logo

trugen jacn

تارىخنىڭ ساۋاقلىرى – ئەركىن سىدىق

تارىخنىڭ ساۋاقلىرى (داۋامى-5)
ئەركىن سىدىق
2024-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى

5. ئەخلاق ۋە تارىخ

ئەخلاق دېگىنىمىز، بىر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۆزى بىلەن ئالاقىدار كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ تەرتىپى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان ھالەتتە ئىش ئېلىپ بېرىشقا ئۈندەيدىغان تۈزۈملەردىن ئىبارەت. مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر نەرسە قانۇندىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇڭلاشقا 16 ئەسىر خرىستېندوم (Christendom) غا سولىنىپ ياشىغان يەھۇدىيلار قاتتىق ۋە تەپسىلىي يېزىلغان ئەخلاقىي قائىدىلەرگە تايىنىپ، دۆلەتنىڭ ۋە ئۇنىڭ قانۇنلىرىنىڭ ياردىمىسىزلا ئۆزلىرىنى ۋە ئىچكى تىنچلىقنى ساقلاپ ياشىغان.

تارىخ ھەققىدىكى بىلىملەرنىڭ ناھايىتى ئاز قىسمى ئەخلاقىي قائىدىلەردە پەرقلەر مەۋجۇت بولغانلىقىنى، ئۇ پەرقلەر پەقەت ئوخشىمىغان دەۋر ۋە ئوخشىمىغان زېمىنلاردا مەۋجۇت بولغانلىقىنى، ھەمدە بەزىدە ئۆزئارا زىددىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. تارىخ ھەققىدىكى بىلىملەرنىڭ كۆپ قىسمى بولسا ئەخلاقىي قائىدىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىكەنلىكىنى، ھەمدە شۇنداق بولۇشى بىر خىل زۆرۈرىيەت شەكلىدە مەۋجۇت بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەخلاقىي قائىدىلەر تارىخىي ۋە مۇھىت شەرت-شارائىتلارغا ئاساسەن تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلاردا ئازراق پەرقلەر مەۋجۇت بولىدۇ. ئەگەر بىز ئىقتىسادىي تارىخنى ئوۋ ئوۋلاش دەۋرى، دېھقانچىلىق دەۋرى ۋە سانائەت دەۋرىدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە بۆلسەك، بىر دەۋرنىڭ ئەخلاقىي قائىدىلىرى كېيىنكى دەۋرگە كىرگەندە ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقايمىز. ئوۋ ئوۋلاش دەۋرىدە كىشىلەر ھايۋانلارنى قوغلاش، ئۇلار بىلەن ئېلىشىش ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە تەييار تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بىرەر ھايۋاننى تۇتقاندا، كېلەر قېتىم قانچە كۈندىن كېيىن يەنە بىر ھايۋاننى تۇتالايدىغانلىقى ئېنىق بولمىغاچقا، تۇتۇۋالغان ھايۋاننى ئۆلتۈرۈپ، قورسىقى يېرىلىپ كەتكۈچە يەۋالغان. ئۆزىنى ساقلاپ قالالاش ياكى ساقلاپ قالالماسلىق سىنىقىنىڭ نەتىجىسى پەقەت ھايۋانلارنى تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش قابىلىيىتى ئارقىلىقلا بەلگىلىنىدىغان بىر دەۋردە، ئۆز ھاياتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى بارلىق ئاچ كۆزلۈكنىڭ ئانىسى بولغان. ئەرلەر ئوۋ ئوۋلاش خەتەرلىرى ئىچىدىلا ياشايدىغان بولغاچقا، ئەرلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن ئۈستۈن بولغان. نەتىجىدە بىر قىسىم ئەرلەر بىر قانچە ئايالنى خوتۇن قىلىپ ئالغان، ھەمدە بارلىق ئەرلەر كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى ھېسابلىغان. ئۇرۇشقاقلىق، ۋەھشىيلىك، ئاچ كۆزلۈك ۋە كۈچلۈك جىنسىي مۇناسىۋەت ئىستىكى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشىدىكى پايدىلىق ئامىللار ھېسابلانغان. بەلكىم بەزى دەۋرلەردە ھەربىر ئەسكىلىك بىر خىل ئارتۇقچىلىق ھېسابلانغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، سەۋەبى ئۇ ئەسكىلىكنىڭ بىر ئىندىۋىدۇئال، بىر ئائىلە ياكى بىر گۇرۇپپىنىڭ ھايات قېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل بولالىشىدۇر. بىر ئادەمنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىزلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنىڭ كۈچلۈك نامايەندىسىمۇ بولالايدۇ.

