logo

trugen jacn

بىز ئويغاندۇقمۇ؟




مەمەت ئىمىن
ۋەتەندىكى لاگىر مەسىلىسى ئوتۇرغا چىققاندىن كىيىن، مەيلى داۋانىڭ خەلقارالىشىشىدا بولسۇن ياكى داۋاغا قىززىقىدىغانلارنىڭ سانىدا بولسۇن، كۆپ ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. داۋا سىپىگە نۇرغۇن ياشلار قىتىلدى؛ بۇرۇن سىياسەتكە ئارلاشمايمەن دىگەنلەر، ئەمدىلىكتە سىياسەتچى بولدى؛ بۇرۇن ئاۋاز چىقارمىغانلار ئەمدىلىكتە ئاۋاز چىقىرىدىغان بولدى؛ بۇرۇن نامايىش ۋە ھەر خىل پالىيەتلەر بولسا يىقىن كەلمەيدىغانلار، ھازىر نامايىش ۋە ھەر خىل پالىيەتلەرگە ئاكىتىپ قاتنىشىدىغان بولدى؛ تەشكىلاتلار كۆپەيدى. كۆپ ساندا كىشىلەر ئۈندىدارنى تاشلاپ ۋاتىسئاپقا (whatsapp) يۆتكەلدى. فاكەبوئوك قاتارلىق ئىجتىمايى تاراتقۇلار، بۇرۇنقىدەك يىگەن ئىچكەننى ۋە ئويۇن تاماششالارنى تەشۋىق قىلىدىغان سورۇندىن، ۋەتەن داۋاسى ئىلىپ بارىدىغان، ۋەتەن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىدىغان  سورۇنغا ئايلانغاندىن باشقا يەنە باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ئاچىدىغان، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان ۋە كۆز قارىشى پەرىقلىق بولغان ئىنسانلارنى ئاپتىنومىيەچى، خائىن، جاسۇس دەپ ھاقارەتلەيدىغان سورۇنغا ئايلاندى.
بەزىلەر لاگىر مەسىلىسى ئوتۇرغا چىققاندىن كىيىن، خەلقىمىز يۈكسەك دەرىجىدە ئويغاندى، ئىتىپاقلاشتى دىيىشىدۇ. بىراق مەن كۈزەتكەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئويغۇنۇش بولماستىن، بەلكى كۆپۈنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھاڭنىڭ قىشىغا كىلىپ قىلىپ، ماڭىدىغان يولى يوق، ھاڭغا چۈشۈپ كىتىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ كويىدا بولۇش؛ ھاڭغا چۈشۈپ كەتمەي، ئۇ يەردىن ساق كىتەلەيدىغان چىغىر يولدىن بىرنى تىپىشقا مەجبۇرى بولۇشتۇر. ئەلۋەتتە مەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق ھەقىقى ئويغانغان بىر قىسىم كىشىلەرنى ئىنكار قىلماقچى ۋە باشقىلارنىڭ روھىغا سوغاق سۇ سەپمەكچى ئەمەسمەن. مەن پەقەت ئۆزۈم كۆرىۋەتقان رىياللىقىمىزغا ئاساسەن، بۇ جەھەتتە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ، ھەرقايسىڭلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. شۇڭا ئويغانغان دوستلارنىڭ سۆزۈمنى ئۆزىگە ئالماسلىقىنى، تىخى ئويغانمىغان دوستلارنىڭ ئوبدان ئويلۇشۇپ بىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

نورۋىگىيەلىك داڭلىق ئوپىراچى ۋە شائىر خەنرىك ئىبسەن (Henrik Ibsen) مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”بىز ھەقىقى ئويغانغان ۋاختىمىزدا، پەقەت ياشاپ باقمىغانلىقىمىزنى بايقايمىز“
بىزدە ”كىسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە“ دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. بىز ئىجابى تەشۋىقاتنى كۆپەيتىپ، خەلقىمىزنى ئۈمۈتلەندۈرۈشكە ئىھتىياجلىق؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز ئۆزىمىزنى ئالداپ كۆڭلىمىزنى قۇرۇق خوش قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كىرەك. ئەگەر بەدىنىمىزدە كىسەل بولسا، ئۆزىمىزگە ۋاختىدا، توغرا دىياگۇنۇز قويۇپ، ھاياتىمىزغا تەھدىت ئىلىپ كىلىدىغان بەزى كىسەللىكلەرنى ۋاختىدا داۋالاپ ساقايتىشىمىز ۋە تىخىمۇ ئىغىر ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشىمىز كىرەك.
