logo

trugen jacn

ئۇيغۇر مىللىتى تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگەر بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ھازىرلىنىشى كېرەك

 

ئۇيغۇر مىللىتى تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگەر بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن ھازىرلىنىشى كېرەك

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

قاتىل چىن چۇۋەنگو 2016.يىلى 8. ئاينىڭ 30. كۈنى شەرقى تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەندە قولىدا، شىجىنپىڭ بەرگەن ئۇيغۇرلارنى يوقۇتىشنىڭ تەپسىلى پىلان، پروگراممىسى بار ئىدى.يۇرتىمىزدا مىللىي قىرغىنچىلىق بۇيرىغىنى بەرگۈچى ئەسلى قاتىل شىجىنپىڭ، ئىجرا قىلغۇچى جاللات بولسا چىنچۈۋەنگودۇر.
چىن چۈۋەنگو ئۈرۈمچىدە ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بىر كۈندىن كېيىن، يەنى 2016. يىلى 8. ئاينىڭ 31. كۈنى ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلاردىن ئابدۇقادىر ياپچان ئىستانبۇلدا ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قولغا ئېلىندى.
ۋەتەن ئىچى، سىرتىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كوپۇنچىسى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كەلگۈسى قارا كۈنلەرنىڭ نە قەدەر دەھشەتلىك بولىدىغانلىغىنى چۈشىنىپ يەتمىگەن ئىدى. ئۇرۇشسىز بىر شارائىتتا ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز ئۇچىرىغان جىسمانى، ماددى ۋە مەنىۋى چىقىملارنىڭ مىقتارىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ جۇملىلەرنى يېزىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردىمۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۇچۇنلا ئولتۇرىلىۋاتقان، تۇرمە، جازا لاگىرلىرىدا جسمانى ۋە مەنىۋىي ئازاپ- ئۇقۇبەتكە دۇچار بۇلىۋاتقان سان ساناقسىز ئىنسان بار. چەتئەلدە ئىسلام دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارغا ئۇچىرىدى. بۇنچىۋالا مىللى خوراش بەدىلىگە غەرب دۇنياسىدا ئۇيغۇر مىللىتى ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرگە قارشى سادالار يۈكسىلىۋاتقان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا مەدياسىدا ھەر كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپتە تۇتۇلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆڭۈللەرنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر خەۋەر ئارگىنتىنادىن كەلدى.

خىتاي، ئامېرىكىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاننىڭ ئاچچىغىنى ئۇيغۇرلاردىن چىقىرىدۇ

ئارگېنتىنادىكى G-20 يېغىنى ئاخىرلاشقان 2018.يىلى 12. ئاينىڭ 1. كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ، ئامېرىكا پرېزدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتى ۋە كېلىشتى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي، ئامېرىكىدىن زور مىقداردا يېزا ئىگىلىك، سانائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئىنىرگىيە سېتىۋېلىش ئارقىلىق تىجارەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىشقا ۋەدە بەرگەن. 90 كۈنلۈك تىجارەت كېلىشىمى مۆھلىتى جەريانىدا ئامېرىكا، خىتاي ماللىرىغا تامۇجنا بېجىنى ئاشۇرمايدىغان بولغان. خىتاي تەرەپ تەخنولوگىيەنى ئوغرىلاشنى، خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنى پاتېنت ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قىستاشنى توختۇتۇشقا مۇلايىملىق بىلەن ماقۇل بولغان.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسدا سودا مەسىلىسى ھەل بولسىمۇ، باشقا سۈركۈلۈشلەر داۋاملىشىدىغانلىقى ئېنىق. بىراق بۇ قېتىمقى تىجارەت ئۇرۇشىدا ئاق بايراق چىقىرىپ تەسلىم بولۇشقا مۇجبۇر بولغان خىتاي، ئامېرىكىدىن يېگەن تاياقنىڭ ئىنتىقامىنى ئاجىز ئۇيغۇرلاردىن چىقىرىدۇ. خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ تارىختىن بويانقى ئورتاق ئالاھىدىلىگى، كۈچلۈكلەردىن يېگەن تاياقنىڭ ئاچچىغىنى ئاجىزلاردىن چىقىرىشتۇر. ئەمدى شىجىنپىڭ ئامېرىكىغا بولغان نەپرىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈستىگە قۇسىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان مىللى قىرغىنچىلىقنى خىتاينىڭ يۈزىگە ئۇرۇپ ئارام بەرمەيۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئامېرىكا. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قارا كۈنلىرى قىسقا زاماندا ئاخىرلىشىشى ناتايىن.

