. ئەمما، بۈگۈن غەرب دۇنيا نوپۇسىنىڭ پەقەت 12 پىرسەنتىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر قالغان 88 پىرسەنت كىشىلەرمۇ ئىشلارنى دىنامىك، ئېنېرگىيىلىك ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ئېلىپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇلار كۈچىيىپ ماڭغانسېرى ئۆزلىرىدىن «نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى پەقەت 12 پىرسەنت ئادەملەرلا بىزنىڭ مەنزىلىمىزنى كونترول قىلىدۇ؟» دەپ سوراشقا باشلايدۇ. ئون ئىككى پىرسەنت كىشىلەرنىڭ قالغان 88 پىرسەنت كىشىلەرنى كونترول قىلىشى دېموكراتىيەنىڭ تۈپ پرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ غەربلىكلەر دۇنيا تەشكىلاتلىرىدىكى دىكتاتورلىقىنى ساقلاپ مېڭىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار مەسئۇلىيەت، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ۋە ۋەكىللىك دېگەندەك نەرسىلەرگە ئىشىنىدۇ. ئەمما، دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى دىكتاتور ھازىرمۇ ب د ت بىخەتەرلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان تۈزۈم بويىچە ئۇنى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ھوقۇقىدىن ئېلىۋەتكىلى بولمايدۇ. مانا بۇ غەربنىڭ ئۆز قىممەت قارىشىغا ئۆزى خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى. بىر تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم غەربنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان 88 پىرسەنت كىشىلەرنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىش كېرەك. ھازىر دۇنيادا بىرەر مەسىلە كۆرۈلگەندە ئۇنى ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك دائىمىي كومىتېتىدا ئەمەس، بەلكى ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش كېرەك. چۈنكى پەقەت شۇ يەردىلا ھەممە كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا پۇرسەت بېرىلگەن. ئەگەر ب د ت رەھبەرلىكى بىر ئىش ئۈستىدە ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا ھىمايىگە ئېرىشەلمەيدىكەن، ئۇ ھالدا ھېلىقى ئىشتا بىر مەسىلە مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. قىسقىسى، غەرب ئۆزىنىڭ پرىنسىپلىرىغا ئالدى بىلەن ئۆزى ئەمەل قىلىشى، ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم نوپۇسىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك. شۇڭلاشقا مەن كىتابىمدا «مېنىڭ دېگەنلىرىمگە بىر ئالدىن بېرىلگەن بېشارەت، دەپ مۇئامىلە قىلىڭ. ئەگەر ئۇنىڭغا سەل قارىسىڭىز، ئارقىدىنلا بىر چوڭ يەر تەۋرەش يۈز بېرىدۇ»، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

 

17سوئال: سىز كىتابىڭىزدا ھەربىي قوراللارنىڭ تېز كۆپىيىشى، يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى ۋە دۆلەت ئىقتىسادى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپسىز. مۇشۇ ھەقتە ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

 

