logo

trugen jacn

تارىخنىڭ ساۋاقلىرى-6

تارىخنىڭ ساۋاقلىرى (داۋامى-6)

ئەركىن سىدىق
2024-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى

6. دىن ۋە تارىخ

دىندىن ناھايىتى گۇمانلىنىدىغان تارىخچىمۇ دىنغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ تارىخچىنىڭ ھەر بىر زېمىن ۋە ھەر بىر دەۋردە دىننىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى ۋە دىندىن ئايرىلىپ ياشاش مۇمكىن بولمىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىدىندۇر. بەختسىز، ئازاب-ئوقۇبەتلىك، يېقىن كىشىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ياشانغان كىشىلەرگە دىن ھەر قانداق تەبىئىي ياردەمدىن قىممەتلىك ۋە مىليونلىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلەنگەن ئىلاھىي ھۇزۇرلۇقنى ئېلىپ كەلدى. دىن ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنى مۇۋاپىق تەربىيەلىشىگە ياردەم قىلىپ كەلدى. دىن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك مەۋجۇدىيەتلەرگىمۇ مەنە ۋە غۇرۇر ئاتا قىلىپ كەلدى، ھەمدە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدىنامىلەرنى ئىنسان ۋە خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلدى. دىن كەمبەغەللەرنىڭ بايلارنى ئۆلتۈرۈشىنى توستى. كۆپلىگەن كىشىلەر ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي باراۋەرسىزلىكنى نامراتلىق ۋە يېڭىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارايدىغان بولۇپ، پەقەت بەزى ئىلاھىي ئۈمىدلەرلا كىشىلەرنىڭ يامان يول تۇتۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قالدى. ئەگەر ئۇنداق ئۈمىد ۋەيران قىلىنىدىكەن، سىنىپىي كۈرەش كۈچىيىدۇ. جەننەت بىلەن ئوتوپىيە (خىيالدىكى ئەڭ گۈزەل ماكان) بىر قۇدۇقتىكى ئىككى چېلەككە ئوخشاش بولۇپ، بىرسى ئاستىغا چۈشىدىكەن، يەنە بىرسى ئۈستىگە چىقىدۇ. دىن ئاجىزلاشقاندا كوممۇنىزم كۈچىيىدۇ.
دەسلىپىدە دىن بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق باغلىنىش يوقتەك كۆرۈندى. ھەقىقەتەنمۇ «خۇدالارنى ئەڭ دەسلىپىدە ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن نەرسە ۋەھىمە بولدى». يەنى، يەر يۈزىدىكى، دەريالاردىكى، دېڭىز-ئوكيانلاردىكى، ئورمانلىقلاردىكى، شامال-بورانلاردىكى ۋە ئاسماندىكى يوشۇرۇن كۈچلەردىن پەيدا بولغان ۋەھىمىلەر خۇدالارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. دىن كىشىلەر قۇربانلىق بېرىش، قۇربانلىق قىلىش، ئەپسۇن ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش شەكىللىرى بىلەن ئاشۇ يوشۇرۇن كۈچلەرگە سەجدە قىلىپ، بۇنداق جەريان كۆڭلىگە تەسەللى تاپىدىغان نەرسىگە ئايلاندى. پەقەت پوپلار مۇشۇنداق ۋەھىمىلەردىن ۋە دىنىي مۇراسىملاردىن ئەخلاق ۋە قانۇننى قوللاش يولىدا پايدىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىنلا دىن دۆلەت ئۈچۈن ھەم كەم بولسا بولمايدىغان، ھەم دۆلەت كۈچىگە رەقىب بولىدىغان كۈچكە ئايلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن دىن كىشىلەرگە «يەرلىك ئەخلاقىي قائىدىلەر ۋە قانۇنلارنىڭ ھەممىسى خۇدايىمدىن كەلگەن» دېيىشكە باشلىدى. شۇنىڭغا ماسلاشقان ھالدا ھەر بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ يەرلىرى ۋە كىرىملىرىنى پوپلار بىلەن تەڭ بۆلۈشتى.