خىتاي نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۇمۇمىيۈزلۈك قىرغىنچىلىقنى باشلىدى؟

خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۇمۇمىيۈزلۈك قىرغىنچىلىقنى باشلىدى؟ دىگەن سوئالغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن خىلمۇ خىل ئىزھات بەرگەنلەر بولدى. ئۇلارنىڭ ئىزھاتلىرىمۇ ئۇرۇنلۇق. بىراق خىتاينىڭ تىنچ شارائىتتا، ئۆز پۇخرالىرىم، دەپ كەلگەن بىر مىللەتنى تۈپتىن يوق قىلىۋەتىش نىيىتىنىڭ ئارقىسىدا، خىتاي كومىنىستىك پارتىسىنىڭ دۇنياۋى ئىستىراتىگىيىلىك مەخپى پىلانى بار. ئۇيغۇر مىللىتىگە سېلىنغان قول، ئۇ پىلاننىڭ ئالدىن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسمى. خىتاي ھاكىمىيىتى بۈيۈك بىر ئۇرۇش تەييارلىقىدا. شىجىڭپىڭنىڭ 13 خىل بۈيۈك ھوقۇقنى ئۆز قولىدا توپلىشى، خىتاي ئاساسى قانۇنىدىكى دۆلەت رەئىسىنىڭ 5+5=10 يىللىق مۇددىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆمۈر بويى دۆلەتنىڭ بېشىدا تۇرۇشقا يول ئېچىشى، دۆلەتكە ئائىت شىركەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، تېخنولوگىيە ئارقىلىق خەلقنى نازارەت قىلشنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە سۈكۈت، سۈكۈت ئىچىدە ئەنسىزلىك كەيپىياتىنى قايتىدىن ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ئۇمۇملاشتۇرۇش… ئۇرۇش تەييارلىقىدىن كېلىپ چىققان زۆرۈرىيەتلەردۇر.
ئۇرۇش تەييارلىقىدا بولىۋاتقان ھەربىر دۆلەت ئالدى بىلەن ئىچكى جەھەتتىكى بىخەتەرلىكىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى شەرت. خىتاي ھاكىمىيىتى ئەگەر ئۇرۇش بولسا بىزگە ئاسىلىق قىلىدىغان خەلقلەر كىم؟ دەپ ئۆيلىغاندا بىرىنجى بولۇپ ئەقلىگە كېلىدىغان خەلق ئۇيغۇرلاردۇر.
مېنىڭ 2011.يىلى ئىستانبۇلدا Cinius نەشرىياتى تەرىپدىن نەشىر قىلىنغان “Ejderhanın Korkusu” دىگەن تۈركچە كىتابىمدا خىتاينىڭ دېڭىزدا ئەمەس، قۇرۇقلۇقتا، شەرقتە ئەمەس، غەربتە ئۇرۇش قىلىش ئىستىراتىگىيىسى بويىچە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق تەپسىلى ئانالىز يۈرگۈزگەن ئىدىم. خىتاي تارىخى بويىچە دېڭىزدا قىلغان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە مەغلۇپ بولغان، زېمىن ۋە بايلىقلارنى تارتقۇزۇپ قويغان. بولۇپمۇ يېقىنقى زامان تارىخىدا خىتاي، شەرقتە يوقۇتۇپ قويغانلىرىنى غەرىپتىن تۆلىتىۋېلىش ئۈچۈن ھەركەن قىلغان بولۇپ، ئەسكىرى يۈرۈشلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ۋە زېمىن، بايلىقلارغا ئېرىشكەن. ھەرقانداق تىجارەتچى زىيان تارتىدىغان تىجارەتنى قىلمايدۇ. دۆلەتلەر مەجبۇر قالمىسىلا مەغلۇپ بولىدىغان ئۇرۇشقا ئەسلا كىرمەيدۇ. خىتايلارنىڭ موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە باشقۇرۇش تەجىربىسى بار. خىتايلار، خۇددى دېڭىزدا ياپونىيە ۋەياكى ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشىدىغاندەك تىرە تاراقشىتىپ يۈرسىمۇ، ئەملىيەتتە پۈتۈن ئۇرۇش تەييارلىقلىرىنى شەپىسىز ھالدا غەربتە داۋاملاشتۇرماقتا. بېيجىڭنىڭ كۆزى ئاجىز، كىچىك دۆلەتچىكلەرگە بۆلۈنگەن ئورتا ئاسىيا ۋە ھەزەر دېڭىزى ساھىللىرىدا كۆمۈلگەن 4 تىرىليون دوللار قىممىتىدىكى نېفت ۋە تەبى گازدا. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىدىكى خەتەرلىك توسالغۇ بولغان ئۇيغۇرلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا مەجبۇر. چۇنكى،تارىختىكى تالاس ئۇرۇشىنىڭ پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتنى خىتايلار ئۇنتۇغىنى يوق. خىتاي مىللىتىنىڭ دىنى يوقتۇر. دىنى تارىخىدۇر. ئۇلار ھەرقانداق چوڭ مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ھەل قىلىش چارىسىنى تارىختىن ئىزدەيدۇ. خىتايلار تاڭ دەۋرىدە شەرقى تۈركىستاننى ئىشخال قىلغاندىن كېيىن غەربى تۈركىستانغا 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلدى. مىلادى 751.يىلى 7. ئايدا تالاس يېقىنلىرىدا كۈتۈپ تۇرغان تۈركىستان، ئەرەب بىرلەشمە قوشۇنى بىلەن ئۇچراشتى. دەل بۇ پەيتتە شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، ياغما، قارلۇق بىرلەشمە قوشۇنلىرى، خىتاي قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ ئۇرۇشتا خىتاينىڭ 70 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنىڭ 50 مىڭى يوقىتىلدى. 20 مىڭى ئەسىر ئېلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي 1000 يىل سەددىچىننىڭ ئىچىدىن چىقمىدى ۋە غەرب تەرەپكە قاراشقىمۇ پېتىنالمىدى. بۇ قېتىم ئارقىدىن خەنجەر يېمەسلىك ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ۋەياكى يوقىتىشنىڭ مانۋىرىنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك بەلگىسىنى دىجىتاللاشتۇرۇپ، كىملىكلەرگە ئارخىپلارنى كىرگۈزۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA لىرىنى توپلىشى، تۈرمە ۋە يىغىۋېلىش لاگىرلىرى قۇرۇلۇشىغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ،ئۇيغۇر ئاھالىلارنى تۈرمىلەرگە تولدۇرۇشى، جازا لاگىرلىرىدىكى كۈزىتىش، باشقۇرۇش تۈزىمىنى سىستىمىلاشتۇرىشى، خوتەن- چەرچەن- كورلا تۆمۈر يول لىنيىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ ۋە ئەمگەك كۈچى ئاجرىتىشى، بۇ ئىنسانسىز تۆمۈر يول لىنىيەسىدىكى چۆللەردە يەرئاستى تۈرمە شەھەرلىرىنى بەرپا قىلىشى… ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش شارائىتىدا قانداق كونترول قىلىشنى ۋە مەخپى يوقۇتۇشنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۇش ھەرىكىتىدۇر. بۇ ئەينى زاماندا، ئورتا ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغۇسى نوپۇس قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنقى مانۋىرىدۇر. ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قازاق، قىرغىز قېرىنداشلىرىمىزنى ئاكتىپ ئىشلىتىپ كەلگەن خىتايلار، بىر يىلدىن بۇيان قازاق، قىرغىزلارنى تۈركۈملەپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سۇلاۋاتىدۇ. قىيناش ئۇسللىرى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، تۇتۇپ سۇلاش كۆلىمىمۇ ناھايىتى كەڭ. خىتاي ھۈكۈمىتى قازاقىستان، قىرغىزىستاننىڭ سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىدۇ.

