logo

trugen jacn

بۈگۈن ئۆملۈك كۈنى

 

ئويچان:بۈگۈن ئۆملۈك كۈنى

بۈگۈن بىز ئۇيغۇرلار شانلىق تارىخىمىزنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئەكسىچە، تارىخىي دۈشمىنىمىز خىتايلار بولسا، شاللاق تارىخىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن بىز تارىخىمىزنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالىتىدە تۇرۇپ، تارىخىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پەيتىدە تۇرۇۋاتقان دۈشمىنىمىز بىلەن ھايات-ماماتلىق كۆرەش قىلىۋاتىمىز. قارىغاندا، بۇ بىر مەيدان كۆرەش بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ يەنە بىر مەيدان تۇتۇشۇشنى پىشانىمىزغا پۈتمىگەن بولسا، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ بىر مەيدان، بەلكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان كۆرەشتە يا غەلىبە قىلىپ مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز؛ يا مەغلۇپ بولۇپ يەر شارىدىن غايىپ بولىمىز.

بۈگۈن بىزنى، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار «خەتەر ئاستىدىكى مىللەت، يۇقۇلۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان مىللەت» دەپ سۈپەتلەۋاتىدۇ. بىز بۇ بىر مەيدان كۆرەش ئارقىلىق، يا «تارىخ سەھنىسىدىن يۇقالغان ئاجىز مىللەت» بولۇپ قالىمىز؛ يا «يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قالغان باتۇر مىللەت»كە ئايلىنىمىز. دېمەك، بۈگۈن تارىخ يازىدىغان كۈن.

بۈگۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىزنى تەلتۈكۈس يۇقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. خىتايلار قولىدىكى قۇرال، ئىقتىساد ۋە يۇقۇرى تېخنىكىغا ئىشىنىپ، بىزنى يۇقۇتۇشنىڭ تارىخىي پەيتى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالدى. نەتىجىدە، ۋەتەندىكىلەرنى دەھشەتلىك باستۇرۇش؛ چەتئەلدىكىلەرنى ئۆزئارا ئورۇشتۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن پۈتۈن چارىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ.

بۈگۈن ئىشەنگەن تاغلىرىمىزدا كىيىك ياتمىدى. دىنداشلارمۇ، تىلداشلارمۇ بىزدىن يۈز ئۆرىدى. بۈگۈن ئىماندىنمۇ، قانداشلىقتىنمۇ پۇلنىڭ مېھرى كۈچلۈك بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ياردەم سوراپ بارمىغان تاغ-تۇرا، ئوردا-قەسىر قالمىدى. ئىشەنگەن ھەممە خەقنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ باقتۇق. لېكىن، بىزنىڭ نالىلىرىمىز خىتاينىڭ پۇلىچىلىك كارغا كەلمىدى. نۆۋىتى كەلگەندە مۇسۇلمانمۇ ساتتى، بۇددىستمۇ ساتتى. ئىشەنگەن تاغلاردىن، ماڭغان يوللاردىن گۇمانلىنىشقا باشلىدۇق. شۇنداق قىلىپ، تۇققانلارمۇ، ياتلارمۇ بىزگە ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، كىم ئەمەسلىكىنى ئاچچىق ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆگەتتى. ئاخىرىدا تەنھا بۆرە ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇق.

بۈگۈن ئەجدادلىرىمىز ئۆتكۈزگەن تارىخىي خاتالىقلارنىڭ، بەلكى جىنايەتلەرنىڭ ئاچچىق بەدىلىنى تۆلەۋاتىمىز. خەقنىڭ بالىلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇپ بەرگەن ئەجدادلىرىنى ئىپتىخار بىلەن ياد ئەتسە؛ بىز دۆلەتنى قولدىن بەرگەن ئەجدادلىرىمىزدىن ئوھسىنىش بىلەن قاخشىماقتىمىز.

