logo

trugen jacn

بىر قېتىملىق نامايىش تەغدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

 

 

ئاپتورى: سەھەر

 

ئەسلا ئارقىمىزغا يانمايمىز.

                                     –موھانداس ماخاتما گەندى-

 

27-ئاپرىل بىلگىيەنىڭ پايتەختى برۇكسەلدە ئۆتكۈزۈلگەن، دۇنياۋى خارەكتىرلىق                                                       نامايىشىمىزدىن كېيىن، ئىجدىمائى تاراتقۇلاردا ۋە ۋاتس ئاپ  توپلىرىدا بۇ نامايىشتىن ھىچقانداق نەتىجە ئالالمىغانلىغىمىز، 20- 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل نامايىش قىلىۋاتقان بولساقمۇ ئەمما ، نەتىجە كۆرەلماۋاتقانلىغىمىز، بىر تىجارەتچىنىڭمۇ ئەگەر ھىچقانداق پايدا ئالالمىسا، تىجارەتنى باشقا تەرەپكە قارىتىدىغانلىغى ھەققىدە مۇنازىرە ۋە غۇلغۇلىلار بولماقتا. شۇ سەۋەپتىن مەن نامايىش ۋە سەبىر تاقەت شۇنداقلا ئىزچىللىق ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆز قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.  مەن بۇ نامايىشنى  بۇندىن كېيىن “بۈيۈك يۈرۈش” دەپ ئاتايمەن

 

بىز چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان، نامايىش قىلدۇق ئەمما بۈيۈك يۈرۈش قىلمىدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرگۈن تارىخىدا ھازىرغا قەدەر پەقەت 2 يۈرۈش بولۇپ ئۆتتى. بۇنىڭ بىرى 15-مارت بىر ئاۋاز بىر قەدەم دۇنياۋى خارەكتىرلىق بۈيۈك يۈرۈشى، يەنە بىرى 27-ئاپرىل،  5 مىڭ كىشىلىك برۈكسەل يۈرۈشى. بۇ ماھىيەتتە ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ 100% ئويغۇنۇشى، بىخ سۈرۈشى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشى بولۇپ ھەساپلىناتتى. بۇندىن بۇرۇن ئۇيغۇر روھىيىتى ئويغاقلىق بىلەن خامۇشلۇق ئوتتۇرسىدىكى بىر خىل ھالدا ئىدى. بۇ قېتىم ئۇيغۇر روھىيىتى كەسكىن ئويغاندى ۋە تۇنجى قەدەمنى باستى. ئۇيغۇر روھىيىتىنى دۇنياۋى سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىۋاتقىنى زۇلۇم شۇنداقلا مەۋجۈت بولۇش بىلەن يوق بولۇش ئوتتۇرسىدىكى ئىككى تاللاشنىڭ بىرى ئىدى. ئۇيغۇرلار مەۋجۈت بولۇشتىن ئىبارەت بۇ يولنى تاللىدى. ئەمما بۇ تاللاش، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقلىرى، يەر شارىنىڭ ئىسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۈنيا ئاچارچىلىغى شۇنداقلا كۈچ تالىشىش جەڭگى جىدەللىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان دۈنيا سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى

مەۋجۈت بولۇش ۋە يوق بولۇش بۇ بىر كۈرەش، بۇ بىر ئىنىقىلاپ. ئېنقىلاپ ۋە كۇرەش تىجارەتكە ئوخشىمايدۇ.  بەلكىم بۇ كۈرەش بۇ ئىنقىلاپ تەلىيىمىز كېلىپ ئەتە ئاخىرلىشىشى ۋە ياكى 100 يىل مىڭ يىللاپ داۋام قىلىشى مۈمكىن. ئەڭ مۇھىمى بۇنىڭغا بىزنىڭ ھازىرلىغىمىز ۋە تەييارلىغىمى بولۇشى كېرەك

ئەتتىگەندە بىر ئىشنى قىلىپ چۈشتىن كېيىن نەتىجىسىگە قاراش ۋە نەىجىسى بولمىسا چۈشكۈنلىشىش، ھاياجان ۋە ھىسسى مىللەتلەرنىڭ ئاجىزلىغى،ئەقىللىق مىللەتلەر، سەبىر تاقەتلىك چىدامچان، بىر ئىشنى ئۇزۇن مەزگىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرالايدىغان بولىدۇ. بەلكىم دۇنيا مۇخبىرلىرى بىزنى ھىسسى ھاياجان، بىر يۈرۈشكە چىقىپ قويۇپ 5 يىل ئۇخلاپ ياتىدىغان مىللەتمۇ؟ ياكى سەبىر تاقەتلىك ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغان، قىلغان ئىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان مىللەتمۇ دەپ سىناۋاتقان  ۋە سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن

ئەقىللىق تېلفۇنلىرىمىز ۋە ئالما كومپىيۇتورلىرىمىز ھەر ۋاقت بىزدىن،«ئاپ دەيت» قىلامسەن دەپ سوراپ تۇرىدۇ بۇ دىگەنلىك يېڭىلىنىشنى خالامسەن ياكى كونا پېتى تۇرىۋېرەمسەن دىگەندىن ئىبارەت. بىزمۇ ئەشۇ ئەقىللىق تېلىفۇن ۋە كومپىيۇتىرلارغا ئوخشاش كاللىمىزنى يېڭىلاپ تۇرىشىمىز، بۇ يىل تىككەن كۆچەتنىڭ كېلەر يىلى مىۋە بەرمەيدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىمىز. ئەركىنلىك ھۆرلۈكتىن ئىبارەت بۇ كۈرەشنىڭ ئېغىر بەدەللەر بىلەن قولغا كېلىدىغانلىغىنى بىلىشىمىز، ۋايسىماسلىغىغىمىز، ئۇزۇن بىر كېلەچەكنى پىلان، سەبىر تاقەت ۋە ئىشەنچنى ئىرادە قىلىپ يولغا چىقىشىمىز كەرەك.

 

سەبىر تاقەت ۋە چىدامچانلىق ھەققىدە گەپ بلغاندا، دوستلارغا تۆمۈر تۇمشۇقنىڭ ھەكايىسىنى ئېيتىپ بەرمەكچىمەن..

قۇچاق يەتكۈسىز يوغان ۋە قاتتىق، كۆككە تاقاشقان دەرەخلەرنى ھەجىم جەھەتتىن كىچىككىنە تۆمۈر تۇمشۇق بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئەمما تۆمۈر تۇمشۇق، تۇمشۇغى بىلەن بۇ قاتتىق دەرەخلەرنى مىسلى كۆرۈلمىگەن سەبىر تاقەت بىلەن ھەر سىكىنۇتتا 16 قېتىم ئۇرۇشتەك چىدامچانلىقتا، دەرەخ قاسراقلىرىنى ئويۇپ دەرەخقە ئۇۋا سېلىش ئىشىنى تاماملايدۇ. بۇ ئۇۋا ماھىيەتتە تۆمۇر تۇمشۇقنىڭ ۋەتىنى، مۇستاققىللىغى شۇنداقلا ھەممە  نەرسىسى ئىدى.

ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئىشلەش جەھەتتىمۇ تومۈر تۇمشۇق ئىنسانلارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە بولالايدۇ.

ھەر يىلى تۆمۈر تۇمشۇقلار جاماىتى تەشكىللىنىپ، تۆمۈر تۇمشۇغىنى ئىشلىتىپ دەرەخ قاسراقلىرىدىن تۆشۈك  ئېچىپ، ھەر بىر تۆشۈككە بىردىن ئامۇتنى قاچىلاش ئىشىنى  تەشكىللىك ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە، تۆمۈر تۇمشۇقلار بىر يازدا جەمى 60 مىڭ ئامۇتنى قىشلىق ئوزۇق ئورنىدا ساخلىۋالىدۇ.

بىزنىڭ دۇنيادىن، قېرىنداشلىرىمىزدىن شۇنداقلا مۇخبىرلاردىن رەنجىيدىغان ھەققىمىز يوق. خۇددى تۆمۈر تۇمشۇق تۇمشۇغى بىلەن بىرمۇ بىر چوقۇم ئۆز ۋەتىنىنى قانداق بەرپا قىلغان بولسا، بىزمۇ تۆمۈر تۇمشۇقتىكى سەبىر تاقەت ۋە چىدام غەيرەت بىلەن، ئانا ۋەتىنىمىزنى شۇنداق قۇرۇپ چىقىمىز. ئەگەر بىز بۇ بۈيۈك يۈرۈشىمىزنى 10 يىل ئىزچىل داۋاملاشتۇرالايدىغان بولساق، ۋە 10 يىل ئۆتكەندە دۈنيا كوچىلىرىغا تۆكۈلگەن 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كۆرەلىسەلك ئۇ چاغدا، سەھەردە ئويغانغان ۋاختىمىزدا مۇخبىرلارنىڭ بىزنى ساخلاپ دەرۋازىمىز ئالدىدا تۇرغانلىغىنى كۆرىمىز.

 

دۈنيا تارىخىدا ئۆز مۇستەققىللىغىنى قولغا كەلتۈرگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىغان مىللەتلەردۇر.

