logo

trugen jacn

ئەسلىمىگە ئايلانغان ۋەتەن-1

 

Abduveli ayup Eşi  ve kızı ile

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

«ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا»نىڭ داۋامى
   ئۇ ۋەتەنگە قايتىمەن دېدى. بۇ گەپ مەن ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي دېيىلىشكە باشلىغان بولغاچ ئانچە ئىرەن قىلمىدىم. تېلفونۇمغا ئىسمىنى سۈرگۈن دەپ كىرگۈزىۋالغان ئېدىم. ھەر قېتىم شۇ ئىسىم تېلىفونۇمنىڭ ئىكرانىدا پەيدا بولغان ھامان قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى قويۇپ ئوبدانراق جايلىشىۋالاتتىم. ئون بىر يىلدىن بېرى ۋەتىنىنى كۆرمىگەن، يات ئەلدە سەرسانلىق، مۇساپىرلىق كۈلپەتلىرىدىن باشقا تۈزۈكرەك ئەسلىمىسىمۇ بولمىغان بۇ دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىشنى ياقتۇراتتىم.
   مەن ئۇنىڭ بىلەن لەنجۇدا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمدا توردا تونۇشۇپ قالغانىدىم. ئۇچاغدا تۈركىيەدە ئېدى. تۈركىيىگە باردىم، ئەمما پالاكەتلىكىمدىن ۋاقتىمنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالماي كۆرۈشەلمىدىم. قايتا كۆرۈشۈشنى نىيەت قىلغىنىمدا ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتكەنلىكى ئېلخەتتە مەلۇم بولدى. مېنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارىدىغان بولغىنىمنى دوستلار ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن ئۇققىنىمۇ ۋە ئەڭ ھاياجانلىنىپ مۇبارەكلىگىنىمۇ شۇ سۈرگۈن ئېدى.
بۇ قېتىم ئۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىش قارارى كەسكىندەك قىلاتتى. ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى ئەلچىغانىغا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغانىكەن ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشتىن ئىلگىركى پاسپورتىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئەلچىخانا تور بېتى ئېلان قىلغان ۋىزا ئىلتىماس قىلىش تەلەپلىرى ئىچىدە ئۇنداق مەزمۇن يوقكەن. ئۇ ئامېرىكا پۇقراسى بولغاندا بۇرۇنقى قوڭۇر پاسپورتنى تاشلىۋەتكەنىكەن. مەن بۇنداق قانۇنسىز تەلەپ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىش تەكلىپىنى بەردىم، چۈنكى ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنمايدىغان ھەم تەلەپ قىلىنىشى ئىمكانسىز بولغان بۇ شەرتكە ئامېرىكا پاسپورتىغا ئېرىشكەن بۇ ئۇيغۇرمۇ بويسۇنماسلىقى، ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرى بويىچە ئۆزىنى قوغدىشى كېرەك ئېدى. ئەمما ئۇ يەنىلا جۇڭگوچە ئۇسۇلنى تاللىدى. بىر بېيجىڭلىققا يول مېڭىپ ئون بەش كۈنلۈك ۋىزا ئالدى.
   مىننەتدارلىق بايرىمىغا بىر قانچە كۈن قالغاندا ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ سۆيۈملۈك سوۋغا –توققۇز نان ئەپلىك قاچىلانغان بىر خالتا تاپشۇرىۋالدىم. سۈرگۈن خالتىنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قوشۇپ يېزىپ قويغانىدى. نان ۋە ئۇيغۇرچە خەت ماڭا بىر قانچە كۈنلۈك ھاياجان ئاتا قىلدى، خالتىنى ھەر ئاچقاندا نانلارغا تويماي قارايتتىم، نانلار ماڭا قاراپ تاتلىق جىلمىياتتى. ئۇيغۇرنىڭ سۆيۈملۈك چېھرىنى سېغىندۇرۇپ تۇرغان نانلار لەززەتلىك ئېدى. مۇساپىرلىق جەزىرىسىگە قوغلانغان، غېرىپلىق چۆللىرىدە ئېزىققان سەرسان ئۈچۈن ناننىڭ ھىدى، تەمى كۆچمەس ئەسلىمە، ئۆچمەس لەززەت ئېدى. 92-يىلدىن باشلاپ ھاياتىم سەرسانلىقتا ئۆتۈپتۇ. ھەر قېتىم سەپەرگە يول ئالغىنىمدا قەلبىمدە خىيال قولۇمدا نان، خۇددى يۈرىكىم ئېقىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتىم. تەتىل توشۇشقا ئاز قالغان كۈنلەردە ئانام بۇغداي ئۆڭ يۈزلىرىنى ئۆزى ياققان نانلاردەك قىزارتىپ تونۇر بېشىدا كۈننى كەچ قىلاتتى. بېيجىڭدىكى مۇساپىر كۈنلەردە ناندەك مېھىرلىك يۈزلەرنىڭ سېغىنچى خىياللىرىمدەكلا ھەمرايىم ئېدى. نانلىرىم قاقشال روھىمغا قۇۋۋەت، سولاشقان ئىرادەمگە مەدەت بولاتتى.
   ماڭا ناندەك ھالال، پاكىزە ۋە قۇۋۋەتلىك مىھرى بىلەن مەدەتكار بولۇپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكىدىكى زېرىكىشلىك قۇرغاق كۈنلەرگە ھاياجان قوشقان سۈرگۈنگە تېلىفون قىلدىم. ۋەتەندىن قايتىپ كەپتۇ. ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىمۇ بىلمىدىم، ۋەتەنگە بېرىشتىن بۇرۇنقى قىزغىنلىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئېدى. ۋەتەن ھەققىدە كوچىلاپ سوراشلىرىمدا قىسقىلا جاۋاپ بەردى، خۇددى تېلىفونننى بىرسى ئاڭلاۋاتقاندەك خۇدۇكسىرەپ. ۋەتەندىكى كەچۈرمىشلىرىمنى فېيىس بۇك دەپ ئاتىلىدىغان ئالاقە تورىغا يېزىۋاتقانمىش. تورنى ئېچىپ سۆيۈندۈم. ئۇ مەن ئويلىغاندەك ۋەتەندە كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە ھىس قىلغانلىرىغا رەسىملەرنى قىستۇرۇپ تۆۋەندىكىچە بايان قىلىپتۇ.