بەزى ئىسيانچىلار دىننىڭ ئەخلاقنى كۈچەيتكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، سەۋەبى دىن ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە ئەخلاقسىزلىقمۇ تەڭ راۋاج تاپتى. ھەقىقەتەنمۇ شەھۋەتپەرەسلىك، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇش، قوپاللىق، پىخسىقلىق، سەمىمىيەتسىزلىك، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە زوراۋانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ئەسىردىمۇ مەۋجۇت بولغان. ئەمما ئەخلاقىي قالايمىقانچىلىق 500 يىلغا سوزۇلغان ۋەھشىي ئادەملەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، ئۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشى، خىرىستىيانلار ئەخلاقى، پوپلارنىڭ نەسىھەتلىرى، ئەۋلىيا ئۆرنەكلىرى ھەمدە كىشىلەرنى تىنچلاندۇرىدىغان ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان دىنىي مۇراسىملار بولمىغان بولسا، سىياسىي تەرتىپسىزلىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
چېركاۋلار دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئەخلاق ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بولغاچقا، چېركاۋلار دۆلەت ھاكىمىيىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. چېركاۋلار كىشىلەرگە يۇقىرى دەرىجىلىك سەمىمىيەتلىك تەرىپىدىن چەكلەنمىگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك كىشىلەرنى پىخسىقلىق ۋە جىنايەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە تەلىم بەردى. چېركاۋلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىي مەنبەسى ۋە روھىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىگە خەلقئارالىق سوت بولۇش سالاھىيىتىنى بەردى، ھەمدە بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن چېركاۋلارنىڭ قول ئاستىدا بولۇش تۈزۈمىنى ئورناتتى.
ئەمما، يۇقىرىقىدەك ھەيۋەتلىك غايە مىللەتپەرۋەرلىك، ئىشەنمەسلىك ۋە ئىنسان ئاجىزلىقلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. چېركاۋدا ئىشلىگەنلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تەرەپ تۇتىدىغان ۋە پارا يەيدىغان كىشىلەردىن بولۇپ چىقتى. فىرانسىيە بايلىق ۋە نوپۇزدا كۈچىيىپ، پوپ ھوقۇقىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي قورالىغا ئايلاندۇردى. پادىشاھلار ناھايىتى كۈچلىنىپ، بۇرۇن ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن پوپلارنى بىكار قىلىۋېتەلەيدىغان بولدى. چېركاۋلار خۇددى تەقۋادار مەشھۇر شەخسلەرگە، يالغان رىۋايەتلەرگە ۋە گۇمانلىق مۆجىزىلەرگە باش ئەگكەنگە ئوخشاش پارىلارغىمۇ دۈم چۈشتى. ھوقۇق دەرىجە تۈزۈمى ئۆزىنىڭ دىققىتىنى ئەخلاققا قارىغاندا ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا بەكرەك قارىتىپ، چوڭ تەكشۈرۈش ئورگىنى (Inquisition) چېركاۋلارنى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە رەسۋا قىلىۋەتتى. چېركاۋلار بىر تەرەپتىن تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن فىرانسىيەنىڭ 16-ئەسىردىكى دىنىي ئۇرۇشلىرى ۋە گېرمانىيەنىڭ 17-ئەسىردىكى 30 يىللىق ئۇرۇشلىرىغا مەخپىي ھالدا ياردەم بەردى. چېركاۋلارنىڭ زامانىۋى ئەخلاقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئوينىغان رولى ئادەتتىكىدەك بولۇپ، قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش بىلەنلا چەكلەندى. بۇ خىل ئەھۋال پەيلاسوپلارنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىدە يېتەكلەش رولىنى ئېلىپ، بىزنىڭ زامانىمىزدىكى يامانلىقلارنى ئازايتىشىغا يول ئاچتى.