جاۋاب: مېنىڭ كىتابىمدا غەربلىك ئوقۇرمەنلەرگە ئانچە ياقمايدىغان ئىككى باب بار. ئۇنىڭ بىرى غەربسىزلىشىش ئۈستىدە بولۇپ، يەنە بىرى بولسا غەربلىكلەرنىڭ قابىلىيەتسىزلىكى ھەققىدە. بۇلار خېلى يېڭى ئۇقۇملار. ئەگەر بىز ئافغانىستانغا ۋە ئىراققا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرگە قاراپ باقىدىغان بولساق، غەربنىڭ نەقەدەر ئىقتىدارسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەن ئەڭ ئەنسىرەيدىغان يەنە بىر ئىش يادرو قوراللىرى ۋە چوڭ ۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەربىي قوراللارنىڭ تېز كۆپىيىشى. بىز ئالدىنقى 40 – 50 يىل ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن بىر چوڭ نەتىجە يادرو قوراللىرىنىڭ سانىنى بىر سەۋىيىدە توختىتىپ تۇرۇش بولدى. بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان نەرسە ئامېرىكا، جۇڭگو، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدىن ئىبارەت 5 يادرو قوراللىرى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر كېلىشىمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، ھەمدە باشقا ئەللەر يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتىش بولدى. ئامېرىكا پۇقرالىرى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بىر ئەھۋال شۇكى، ھازىر يادرو قوراللىرى كېلىشىملىرىنى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە بۇزۇۋاتقان دۆلەت دەل ئامېرىكىنىڭ ئۆزى. ئامېرىكا يادرو بومبىسى سانىنى كۆپەيتىپ، يادرو قوراللىرىنى تېخىمۇ زامانىۋى سەۋىيىگە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىسسىنگېر قاتارلىق بىر قانچە تەسىرى كۈچلۈك زاتلار يادرو قوراللىرىنى كۆپەيتىشنى پۈتۈنلەي توختىتىشنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ بىر ناھايىتى ياخشى ئىش. يېقىنقى مەزگىللەردە يادرو قوراللىرى تەرەققىياتىنى ئېلىپ بارغان دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، ھازىر ئۇنى توختىتىشقا تېگىشلىكىمۇ دەل ئامېرىكا. شۇنداق قىلىش ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئىتىگە پايدىلىق. ئامېرىكا ب د ت نى كۈچەيتىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەگەر ب د ت ئاجىزلىشىدىكەن، يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ھازىر بىر قىسىم ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. كۆپىنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇنداق ئەھۋاللاردىن خەۋىرى يوق. يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا يالغۇز ئاشۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتا ئۈلگە بولۇپلا قالماي، باشقا خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى ئىجرا قىلىشتىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق ئىشلاردا ئامېرىكا ھازىر ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى ئوق ئېتىۋاتىدۇ.

 

سوئال-18: سىزنى تەنقىد قىلغۇچىلار مۇنداق دېيىشى مۇمكىن: ئامېرىكىنى جۇڭگو بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ: شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلەشمىسىگە تەۋە ئەللەر ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇۋالدى. پەقەت ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىغىلا كۆڭۈل بۆلدى. ئامېرىكا بولسا دۇنيادىكى بارلىق ئەللەرنىڭ مەنپەئىتىگە كۆڭۈل بۆلدى. سىز بۇ ئەھۋاللارغا قانداق قارايسىز؟

 

جاۋاب: غەرب ئەللىرىنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى ساقلىغۇچى ۋە دۇنيا تەرتىپىنى قوغدىغۇچى بولۇش رولىنى ئېلىۋاتقانلىقىدىن پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرى تولىمۇ رازى. غەربتىكى خەلق پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئۆزلىرىگە ئەڭ ئىشىنىدىغان خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمما، ئالدىنقى 10 يىل ئىچىدە بۇ جەھەتتە بىر چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىقلار سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈۋەتسە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىقلار ئۇتۇپ چىقالمايدىكەن، دەپ قاراشقا باشلىدى.

 

 

پايدىلىنىش مەنبەسى:

 

[1] Conversations With History: Rise of Asia and Decline of West

 

 

 

مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى يازمىلار:

 

[1] جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47047-Junggo-Asiyadiki-H%F6k%FCmran-K%FCch-Bolalmaydu

 

[2] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47243-Junggo-bilen-Am%E9rikining-Urushush-%C9htimalliqi-Qanchilik

 

[3] ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47285-Trampning-Pr%E9zid%E9nt-Bolushi-Junggo-%DCch%FCn-N%E9midin-D%E9rek-B%E9ridu

 

[4] مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47355-Millet-D%F6liti-Medeniyet-D%F6liti-we-Assimilyatsiye

 

[5] شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47402-Shi-Jinping-Junggoni-Buningdin-K%E9yin-Qaysi-Terepke-Y%E9tekleydu

 

[6] جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47450-Elrohlan-Junggo-Dunyadiki-1-Orun%92gha-Chiqqanda

 

 

Share
1891 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.