ئۇنداقتا بىز زادى ئويغاندۇقمۇ ياكى پەقەتلا چىقىش يولى تىپىشقا مەجبۇرلاندۇقمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانداق پەرىق بار؟ ئەگەر بىز ئويغانغان بولساق قانچىلىك ئويغاندۇق؟ ئەگەر بىز ئويغانمىغان بولساق قانداق قىلىپ ئويغىنىشىمىز كىرەك؟ مەن بۇ سوئالارغا جاۋاپ بىرىشتىن ئىلگىرى، ”ئويغۇنۇش“ نىڭ مەنىسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغۇرسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتىمەن.
ئويغۇنۇش دىگەن سۆزنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە خىل مەنىسى بار. ئويغۇنۇش ئالدى بىلەن ئۇيقا ھالەتتىن ئويغاق ھالەتكە كىلىش دىمەكتۇر. ئويغۇنۇش دىمەك ئىنسانلارنىڭ ھۇشسىز ھالىتىدىن نورمال ھالەتكە كىلىشى دىمەكتۇر. ئويغۇنۇش دىمەك ئىنسانلارنىڭ خىيالى دۇنيادا ياشاشتىن، غەپلەتلىكتىن، ھاماقەتلىكتىن رىياللىققا قايتىش دىمەكتۇر. ئويغۇنۇش دىمەك ئاللاھ بەرگەن ئەقىل پاراسەتنى ئىشلىتىپ، ئەتىراپنى يالغۇز كۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەقىل پاراسەت بىلەن كۈزۈتۈپ، مەسىلىنىڭ ماھىتىنى تونۇپ يىتىش دىمەكتۇر. ئويغۇنۇش دىمەك مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەقىل ئىشلىتىش، ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن ھەركەت قىلىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش دىمەكتۇر. ئويغۇنۇش دىگەنلىك ھەرگۈزمۇ پۇرسەت پەرەسلىك قىلىپ، ئەپلەپ سەپلەپ كۆز بويامچىلىق قىلىش دىگەنلىك ئەمەس.

ئامىركىلىق داڭلىق يازغۇچى، ئامماۋى نۇتۇق سۆزلۈگۈچى ۋە ئەنەنىۋى تىبابەتنى تەشەببۇس قىلغۇچى دىپاك چوپرا مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ئويغۇنۇش، سىنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭنى ئۆزگەرتىش بولماستىن، بەلكى ساڭا تەۋە بولمىغان نەرسىنى تاشلىۋىتىشتۇر“. دىمەك بىز ئويغۇنۇش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى باشقا بىرسىگە ئۆزگەرتىشىمىزنىڭ، چوقۇم تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقى بولىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، بىز پەقەت ئۆزىمىزدىكى بىخەستەلىكنى، بىخۇتلىقنى، غەپلەتلىكنى ۋە روھىي قۇللۇقنى تاشلاپ، ئەقىل پاراسىتىمىزنى ئىشقا سىلىپ، ئادەمدەك ياشاشقا تىرىشساق، ئۆزىمىزنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ئىنسانى بۇرچىمىزنى ئادا قىلساق يىتەرلىك.
ئويغۇنۇش بولسا ئاكىتىپ بىر جەريان بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ھەركەت، تەھدىتنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن توختاپ قالمايدۇ؛ تەھدىتنىڭ قايتا سادىر بولىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە مەسىلىنى ئۈزۈل كىسىل ھەل قىلىش يولىدا ئىزچىل داۋام قىلىدۇ. چىقىش يولى تىپىشقا مەجبۇرى بولۇش دىگىنىمىز، كۆپۈنچە ئەھۋالدا پاسسىپ بىر جەريان بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ھەركەت تەھدىتنىڭ پەسلىشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلىشىدۇ ۋە ئىزچىل داۋام قىلمايدۇ.
