logo

trugen jacn

ئەنگلىيە يۇقىرى سوتى: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەسلىك-قانۇنسىزلىق

ئەنگلىيە يۇقىرى سوتى: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەسلىك-قانۇنسىزلىق

ئەنگلىيەنىڭ ئەرزىيەت يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 27-ئىيۇن كۈنى تارىخىي قارار چىقىرىپ، ئەنگلىيە دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەسلىكىنى قانۇنسىزلىق، دەپ ئېلان قىلغان. پائالىيەتچىلەر ۋە ئادۋوكاتلار ئەنگلىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى پارچە ساتقۇچى شىركەتلەر ئەنگلىيەگە ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولسا، قانۇنى جازاغا تارتىلىشتەك زور ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئەنگلىيەنى بازا قىلغان «دۇنياۋى قانۇن ھەرىكىتى تورى» (GLAN) بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) بىرلىشىپ ئەنگلىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە يوللىغان بۇ ئەرز، 2023-يىلى 1-ئايدا لوندون سوت مەھكىمىسىنىڭ شۇ خىلدىكى ئەرزنى رەت قىلىشىدىن كېيىن قايتا سۇنۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم يۇقىرى سوت ئەنگلىيە دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ «جىنايەتكە چېتىشلىق مەھسۇلات (بازار باھاسى بويىچە) مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن، مەھسۇلاتنىڭ جىنايى خاراكتېرى خالاس بولىدۇ، بۇ ئەھۋالدا شۇ خىل مەھسۇلاتنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ» دېگەن پىكرىنى رەت قىلغان. يۇقىرى سوت جىنايەتكە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ئۇنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەنگلىيە جىنايى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرمەسلىكىنىڭ قانۇنسىزلىق بولىدىغانلىقىنى قارار قىلغان.

«دۇنياۋى قانۇن ھەرىكىتى تورى» نىڭ بۇ دېلوغا مەسئۇل (GLAN) ئادۋوكاتى لېننا بۇرنارد (Leanna Burnard) خانىم 27-ئىيۇن لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھەقتىكى ئاخبارات يىغىنىدا يۇقىرى سوتنىڭ قارارى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. لېننا بۇرنارد مۇنداق دېدى:

«ئەلۋەتتە، بىز بۇ قارارنى كەڭ دائىرىدىن يەر شارى كاپىتالىستىك سىستېمىنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە رىقابەت ئېلان قىلىشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمى، دەپ قارايمىز. بۇ قارار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىۋاتقان ۋە سېتىۋاتقان ئەنگلىيە شىركەتلىرىگە نىسبەتەن زور ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. سوتنىڭ بۇ قارارى بۇ شىركەتلەرنىڭ ئاكتىپ پۇل يۇيۇش ۋە جىنايى مەھسۇلاتلار سودىسى قىلىش سەۋەبىدىن جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىق قانۇنى بويىچە جازاغا تارتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلىدى.»

لېننا بۇرناردنىڭ قەيت قىلىشىچە، يۇقىرى سوتنىڭ قارارى شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تازىلىشى، بولمىسا جازاغا تارتىلىشى ھەققىدە ئېنىق سىگنال بەرمەكتە ئىكەن. لېننا بۇرنارد بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ قارار شۇنى ئېنىق قەيت قىلماقتىكى، شىركەتلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تازىلىشى ياكى جازالىنىش خەۋپىگە دۇچار بولۇشى ۋە ياكى مەھسۇلاتىنىڭ جىنايى مال سۈپىتىدە مۇسادىرە قىلىنىشىغا تەۋەككۈل قىلىشى كېرەك.»

لېننا بۇرناردنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ «دۇنيادىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى توسۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى غەلىبىلىك دېلو» ئىكەن.

ھالبۇكى، ئەنگلىيەنىڭ بىر بالداق تۆۋەن دەرىجىدىكى لوندون سوت مەھكىمىسى 2023-يىلى 1-ئايدا چىقارغان قارارىدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ پىكرىنى قوللاپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشتا، ئېھتىياجلىق بولغان ئۆلچەملىك دەلىل-ئىسپات مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بۇ قېتىم يۇقىرى سوتنىڭ بۇ قارارنى رەت قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇتنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەنگلىيە يۇقىرى سوتىنىڭ قارارى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «بىر تارىخىي ۋەقە» ئىكەن. لېكىن رەھىمە ماھمۇت 27-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يەنە ئەنگلىيە يۇقىرى سوتىنىڭ قارارىنىڭ ئەھمىيىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە يۇقىرى سوتى بۇ قېتىم مال سېتىۋالغۇچىنىڭ جىنايى مالنى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋالغۇچە قوغدىلىدىغانلىقى، ئەمما مال ئۆتكۈزۈۋېلىنغان ھامان جىنايى جاۋابكارلىقى تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قارار، جىنايەتكە چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى سېتىۋالغىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكۈزۈپ ئېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ئىكەن. ئادۋۇكات لېننا بۇرنارد 27-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، يۇقىرى سوتنىڭ قارارىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى «ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى» نى بىلدۈردى. لېننا بۇرنارد مۇنداق دەيدۇ:

«تۆۋەن سوتتا ئۇتۇققا ئېرىشكەن دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار ئىدارىسى يۇقىرى سوتتىمۇ، جىنايى مەھسۇلاتلار مۇۋاپىق بازار باھاسىدا سېتىۋېلىنسا، ئۇنىڭ پاكىزلىنىپ، جىنايى مەھسۇلات بولۇشتىن قالىدىغانلىقى، بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە بىخارامان ئايلىنىشى، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭدىن ھەزەر قىلىشىغا ھاجەت يوقلۇقىنى دەۋا قىلدى. لېكىن يۇقىرى سوت مال سېتىۋالغۇچى ناۋادا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغان بولسا، بۇ مەھسۇلاتنى يۆتكىگەن ھامان بۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا چېتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق شەرھلىدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە يۇقىرى سوتى يەنە بىردەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر «كۆپ خىل، زور مىقداردىكى ۋە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ماددىي پاكىتلار» نىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلسىمۇ، ئەمما 380 دەك جازا لاگېرى جايلاشقان ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈنسېرى كۆلەملەشمەكتە ھەم سىستېمىلاشماقتا ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن «دۇنياۋى قانۇن ھەرىكىتى تورى» ئەنگلىيە يۇقىرى سوتىغا سۇنغان ئەرزىدە، خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 85 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى ۋە رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگلىيە يۇقىرى سوتى: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەسلىك-قانۇنسىزلىق! » — ئۇيغۇر (rfa.org)

Share
50 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.