1.بېيجىڭدىن كۆڭۈلسىز ئۇچتۇم
    «بېيجىڭدا ئەڭ زېرىككىنىم قىستىلىش بولدى. ئاپتوبۇس، مېترو ۋە كوچا-بازارلاردا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن بېشىم قايدى. ھەممە يەردە كۆز كۆزگە، بەدەن بەدەنگە، تىنىق تىنىققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. بۇنداق چاغلاردا خالىراق بىرەر جايدا، بىر قانچە مىنۇت ئادەمسىز تۇرىۋىلىشمۇ ئاجايىپ تېپىلغۇسىز ئامەت سانىلىدىكەن. يەتتە سائەت تۇردۇم بېيجىڭدا، ئەمما يەتمىش يىللىق ھارغىنلىق يەتكەندەك ھالىمدىن كەتتىم. يۈكلىرىمنى يوللىماقچى بولۇپ تارتقۇزسام نورمىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. قانداق قىلارمەن دەپ غەم قىلىپ تۇرسام مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بىر ئۇيغۇر ئۆچىرەتكە تىزىلدى. قولىدا بىر كىچىك سەپەر سومكىسىلا بار ئېدى. شۇنچە كۆپ ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا بۇ ئۇيغۇر كۆزۈمگە تۇغقاندەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى. ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم، ماقۇل كۆرمىدى. سومكامدىن ھۆكۈمەتكە قارشى بىرەر نەرسە چېقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن. مۇشۇنداق تەڭقىسلىقتا تۇرسام بىر ئوقۇغۇچى چىراي خەنزۇ قىز ياردەم قىلدى. مەن بۇ قىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. ئون نەچچە يىللىق مۇساپىرلىقتىن، جۇدالىقتىن كېيىن بىر ئۇيغۇردىن مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ قېرىنداشلىق مىھرىنى ھىس قىلالىغان بولسامچۇ كاشكى…»
   سۈرگۈننىڭ تەسىراتلىرى رەسىم كىرىشتۈرۈلۈپ جەلىپكار يېزىلغان ئېدى. ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلىرىدىن ئەپسۇسلاندىم. مۇساپىر بولمىغانلار بىلمەيدۇ، بەلكىم قۇلاقلىرى ئاڭلىغاندۇ، ئەمما يۈرەكلىرى بىلەن ھىس قىلىپ باقمىغانلار ۋەتەنسىزلىكتە،چۆلدىكى قامغاقتەك يىلتىزسىز ھاياتتا سېغىنىشنىڭ زارقىپ كۈن ساناشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ۋەتەندە ئۇيغۇرنىڭ كۈنلىرى تۇغقانلارنىڭ تويلىرى، تونۇشلارنىڭ مېھماندارچىلىقى، كەلگەنلەرنى كۈتمەك ۋە كەتكەنلەرنى ئۇزاتماق بىلەن تۇيدۇرماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن كوچىدا تىللاپ كەتكىنى ياكى شەھەردە سوقۇپ قاچقىنى ئەمەت ياكى سەمەت، ئەمما چەكسىز ھىجران ئازابىنى يۈدۈپ ۋەتەنگە قايتقان مۇساپىر ئۈچۈن ئۇ دائىم سېغىنىپلا تۇرىدىغان ئۇيغۇر. ئۇ قۇچاقلىغىلى بولىدىغان، ئېسىلىپ يىغلىغىلى بولىدىغان، يۆلىنىپ تىك ياشىغىلى بولىدىغان ۋەتەندۇر. سۈرگۈننىڭ تەلىپىنى رەت قىلىش ھېلىقى ئۇيغۇر ئۈچۈن ئىنتايىن نورمال بىر ئىش، ئەمما ئۇيغۇرنىڭ قوينىغا يىللاپ تەلپۈنگەن سۈرگۈنگە ئۇنتۇلغۇسىز زەربە ئېدى. نېمە ئۈچۈن ھېلىقى خەنزۇ قىزنىڭ «باتۇر»لىقى ئۇيغۇردا يوق؟ چۈنكى سۈرگۈننىڭ سومكىسىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى بىرەر نەرسە چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش ئۇيغۇرغا خاس كەچۈرمىشىنىڭ نەتىجىسى. يانلىرى توختىماي ئاختۇرىلىدىغان، دوستلىرى، تونۇشلىرى مۇشۇنداق تايىنى يوق سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇلۇپ كېتىدىغان ئۇيغۇردا ئاشۇنداق قورقۇنچاقلىق بولىدۇ. ھەر يەردە، ھەر قانداق كىشىگە ئىشەنچ بىلەن باقالايدىغان، كوچىدا، بىكەتتە ۋە تۈرلۈك سورۇنلاردا تەكشۈرۈلۈش، تەقىپ قىلىنىش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالمىغان كىشىلەر توپى ئاشۇنداق باتۇر بولىدۇ.
    ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر

 

 