 

ھىندىستان مۇستەققىللىق ھەركىتىنىڭ بايراقدارى، ھىندىلارنىڭ روھانى لىدىرى، “بۈيۈك روھ” گەندىگە ھىندىستان خەلقى “ماخاتما” يەنى بۈيۈك روھ ئۇنۋانى بەرىدۇ. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە بۈيۈك روھ ساھىبى گەندىلەرگە ئىنتايىن ئەھتىياجلىق. گەندىنىڭ ھاياتى يالاڭغىداق ھالدا پۈتۈن ھىندىستاننى نامايىش قىلىپ ئايلىنىپ چىققان ھايات 1920 -يىللىرى ھىندىستان ئەنگىلىيە  ئىشغاليىتىدە بولۇپ، ھىندىستاندا ئىتالىيە ۋە ئەنگىليەنىڭ ئىپەك رەخلىرىدىن كىيىم كىيىش مودا ئىدى. گەندى ھىندى خەلقىگە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىپەك رەخلىرىنى بويقۇت قىلىش چاقىرغى چىقىرىدۇ ۋە بۇنىڭغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزى قولىدا پاختا رەخ توقۇپ كىيىم تىكىپ  كىيىپ، 80 گە  يېقىن كىشى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر تۇز يۈرۈشىكە ئاتلىنىپ، ھىندى ئوكيانغا يالاڭغىداق سەپەر قىلىدۇ ۋە  44 كۈن پىيادە مېڭىپ، ھىندى ئوكيانغا يېتىپ كېلىدۇ. گەندى ھىندى ئوكيان قىرغاقلىرىغا يېتىپ كېلىپ ئارقىسىغا قارىغاندا ئۆزىگە ئوخشاش قولدا توقۇلغان ئاق پاختا رەختىن تىكىلگەن كىيىم كىيگەن 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى كۆرىدۇ. دۇنيادىكى مەشھۇر مۇخبىرلار گەندىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇشقا باشلايدۇ. دىمەككى بۇ بۈيۈك روھ كۆڭۈللەرنى ئاللىقاچان فەتىھ قىلىپ بولغان ئىدى.

گەندى 44 كۈنگە سوزۇلغان بۇ يالاڭغىداق يۈرۈش  جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن يېزا قىشلاقلىرىدا، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۇز بېجىنى قانداق ئۆستۈرگەنلىگى، تۇز ساناىتىنى قانداق كونتۇرۇل قىلىۋالغانلىغى، ھىندىستاننى قانچىلىك دەرىجىدە شۈمۈرۈپ يەۋاتقانلىغى ھەققىدە نۇتۇقلار سۆزلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۈيۈك بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى گەندىنى قولغا ئالىدۇ. بۇ قېتىم 50 مىڭ ئادەم كوچىلارغا تۆكۈلۇپ گەندىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن نامايىش قىلىدۇ. يەنە بىر قېتىم بۇ بۈيۈك روھ كۆڭۈللەرنى ئاللىقاچان فەتىخ قىلىپ بولغان ئىدى. نەتىجىدە گېنەرال سمات گەندى بىلەن كۆرۈشۈشكە مەجبۇر بولىدۇ ۋە ھىندىلارنىڭ مەنپەەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر يۈرۇش بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. گەندى بۇ جەرياندا 390 كىلومېتىر  مۇساپىنى يالاڭغىداق پىيادە يۈرىدۇ. ۋەتەن قۇرۇق گەپنى جىق قىلغانلارنىڭ ئەمەس بەلكى بۈيۈك روھنى يەتىلدۈرگەنلەرنىڭدۇر. ئۇيغۇرلار قاچانكى تۆمۈر تۇمشۇق ۋە گەندى روھىنى ئوزلىرىدە يېتىلدۈرىدىكەن شۇ چاغدا دۈنيا ئادالىتىنىڭ ئىشىگى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېچىلىشى مۈمكىن.

ئۇيغۇرلاردا ھازىر بىر بەدەن ۋە بۇ بەدەن ساھىپ بولغان ئىككى قىممەتلىك نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ ئاۋاز ۋە قەدەم. ئۇيغۇرلار بۇ ئاۋازلارنى قانداق قىلىپ سادالارغا ۋە ھۇررالارغا ئايلاندۇرالايدۇ؟ بۇ قەدەملەرنى قانچىلىك چامدىيالايدۇ؟ بۇ دۇنيا تارازىسى تاتىدىغان مەسىللىلەر..

ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا بىر تال تاش بار بولسا بۇ تاشنى دەرياغا ئېتىش ياكى كۆلگە ئېتىش مەسىلىسىدە ئىنتايىن ياخشى ئويلۇنۇشى كەرەك. چۈنكى بۇ تاش دەرياغا ئېتىلىپ قالغان ھالەتتە بىخۇدە ئېتىلغان تاش بولۇپ قالىدۇ. دەريا ئۆزىگە ئېتىلغان بۇ تاشقا پەرۋامۇ قىلماي ئېقىشىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. ئەگەر بۇ تاش بىر كۆلگە ئېتىلغان تەغدىردە، كۆل تېگى تېگىدىن قوچۇلۇپ كېتىدۇ ۋە كۆل يۈزىدە قانچىلىغان چامبىرەكلەر ھاسىل بولىدۇ. تاشنى توغرا يەرگە ئاتايلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرى ئىچ-ئىچىدىن قوچۇلۇپ، يېڭى بىر ئۆزگۈرۈش ھاسىل بولسۇن.

 

يىل 2018- 8-ماي.

 

Share
1500 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.