logo

trugen jacn

بەخت – سائادەتنىڭ 40 رېتسىپى


مۇھەممەد يۈسۈپ

ئون سەككىزىنچى رېتسىپ

دىيانەتلىك ياشاڭ

ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ساماۋى دىنلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئوڭشاش، ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن باشقىسىغا قۇلچىلىق قىلمايدىغان، بىر_بىرىگە ھەقسىزلىق قىلمايدىغان، بىر_ بىرىنى زىيانغا ئۇچراتمايدىغان، ھەممە باراۋەر ئىناق ھايات كەچۈرىدىغان قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»( ) دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غەززالى« ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« ئىسلام ئەقلىي ساھەدە پىكىرنى رەتكە سالىدىغان، ئىجتىمائىي ۋە پىسخىكا ساھەدە ھېس_تۇيغۇنى ئەخلاق_پەزىلەتكە ئۈندەيدىغان ئىلاھىي كۈچتۇر. ئۇ بارلىق تەلىماتلىرى ئارقىلىق ئىنساننى ھەقىقەتكە ۋە كامالەت دەرىجىلىرىگە ئېلىپ بېرىشقا قادىردۇر. ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشتىن مەقسەت شەكلىي رەسمىيەتلەرنى ئورۇنداپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئەقىلنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشتىكى ئۆتكۈرلىكىنى ئاشۇرۇش، ھاۋايى_ھەۋەسلەر ئۈستىدىن قانداق غەلىبە قىلىشنى ئۆگىنىش، كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشتىن ۋە ھەقسىزلىقتىن يىراق ھالدا شەرەپلىك ھايات كەچۈرۈش يولىغا داۋام قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈپ، ناماز ۋە زاكاتقا ئوخشىغان پەرزلەرنى ئادا قىلىش بولسا، ئىنسان ھاياتىدا ئەكس ئېتىدىغان مەشئەل بولۇپ، ئۇنىڭ يۇرۇقىدا ئىنساننىڭ توغرا يولىنى تېپىۋېلىشى، ھېچ ئېزىپ كەتمەي، ھەقىقەتكە تۇتاشقان ھالدا ھايات كەچۈرۈشىنى كاپالەت قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئىبادەتلەرنى ئورۇنداپ تۇرۇپمۇ، مۇشۇ نۇردىن پايدىلىنىپ يول تاپالمىغانلارنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئىبادەتلىرىدىن ياخشىلىق يوقتۇر. چۈنكى مۇنداقلار ئىبادەت قىلىپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېيەلمىگەنلەردۇر».
زامانىمىزدىكى كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى داۋالىنىپ تۇرۇپ كېسەلدىن ساقىيالمىغان كېسەل كىشىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى دىنىمىزدا بۇيرۇلغان جىمى ئىبادەتلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى مېۋىسى بىزنىڭ ئەخلاقىمىزنى ياخشىلاش ۋە بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىگە لايىق قىلىپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ساقلىقىمىزنى ساقلىشىمىز، ئەخلاقىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز، خاتالىقىمىزنى تۈزىتىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە كۈندىلىك، ئايلىق ۋە يىللىق ئىبادەتلەرنى مۇئەييەن ئىبادەتلەرنى پەرز قىلغان. بۇ خۇددى دوختۇرنىڭ كېسەللەرگە يېزىپ بەرگەن رېتسىپىگە ئوخشايدۇ. شۇڭا ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق مۇئەييەن ئىبادەتلەردىن ھەربىرىنىڭ ئەخلاقنى ياخشىلاشتا بەلگىلىك ۋەزىپىسى ۋە ئالاھىدە رولى بار. مەسىلەن: ناماز ئىنساننى قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھتىن ساقلايدۇ، روزا تەقۋالىقنى ئاشۇرىدۇ، زاكات سېخىيلققا ئادەتلەندۈرىدۇ، ھەج سەۋرچانلىقنى ئۆگىتىدۇ. مۇشۇ ئىبادەتلەرنى ئورۇنداپ تۇرۇپ، يەنە يالغان سۆزلەيدىغان، كىشىلەرنى ئالدايدىغان، ھارام يەيدىغان، ئۆز ۋەزىپىسىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىپ قويىدىغان، ئۆزىنىڭ نەپسى ئاۋارىگەرچىلىكىنى دەپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان مۇسۇلمانلار خۇددى دوختۇرنىڭ دورىسىنى ۋاقتى قەرەلىدە يەپ تۇرۇقلۇق كېسەلدىن ساقىيالمىغان بىمارلارغا ئوخشاش مەنىۋى بىمارلاردۇر.
