ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
25-ماي كۈنى ئۈرۈمچى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە چىققان ئىسيان ھەققىدە تۇنجى خەۋەر بەرگەن خوڭكوڭدىكى مىڭباۋ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تۈرمىدىن قاچقان 10 نەپەر مەھبۇسنىڭ 9 نەپىرى 14-17 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى، بۇلاردىن 3 نەپىرىنىڭ ئابدۇسالام، ناسىر ۋە مەۋلان قاتارلىق ئاقسۇ ئايكۆللۈك بالىلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ ھەقتە ئايكۆل ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچىلار تۈرمىدىن قاچقان ئايكۆللۈك ئۆسمۈرلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئەمما مىڭباۋنىڭ خەۋىرىدىكى يۇقىرىقى مەلۇماتلار، رادىيومىز تەرىپىدىن ئىلگىرى ئىشلەنگەن «ئاقسۇ ئايكۆلدىكى سىياسىي تۇتقۇنلار» ناملىق چاتما خەۋىرىمىزدىكى مەلۇماتلار بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئوخشاشلىققا ئىگە.
بىز مىڭباۋ گېزىتىنىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاقسۇنىڭ ئايكۆل ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى مىڭباۋ گېزىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئۆسمۈرلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئايكۆللۈك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى مەزكۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ دېلوسىنى تۇتقان ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
مىڭباۋنىڭ خەۋىرىدە تۈرمىدىن قاچقان مەھبۇسنىڭ بىرىنىڭ ئابدۇسالام ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا كۇنمىڭدىن قايتۇرۇلغان ۋە ئايكۆلدە تۇتقۇن قىلىنىپ 20 يىللىق كېسىلگەن 19 ياشلىق ئابدۇراخمان روزىنىڭ ئابدۇسالام ئېزىز قاتارلىق دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
مىڭباۋ گېزىتىدە يەنە، ئابدۇسالام بىلەن ناسىرنىڭ ئەسلىدە ئاقسۇ ئىشچى -تېخنىك مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ۋە 2014-يىلى 11-ئايدا تۇتۇلغانلىقى يېزىلغان. بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاقسۇ ئايكۆللۈك ئۆسمۈر مەھبۇس ئەلى مامۇت ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدىمۇ ئەلى مامۇتنىڭ ئاقسۇ ئىشچى-تېخنىك مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىكتە 11-ئايدا تۇتۇلغانلىقى ۋە تېررورلۇق گۇرۇپپىسى تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا يەنە مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ توپلىشىپ قول تېلېفونى ئوينىغانلىقى، يەنى قول تېلېفونىدا ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر جازاغا يولۇققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مىڭباۋ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە 17 ياشلىق ناسىر بىلەن مەۋلاننىڭ پارتلاتقۇچ ياسىغانلىقى ئۈچۈن جازالانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلىشىمىزدا، 19 ياشلىق مەھبۇس ئابدۇراخمان روزىنىڭ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە بومبا ياساشقا ئائىت ماتېرىياللارنى تۆردىن كۆرگەنلىكى يەنى پارتلاتقۇچ ياساشنى ئۆگىنىشكە ئۇرۇنغانلىقىنىڭمۇ، ئۇنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرىدىن بىرى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشىرىمىزدا، ئاقسۇ ئىشچى-تېخنىك مەكتىپىدىن تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلەردىن ئەلى مامۇت، ئابلىكىم تۇرسۇن ۋە ئابدۇسالام ئېزىز قاتارلىق ئۈچ ئوقۇغۇچىدىن باشقا يەنە ئاز دېگەندە 4 ئوقۇغۇچى بارلىقى مەلۇم بولغان، ئەمما كىملىكلىرى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى. شۇڭا مىڭباۋنىڭ خەۋىرىدە دېيىلگەن تۈرمىدىن قاچقان 10 مەھبۇسنىڭ ئاقسۇ ئايكۆللۈك ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئابدۇسالام، ناسىر ۋە مەۋلان ئىسىملىك ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە.
ئاقسۇ ئايكۆلدە 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنى رامىزان ھارپىسىدا ساقچىلارنىڭ خالىغانچە ئادەم تۇتقۇن قىلىشىغا قارشى ئاممىۋى ئىسيان كۆتۈرۈلگەن ۋە ئىسيان قانلىق باستۇرۇلغان ئىدى. شۇڭا 2014-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغالغاندا ئاقسۇ ئايكۆل نۇقتىلىق زەربە بېرىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان ۋە ئايكۆل پەيشەنبە بازاردىكى كۆپ ساندا ياشلار بىلەن بىرلىكتە بىر تۈركۈم ئۆسمۈرلەرمۇ زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/osmurler-turmisi-06062016144821.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.