تارىخ مۇنداق بىر ئىشنى جەزملەشتۈردى: ئىنسانلارنىڭ بىر مۆجىزىگە باي، سىرغا باي ۋە رىۋايەتلەرگە باي دىنغا ئېھتىياجى بار. تارىختا چېركاۋ رەسمىيەتلىرىدىكى، پوپ كىيىملىرىدىكى ۋە باش روھانىي ئوبرازلاردىكى قىسمەن ئوخشىماسلىقلارغا يول قويۇلدى، لېكىن چېركاۋلار سەۋەبلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان دىنىي تەلىماتلارنى ئۆزگەرتىشكە قەتئىي جۈرئەت قىلالمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ھېلىقىدەك ئۆزگەرتىشلەر ئۈمىدى ئىلھاملاندۇرۇشقا ۋە تەسەللى بېرىدىغان قەلب مەنزىرىلىرىگە باغلانغان مىليونلىغان كىشىلەرنى تېرىكتۈرەتتى، ياكى رېئاللىققا قايتۇراتتى. شۇڭلاشقا دىن بىلەن پەلسەپىنى ئۆزئارا ياراشتۇرۇش ئۈچۈن پەيلاسوپلار چېركاۋلارنىڭ ئەخلاقتىكى رولىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان باشقا نەرسە يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان، دىنىي ۋە ئەقلىي ئەركىنلىكنى پوپلار ئېتىراپ قىلغان شەكىلدە يولغا قويمىسا بولمايدىغان بىر خىل ئەھۋال مەۋجۇت بولدى.
تارىخ خۇداغا بولغان ئىماننى قوللامدۇ؟
ئىلاۋە: كىتابنىڭ مۇشۇ يېرىدىكى بىر مۇھىم جۈملىنى ئىشلەتمىدىم. ئەگەر ئىنگلىزچىنى بىلسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى كىتابنىڭ مۇشۇ يېرىنى ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە كىتابتىن ئوقۇپ قويۇڭ.
بىيولوگىيەنىڭ باشقا قىسىملىرىغا ئوخشاش، بىيولوگىيەنىڭ تارىخ قىسمىمۇ ھايات قېلىش كۈرىشىدە زامان ۋە ماكانغا ئەڭ ماسلاشقان ئىندىۋىدۇئاللار ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ تاللىنىدىغانلىقىنى، ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى، ئوڭۇشسىزلىقلار كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئاخىرقى سىناق يەنىلا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش قابىلىيىتى ئىكەنلىكىنى قوللايدۇ. جىنايى ئىشلار، ئۇرۇشلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن باشقا، يەر تەۋرەشلەر، قار-بورانلار، ئادەم ئۆلتۈرىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللەر، تاشقىن سۇ دولقۇنلىرى ۋە باشقا «خۇدا كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسىلەر» ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى ۋەيران قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر خىل دىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئەڭ ئاخىرىدا ياخشى روھ ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى، ئەمما تارىخ بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ باقمىدى. تەبىئەت بىلەن تارىخ بىزنىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلار ھايات قالالىغانلارنى ياخشى، غايىب بولغانلارنى بولسا يامان، دەپ ھېسابلايدۇ. كائىنات ئەيسا پەيغەمبەرنى چىڭگىزخاندىن ياخشىراق كۆرۈش تەرەپكە ئېغىپ كەتمەيدۇ.
ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ كائىناتتىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر كىچىك ئىكەنلىكىگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىمۇ ئاجىزلىشىپ ماڭدى. بۇنداق بىر چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئىلىم-پەن ۋە تارىختىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىشلار سەۋەب بولدى. ئەڭ دەسلىپىدە، يەنى 16-ئەسىردە ياۋروپادا رومان كاتولىك چېركاۋىدىن ئايرىلىپ چىقىدىغان «Protestant Reformation» دەپ ئاتىلىدىغان دىنىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكىتى باشلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئىسيانچى گۇرۇھلار ۋە ئۆزئارا زىددىيەتلىك ئەقىدىلەر ھەم مۇقەددەس كىتابلارغا ھەم مۇستەقىل سەۋەب ئانالىزلىرىغا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنجىلغا قارشى يۇقىرى دەرىجىلىك تەنقىدلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەشەمەتلىك دىنىي كۇتۇپخانىلار ئاسانلا خاتالىشىدىغان ئادەملەر قىلغان چالا خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن، دېگەن خۇلاسىنى چىقاردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيەدە تەبىئىي ئېتىقادچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، دىننى بىر تەبىئەتتىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان خۇداغا بولغان مۈجمەل چوقۇنۇش، دېگەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر باشقا دىنلار بىلەن تەدرىجىي ھالدا تونۇشۇپ چىقىپ، خىرىستىيان دىنىدىن بۇرۇن پەيدا بولغان باشقا دىنلارنىڭ رىۋايەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن پۈتۈنلەي پاكىتلارغا ئاساسەن ۋۇجۇدقا كەلگەن، دەپ قارالغان تەبلىغلىرى بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كاتولىك دىنىدىكى مۆجىزىلەر ۋە ئىنجىل مۆجىزىلىرىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ئېچىپ تاشلىنىپ، دىنىي تارىختىكى ئالدامچىلىقلار، تەكشۈرۈشلەر ۋە چوڭ قىرغىنچىلىقلار پاش قىلىندى.