تارىخ بىزگە ئىنسانلار قايسى ۋاقىتتا ئوۋ ئوۋلاش دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق دەۋرگە كىرگەنلىكىنى دەپ بەرمەيدۇ. ئەمما بىز يېڭى دەۋر بىر قىسىم يېڭى پەزىلەتلەرگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقىنى ھەمدە بىر قىسىم ئېسىل پەزىلەتلەرنى ئەخلاقسىزلىققا ئۆزگەرتكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. دېھقانچىلىق دەۋرىدە تىرىشچانلىق باتۇرلۇقتىن مۇھىم بولدى، ئىزچىللىق ۋە ئىقتىسادچانلىق زوراۋانلىققا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت بېرىدىغان بولدى ۋە تىنچلىق ئۇرۇشتىن بەكرەك غالىبىيەتكە ئېلىپ باردى. پەرزەنتلەر ئىقتىسادىي مۈلۈككە ئايلاندى، ھەمدە تۇغۇتنى كونترول قىلىش ئەخلاقسىزلىق دەپ قارالدى. دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ھەر بىر ئائىلە بىر ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈزۈملىرىنى دادا ۋە تۆت خىل پەسىل ۋۇجۇدتا كەلتۈرگەن بولۇپ، دادىنىڭ نوپۇزى مۇستەھكەم ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە بولدى. ھەر بىر ئوغۇل پەرزەنت روھىي جەھەتتىن ۋە ئۆز-ئۆزىنى بېقىش جەھەتتىن ناھايىتى بالدۇرلا پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، 15 يېشىدىلا ھاياتنىڭ فىزىكىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى 40 ياشلىق ئادەم بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە چۈشىنىپ بولۇپ، ئۆزىگە لازىمەتلىك نەرسە يەر، قوش (plow) ۋە ئەمگەك قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئىككى بىلەك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ بولدى. شۇڭلاشقا ئوغۇل بالىلار تەبىئەتنىڭ ئېھتىياجىغا بىنائەن بالدۇر توي قىلدى. بۇ جەھەتتە ئۇلارنى كونترول قىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە ئائىلىمۇ مەۋجۇت بولمىدى. قىزلار ئۈچۈن قىزلىقىنى يوقىتىش قوغدالمىغان ئانىلىقتىن دېرەك بېرىدىغان بولغاچقا، توي قىلماي تۇرۇپ قىزلىقىنى يوقىتىشقا قەتئىي يول قويۇلمىدى. ئوغۇللارنىڭ نوپۇس سانى بىلەن قىزلارنىڭ نوپۇس سانىنىڭ باراۋەر كېلىشى ئەرلەرنىڭ پەقەت بىرلا خوتۇن ئېلىشىنى تەلەپ قىلدى. دېھقانچىلىق دەۋرىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، بالدۇر توي قىلىش، بىرلا خوتۇن بىلەن ئاجراشماي ياشاش ۋە كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشتەك ئەخلاقىي قائىدىلىرى خىرىستىيان دىنلىق ياۋروپا ۋە ئۇنىڭ ئاق تەنلىك مۇستەملىكە زېمىنلىرىدا 15 ئەسىر دەۋر سۈردى. يۇقىرىقىلار ئىنتايىن قاتتىق قائىدىلەر بولۇپ، ئۇلار تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك كىشىلىك خاراكتېرلەرنى ۋۇجۇدتا كەلتۈردى.

