ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
شىنخۇۋا خەۋەر ئاگىنىتلىقى ئىنگىلىزچە تورى،بۇگۈن (2014.يىلى 5.ئاينىڭ 22.كۈنى) ئەتىگەن سائەت 7 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىكى بىر باغچىنىڭ يەنىدا بومبا پارتلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى
خەۋەردە؛شىمالى يۈنۈلۈشتىن جەنۇبىي يۈنۈلۈشكە قاراپ ئۈچقاندەك كەلگەن ئىككى ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا بۆسۈپ كىرگەن ۋە بىر ماشىنىدىن ئادەملەرگە قارىتىپ بومبا ئەتىلغان. ئارقىدىن بىر ماشىنا پارتلىغان
بەزى خىتاي بلوگ يازارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۈرۈمچى مەدىنىيەت سارىيىنىڭ ئەتىگەنلىك بازىرىدا بىر قانچە قەتىملىق شىددەتلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈزبەرگەن.كۆيۈۋاتقان ماشىنا ۋە باشقا نەرسىلەرىنىڭ ئوت يالقۇنى ،تۇمانلار ئەتىراپنى قاپلىغان. ئىنسانلار ھەر تەرەپكە قىچىشماقتا .ئامما ئۆلۈك ۋە يارىدارلارنىڭ سانى ئىلان قىلىنمىدى.شۇنداقلا، پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە ھازىرچە دۆلەتكە ئاىت خىتايچە،ئۇيغۇرچە ھەر قانداق خەۋەر بىرىلمىدى
پارتلاش مەيدانىدىكى ئۆلۈك،يارىدارلار توشۇپ كىتىلگەن.يوللار ئەسكەرلەر تەرىپىدىن توسۇلۇپ،يولوچىلارنىڭ كىرىش-چىقىشى مەنئى قىلىنغان
ئۈرۈمچى مەدىنىيەت سارىيى ئالدىدىكى ئەتىگەنلىك بازار 200 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولغا قۇرۇلغان بولۇپ،بۇ بازاردا 350 ئۇششاق تاماق،كۆكتات،گوش سەتىش بوتكا دۇككانلىرى مەشخۇلات قىلاتتى
خىتاي شىنۋىن (ئاخبارات) تورى يىڭى خەۋەر قىلدى؛ ئۈرۈمچىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن كىشى 31 بولۇپ،يارىدار سانى 94 نەپەر
بەزى خىتايچە تورلاردىكى ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەسىملار؛
Menbe
http://www.bbc.co.uk/zhongwen/simp/china/2014/05/140522_xinjiang_urumqi_explosion.shtml
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.