ياۋروپادا يەنە بىر قاتار دىن ۋە خۇدانى ئۆز ماھىيىتى بويىچە توغرا چۈشىنىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭغا ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيەنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى قوشۇلۇپ، كىشىلەرنى ئىنسانلارنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ، ئادەملەرنى ئاسماننىڭ ئىلاھىي بۇيرۇقىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان قىلدى.
مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىرىستىيان دىنى ئۆز ئەقىدىسىگە قارشى ئىش تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەنئەنىۋى ئەقىدەشۇناسلىق نەزەرىيەسىدىكى مېھرىبان خۇدا چۈشەنچىسى بويىچە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئىگە قىلدى. دوزاخ ھەققىدىكى ئىدىيە ئوقۇغان كىشىلەر، ھەتتا چېركاۋ مۇنبىرى نەسىھەتچىلىرىنىڭ كاللىسىدىنمۇ غايىب بولدى.
سانائەت ئىنقىلابى ئاخىرى خىرىستىيان دىن قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئورنىغا دىندىن خالىي قۇرۇلمىلارنى دەسسىتىشتەك نەتىجىگە ئېلىپ باردى. بۈگۈن كۆپلىگەن كىشىلەر دۆلەت ھاكىمىيىتى ئەقىدەشۇناسلىقتىن كېلىدىغان ياردەملەرنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلىشنى ئىستەيدۇ. بۇرۇنقى كىشىلەر «قانۇن دېگەن خۇدايىم تاللىغان پادىشاھلارنىڭ پەرمانلىرى» دەپ قارىغان بولسا، ھازىرقى كىشىلەر ئۇنى «ئاسانلا خاتالىشىدىغان كىشىلەرنىڭ بىلمەي تۇرۇپ چىقارغان بۇيرۇقلىرى» دەپ قارايدۇ. بۇرۇنقى كىشىلەر «ئوقۇش دېگەن خۇدايىم ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن پوپلارغىلا تەۋە نەرسە» دەپ قارىغان بولسا، بۈگۈنكى ئەقىدە ئارغامچىلىرىنى كېسىپ تاشلىغان ۋە ئەقىدە ۋەھىمىلىرىنى يىراققا چۆرۈپ تاشلىغان ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئوقۇش بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلاندى. كىشىلەر ئوقۇش ئارقىلىق سەۋەبكە ۋە قايىل قىلىشقا تايىنىپ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ پەقەت ساقچىلاردىنلا قورقۇپ، ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىشنى مەڭگۈ ئۆگىنەلمەيدىغان ھالىتىنى ئۆزگەرتتى. بۇرۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار چېركاۋلارغا باغلانغان بولسا، ھازىر سودا-كارخانىچىلار ۋە ئالىملار بىلەن بىرلىشىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان بولدى. ئىلاھىي تەبلىغ ۋە ئەخلاق تۈزۈملىرىنى كىشىلەرنىڭ مېڭىسىگە سىڭدۈرۈش جەريانىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، كاپىتالىزم ياكى كوممۇنىزم تەشۋىقاتلىرى ئالدى. دىنىي مۇقەددەس كۈنلەرنىڭ ئورنىنى بايرام كۈنلىرى ئالدى. بۇرۇن يەكشەنبە كۈنلىرى دىنىي ئىبادەت ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان بولسا، ھازىر ئۇنداق كۈنلەردە تىياتىرخانىلار كىشىلەرگە لىق تولۇپ، چېركاۋلارنىڭ يېرىمى قۇرۇق قالىدىغان بولدى. مىڭلىغان ئالامەتلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر خىرىستىيان دىنى بۇرۇنقى گىرېتسىيە دىنى سوفىزىم ۋە گىرېتسىيە يورۇتۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن دۇچ كەلگەن ئەڭ زور چېكىنىش بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلدى.