ئەگەر بىز تارىخىمىزدىن بەك يىراقلارغا كەتمەي، يىقىنقى 20 – 30 يىللىق ئەھۋالىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ 20 – 30 يىللىق تارىخىمىزدا نۇرغۇنلىغان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ھەر قىتىملىق باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقتا، بىز ھاڭنىڭ يىنىغا كىلىپ قىلىپ، ماڭىدىغان يول يوق، چارىسىز قالغاندا، ھەركەتكە كەلگەنلىكىمىزنى، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئازراق يول تاپقاندا، بوشاپ قالغانلىقىمىزنى، نەتىجىدە خەلقىمىزنىڭ  ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولماي ئەكسىنچە تىخىمۇ ناچارلىشىش بولغانلىقىنى  كۆرۈۋالالايمىز. ئىسىمدا قىلىشىچە، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچە قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندە، داۋادا بۇرۇنقىغا نىسبەتەن زور ئىلگىرلەش بولغان ئىدى. ئۇ چاغدا گەرچە غەرىپ دۆلەتلىرىدىكى نوپۇسىمىز ھازىرقىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، نامايىشلارغا شۇنداق كۆپ ئادەم قاتناشقان ئىدى؛ ئارىمىزدىكى چىچىلاڭغۇلۇق، بۆلۈنۈش ۋە زىدىيەتلەر ھازىرقىدەك ئۇنداق ئىغىر ئەمەس ئىدى؛ ئۇنىڭدىن كىيىن ۋەتەندىكى ئەھۋالدا ئازراق ئۆزگۈرۈش بولدى، نەتىجىدە نۇرغۇن ئىنسانلار داۋادىن ئۆزىنى تارتتى. لاگىر مەسىلىسى ئوتۇرغا چىققاندىن كىيىن، داۋا، لاگىر مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان قالدا يەنە بىر قىتىم قايتىدىن كۈچلەندى؛  مەلۇم نۇقتىدىن ئىلىپ ئەيىتقاندا، داۋا لاگىر مەسىلىسىگە بەك باغلىنىپ قالدى. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر لاگىر تاقالسا، چەتەلدىكى بىر قىسىم ھەتتا كۆپ قىسىم قىرىنداشلارنىڭ داۋادىن ئۆزىنى تارتمايدىغانلىقىغا كىم كاپالەت قىلالايدۇ؟
2018 – يىلى 12 – ئايدىن 2019 – يىلى 1 – ئايغىچە، مەن  تور ئارقىلىق ئىلىپ بارغان راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە، 56% ئادەم، ئائىلىسىدە كەم دىگەندە بىر ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىكىنى، 15% ئادەم، ئائىلىسىدە بىر نەچچە ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىكىنى، يەنى جەمى 71% ئادەم، ئائىلىسىدە بىر ياكى بىرنەچچە ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا 24% ئادەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن. پەقەت 4% ئادەم، ئائىلىسىدە لاگىرغا سولانغانلارنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئورتا ئاسىيا ۋە ئوتۇر شەرىقتىكى دۆلەتلەردىن باشقا، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكىراتىك دۆۋلەتلەردە كەم دىگەندە 50 مىڭدىن 100 مىڭ ئارىلىقىدا ئۇيغۇر بار؛ بىراق ئەپسۇس، ھازىر چەتەلدە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ھەر خىل پالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان ياكى قولدىن كىلىشچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ سانى، يۇقارقى ساننىڭ 10% تىگە، يەنى 5 – 10 مىڭغىمۇ يەتمەيدۇ.