ئەسلىمىگە ئايلانغان ۋەتەن-2

دىيارىمىز ھەققىدىكى ساياھەتنامىسىنى تۆۋەندىكىچە داۋام قىلپتۇ سۈرگۈن. ”ۋەتەندە سودا تىجارەت ھەقىقەتەن گۈللىنىپتۇ. ئۈرۈمچىدىكى ھەيۋەت بېزەلگەن ئاشخانىلار كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىكەن. ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ بېزىلىشى ئامېرىكىدا مەن تاماق يەپ باققان ھەرقانداق ئاشخانىلارنىڭكىدىن پۇزۇر ۋە شاھانە ئىكەن. مىھماننى ئۆيلەرگە چاقىرىۋىلىشلار ئاساسەن ئاياقلاشقاندەك تۇرىدۇ. چايلار، تويلار ۋە تۈرلۈك سورۇنلار پۈتۈنلەي رىستورانلارغا ئورۇنلاشتۇرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن يىگىرمە يىللار ئىلگىرى تەنقىد قىلىنغان ئىسراپچىلىقلار بۇنداق داستىخانلاردا يەنىلا داۋام قىلىۋىتىپتۇ ۋە ھەممە ئادەم قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرچە ئادەتكە ئايلىنىپتۇ. سوراشتۇرۇشلاردىن بىلدىمكى بىرى رىستۇرانلاردا بىر شىرەگە قانچىلىك تاماق بۇيرۇلىشى توغرىسىدا ئېنىق ئۆلچەم بار ئىكەن. يەنە بىرى تائاملارنىڭ ئاز بۇيرۇلۇپ بېخىل دېگەن ئاتاققا قېلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن. قىزىق يېرى قۇرئانغا بويسۇنۇپ چوشقا گۆشى يىمەيدىغان ئۇيغۇرلار، مەزكۇر كىتابتىكى «يەڭلار،ئىچىڭلار،ئىسراپ قىلماڭلار»دېگەن ئايەتكە ئىتائەت قىلمايدىكەن. تاملارغا ئايەتلەر چاپلانغان ئاشخانىلاردىمۇ ئىسراپچىلىق داۋام قىلىۋېرىدىكەن. شۇنداقتىمۇ بەزى كىشىلەر جامائەتچىلىك كۈچسىز قالغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنىلا تەشۋىقات ۋە تەبلىغلەر بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن ۋە تەشۋىقاتنى داۋام قىلىشىدىكەن. مەنچە رىستۇران خوجايىنلىرى پۇلنى تاماقنىڭ مىقدارى ۋە تۈرىدىن تېپىشنىلا قوغلاشماي، رىستۇراندىكى سەنئەت مۇلازىمىتى، مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ساپاسى ۋە تاماقنىڭ سۈپىتى ئارقىلىق ئۈنۈم قازىنىشقا تىرىشسا، ھەربىر شىرەگە باھا ئۆلچىمى بىكىتىپ بىرىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ نامۇۋاپىق خۇي ۋە ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىدىغىنى تەرغىبات ئەمەس تۈزۈم. ئەگەر بىر شىرەگە مانچە خىلدىن ئارتۇق تاماق بۇيرۇتقانلاردىن مانچە پىرسەنت باج قوشۇپ ئېلىنىدۇ، دەپ بېكىتسە كىشىلەردىكى ئىسراپچىلىق ئازلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىدا خېرىدارلاردىن ئون پىرسەنت ئىستىمال بېجى ئىلىنىدۇ، يەنى ئون دوللارلىق تاماق يىسە بىر دوللار باج قوشۇپ ئېلىنىدۇ. ئەگەر ۋەتەندىمۇ بىر شىرەگە مىڭ سوملۇق تاماق بۇيرۇتسا يىگىرمە پىرسەنت باج قوشۇپ مىڭ ئىككى يۈز سوم ئالسىچۇ؟ كىشىلەر بىكاردىن بىكار زىيان تارتقاننىڭ ئورنىغا تاماقنى مۇۋاپىق بۇيرۇتۇپ ئىسراپچىلىق ئازلىشى مۇمكىن. پاكىستاندا تويلاردا ئۈچ خىلدىن ئارتۇق تاماق.   بار ۇيرۇتۇش قانۇنغا خىلاپ دەپ بېكىتىلگەن دەپ ئاڭلىدىم.
ئۈرۈمچىدە كۆزۈمگە ھەممە ئادەم تىجارەتچىدەك كۆرىنىپ كەتتى. سورۇنلاردا ئەڭ كۆپ بولىدىغان گەپ كىمنىڭ قانداق سودىدا قانچە پۇل تاپقانلىقى ياكى قەيەردىن قەيەرگە ئۆسكەنلىكى ھەققىدە بولىدىكەن. ئالىي مەكتەپتىكى زىيالىلار ئۆزلىرىنىڭ قانچە پۇللۇق تەتقىقات تېمىسى ئالغانلىقى بىلەن ماختىنىدىكەن. ئەمەل سورۇنىدىكىلەر ئۆزىنىڭ قانچە پۇل خەجلىيەلەيدىغانلىقى ۋە قانداق ئىشلارنى بېجىرەلەيدىغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىدىكەن. كىشىلەر سورۇنلاردا بىر-بىرىنى تونۇشتۇرغاندا تەبئىي ھالدا بايلىقى، ئەمىلى، ئۇنۋانى ياكى قولىدىن نېمە ئىش كېلىدىغانلىقى بىلەن تىلغا ئالىدىكەن. يۇقارقى ئىمتىيازلاردىن مەھرۇملار سورۇنلاردا ئىتىبارسىز قالىدىكەن، تېلىفونلىرىمۇ يېزىۋىلىنمايدىكەن. ئالىي مەكتەپلەردە تەتقىقات تېمىسى تىجارىتى، ئىدارىلەردە ئەمەل تىجارىتى، باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يانداشما مەشىق ۋە تۈرلۈك كۇرۇس تىجارىتى، تۈرلۈك تاماششا سورۇنلىرىدا تەبەسسۇم، چىراي ۋە ناز-كەرەشمە تىجارىتى ئەۋج ئاپتۇ. بۇ دىياردا خۇددى تەنتەربىيەدىن، چېنىقىشتىن كېلىدىغان ھەرىكەتنىڭ خۇشاللىقى، مۇزىكا كېچىلىكلىرى ۋە چالغۇ مۇڭلىرى ئاتا قىلىدىغان مۇڭنىڭ خۇشاللىقى، ئەدەبىيات بېغىشلايدىغان ھاياجانلىق تۇيغۇلارنىڭ خۇشاللىقى، تەمەسىز يارىدەملىشىش تەقدىم قىلىدىغان دوستلۇق پىكىرداشلىق خۇشاللىقى غايىپ بولغاندەكلا…“
سۈرگۈن 90-يىللاردىكى ئۈرۈمچىنى، شۇ چاغدىكى دوستلىرىنىڭ پەنگە، سەنئەتكە ۋە تەنتەربىيەگە ئوتتەك ئۇرۇنۇشلىرىنى سېغىنغان ئېدى. زامان ئۆزگەردى، ئۈرۈمچىمۇ 90-يىللاردىكى سۈرگۈن ياشىغان ھالىتىدە ئۇنى ساقلاپ تۇرغىنى يوق. ئەلۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك ئەركىنلىكى يوق، ھەم قانداق شەكىلدە، قانداق نىشانغا قاراپ ئۆزگىرىشىمۇ ئۆز ئىختىيارىدا ئەمەس. سۈرگۈن ئالىي مەكتەپتە تونۇشقان دوستلار ھازىر ھەرقايسى ساھەلەردىكى مەنپەئەتلەنگۈچىلەر ۋە مەنپەئەتلەندۈرگۈچىلەرگە ئايلىنىپ بولدى. ئۇلار سۈرگۈن ئايرىلغان چاغدىكى ئۆزىنى تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە روھىيەتتىكى ھادىسىلەرنى، تىلسىملارنى يېشىشكە بىغىشلىغان ئىلىمسۆيەر ياشلار ئەمەس، بەلكى مەۋجۈت تۈزۈم ۋە سىياسەتلەردىن بەھىرلىنىپ مەئىشەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى. ئۇلار كىشىلىك راھەت پاراغەتنى مەنزىل قىلىپ كېتىۋاتقان پويىزدىكى يولۇچىلار خالاس، ئۇلار نە يول ياسىغۇچى، نە رولچى نە يول كۆرسەتكۈچى ئەمەس. سۈرگۈننىڭ قەلىمىدىكى قېيىداش، ئىنكار قىلىش، قاقشاشقا ئوخشاش تۇيغۇلار ماڭا يېڭىلىق ئەمەس ئېدى. مەنمۇ شۇنداق ھىسلارنى يازاتتىم بەزەن. روھىمىز دېمىسىمۇ مۇشۇنداق قاقشاشلار ۋە قاغجىراشلار ئىچىدە قۇرۇپ، قورۇلۇپ بارماقتا ئېدى. يوغان كالتەك بىلەن ئۆزىمىزنى تازا ساۋاپ پۇخادىن چىقمىساق، يارىلىرىمىزنى بولىشىغا سىقىپ قىينىلىش لەززىتىگە چۆكمىسەك كۆڭلىمىزدىكى ئازاپ تىنجىمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى ماڭىمۇ.
ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر

 

 

ئەسلىمىگە ئايلانغان ۋەتەن-3

ھارغىن قەشقەر


”كىچىكىمدە قەشقەردىكى باغچىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم.“ دەپ باشلاپتۇ سۈرگۈن قەشقەردىكى كەچۈرمىشلىرىنى. ”باغچىنىڭ ئالدىدىكى پۇتبۇل مەيدانىدا مۇسابىقە كۆرگەندىكى ھاياجانلىرىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. چەتئەللەردە سەرسان بولۇش جەريانىدا ياۋروپاغا مەشھۇر كۇلۇپلارنىڭ مۇسابىقىلىرىنى كۆردۈم. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىلىرىنىمۇ نەق مەيداندىن كۆرۈپ باقتىم. ئەمما قەشقەردىكى ئاشۇ پۇتبۇل مەيدانىدا ۋارقىراپ ئۈنلىرىم پۈتۈپ كەتكەن قىزغىنلىقنى؛ ئۆزۈمنى، ۋاقىتنى، دۇنيانى ئۇنتۇپ مەيداندىكى توپچىلار بىلەن، مۇسابىقە بىلەن بىر تەن بىر جان بولۇپ كەتكەن ھىسسىياتنى تاپالمىدىم.
قەدىمكى مەھەللىلەر شۇنچىلىك مۇڭلۇق، شۇنچىلىك غېرىپ، شۇنچىلىك ئۈنسىز. ئەمما يېڭىدىن ئاۋاتلاشتۇرۇلغان ھىچ يەردە جىمجىتلىق يوق. ئاپتوبۇستا ئېلان قۇلاقنى زېرىكتۈرىدۇ، باغچىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇق ئويۇنچۇقلار مىڭەڭنى يەيدۇ. شەھەردىكى ئازراق ئادەمسىز بوشلۇق تىپىلسا شۇ يەرگە ئۇسۇلچىلار پەيدا بولىدۇ-دە كانايلاردىن، ياڭراتقۇلاردىن چىققان جالدۇر-جۇلدۇر سادالار نېرۋاڭنى قوچۇشقا باشلايدۇ. قەشقەر قۇچاقلاپ ئاقىدىغان تۈمەن ئاساسەن قۇرۇغان، تۈمەننى ئوراپ ئۇزاقلارغا بوي سوزغان گۈل بەرگىدەك كۆللەر قۇرىغان ئېدى. قەشقەرنىڭ يۈزلىرى قورۇپ يېرىلغان، لەۋلەرى چاڭقاپ قوۋزاقلىغان ئېدى. مەن سېغىنغان چىرايلار مۇڭلانغان، قامەتلەر ھالسىرىغان. مۇدھىش ئىس تۈتەك، بىزەڭ توپا-تۇمان ھەممە يەرنى قاپلىغان. ماڭا ھەممە نەرسە يېڭى. كوچىدىكى دەرەخلەردىن تارتىپ كوچىنىڭ ئىسىملىرىغىچە يات. مەن رومانلاردىن ئوقۇپ ئىشتىياق باغلىغان يۈز يىل بۇرۇنقى پارىژدىكى بىنارلار شۇ پېتى، بوۋام تەسۋىرلەپ بەرگەن ئىستانبول كوچىلىرىدا ئېزىپ قالمايمەن. ئەمما ئۆزۈم چوڭ بولغان قەشقەر ماڭا يات، ناتونۇش. ماڭا قەشقەردە بىنالار بارغانچە ئىگىزلەپ كىشىلەر بارغانچە پاكارلاپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى تولىمۇ نۇرسىز، سۇلغۇن، ھارغىن كۆرىنىدىكەن. قارىماققا ئۇلارنىڭ جۇغى ۋىۋىسكىلاردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەردەك ۋىجىك، ئۆلچەمسىز ۋە ئاجىز تۇيىلىدىكەن. خۇددى مەن كۆرگەن چەتئەل شەھەرلىرىدىكى بارلىق روھسىز، ئىمكانسىز، زەيىپ كىشىلەر قەشقەرگە يىغىۋىلىنغاندەك. مەسجىدلەرگە كىرسەڭ تېخىمۇ شۇ. گېزىتلەرنى ئوقۇپ بەرگەندەك ئاڭلىنىدىغان خۇتبە ۋە تەبلىقلەر. بىر جۈمە كۈنى غەزىنىچى بەگ مەھەللىسىدىكى بىر جۈمە نامىزىغا داخىل بولدۇم. خاتىپ مۇنبەردە تۇرۇپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ بولالماي دەرىزە ئالدىغا كېلىپ تەبلىق قىلدى. ئەمما جامائەت كۆپ بولغاچقا يەنىلا ئاڭلىيالمىدۇق. كىشىلەر ئارام ئالىدىغان جامائەت سورۇنلىرىدا ياڭراتقۇلارنىڭ كاكىرىشى بىلەن مەسجىدلەردە كانايسىز قېلىشى روشەن سېلىشتۇرما ئىكەن.
كىشىلەر ھالسىز، ھارغىندەك قىلغان بىلەن ئاشخانىلار ئاۋات،چايخانىلار ئاۋات، دېسكوخانىلار قايناق ئىكەن. مەن بىلەن ساۋاقداش ئوقىغانلارنىڭ بىر ئىككى يۈرۈش ئۆي، ئېسىل ماشىنىسى بار ئىكەن. لېكىن چىرايلىرىدا شۈكۈرچانلىقتىن باشقا مەزگىلسىز قورۇق، چاچلىرىنى ئاق ئارىلىغان. بەدەن ھارغىن بولغاچ ھەرخىل كېسەللەر چىرمىغان، روھ سۇلغۇن بولغاچ چىرايدا نە نۇر، نە زوق ۋە شاتلىق يوق. نېمە ئۈچۈن؟ يەۋاتقان تاماق ئىشەنچسىز، سېتىۋالغان تاۋار ئىشەنچسىز. ئىدارىدە ئىقتىدارىغا، جەمئىيەتتە بىخەتەرلىكىگە، ئائىلىدە سالاھىيىتىگە كاپالەت يوق. كىشىلەر توپلىنىشقا، جامائەتچىلىككە شۇنچە ئۆزىنى ئۇرىدىكەن، ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ئۇنۇتقان ھالدا جامائەتچىلىكتىن، ئادەمىگەرچىلىكتىن قالمايدىكەن، ئەمما يەنىلا ئەنسىز، شۇنچە ئادەم جامائەت ۋە ئىزدەپ قانماس تۇققانلار ئىچىدىمۇ ئۆزىنى كۈچسىز، يالغۇز،خەۋپتە ھىس قىلىدىكەن. ئۆزى خالىمىغان خىزمەتنى قىلىش، ئۆزى ياقتۇرمىغان كىشىلەر بىلەن ئىشلەش، ئۆزى مەجبۇر مۇھىتتا ياشاش، ئۆزى شەك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئىستىمال قىلىش، خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ خاتالىشىش، ھارامنى بىلىپ تۇرۇپ رەت قىلالماسلىق، ئادالەتسىزلىككە نارازى بولۇپمۇ باقماي باش ئىگىش، ھەق سۆزدىن تىلىنى، ھەق يولدىن ئۆزىنى تارتىش كىشىلەرنى ھارغىن قىلىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن. ياشاشقا ماھىر، سۈلكەتلىك قەشقەر ئۇيغۇرلىرى بەلكىم ئاشۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، تەشۋىشلىك ھايات سەھنىسىدە بىرلا ۋاقىتتا نەچچە خىل رول ئىلىپ بولالماي ھىرىپ كېتىۋاتقان بولسا كېرەك.
ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر

 

ئەسلىمىگە ئايلانغان ۋەتەن-4

خوتەندىكى شاھلىق

   ”خوتەن بىلەن قەشقەرنىڭ زادى قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلمىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىدىن تارتىپ دۇككانلىرىغا مال تىزىشلىرىغىچە، ئىتقادقا، ھۈنەرگە، تۇرمۇشقا ۋە تىجارەتكە پۇختىلىقىدىن تارتىپ ئۆيلىرىنى بېزەشلىرىدىكى سەنئەتلىرىگىچە ئوخشىشىپ قالىدىكەن. پەقەت خوتەندە ”شاھلار“نىڭ كۆپلىكى دىققىتىمنى تارتتى. ئەنجۈر پادىشاھى، ياڭاق پادىشاھى، تېرەك پادىشاھى دېگەندەك شاھلار خوتەننى ”سورايدىكەن“.
   مەرھۇم شائىر روزى سايىتنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدىم. رەھمەتلىكنىڭ ياتقان جايى كادىرلار قەبرىستانلىقى بىلەن دېھقانلار قەبرىستانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىكەن. كادىرلار قەبرىستالىقىنىڭ يېنىدا مەخسۇس كادىرلارنىڭ ئاخىرەتلىكىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر ئىمارەتنى كۆردۈم. قارىغاندا پارتىيلىكلەرنى ئىشلەتكەن ئىدارە ئورگانلاردىكىلەر نامازنى قانداق چۈشۈرۈشنى بىلمىگەچكە ياكى پارتىيە نىزامنامىسىدە دەپنىگە ئائىت ماددا بولمىغاچقا مەخسۇس مۇشۇنداق بىر ئورۇننى تەسىس قىلغان بولسا كېرەك. دېھقانلار قەبرىستانلىقى سۈننەتكە ئۇيغۇن بولۇپ خىش سىمۇنت بىلەن قەبرە قاتۇرۇلمىغان، ھەيۋەتلىك مۇنارلار تىكلەنمىگەن، كادىرلار قەبرىستانلىقى بۇنىڭ دەل ئەكىسچە.
    خوتەندە مەخسۇس ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخى سۆزلىنىشكە باشلاپتۇ. بۇ تارىخنىڭ رىۋايەتلىك ئاساسى «غەرپكە ساياھەت» تەك قىلىپ تۇرىدۇ. قالغانلىرى بۇ يەرگە كەلگەن، كەلمىگەنلەرنىڭ يېزىپ قويغان ياكى يېزىشقا ئۈلگۈرمىگەنلىرىكەن. ھاياتلار شۇ يېزىلمىغانلارنى زامانغا لايىق رەڭ كىرگۈزۈپ جانلاندۇرۇپ ئۈلگۈرۈپتۇ. شۇ يازمىلارغا ئاساسەن راۋاقلار، ئابىدىلەر ياسىلىپ ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ قوشۇپ قۇراشتۇرۇشلىرى بىلەن بېيىپ ئۇيغۇرلارمۇ بىلمەيدىغان ھەم ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئۇيغۇر تارىخى بارلىققا كەپتۇ. بۇ ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى بويىچە«غەرپكە ساياھەت»دىكى ئاياللار دۆلىتى بۈگۈنكى كۇچامىش. مۇشۇنداق رىۋايەتلەرنى خېلى كۆپ ئاڭلىدىم، لېكىن قىزىقمىغاچ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
    خوتەندە ئەپسۇسلىنارلىق يېرى ئادەمنى ۋاي دېگۈزگىدەك ئاتا بوۋىلاردىن قالغان بۈيۈك ئىمارەت يوق ئىكەن. خۇددى بىزنىڭ دۆلەت قۇرۇپ ئوردا بىنا قىلغان بوۋىلار سەلتەنەتلىرى بىلەن ئىمارەتلىرىنى قەبرىسىگە بىللە ئېلىپ كەتكەندەك. ئويلىنىپ قالدىم، ھەسرەت بىلەن، خوتەندە ھۆكۈم سۈرگەن سەئېدىيە دۆلىتىنىڭ شاھزادىلىرى بىرەر داچا سالدۇرمىغان بولغىيمىدى، قارا خانىلار دۆلىتىدىن بىرەر مۇنار ۋە ياكى جامە قالمىغان بولغىيمىدى. كىشىنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قول بىلەن سىلىغىلى بولمايدىغان، كىتاب ۋە يۈرەكلەرگىلا يېزىلغان تارىخنى ئەۋلادلارغا قانداق سۈرەتلەپ بېرىمىز. ئەسلى ئەجدادلاردىن قالغان قەسىرلىرىمىزنىڭ بىرەر تېمى، مەرھۇم جەڭچىلىرىمىز قىلغان جەڭلەرنىڭ بىرەر پارچە خەرىتىسى، ئاتىلار جان بەرگەن قورغانلارنىڭ بىرەر بۇلۇڭى ساقلىنىپ قالغان بولسا ئېدى،  تارىخنى شۇلار ئۆزى سۆزلەيتتى. ئۇلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى، ياساپ زامانغا ماسلاشتۇرغىلى بولمايتتى. كىتابنىڭ سۆزلىگىنى ھىكايە، ئاسارە ئەتىقىنىڭ سۆزلىگىنى ھامان پاكىت بولاتتى ئەمەسمۇ؟
    خوتەندە باغلاردا دەرەخلەر شاھ ئىكەن، ئاشخانىلاردا تائاملار شاھ ئىكەن. ئەپسۇس، ئەسلىدە ئىنساننىڭ سۆزى، خىيالى، ئىتقادى، ئىرادىسى ۋە ھۆرلۈكى شاھ بولۇشى كېرەك ئېدى. شەھىدانە خوتەندە ھەققانىيەتنىڭ، ئادالەتنىڭ، ھۆرلۈك ۋە باراۋەرلىكنىڭ شاھ بولۇشىنى تىلىدىم. ئىنسان شاھ بولمىغان يەردە تائامغا،دەرەخكە نېمە شاھلىق؟»