كاتولىك دىنى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇ تەپەككۇرغا، ئۈمىدكە ۋە ئاقىلانىلىككە مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ رىۋايەتلىرى كەمبەغەللەرنىڭ ھاياتىغا تەسەللى بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ. كاتولىك دىنى زىيالىيلار دۇنياسى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى قۇربان قىلىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، ھەمدە دىندىن خالىي مائارىپ ۋە ئەدەبىيات بىلەن ئۇچرىشىشى سەۋەبىدىن بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ كاتولىك دىنىنى تاشلىۋېتىشتەك ئەھۋال يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەمما كاتولىك دىنى باشقا دىندىكى سەۋەبنىڭ ئېنىقسىزلىقىدىن زېرىككەن، ھەمدە چېركاۋلارنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقنى ۋە كوممۇنىزم دولقۇنىنى ئاخىرلاشتۇرالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنىنى كاتولىك دىنىغا ئۆزگەرتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشىۋاتىدۇ.
ئەگەر يەنە بىر چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش غەرب مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىدىكەن، خۇددى مىلادى 476-يىلىدىكىگە ئوخشاش، شەھەرلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى، نامراتلىقنىڭ تارقىلىشى ۋە ئىلىم-پەننىڭ خارلىنىشى چېركاۋلارنى ھايات قالغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بىردىنبىر ئۈمىد ۋە يول كۆرسەتكۈچى مەنبە قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
تارىخ ساۋاقلىرىنىڭ بىرى شۇكى، دىننىڭ جېنى كۆپ، ھەمدە ئۇنىڭ قايتا تىرىلىش ئادىتى بار. يەنى، تارىختا خۇدايىم ۋە دىن كۆپ قېتىم ئۆلۈپ، يەنە كۆپ قېتىم قايتا تۇغۇلدى. مەسىلەن، 19-ئەسىردىكى ئامېرىكىدا دۆلەت قۇرغۇچىلارنىڭ راتسىيونالىزمىنىڭ ئورنىنى دىنىي گۈللىنىش ئالدى.
تارىختا باستۇرۇش بىلەن سېزىملەر ۋە ئىستەكلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى بولغان پۇرىتانىزىم ۋە دىنسىزلىق نۆۋەت بىلەن ئۆزئارا رېئاكسىيە قايتۇرۇپ كەلدى. قانۇن ئاجىزلىشىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئەخلاقنىڭ زىممىسىگە چۈشكەندە، دىن ۋە پۇرىتانىزىم ھۆكۈم سۈردى. قانۇن ۋە ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا چېركاۋ، ئائىلە ۋە ئەخلاقلىقنىڭ پەسكە قاراپ مېڭىشىغا يول قويغان ۋاقىتتا، دىندىن گۇمانلىنىش ۋە دىنسىزلىق ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. بىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدە دۆلەتنىڭ قۇدرىتى يۇقىرىقى بىر قانچە كۈچ بىلەن بىرلىشىپ، ئېتىقاد ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەمدە دىنسىزلىقنىڭ تەبىئىي ئۆزگىرىشىگە يول قويىدۇ. بىزنىڭ ھەممە نەرسىمىزنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى مول بولۇشى ئېھتىمال يەنە بىر يېڭى رېئاكسىيەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشى، يەنى ئەخلاقىي قالايمىقانچىلىق دىننىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىنى پەيدا قىلىشى ۋە دىنسىزلار بالىلىرىغا دىنىي قائىدە-تۈزۈملەرنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كاتولىك دىنىي مەكتەپلىرىگە بېرىشى مۇمكىن.