ۋەتەندە مىللىيونلارچە ئىنسانلار لاگىرلاردا ئازاپ چەكمەكتە؛ بىزنىڭ ئەنەنىۋى ئۆرپە ئادەتلىرىمىز ۋە دىننى ئىتىقادىمىز ۋەيران قىلىنماقتا؛ تىل يىزىقىمىز چەكلەنمەكتە، كىتاپلىرىمىز كۆيدۈرۈلمەكتە، مەدىنى يادىكارلىقىمىز ۋە مىچىت جامىلىرىمىز چىقىۋىتىلمەكتە؛ باللىرىمىز ئاتا ئانىسى ھايات تۇرۇپ يىتىم بالا قاتارىدا كومىنىزىم ئىدىيەسى بىلەن تەربىلەنمەكتە، قىزلىرىمىز مەجبۇرى ئۆيلەندۈرۈلمەكتە. ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان خەلقىمىزچۇ؟  خۇددى خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندە لاگىرغا سولانغانلارنى ”ئىدىيەسىنى مەسىلە بار ئاز ساندىكى كىشىلەر“ دەپ تەرىپلىگىنىگە ئوخشاش، ۋەتەن سىرتىدا ھەركەتكە كەلگەنلەرمۇ ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن چەكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. چەتەلدىكى 90% قىرىنداشلىرىمىز، خۇددى ۋەتەندە يۈز بىرىۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ ئۆزىمىز بىلەن ھىچ مۇناسىۋىتى يوقتەك، يەنىلا غەپلەتتە تۇرماقتىمىز، سۈكۈت قىلماقتىمىز. بەزىلىرىمىز، ۋاختىمىز ۋە ئىنىرگىيەرىمىزنى، نورۇز ئۆتكۈزۈش ھالالمۇ ھاراممۇ، ئاياللارنى ھىجاپلىنىش كىرەكمۇ يوقمۇ دىگەندەك ۋەتەن داۋاسى بىلەن كۆپ ئالاقىسى بولمىغان ئىشلارنى تالاش تارتىش قىلىشقا ئۈچۈن سەرىپ قىلماقتىمىز. يەنە بەزىلىرىمىز بولسا، ئۆيدە يەيدىغان نەرسە يوق، ئەۋەل يەيدىغان نەرسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، پولۇ يەيمىزمۇ ياكى لەغمەنمۇ دەپ تالاش تارتىش قىلغانغا ئوخشاش، ۋاختىمىزنى ۋە ئىنىرگىيەرىمىزنى مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئورتاق ھەركەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھەر خىل يوقىلاڭ ئىشلارنى تالاش تارتسىھ قىلىپ، ۋاقىت ئىسىراپ قىلماقتىمىز. ئىتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت بىر مەخسەتتە، چەكلىك كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى داۋا يولىدا ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە جارە قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا، كۆز قاراشتا پەرىق بولغانلارنى ئاپتىنومىيەچى، جاسۇس، خائىن دەپ ئىنكار قىلىپ، ئۆز ئارا ئىتىپاقلىقنى بۇزىۋاتىمىز، داۋاغا توسالغۇ بولاۋاتىمىز. ئۆزىمىزنى ”مۇستەقىلچى“ ئاتاپ، باشقىلارنى ”ئاپتىنومىيەچى“ دەپ ئەيىپلاۋاتقانلار، مۇستەققىلىق ئۈچۈن ئىغىزدىكى سۆزدىن باشقا ئالاھىدە پەرىقلىق بىر ھەركەت ئىلىپ بىرىپ، ئۆزلىرىمىزنى ئىسپاتلىغىنىمىز يوق. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، بىز يەنە ”بىز ئويغاندۇق“ دىيەلەيمىزمۇ؟ جاۋاپ ھەممەيلەنگە مەلۇم.
چەتەلدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەپلىرى ھەر خىل بولىشى مۈمكىن. مەن بۇ جەھەتتە بۇرۇن يازغان ماقالالىرىمدىمۇ ئاز تولا توختالغان ۋە بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم.