ئەللامە يۈسۈپ قەرداۋى مۇنداق دەيدۇ:« ئىسلام ئەقىدە بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى تەۋھىدتۇر. ئىسلام ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئىخلاستۇر. ئىسلام مۇئامىلە بولۇپ، ئۇنىڭ جۋھىرى راستچىللىق ۋە سەمىمىيەتتۇر. ئىسلام ئەخلاق بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى رەھىم-شەپقەتتۇر. ئىسلام شەرىئەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى ئادالەتتۇر. ئىسلام ئەمەل ۋە ئىشلەش بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى قېتىرقىنىشتۇر. ئىسلام مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى قېرىنداشلىقتۇر، ئىسلام مەدەنىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ جەۋھىرى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتۇر. ئەقىدىدە تەۋھىدنى، ئىبادەتتە ئىخلاسنى، مۇئامىلىدە راستچىللىقنى، ئەخلاقتا رەھىم-شەپقەتنى، ئەمەلدە قېتىرقىنىشنى، مۇناسىۋەتتە قېرىنداشلىقنى، مەدەنىيەتتە تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان ئادەم ئىسلامنىڭ جەۋھىرىنى يوقىتىپ قويغان بولىدۇ. گەرچە ئۇ ئىسلامنىڭ سۈرىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولىسىمۇ، ئۇنىڭ جەۋھىرىدىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ».
ئەللامە مۇھەممەد غەززالى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« ئىنساننىڭ يارىتىلىش قىسسىسى ئۇنىڭ خارلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھۆرمەتلىنىش ئۈچۈن، ئېزىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خوجايىن بولۇش ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دىننىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنىڭ بىر_بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى مىزان قىلغان ھالدا تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق يەر يۈزىدە ھەقسىزلىقتىن ۋە جاھالەتتىن يىراق بولغان سائادەتلىك ھاياتنى بېغىشلاشتىن ئىبارەتتۇر».
ئەخلاق_ پەزىلەتلىك كىشىلەر بىلەن دوست بولۇڭ
ھاياتتا دوستلارنى توغرا تاللاش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئەرەبلەردە « سىز ماڭا بىراۋنىڭ كىملەر بىلەن ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، مەن سىزگە ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. دېمىسىمۇ، ئادەم قانداق كىشىلەرگە ئارىلاشس ۋە ئۇلار بىلەن يۈرسە، ئۇ ئادەم شۇ كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. مۇندىن باشقا يەنە، ئادەم ياخشى كىشىلەر بىلەن ئارىلاشسا، ئۇلاردىكى ياخشىلىقنى ئۆزىدە ئۆزلەشتۈرىدۇ ۋە ياخشىلارنىڭ ياخشىلىقىدىن نېسىۋىدار بولىدۇ. ئەگەر ياما ئادملەر بىلەن يۈرسە، ئۇلارنىڭ ۋابالىنى تارتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى ئىنتايىن ئېسىل بىر تەبىر بىلەن ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: « ياخشى دوست بىلەن يامان دوستنىڭ مىسالى ئىپار ساتقۇچى بىلەن كۆرەك باسقۇچىغا ئوخشايدۇ. ئىپار ساتقۇچىنىڭ يېنىغا بارسىڭىز ئۇ سىزگە ئىپار بېرىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن سېتىۋالىسىز ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ خۇشبۇيىنى پۇرايسىز. كۆرەك باسقۇچىنىڭ يېنىغا بارسىڭىز ئۇ كىيىمىڭىزنى كۆيدۈرۈپ قويىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن بەدبۇي سېسىق پۇراقنى پۇرايسىز»( ).
سىز ياخشىلار بىلەن ئارىلاشسىڭىز، ھەرگىز زىيان تارتمايسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈلگىلىك كىشىلەرنى سۈپەتلەپ:« ئۇلار بىلەن ئارىلاشقان كىشىلەر ھەرگىز بەختسىز بولمايدۇ» دېگەن.
ياخشىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتكەن ئادەمنىڭ شۇ ياخشىلار ئېرىشكەن ياخشىلىقلاردىن نېسىۋىدار بولىدىغانلىقى ۋە ئۇلار ئېرىىشكەن شەرەپكە ئېرىشىدىغانلىقى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئەسھابۇلكەھف بىلەن يولداش بولغان ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولغان بىر ئىتنىڭ قەدرىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»دە تىلغا ئالغان. بۇ نېمىدېگەن كاتتا شەرەپ

Share
2356 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.