رەنان (Renan) 1866-يىلى ئەخلاقلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن دىن بولمىسا بولمايدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقاردى. تارىخ مۇشۇنداق يەكۈننى، يەنى تەبىئىي ئەخلاق بەك ئاجىز بولۇپ، ۋەھشىيلىك مەدەنىيەت ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ، بىزنىڭ چۈشلىرىمىزدە، جىنايەتلىرىمىزدە ۋە ئۇرۇشلىرىمىزدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، دېگەن يەكۈننى ئىسپاتلامدۇ؟ بۇ سوئالغا يۇسۇف مەيستەر (Joseph de Maistre) مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «مەن بىر كاززاپ ئادەمنىڭ يۈرىكىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما مەن بىر سەمىمىي ئادەمنىڭ قەلبىدە نېمە بارلىقىنى بىلىمەن — ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق.» بىزنىڭ دەۋرىمىزدىن بۇرۇنقى تارىختا دىننىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەي تۇرۇپمۇ جەمئىيەتتە بىر ئەخلاقلىق ھاياتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ساقلاپ ماڭالىغانلىقنىڭ كۈچلۈك مىسالى مەۋجۇت ئەمەس. فىرانسىيە، ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم ئەللەر دۆلەت ھۆكۈمىتىنى بارلىق چېركاۋلاردىن ئايرىۋەتتى، ئەمما ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاشتا يەنىلا دىننىڭ ياردىمىگە مۇراجىئەت قىلىپ كەلدى. پەقەت بىر قانچە كوممۇنىستىك دۆلەتلا ئۆزلىرىنى دىندىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىپلا قالماي، ئۇلار يەنە دىننىڭ ياردىمىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى. رۇسىيەدە بۇ خىل سىناقنىڭ ئېنىق ھالدا ۋە ۋاقتىنچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئۇ دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ھازىرچە كوممۇنىزمنى بىر خىل دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلغانلىقتىن، كوممۇنىزمنى چېركاۋنىڭ ئورنىدىكى راھەتلىك ۋە ئۈمىدنىڭ مەنبەسى قىلغانلىقتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سوتسىيالىزم ھاكىمىيىتى خەلق ئاممىسىنىڭ نىسپىي نامراتلىقىنى يوقىتىش ئىشىدا مەغلۇپ بولىدىكەن، بۇ يېڭى دىن ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى يوقىتىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتى ئىلاھىي ئېتىقادلارنى نارازىلىقلارنى بېسىقتۇرۇشنىڭ قورالى سۈپىتىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بۇ خۇددى دۇرانت (Durant، مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى) نىڭ دېگىنىدەك بىر ئىش: «نامراتلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، خۇدايىملارمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ».

ئاخىرقى سۆز
مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ «كىرىش سۆز» قىسمىدا قىسقىچە تونۇشتۇرغان «تارىخنىڭ ساۋاقلىرى» دېگەن كىتابتا جەمئىي 12 باب بار بولۇپ، مەن يۇقىرىدا ئۇنىڭ ئىچىدىكى 6 بابنىڭ ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەن «دەۋر ۋە بىز — 2024» دېگەن كىتابقا كىرگۈزمەكچى بولغان، ھەمدە بۇ يىل 9-ئايدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە — 2024» دېگەن پائالىيەتتە لېكسىيە قىلىپ سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇنلار مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. مېنىڭ ھازىرقى پىلانىم، مەزكۇر كىتابتىكى قالغان 6 بابتىكى مەزمۇنلارنى كېلەر يىللىق پائالىيەتلەرگە ئۈلگۈرتۈپ ئۇيغۇرچە ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقىش، ھەمدە پۈتتۈرگەن قىسىملىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۇتتۇرلۇق چىقىرىپ تۇرۇش. مەزكۇر كىتابنىڭ بەت سانى ئاز، ئەمما مەزمۇنى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەم ناھايىتى كۆپ ئادەم، ماكان ۋە ۋەقەلەر مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈمنىڭ ۋاقتى بەك چەكلىك بولغاچقا، مەن كىتابتىكى مەزمۇننى ئۇيغۇرچە ماقالە قىلىپ يېزىپ چىققاندا ئاشۇنداق مىساللارنىڭ كۆپىنچىسىنى قىسقارتىۋەتتىم. شۇڭا مەن ئىنگلىزچە بىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە مەزكۇر كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن مۇشۇ ماقالىنى تاماملاش جەريانىدا مېنى يېقىندىن قوللىغان، ماڭا ياردەمدە بولغان، ھەمدە ماڭا مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بولۇپمۇ مەزكۇر ماقالىنىڭ ھەممە قىسمىنى تەھرىرلەپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (UEY) قا ئۆزگەرتىپ بەرگەن «پىداكار» ئىنىمىزگە، ھەمدە ماقالىنى ئوقۇپ ئاۋازلىق ھۆججەت قىلىپ تەييارلاپ، ئاندىن ئۇنى ۋىدىيو شەكلىگە ئەكېلىپ بەرگەن پەرىزات غەيرەت سىڭلىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

Share
848 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.