مىنىڭ قارىشىمچە، بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى ئالدى بىلەن بىزدە، ياكى كەم دىگەندە بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدە، بىر خىل نامەلۇم قورقۇش يەنى روھىي ئاسارەتنىڭ ئىغىر تەسىرى بار. بىزدىكى شۇ نامالۇم قورقۇش تۈپەيلىدىن، بىز نىمە قىلىشنىڭ توغرا ۋە نىمە قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە توغرا ھۆكۈم چىقىرالمايۋاتىمىز. ئاسان ھاياجانلىنىمىز؛ كىم بىر شۇئارنى كۆتىرەپ چىقسا، مۇستەققىل تەپپەككۇر قىلماي، ھىسياتىمىزغا تايىنىپ يەكۈن چىقىرىمىز. بىر ئىشلارغا ئاسان قىزىيمىز ۋە ئاسان سوۋىيمىز. ئۇ نامەلۇم قورقۇش تۈپەيلىدىن، ئاساسن ئاچچىقلىنىمىز. ئاچچىقىمىز كۆزىمىزنى كۆرمەس، ئەقىلىمىزنى ئىشلىمەس قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ ئاچچىقىمىزنى چىقىرىدىغان ئوبىكتىپ ئىزدەيمىز؛ بىرلىرىنى تىپىپ، مىللەتنىڭ ھازىرقى ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشنىڭ سەۋەنلىكىنى ئۇلارغا ئارتىپ، ئۇلارنى تىللاپ ھاقەرەتلەپ، ئاچچىقىمىزنى چىقىرىپ، روھىي ھالىتىمىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز؛ نەتىجىدە ئارىمىزدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولىدۇ؛ ئاخىردا ھەم ئۆزىمىز ھەم باشقىلار روھىي جەھەتتە تىخىمۇ چوڭ زەربىگە ۋە روھىي زەخمىگە ئۇچۇرايمىز.

قورقۇش، بىزنى قاراڭغۇلۇققا باشلاپ بارىدۇ؛ قورقۇش بىزنى غەزەپلەندۈرىدۇ؛ غەزەپلىنىش، ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئۆچمەنلىك، ئازاپلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنجىدىن، بىزنىڭ خەلقارانىڭ بىزگە قىلالايدىغان ياردىمى توغۇرسىدا چۈشەنچىمىز مۇجىمەل، ياكى ئۇنىنغا نىسبەتەن ئىنىق بىر ئۇقۇم يوق. بىزدە، ياكى كەم دىگەندە بىر قىسىم ئىنسانلىرىمىزدا، بىز خەلقارادىن نىمىنى تەلەپ قىلساق، ئىشلىرىمىز شۇ بويىچە ماڭىدۇ ياكى بىز دەردىمىزنى خەلقاراغا يىتەرلىك ئاڭلاتساق، ئىشلىرىمىز ئۆزلىگىدىن ھەل بولىدۇ ياكى ئىشلىرىمىزنى ئامىركا قاتارلىق غەرىپ دۆلەتلىرى ھەل قىلىپ بىرىدۇ، ياۋروپا بىرلىكى ھەل قىلىپ بىرىدۇ دەيدىغان خاتا چۈشەنچە بار. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا، بىز چوقۇم خەلقارانىڭ قوللىشىغا ئىرىشىشىمىز كىرەك. مەيلى ھازىر بولسۇن ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، بىز خەلقارانىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلمەي تۇرۇپ، كۆزلىگەن مەخسىتىمىزگە يىتەلمەيمىز؛  بىراق شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى، داۋا بىزنىڭ داۋا؛ بىز داۋانىڭ ئىچكى ئامىلى، ئاساسلىق كۈچى، خەلقارانىڭ قوللىشى تاشقى ئامىل، ياردەمچى كۈچ. ئەگەر بىز ئۆزىمىز يىتەرلىك ئويغانمىساق، داۋا ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ داۋاسى بولۇپ قالسا، يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەك، ئۆز ئارا ئىتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرمىسەك ۋە ئۇنى كۈچەيىتمىسەك، داۋايىمىزنىڭ ئالاھىدە ئالغا ئىلگىرلىشى مۈمكىن ئەمەس. داۋا، خەلقارانىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى، ئۆزىمىزنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقىمىز ۋە يۈكسەك بەدەل تۆلىشىمىز بىلەن ئاندىن ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.
