logo

trugen jacn

بىچارە ئانا: بىر ئوغلى ئۆلگەن، بىر ئوغلى چەتئەلدە سەرسان، ئۆزى تۈرمىدە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

جەنۇبىي كورېيەدىن رادىيومىز بىلەن ئالاقىلاشقان يۈسۈپجان ئاقسۇ شەھەر قاراتال بازىرىدىن بولۇپ، بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن ئانىسى ۋە باشقا ئۇرۇق تۇغقانلىرى «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ يۇرتى ۋە ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.

ئائىلىسى ھەققىدە ناھايىتىمۇ چەكلىك ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇنىڭ بېلگىيەدىكى ھەدىسى رەيھانگۈل تېلېفوندا ئۇنىڭغا ئاكىسى ياسىنجان توختىنىڭ 3 كۈن ئىلگىرى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقىدەك قايغۇلۇق خەۋەر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى يەتكۈزگەن.

ئايلاردىن بۇيان ئەندىشە ئىچىدە ياشاۋاتقان يۈسۈپجان ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىدا يۆلەنچۈك بولۇپ كەلگەن ئاكىسى ياسىنجاننىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئازابلانغان بولسىمۇ، ئەمما قېرىندىشىنىڭ ۋاپاتىغا ماشىنا ۋەقەسى سەۋەب بولغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ھەدىسىنىڭمۇ ئوخشاش گۇماندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئاكامنىڭ ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ تۈگەپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن يۈسۈپجاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى ياسىنجان بۇ يىل 38 ياشتا بولۇپ ئۇنىڭ ۋە 5 بالىسى بار ئىكەن. ئۇ بىر مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان دادا بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بىر كۆيۈمچان، پىداكار قېرىنداش ۋە بىر ۋاپادار ئوغۇل ئىكەن.

دادىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئائىلىنىڭ پۈتۈن يۈكىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ياسىنجان يىللاردىن بېرى تاكسىچىلىق قىلىپ ئائىلىسىنى قامدىغاندىن سىرت، قېرىنداشلىرىنى چەتئەللەردە ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي چىقىمنى ئۆزى كۆتۈرۈپ كەلگەن. ئەمما ئۇ، ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا ئىككى پۇتى سۇنۇپ كېتىپ ئوپېراتسىيە قىلغان بولسىمۇ، تېخى سەللىمازا ساقايماي تۇرۇپلا دائىرىلەر تەرىپىدىن «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە بىر قانچە ئاي ئىلگىرى كېسەل سەۋەبىدىن «تەربىيىلەش» تىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

يۈسۈپجان ئاكىسىنى ساقچىلار سوراق جەريانىدا قىيناپ ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلماقتا ئىكەن.

چۈنكى ھەدىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ نۆۋەتتە بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ھەدىسى ئۈندىداردا قايغۇلۇق خەۋەرنى قىسقىچە يازما شەكىلدە يەتكۈزگەن يەڭگىسىدىن ياسىنجاننىڭ قانداق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى سورىسا، ئۇ «شۇنداق تۈگەپ كەتتى، دەپ بىلىڭلار، ھازىرقى شارائىتتا جىق گەپ قىلغىلى بولمايدۇ» دەپلا ئالاقىنى ئۈزگەن ئىكەن.

بىز ياسىنجان توختىنىڭ قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇلار بۇنداق ئۆلۈم ۋەقەلىرىنى شۇ يېزىلىق ساقچى ياكى قاتناش ساقچى پونكىتلىرىدىن سورىشىمىزنى ئېيتتى.

قاراتال بازىرى ئاقسۇ شەھەرگە قاراشلىق يېزا بولۇپ، يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون ئۇلانغان بولسىمۇ، خىتاي ساقچى چەتئەلدىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى سوراپ بىلگەندىن كېيىنلا دەرھال تېلېفوننى ئۈزدى.

قاراتال بازارلىق قاتناش باشقۇرۇش ساقچى پونكىتىغا ئۇلانغان تېلېفونىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئۇيغۇر ساقچى، 19-فېۋرالدا بازاردا بىر قاتناش ۋەقەسى بولغانلىقى ئەمما، ئادەم ئۆلگەن ھادىسىدىن خەۋىرى يوقلىغىنى بىلدۈردى.

بىز ئۆلگۈچى ياسىنجان توختىنىڭ نۆۋەتتە بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ھەدىسى رەيھانگۈل بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ سىڭلىسى ۋە يەڭگىسى ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىنىسى ياسىنجاننىڭ قاتناش ۋەقەسىدە ۋاپات بولغانلىق خەۋەردىن قايىل بولمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىپادىلىرى بۇ ئۆلۈمنىڭ ئارقىسىدا گۇمانلىق تەرەپلەرنىڭ بارلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

رەيھانگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ياسىنجان ساقال قويغانلىقى ۋە دىندار بولغانلىقى ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا ئۇچراپ كەلگەندىن باشقا، ئۇنىڭ بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بىر بالىسى «پىلان» نىڭ سىرتىدا تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تېخىمۇ تەس كۈنگە قالغان.

گەرچە دائىرىلەر ئۇنىڭغا پاسپورت ئىشلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ، ئالدىنقى يىلى ھەدىسى ۋە ئاپىسىغا ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق ئوغلىنى قوشۇپ، ئۇلارنى مىسىرغا ئوقۇشقا يولغا سالغان. شۇلارنى باھانە قىلىپ دائىرىلەر ئۇنى بۇلتۇر يىل بېشىدا پۇتى يېڭى ئوپېراتسىيە قىلىنغىنىغا قارىماي تەربىيەلەشكە ئېلىپ كەتكەن ۋە ئاغرىقى ئېغىر بولغانلىقتىن 3 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. لېكىن يەنىلا ھەپتىدە دېگۈدەك داۋاملىق سوراق قىلىپ تۇرغان ئىكەن.

رەيھانگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، مىسىردا تۇيۇقسىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇش باشلانغاندا ئانىسى ئاكىسىنىڭ ئوغلىنى ئېلىپ يۇرتقا قايتقان بولسا، ئۆزى بېلگىيەگە يول ئالغان ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ 60 ياشتىن ئاشقان ئانىسى ئايتۇرسۇن قۇربانمۇ قايتىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يەنى ئۆتكەن يىلى-6 ئايلاردا «تەربىيىلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەن. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئانىسىنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئاغرىپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما قېرىنداشلىرىنىڭ ئانىسىنى داۋالىتىش تەلىپى دائىرىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. ھەتتا ئۇ، بۇ قېتىم ئوغلىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈنمۇ قۇيۇپ بېرىلمىگەن.

بۇ ئائىلە چېن چۇەنگو ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن باستۇرۇش سىياسەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان، بىھۇدە قاماق جازاسى، ئۈن-تىنسىز غايىب قىلىۋېتىشلەر دەردىدىن يۈرىكى پۇچىلانغان، بەختسىزلىك، چارىسىزلىق ئىلىكىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىرىلا خالاس.

ئۇيغۇر ئېلى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنىۋاتقاندەك «مۇتلەق ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇلغان بىر پەيتتە بۇنداق بەختسىزلىككە يولۇققان ئائىلىلەرنى يەنە قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئانچە تەس بولمىسا كېرەك

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-tutqun-02222018141057.html

Share
2395 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.