ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
شۆھرەت ھوشۇر
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى 21 – سىنتەبىر بۈگۈر ئىسيانىنىڭ يېتەكچىسى تۇرسۇن مەمەت ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدا ئۇنىڭ بىناكارلىق تېخنىكومىنى ئوقۇغانلىقى، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئاتالمىش ئەسەبىي ئىدىيەنى قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىشىلىك ئەخلاقى ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يېتەكچى تۇرسۇن مەمەتنىڭ مەكتەپتىكى چاغلىرىدا تىرىشچان ۋە ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى، ئىش ھاياتىدا بولسا كەسپىگە پۇختا ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشى ئىكەنلىكى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ ئامما ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە ئىناۋەت تاپقانلىقى ئاشكارىلاندى
ئاھالىلەردىن بىرى، ئۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشتەك چوڭ بىر ئىشقا يېتەكچىلىك قىلالىغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدىكى تەشكىللەش ئىقتىدارىدىن تەساددىپىيلىق ھېس قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/bugur-weqesi-10252014004800.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.