ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
بىر گەپ بار
ئابدۇرەھىم پاراچ
شامال يوق لىڭشىغان تىرەك چاۋاك سوققاندا بىر گەپ بار،
ئىشەك يا ئات بىلىپ بىلمەي قېچىر تۇغقاندا بىر گەپ بار.
سۈيى زۇمرەت كەبى ئاققان، بېلىقلار ئوينىغان دەريا،
ئەجەپ بىر ھالكى، سەن كەلسەڭ لېيىپ ئاققاندا بىر گەپ بار.
جىمى ئەل ئۇيقۇدا ياتقان قارا تۈن پەيتىدە بىردىن،
خۇراز ۋە ياكى بىر مېكيان قانات قاققاندا بىر گەپ بار.
دېڭىزدا ئوينىغان، ئۈزگەن تالايلارنىڭ ئاراسىدىن،
ئەجەپ ئىش ھە، سىنى تاللاپ چايان چاققاندا بىر گەپ بار.
ئۆزى ئاتمىشقا ياماشقان بوۋاي سۆيسە لىۋەن قىزنى،
ياقا چىشلەپ تۇرۇپ قالماڭ، لىۋەن ياققاندا بىر گەپ بار.
بىراۋ قۇچقاچقا دان چاچسا سېخى مەرتكەن ئوچۇق دەيمىز،
كۆرۈڭ خانەسىدە پەيلەر، چېچىلغان داندا بىر گەپ بار.
بۈگۈن قەشقەر، خوتەن، تۇرپان مۇسىبەتلەردە تۇرغاندا،
چۈشەنگەن بولسا ئىشتانباغ، دېمەك، روھ، قاندا بىر گەپ بار.
ئۆزى نۇرمال كۆرۈنگەن «ئۇ» خېلى ئۈنۋاننى ئالغانلار،
يەنە ئەخلەتنى «ئاپئاق» دەپ قەلەم تۇتقاندا بىر گەپ بار.
تېخى بىر نەچچە كۈن ئەۋۋەل پۇچۇق نان كەينىدىن يۈرگەن،
غوجام سالغان بۈگۈنكى ئۇ قەسىر-ئايۋاندا بىر گەپ بار.
2017. 04. 26
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.