ھىچ بىر دۆلەتنىڭ بىزنى مۇستەققىل قىلىپ بىرىش ياكى بىز نىمە تەلەپ قىلساق، بىزگە شۇنى قىلىپ بىرىش مەجبۇريىتى ۋە ياكى ۋەزىپىسى يوق. ھەر قانداق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەتى ۋە مىللى مەنپەتى بولىدۇ. ئەگەر تەلىمىز ئوڭدىن كىلىپ، بىزنىڭ تەلەپ ئىستەكلىرىمىز بىلەن بىزگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۈمۈت قىلغىنى ئۆز ئارا ماس كىلىپ قالسا، ئۇلار بىزگە ياردەم قىلىشى مۈمكىن، نەتىجىدە ھەم بىز ھەم ئۇلار ئۈمۈت قىلغان نەرسىگە ئىرىشەلىشى مۈمكىن؛ بولمىسا ئىشلار ھەرگۈز بىزنىڭ ئىستىكىمىز بويىچە ئەمەس، بەلكى بىزگە ياردەم قىلىۋاتقان ياكى ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئۈمۈت قىلغىنى بويىچە بولىشى مۈمكىن. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا، بىز خەلقارانىڭ ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئىھتىياجلىق؛ شۇڭا بىز ئەۋەل نىمىگە ئىرىشەلىسەك، شۇنى قولغا كەلتۈرمەكتىن باشقا بەك كۆپ تاللىشىمىز يوق. مەن ئۇنداق دىسەم، بەلكىم بەزىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقماسلىقى مۈمكىن. ئەگەر ھەر قانداق شەخىس ۋە تەشكىلات مەسىلىمىزنى ھىچكىمگە تايانماي، ئۆزىمىزنىڭ ئىستىكى بويىچە ھەل قىلالايدىغانلار بولسا، مەن ئۇلارنى قوللايمەن. بىز شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى كۆپۈنچە خەلقنىڭ بىزگە قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ ياردىمى، پەقەتلا ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، بىزنىڭ ئىنساندەك ياشىشىمىز ئۈچۈن قولدىن كىلىشچە ياردەم قىلىش، يەنى بىزگە ھىسىداشلىق قىلىش، بىزنى قوللاش، ئىنساۋى كەلسە بىزگە ئاز تولا ئىختىزادى ياردەم قىلىش، ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى قارارلارنى چىقىرىشىغا جامائەت پىكىرى توپلاش ۋە بىسىم قىلىشتىن ئىبارەت.
ئۈچۇنجىدىن، بىز ياكى خىلى كۆپ ساندا ئىنسانلىرىمىز، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ، لاگىرلارغا سولىنىشىنىڭ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل جازالارغا تارتىلىشى ۋە ئۆلتۈرلىشىنىڭ سەۋەبىنى، خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان تەھدىتنىڭ بىزنىڭ مىللى كىملىكىمىز ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھايات ماماتلىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىخى تونۇپ يەتمىدۇق.
ھەممىمىز كۆرۈۋاتقاندەك، مەيلى بىز گۇۋالىق بەرگەندە بولسۇن ياكى ئاخباراتلارغا دەردىمىزنى ئاڭلاتقاندا بولسۇن، بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھىچ ئىشقا ئارلاشمىغانلىقىنى، مەيلى ئۆزى بولسۇن ياكى ئۆيدىكىلەر بولسۇن ھىچقانداق قانۇنسىز ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولىغانلىقىنى تەكىتلەشسە، يەنە بەزىلەر ئۆزلىنىڭ چەتەللەردە خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پالىيەت ئىلىپ بارغانلىقى، ئاخباراتلارغا سۆزلىگەنلىكى، گۇۋالىق بەرگەنلىكى، خەلقىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا پالىيەت ئىلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىدىن ئۆچ ئىلىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى لاگىر، تۈرمىلەرگە سولىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە. بەزىلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئاران قامداپ ماڭغان، باشقىلارغا زارار بەرگۈچىلىك ھالى يوق، ياۋاش ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بەزىلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالى مەكتەپ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى مەلۇماتقا ئىگە بىلىملىك زىيالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. ئەمىلىيەتكە قارايدىغان بولساق، بۇ نۆۋەت لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانلار يالغۇز چەتەلدە ئۇرۇق تۇققانلىرى بارلارلا ئەمەس؛ جازالانغانلار يالغۇز چەتەلدە خىتتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى پالىيەت ئىلىپ بارغانلارنىڭ، داۋا سىپىدىكىلەرنىڭ، ئاخباراتقا سۆزلىگەنلەرنىڭ ئۆيىدىكىلەرلا ئەمەس؛ تۇتۇلغانلار يالغۇز ساۋادى يوقلار، ئوقۇمىغانلارلا