بۈگۈن ۋەتەندە كامېرلاردا، چەتئەلدە سەرسانلىقتا ياشاۋاتىمىز. ھەم پىسخىك، ھەم جىسمانىي كۆرەش قىلىۋاتىمىز. بۇ كۆرەش بىزدىن غايەت زور بەرداشلىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

بۈگۈن بىز ئاللىقاچان جەڭنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كېلىپ قالدۇق. جىددىي پەيتتە دۈشمىنىمىز ئەجەللىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. بىز تەمتىرەپ قالدۇق. نېمە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدۇق. ئارىمىزغا ئىختىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە، مەۋجۇت پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىر بىرىمىزدىن كۆرۈشكە، مەسئۇلىيەتنى بىر بىرىمىزگە دۆڭگەشكە باشلىدۇق. ئارىمىزدا جاسۇس ئىزدەش دولقۇنى قوزغالدى. كونا خاماننى سورۇشقا، بارنى يوق قىلىشقا ئالدىراپ كەتتۇق. ھالبۇكى دۈشمەن ئاتاكىدا. ئۇ بىزنى تېخىمۇ ئاجىزلاتماقچى، تېخىمۇ بۆلمەكچى ۋە ئاخىرىدا بىراقلا يۇقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ.

بۈگۈن بىزدىن دىنداشلىرىمىزمۇ، قانداشلىرىمىزمۇ تاندى. دۇنيا بولسا سىڭايان كۆزدە قاراۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۆز ئارا ئىناق بولالمىساق، بىر بىرىمىز بىلەن زىچ ئىتتىپاقلاشمىساق، بىز بىلەن يەنە كىم ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. دۈشمىنىمىز قانداقمۇ بىزدىن قورقۇپ، خەلقىمىزنى تەلتۈكۈس يۇقۇتۇش پىلانىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ؟ بۇ بىر مەيدان مەۋجۇدلۇق كۆرىشىدە قانداقمۇ غالىپ كىلەلەيمىز؟

بۈگۈن قاخشايدىغان، زارلايدىغان، قېيدايدىغان، تىللايدىغان ۋە تانىدىغان كۈن ئەمەس. بۈگۈن نادانلىقنى ۋە جاھىللىقنى تاشلايدىغان كۈن. بۈگۈن ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، كەلگۈسىنى ئويلايدىغان كۈن. بۈگۈن سۇغۇققان تەھلىل ۋە ئەتراپلىق پىلان بىلەن دادىل رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىر بىرىمىزنى قوللايدىغان كۈن.

بۈگۈن كونا خاماننى سورۇيمەن دېسەك، «مەدەنىيەت» زور ئىنقىلابى مەزگىلىدىكىدەك، ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتقان خەلق بىلەن كارى يوق، ئۆزئارا تەنقىد قىلىش، بىر بىرىنى كۆرەشكە تارتىش… بىلەن بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھالىغا چۈشۈپ قالىمىز.

بۈگۈن كونا دەپتەرلەرنى يېپىپ قۇيۇپ، يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچىدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغان، خەلقىمىزگە ئۈمىد بېغىشلايدىغان كۈندۇر. جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان. ئامان-ئېسەن بۇ كۈنلەردىن ئۆتۈۋالساق كونا ھېساۋاتلارنى ئالدىرىماي قىلىشىۋالارمىز.

بۈگۈن 1933- ۋە 1945- يىللىرىدىكى ئەجدادلىرىمىزنى «نېمىشقا بىرلىشىپ خىتايلارنى قوغلاپ چىقارماي، نەچچىگە بۆلۈنۈپ ئىچكى نىزا قىلغان بولغىيتتى» دەپ ئاغرىنىپ تۇرۇپ، ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلىۋاتىمىز. ئۇنداقتا، كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ بىزدىن نەپرەتلىنىدۇ. بىز ئۇنتۇغان بىلەن تارىخ ئۇنتۇمايدۇ.

دېمەك، بۈگۈن بىرلىك كۈنى. بۈگۈن ئۆملۈك كۈنى. چۈنكى دۈشمەن ئاتاكىدا…

Share
1732 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.