ھىچيەرلىك ھىچكىم

    ۋىزامنىڭ ۋاقتى مىنۇتسىرى توشۇشقا باشلىدى. ھاياتىمدا ۋاقىتنىڭ بۇنداق تېز ئۆتكىنى ئىسىمدە يوق. مۇساپىرانە تۇرمۇشتا كۈندە نېمە قىلغانلىقىم ئەمەس يىلدا نېمە قىلىدىغانلىقىمنىمۇ بەش قولدەك بىلەتتىم. ۋەتەندىن ئايرىلىشقا ساناقلىق سائەتلەر قالغاندا كەچۈرمىشلىرىمنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم. ئۈرۈمچىنى، قەشقەرنى، خوتەننى كۆرۈپتىمەن. باشقا يۇرت-ئايماقلارنى كۆرۈشكە ۋاقتىم يېتىشمىدى. ئاخىر جاپاسىنى بىلسەممۇ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرۇپ، دوستلارنىڭ تەكلىپ-تەۋسىيەلىرىنى رەت قىلىپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئاپتۇبۇس بىلەن ماڭماقچى بولدۇم. شۇنداق قىلسام كۆرەلمەي ئارماندا قالغان ئاقسۇ، توقسۇ، كۇچا، كورلا، توقسۇن قاتارلىق بوستانلىقلارنى ئارىلاپ ماڭغىلى بولاتتى. ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتىگە كېلىپ بۇ تاللىشىمدىنمۇ ئۈمىدسىزلەندىم. بۇ مەن ئالىي مەكتەپكە ماڭغاندا ئۇزايدىغان بىكەت ئەمەس ئېدى.
    ئاپتۇبۇسنى تاللىشىمدا ھېچكىمگە تىنمىغان يەنە بىر سەۋەپمۇ بار ئېدى، ئالىي مەكتەپكە ماڭغان يىلىم بىر قىز مېنى ئاشۇ بېكەتتە ئۇزۇتۇپ قالغان ئېدى. قىزىل ئەتلەس كۆينەك ئۈستىگە ئاق تور كوپتا كىيگەن ئۇ قىز ھاياتىمدىكى ماڭا ئەڭ چىرايلىق كۆرۈنگەن تۇنجى ھەم ئاخىرقى قىز بولۇپ قالغان ئېدى. شۇندىن كېيىن جاھان كۆردۈم، گۈزەل ئاتالغانلارنى جىق ئۇچراتتىم، ئەمما قىزىل ئەتلەس كۆينەك كىيىپ، قىزىل ۋىلسىپىت يېتىلىگەن قىزنىڭ تۇرىقى ماڭا مەڭگۈلۈك گۈزەللىك ھەققىدە ئۆڭمەس رىۋايەتلەرنى ئەسلىتىپ تۇردى. مەن ئۈچۈن گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمى ئۇنىڭ ئوتلۇق بېقىشلىرى، تاتلىق كۈلۈشلىرى ۋە نازلىق قايرىلىشلىرى ئېدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتىدىكى مېنى ئۇزاتقان شۇ تۇرىقى ماڭا پۈتۈن ھاياتىمغا يەتكىدەك ھاياجان ئاتا قىلىپ كەلدى. ئاتا-ئانام مۇساپىرەتتىكى چاغلىرىمدا قازا قىلدى. قېرىنداشلىرىم بىر قورساق ئاكا-ئاچىلىرىم بەش قىتئەگە تارىلىپ كەتتى. ۋەتەنگە نېمىشقا شۇنچە تەلمۈردۈم؟ ئون ئايغا يېقىن ۋەتەندىن ئالاقە ئۈزۈلگەندە نېمىشقا شۇنچە ساراسىمگە چۈشتۈم؟ نە ۋەجىدىن ئۆزۈمنى شۇنچە يوقۇتۇپ ئېزىلىپ كەتتىم؟ ئەسلىدە ئەسلىمىلىرىمدە ياشاپ، قاقشال روھىمنى نەملەپ، مىسكىن كۆڭلۈمگە تەسەللىي بولۇپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ئۇزۇتۇشتىن، ماڭا ۋەتەننى ئەسلىتىۋاتقان ئاشۇ ئاداققى مەنزىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپتىمەن، ئەنسىرەپتىمەن. ئۇ مېنى ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بەزىدە بېكەتتە، گاھى ئىمكانسىز قالغان چاغلىرىدا ئۆيىدە، ۋەياكى ئىش ئورنىدا ئۇزىتاتتى، لېكىن مەن ئۇنى ئۇزىتىپ باقمىدىم. ئۈرۈمچىگە بىر قېتىم چىققاندىمۇ قەشقەرگە ئۇزۇتۇپ قويمىغان ئېدىم. توغرىسىنى ئېيتسام، مەن ئۇنى ئۇزۇتۇشقا بەرداشلىق بىرەلمەيتتىم. ۋەتەندىن ئالاقە ئۈزۈلگەن چاغلاردا تالاي ئاغرىدىم، ئۆلدۈم يۈز قېتىملاپ. ئۆلۈمۈمنى ئويلىساملا ئۇنىڭ ئاق رومال ئارتقان چىرايلىق ھالىتىنى ئەسلەيتتىم. ئۇنىڭ ھەرقانداق كىيىمدە چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم. ئۆزۈمنى دائىم ئۆلۈمگە ئۇزۇتۇپ خىيال قىلغان بىلەن ھاياتىمدا ئۇنى ئۆلۈپ خىيال قىلىپ باقماپتىمەن. نېمە ئۈچۈن تېلفۇن ئىچىلىپلا ئون يىللاپ قايتمىغان ۋەتەنگە ئۆزەمنى ئاتتىم. چۈنكى شۇ قارا كۈنلەردە ئۇنى ئۆلۈپ كېتىپ چۈشەپ كەتتىم. قايتا-قايتا كۆرگەن شۇ دەھشەت چۈشلەر مىنى ئالدىراتتى. خۇددى ئەمدى كۆرمىسەم ئىككىنچى كۆرەلمەيدىغاندەك. ۋەتەندە ئۇنى ئاللاھ تاسادىپىيلا كۆرۈشكە نىسىپ قىلدى. كۆردۈم، بالىسى بىلەن تاكسى توسۇپ تۇرغان ھالدا. ھىچ ئۆزگەرمەپتۇ. نازاكەتلىك تۇرىقى، تاتلىق كۈلۈشلىرى بىلەن بەش چامدام يىراقتىكى ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرىۋاتقان مېنى يىگىرمە يىللار ئاۋالقىدەك مەڭدەتتى، تەمتىرەتتى. ئارىدا توي تارتىپ بىر ماشىنا ئۆتتى. ئۇ ماشىنىنىڭ كەينىدىن ئۇزاق قاراپ تۇرۇپ كەتتى ۋە دۇئاغا قول كۆتۈردى. سومكىسىدىن قولياغلىقنى چىقىرىپ كۆزلىرىنى سۈرتتى. ئۇنىڭغا كۆرۈنۈشنى خالىمىدىم. ماڭا ئۇنىڭ مەن نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋادىن نەپەسلىنىۋاتقانلىقى، مەن ياشاۋاتقان دۇنيادا مەۋجۇدلىقى تەسەللىي ئېدى. ئۇنى ساق كۆرگىنىم، يالغۇز ھىس قىلمىغىنىم تەسەللىي بولدى. روھىمغا يەنە بىر تەسەللىي قوشقان يېنىدىكى پەرزەنتىگە ئىچىمدە دۇئا قىلدىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىنى نەملىگەن ياش مېنىڭمۇ بارماقلىرىمدىن سىرغىپ چۈشتى.
    ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان ئاپتۇبۇس  بىكەتتىن ئايرىلدى. كۆز ئالدىمدا يەنە ئوتقاشتەك، ئەتىرگۈلدەك ھىلىقى قىزنىڭ ئوبرازى گەۋدىلەندى. يىگىرمە يىلدىن بېرى تالاي سەپەرلەردە بولدۇم. يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا دائىم شۇ ئوبراز، شۇ قىز. ئەمما بىكەت يىگىرمە يىل ئاۋالقى بىكەت ئەمەس، قەشقەرمۇ ئۇ چاغدىكى قەشقەر ئەمەس. كۆزۈمنى يۇمدۇم، يەنە بۇندىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقى تاتلىق تۇيغۇلارغا چۆمدۈم. ئۇ چاغدا سەپەردە ئۈچ كۈن گەپمۇ قىلماي،تۈزۈك تاماقمۇ يىمەي،تۇنجى ھىجراننىڭ شىرىن ئەۋجىدە تەۋرىنىپ ئۈرۈمچىگە بارغان ئېدىم. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى. يول بويىدىكى شەھەرلەرگە قاراپ كۆزلىرىمنى جەلپ قىلغۇدەك، نەزىرىمنى تارتقىدەك يېڭىلىق بايقىمىدىم. يوللار يەنە شۇ يىگىرمە يىل بۇرۇنقىدەك زېرىكىشلىك، پۇل تۆلىگەن جامائەتكە لايىق ئاممىۋىي ھاجەتخانا، مەسجىد ۋە پاكىزەرەك ئاراملىق يەر يوق، شەھەر-ئۆتەڭلەردە نە تازىلىق، نە تەرتىپ، نە قەدىناس مەنزىرىلەر يوقنىڭ ئورنىدا. يول بويىدىكى شەھەرلەر شۇ قەدەر ئوخشاشكى پۈتكۈل بىنالارنى بىرلا ئادەم سالغاندەك.
سەپەردە يەنە ئويلىدىم، مەن كىم ؟ مەن قەيەرگە مەنسۇپ؟ مەن ئۇيغۇر، مەن ۋەتەنگە مەنسۇپ، لېكىن ۋەتەنچۇ ؟ ۋەتەن ماڭا مەنسۇپ ئەمەس. ۋەتەن ماڭا ناتونۇش، كوچىلار ماڭا يات، كىشىلەر ماڭا ئۆز ئەمەس. مەن نېمە بولدۇم ؟ كۆرمىسەم سېغىنىمەن،كۆرسەم پۇچىلىنىمەن. ۋاقتىنى دەقىقىلەپ سانىغان ۋەتەن كۆز ئالدىمدا مەن تەسەۋۋۇرۇمغىمۇ سىغدۇرالمايدىغان بىر ھالەتتە. ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئاجايىپ بىر مەھرۇملۇق قەلبىمنى چۇلغىۋالدى. ئامېرىكا ئامېرىكىلىقلارنىڭ! ھەربىر تام، ھەربىر تاش، ھەربىر گىياھ ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدا مەن سېنىڭ دەپ خىتاپ قىلىدۇ، پىچىرلايدۇ. مەن مۇساپىرەتتە، تېنىم يات ئەللەردە. چىگراسىز دېڭىز، چەكسىز دالىلارغا چىققانلىرىمدا، پاسىلسىز ئاسمان، پايانسىز كۆككە باققىنىمدا ساڭا قايتىمەن، باغرىڭغا قانىمەن، قوينۇڭدا ھاياتنىڭ ھوزۇرىغا ئېرىشىمەن دەپ چۈشەپ خىيال قىلىپ كەلدىم. سەنسىز ياشىدىممۇ؟ ياق ياشاپ باقمىدىم، ئىنساندەك، ئىنسانىي لەززەتلەردە ياشاپ باقمىدىم. پەقەت ياشاشقا مەجبۇرلاندىم. مانا قايتىمەن دېگەن ۋەتەندە يەنە سۆيۈنەلمىدىم. ۋەتەن ئۆزگەرگەن، زامان ئۆزگەرگەن. ھەتتا ھەربىر تاش، ھەر ئوچۇم تۇپراقمۇ ئۆزگەرگەن. ئۆزگەرمىگىنى پەقەتلا. ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتكەن، دەۋر تۇمانلىرى قەلبىمدىكى ئۆڭمەس مەنزىرىلەرنى يېڭىلىغان. رەھىمسىز مۇھىت ئارزۇ ۋە غايىلىرىمگە نامۇناسىپ ھالەتنى كۆز ئالدىمدا نامايەن قىلغان ئېدى. ئامېرىكىدا ئون نەچچە يىل تۇرۇپ ئۆزۈمنى ھېلىلا كۆچۈم كېتىدىغان كۆچمەندەك ھىس قىلاتتىم دائىم. ۋەتەندە قىينىغىنى قارارسىزلىق، ئەنسىزلىك، چارىسىزلىك. ئۆزۈمنى ماڭا مەنسۇپ دەپ سېغىنىپ كەلگەن تۇپراقتا شۇنچە ئاجىز، ئىمكانسىز، كېرەكسىز ھىس قىلدىمكى نەۋايىنىڭ