ئەمەس؛ قولغا ئىلىنغانلار يالغۇز دىننى ئىتىقادى كۈچلۈك ياكى ئاتالمىش ”ئىدىيەسىدە مەسىلە بار“ لار ياكى ”دىننى ئەسەبىلەر“ لا ئەمەس؛ قولغا ئىلىنغانلار يالغۇز قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ياكى تەرورلۇق ھەركەتلەرگە قاتناشقانلار ئەمەس. لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولغانلار ئىچىدە چەتەلدە تۇققانلىرى بارلارمۇ بار، چەتەل بىلەن ھىچ بىر ئالاقىسى يوقلار بار؛ چەتەلدىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى داۋاغا ئارلاشقان، ئاخباراتلارغا سۆزلىگەنلەر بار، ھىچ ئىشقا ئارلاشمىغانلارمۇ بار؛ ساۋاتلىقلارمۇ بار، ساۋاتسىزلارمۇ بار؛ دىخخان، ئىشچى، كادىرلار بار؛ دىننى زاتلار، زىيالىلار، يەككە تىجارەتچىلەر بار؛ تۆۋەن قاتلامدىكىلەر بار، يۇقۇرى قاتلامدىكىلەر بار؛ ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغان، خىتتايچە بىلمەيدىغانلار بار، كىچىكىدىن خىتتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان، ئاساسەن خىتتايچە سۆزلىشىدىغانلار بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مىللى كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ شۇ زىمىننىڭ ئىغىسى بولىشى.
بىز شۇنى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەككى، خەلقىمىزنىڭ لاگىر ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىشى ھەرگۈزمۇ ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ تۈققانلىرىنىڭ نىمە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس ھەم شۇنداقلا ھازىر خەلقىمىز يۈزلەنگەن مەسىلە يالغۇز لاگىر مەسىلىسىمۇ ئەمەس. ھازىر خەلقىمىز دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلە ۋە خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىت، مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھايات مامات مەسىلىسى. ئەگەر بىز مەسىلىنىڭ ماھىتىنى تولۇق تونۇپ يەتمەي، بىزنىڭ مەسىلىمىزنى يالغۇز مەلۇم كىشىلەرنىڭ سۆز ھەركىتى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان لاگىر مەسىلىسى دەپ قارىساق، ياكى بىز جىم تۇرغان بولساق، داۋا ئىلىپ بارمىغان بولساق، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلار لاگىرغا سولانمىغان بولاتتى دەپ قارىساق، ئەگەر لاگىر تاقالسا خەلقىمىز يۈزلەنگەن تەھدىت ئازلايدۇ دەپ قارىساق، بىز مەسىلىنىڭ نىگىزىنى تىخى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن بولىمىز. ئەگەر بىز مەسىلىنىڭ ماھىتىنى تولۇق تونۇپ يەتمىسەك، لاگىر تاقالغاندىن كىيىن، بىزدىكى ”داۋا قىزغىنلىقى“، لاگىرنىڭ تاقىلىشىغا ئەگىشىپ يەنە بىر قىتىم سوۋىيشى مۈمكىن.
مەنىڭ قارىشىمچە لاگىر ۋە ياكى خەلقىمىزنى لاگىرغا سولاپ جازالاش، ھەرگۈزمۇ  خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى مەخسىتى ئەمەس؛ لاگىر مەسىلىسى ۋە ياكى خەلقىمىزنى لاگىرغا سولاپ جازالاش، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزلىگەن مەخسىتىگە يىتىشتىكى كۆپلىگەن ۋاستىلەرنىڭ پەقەت بىرى. خىتتاي ھۆكۈمىتى ۋەتەندە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى ۋە مەدىنى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى، يالغۇز لاگىر ياكى تۈرمە ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى لاگىر ۋە تۈرمە سىرتىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئەمىللەشتۈرمەكتە. لاگىر ۋە تۈرمە ئىچىدە، خەلقىمىزنى روھىي ۋە جىسمانى جەھەتتە قىناۋاتقان، ھەتتا ئۆلتۈرىۋاتقان بولسا، لاگىر ۋە تۈرمە سىرتىدا، خەلقىمىزنى ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىدىن، ئۆرپە ئادىتىدىن، تىل يىزىقىدىن ۋە دىننى ئىتىقاتىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇرى قىلىۋاتىدۇ. خىتتاي ھۆكۈمىتى لاگىر ۋە تۈرمىدىكى قىرىنداشلارنى گۆرەگە ئىلىپ، ئۇلارنى قوللۇنۇش ئارقىلىق، خەلقىمىزگە يۈرگۈزىۋاتقان پىسخىكىلىق ئۇرۇشىنى لاگىر ۋە تۈرمە سىرتىغا، ھەتتە چەتەللەرگە كەڭەيتىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن لاگىر تاقالغاندىن كىيىنمۇ، خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىملىكىنى يوق قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچمەسلىكى مۈمكىن.