سانائەت ئىنقىلابى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ھاياتىنىڭ ئىقتىسادىي شەكلى بىلەن ئەخلاقىي قۇرۇلمىسىنى دەسلىپىدە تەدرىجىي ھالدا، كېيىنچە تېز سۈرئەتتە ۋە ناھايىتى كەڭ دائىرىدە ئۆزگەرتتى. ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار ئۆيدىن، ئائىلىدىن، ھۆكۈمەتتىن ۋە بىرلەشمىدىن ئايرىلىپ ئىندىۋىدۇئاللار شەكلىدە ئىشلىدى ۋە ئىندىۋىدۇئال شەكلىدە مائاش ئالدى. زاۋۇتلار ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ماشىنىلار ئۈچۈن بىنا سالدى. ماشىنىلار ھەر 10 يىلدا بىر ھەسسە كۆپىيىپ ۋە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ ماڭدى. كىشىلەر ئائىلىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن باقالايدىغان بولدى. پەرزەنتلەر ئىقتىسادىي مۈلۈك ھېسابلانمايدىغان بولدى. توي قىلىش كېچىكتۈرۈلدى. توي قىلىشتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماي ساقلاپ تۇرۇش قىيىنلاشتى. شەھەر كىشىلەرنىڭ توي قىلماسلىقىغا ماسلىشىپ، كىشىلەرنىڭ توي قىلماي جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشىغا بارلىق زۆرۈر شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى. ئاياللار سانائەتلەشتى. ھامىلىدارلىقتىن ساقلايدىغان تەدبىرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ھامىلىدارلىقنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتتى. سانائەتنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، دادا بىلەن ئاپا نوپۇزىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى يوقالدى. كەنتلەرنىڭ نازارىتى ئىسيانچى ياشلارنى كونترول قىلالمايدىغان بولدى. ئۇلار قىستا-قىستاڭ شەھەر ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى يوشۇرالايدىغان بولدى. ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى تەجرىبە تۇرۇبىلىرىنىڭ نوپۇزىنى دىنىي زاتلارنىڭكىدىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مېخانىزملىشىشى مېخانىكىلىق-ماددىي پەلسەپىلەرنى ۋۇجۇدتا كەلتۈردى. مائارىپ دىنغا بولغان گۇمانلارنى كۈچەيتتى ۋە كېڭەيتتى. ئىلاھىي كۈچلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشتە ئوينايدىغان رولى يوقىدى. دېھقانچىلىق دەۋرىنىڭ كونا ئەخلاق قائىدىلىرى يوقىلىشقا باشلىدى.

بىزنىڭ دەۋرىمىزدە ئۇرۇش ئەخلاقىي بوشاڭلىقنى كۈچەيتىۋەتتى. ئۇ چاغدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلار ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللار بىلەن ئوخشاش.

تارىخقا ئاساسلانغاندا، گۇناھلىق ئىشلار ھەممە دەۋردە ئوخشاش دەرىجىدە يامرىغان بولۇپ، بۇ بىزگە بىر خىل تەسەللى بولالايدۇ. ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتىنىڭ داڭلىق بولۇشىدا بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەۋلادلار قەدىمكى گىرېك، رىم ۋە ئىتالىيەلىكلەر بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ. قىمارنى ھەممە دەۋردە ياشىغان ئەرلەر ۋە ئاياللار ئوينىدى. ھەر بىر دەۋردە كىشىلەر سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ، ھۆكۈمەت چىرىكلەشتى. بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللار ھازىر بۇرۇنقىدىن سەل ياخشىلانغان بولۇشى مۇمكىن.

شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى، يېزىلغان تارىخ بىلەن ياشىغان تارىخ تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. تارىخچىلار ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى يازىدۇ، سەۋەبى ئۇلار قىزىقارلىق ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ئىشلار. ئۇرۇش ۋە سىياسەت، تەلەيسىزلىك ۋە نامراتلىق، ئاشنا ئويناش ۋە ئاجرىشىش، ئۆلتۈرۈش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ كەينىگە ياخشى تۇتۇلغان ئۆيلەر، بىر-بىرىگە سادىق ئەر-خوتۇنلار ۋە بىر-بىرىگە كۆيۈنۈپ، بالىلىرىنىڭ جاپاسىنى تارتقاچ ئۇلار بىلەن بەختلىك ياشىغان ئاتا-ئانىلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ. خاتىرىلەنگەن تارىختىن بىز ياخشىلىقنىڭ، ھەتتا ئۇلۇغلۇقنىڭ ناھايىتى كۆپ مىساللىرىنى تاپالايمىز. بىز گۇناھلارنى ئۇنتۇيالمايمىز، ئەمما يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ياخشى ئىشلارنىڭ مىساللىرى بىزنى كىشىلەر سادىر قىلغان گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىشكە ئۈندەيدۇ. ساخاۋەتچىلىكنىڭ مۇكاپاتى بىلەن ئۇرۇش مەيدانلىرى ۋە تۈرمىلەرنىڭ قىيناشلىرى ئۆزئارا تەڭپۇڭلىشىپ قالىدۇ. بىز ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە ياردەم قىلغانلىقىنى قانچە قېتىم كۆردۇق؟ ئىنسانلارنىڭ ئاشۇنداق ياخشىلىقلىرىنىڭ تارىخىنى يېزىشقا كىم جۈرئەت قىلالايدۇ؟

شۇڭلاشقا بىزنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئەخلاقىي بوشاڭلىق ئەخلاقنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى بولماستىن، كىشىلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئاساسىنى يوقاتقان بىر يۈرۈش ئەخلاقىي قائىدىلەردىن سانائەت مەدەنىيىتى تېخىچە ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە نورماللىققا تولۇق ئايلاندۇرۇپ بولالمىغان يەنە بىر يۈرۈش ئەخلاقىي قائىدىلەرگە كۆچۈشىدىن ئىبارەتتۇر.

بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدە قائىدە-تۈزۈملەر ئۇرۇش ھاجەتمەن قىلغان ھەربىي تەربىيە ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئايرىم كىشىلەر ۋە ئايرىم گۇرۇپپىلارنىڭ ئەركىنلىكى ئومۇمىي قوۋمنىڭ بىخەتەرلىكى ئاساسىدا ئۆزگىرىدۇ. جۇغراپىيەلىك مۇھىتنىڭ قوغدىشىغا بولغان ئېھتىياج يوقالغاندا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدە ئىندىۋىدۇئالىزممۇ غايىب بولىدۇ. بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ئۆز ھاياتىدا تەرتىپكە سېلىنغان جەمئىيەتنى كۆرەلەيدۇ، ھەمدە كەمتەرلىك قايتىدىن ئومۇملىشىدۇ. كىيىم كىيىپ يۈرۈش يالىڭاچ يۈرۈشكە قارىغاندا كىشىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ. بىزنىڭ ئەخلاقىي ئەركىنلىكىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ياخشى. ئەقىدە تېررورلۇقىدىن قۇتۇلۇپ، باشقىلارغىمۇ زەخمە يەتكۈزمەيدىغان ۋە ئۆزىمىزگىمۇ زىيان سالمايدىغان كۆڭۈل ئېچىش ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشىسىز ھۇزۇر ئېلىش، ھەمدە بىزنىڭ ئازادلىققا چىققان بەدەنلىرىمىز قوبۇل قىلغان ئوچۇق ھاۋانىڭ كۈچلۈك پۇراقلىرىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ ياشاش بىر ناھايىتىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش.

(داۋامى بار)

Share
89 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.