جۇنۇن ۋادەسىگە مايىل كۆرەرمەن جانۇ زارىمنى،
تىلەرمەن بىر يولى بۇزماق بۇزۇلغان روزىگارىمنى.


   دېگەن بىيىت دائىم ئېسىمگە كېلىۋالدى. ۋەتەنگە قايتمىغان، ئۇنچە زەلالەتلەرنى كۆرمىگەن بولسام ئىمكانسىزلىقىم بۇ قەدەر بىلىنمەستى، كۆرۈپ تۇرۇپ ھىچ ئىش قىلالماسلىق ماڭا ئاجىزلىق، كىرەكسىزلىك دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈردى. مەن ئامېرىكىنى ماڭا مەنسۇپ ئەمەستەك ھىس قىلاتتىم، ماڭا مەنسۇپ بولىدىغىنى مېنى باغرىغا تەشنا قىلىۋاتقان ۋەتەن ئېدى. كېلىپ بىلدىم مەن ۋەتەنگە مەنسۇپ بولغان بىلەن ۋەتەن ماڭا، ماڭىلا خاس ئەمەسكەن. ۋەتەندە شۇنداق قىسىلدىم، ھىسلىرىم قەلبىمگە سىغماي قىسىلدىم، ياشلىرىم كۆزلىرىمگە سىغماي قىسىلدىم، مەيۇسلىكىم مۇشتلىرىمغا سىغماي سىقىلدىم، بۇ سۈرگۈن تېنىم ھىچ ماكانغا ماسلاشماي قىسىلدىم. بىلىمىن نوپۇسۇم تېنىم ئامېرىكىدا، لېكىن قەلبىم ئامېرىكىغا تەۋە ئەمەس. روھىم ۋەتەندە ئەمما ۋەتەن ماڭا تەۋە ئەمەس. ئۇنداقتا بۇ قامغاقتەك يىلتىسىز ھايات ئاتا قىلغان تەگسىز غېرىبلىق ماڭا مۇشۇنداق ھەمراھ بولۇپلا ئۆتەرمۇ؟ ئۆزۈمنى ئۆمۈلچۈك تورىغا ئىلىنىشىپ قالغان پەرۋانىدەك ھىس قىلدىم. تىرىكلىك، تۇرمۇش دېگەنلىك تورىدىن چىقالماي تىرمىشىش، ئۆلمەسلىك ئۈچۈن جان تالىشىش، توغرىسى، تىرىكتاپلىق دېگەنلىكتەك تۇيۇلدى. ئاخىرى ئاڭقاردىم، ۋەتەن مەندەك مومىلارنىڭ ئارمانلىرىدا توقۇلۇپ بوۋىلارنىڭ جانلىرى بەدىلىگە تىكلەنگەن تۇغىدىن يۈز ئۆرىگەنلەرنىڭ ۋەتىنى ئەمەس ئىكەن. ۋەتەن مەندەك تاشلاپ قاچقانلارنىڭ، كۆيۈپ ئۆچكەنلەرنىڭ ئەمەس، كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ ۋەتىنى ئىكەن. ۋەتەن كۆيۈكتىن قورقۇپ تىتىرىگەن زەيپانىلەرنىڭ ئەمەس،ئۆزىنى يالقۇنغا ئۇرۇپ چاراسلاپ يانغان مەردانىلەرنىڭ ۋەتىنى ئىكەن…»
    سۈرگۈننىڭ يازغانلىرى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشقان ئېدى. دەسلەپتە ئوقۇغاچ باھا يېزىپ ماڭغانىدىم. ئاخىرىغا كەلگەندە نېمە دەپ ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلەلمەي قالدىم. نېمە ئۈچۈنكى سۈرگۈن ۋەتەندىن قايتقاندىن كېيىن تىلفۇن قىلماس بولدى. فېيسىبوكتىكى باھالىرىمنىمۇ ئوقۇمىغاندەك قىلاتتى. ۋەتەنگە قايتىدىغان كۈنلىرىم يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە خەت يازدىم. «بېرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ پۇشايماندا قالىسەن، يازمىلىرىمغا بەرگەن باھالىرىڭنى ئوقۇپ سېنى شۇنداق خىيالدا بولسا كېرەك دەپ گۇمان قىلغان، ئاخىرى ئويلىغىنىمدەك بوپتۇ. قىزىڭغا ئۇۋال قىلما، قۇرۇق ھاياجاندىن ھىچ ئىش ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەمەس، ھەم ئەسلا كەلمەيدۇ». مەن ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىم. ۋەتەنگە قايتىپ مائارىپچىلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا سۈرگۈننىڭ دوستلىرى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ئۈندىدار توپىغا قوشۇلۇپ سۈرگۈنگە گەپ ئەۋەتتىم، ئۇچۇر يازدىم، لېكىن جاۋاپ بەرمىدى. مەن ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى شۇنچە ياخشى ئۆتكەن دوستلار ئالاقىنى ئۈزگەن ئېدى. ئۇلار ئەنسىرەيتتى. ئۆزىنىڭ مەن سەۋەبلىك ۋىزا ئالالماي قېلىشىدىن، ۋىزا ئىلىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ تەقىپ قىلىنىشىدىن خاۋاتىرلىنەتتى. مەنمۇ ئۇلاردىكى بۇ قورقۇنچنىڭ مەنبەسىنى بىلگەچكە ھەيران قالمايتتىم. پەقەت سۈرگۈندەك قەدىردان دوستلاردىن ئايرىلىپ قالغاندەك بىر تۇيغۇ بەزىدە يۈرۈگۈمنى مۇزلىتاتتى.

    ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر.

Share
2155 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.