ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
بىر غەزەل
ئابدۇرەھىم پاراچ
ئېيتقىنا، ئىنسانمۇ سەن؟ ۋە ياكى جىن شەيتانمۇ سەن؟
ياكى مەن بىچارىنى سەرسان قىلار توپانمۇ سەن؟
ھەر نىگاھىڭدىن چۈشەنسەم بىر قۇيۇننىڭ ھىدى بار،
بىلمىدىم ئەخلەت ۋە خەسنى ئوينىتار بورانمۇ سەن؟
ھېچقاچان دەردىمگە بىر دەرمان بولاي دەپ باقمىدىڭ،
ئېيتقىنا بىر راست سۆزۈڭنى، قاپقارا يالغانمۇ سەن؟
بىر ئەمەس، بىر قانچە مەررە ئالدىدىڭ سېھرىڭ بىلەن،
توۋا دەيمەن، شۇنچىلىك ئۇز بەك ئوماق ھايۋانمۇ سەن؟
ئىت جېنىدا ئۆز گۆشىنى يەمدۇ -ھە، بىر دەپ باقە،
ياكى سەن ئۇندىن بەتەررەك تائىپە قاۋانمۇ سەن؟
بىر نەزەر سالدىم، يېنىڭدا كۆرگىنىم ئازغان گۈلى،
شۇ پىچەك گۈللەر بىلەن مەستۇ-مەست ھەيرانمۇ سەن.
قىممىتىڭنى ئادىمىيلىكنىڭ ئىچىدىن ئىزدىسەم
چىقمىدى، ئادەم تۇرۇپ، يا شۇنچىلىك ئەرزانمۇ سەن؟!
ھەر ئىشىڭ تاتلىققىنە قەندەك زەھەرگە ھامىلە
بىلمىدىم، ۋە ياكى سەنمۇ ياۋ بىلەن يان-يانمۇ سەن؟
2024- 05- 16
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.