ئۇنداقتا بىز نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟ ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك، خەلقىمىز يۈزلىنىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلالايدىغان ئەڭ ئاسان، ئەڭ تىز ۋە ئەڭ توغرا بولغان ئاددى بىر يول يوق. شۇڭا بۇ سوئالغا بىرىلىدىغان ئاددى بىر جاۋاپمۇ يوق. مىنىڭ قارىشىمچە داۋانىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە كاپالەت قىلىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن بىزنى قورقۇش ۋە ياكى ۋەھىمىگە سالغان روھىي ئىشكەنجىدىن چوقۇم قۇتۇلىشىمىز كىرەك. ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز تەھدىت قىلىپ، قورقۇش پەيدا قىلماسلىقىمىز كىرەك.
بىز چوقۇم خەلقىمىز ھازىر سۈزلەنگەن تەھدىتنىڭ ماھىتىنى تولۇق تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك. يەھۇدىلار ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نازى كەمپلەرگە سولانغان ۋە ئۇ كەمپلەردە ئۆلتۈرۈلگەن يەھۇدىلارنىڭ كەمپلەرگە سولۇنۇشى ۋە كەمپلەردە ئۆلتۈرلىشىنىڭ بىردىن بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ يەھۇدى بولۇپ تۇغۇلغانلىقى دەپ تەشۋىق قىلغان ئىكەن. بىزمۇ بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.
ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقازمىساق، باشقا ھىچكىم بىزنى قۇتۇلدۇرالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يىتىشىمىز كىرەك. ئومۇم يۈزلۈك ئويغىنىشىمىز كىرەك. ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ئارا، كۆز قاراشتىكى پەرىق تۈپەيلىدىن بىر يەرگە كىلەلمىگەن تەقدىردىمۇ، ھىچ بولمىغاندا قارمۇ قارشى ھەركەت قىلماي، ئۆز ئارا زەربە بەرمەي، پاراللىل ھەركەت قىلىشقا يۈزلىنىشىمىز كىرەك. ئۆز ئارا ئىش تەخسىماتى ئىلىپ بىرىشىمىز، ئۆز ئارا ئىنكار قىلىشنى توختۇتۇپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورنۇتىشىمىز كىرەك.
بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋە ياكى ئۆزىمىز ۋەكىللىق قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ ھەق يولدا مىڭىۋاتقانلىقىنى، باشقىلارنى ۋە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەمىلى ھەركەتلىرىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلىشىمىز كىرەك. مەلۇم بىر شەخىس مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”سىنىڭ توغرا بولۇشۇڭ ئۈچۈن باشقا بىرسىنىڭ چوقۇم خاتا بولۇشى زۆرۈر ئەمەس“.
ئەگەر بىز ئۆزىمىز ئارىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلالمىساق، شەخسى ئادىۋىتىمىز ئۈستىدىن غالىپ كىلەلمىسەك ۋە شەخسى ھىسياتىمىزنى كونتۇرۇل قىلالمىساق، خىتتاي ھاكىمىيىتىدىن ئىبارەت كۈچلۇك بىر دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كىلەلىشىمىز مۈمكىن ئەمەس.
يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ”ئويغان“ دىگەن شىئىرى يائىزىلغىلى 100 يىل بولىدۇ. ئەمدى ئويغانمىساق راستىنلا جان ۋە ھەممە نەرسىمىز كىتەر.
2019 – يىلى 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى

http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/04/blog-post_18.html

Share
2376 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.