خىتاي نېمە ئۈچۈن ئورتا ئاسىيانى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ؟

خىتاي ئېغىر دەرىجىدە ئىقتىسادى، سىياسى، ئىجتىمائىي كىرىزىس ئىچىدە. خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسىگە خىتاي خەلقى ئىشەنمەيدۇ. خىتاي كومىنىستىك پارتىيە ئەزالىرىمۇ كوممۇنىزىم غايىسى دېگەن سەپسەتىگە ئىشەنمەيدۇ. ئامما خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەخىتتىن ئۆزلىگىدىن چۈشۈش نىيىتى قەتئى يوق. خىتاي خەلقىدە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇدەك ئىشەنچ،بىرلىك ۋە ئىرادە يوق. كرىزىستىن چىقالمىغان ھەرقانداق دۆلەت ھاكىمىيىتى چىقىش يولىنى ئۇرۇشتىن ئىزدەيدۇ. خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق ئۇرۇش تەۋەككەلچىلىگىگە كىرىش قاراملىقىغا تەييارلىنىۋاتىدۇ.ئىچكى ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇشنىڭ ۋە خەلقنى نامراتلىققا قانائەت قىلىپ ياشاشقا رازى قىلىشنىڭ چارىسى باشقا بىر دۆلەت بىلەن ئۇرۇشقا كېرىشتۇر.
ھەرقانداق چوڭ دۆلەت ئۇرۇشنى ئۆز زىمىنىدا ئەمەس، باشقىلارنىڭ زېمىنلىرىدا قانات يايدۇرۇش ئىستىراتىگىيىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. 1904-1905. يىلدىكى رۇس- ياپون ئۇرۇشى خىتاينىڭ لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ياپونلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ ئۇرۇشتا ياپونلاردىن 700 مىڭ، رۇسلاردىن 600 مىڭ ئەسكەر ئۆلگەن بولۇپ، ئۇرۇشقا قاتناشمىغان ئامما ئۇرۇشقا سەھنە بولغان خىتاينىڭ لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدا ئىككى تەرەپنىڭ بومبا، ئوقلىرىغا يەم بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن خىتاي پۇخراسىنىڭ سانى 600 مىڭ نەپەر ئىدى. ئاتوم بومبىسىنىڭ مەۋجۇدىيىتى 3. دۇنيا ئۇرۇشىنى بۇگۈنگىچە كېچىكتۈرۈپ كەلدى. دۇنيادا ئادالەت يوق، كۇچ بار. كۇچ ئىنساننىمۇ، دۆلەتنىمۇ قۇتىرىتىدۇ. ناپالىيوننىمۇ، گىتلېرنىمۇ كۇچ قۇتراتقان. خىتاينىمۇ كۇچ قۇتۇرتىۋاتىدۇ. كۈچلۈك بولغان ھىچبىر دۆلەت قىرغىنچىلىقنى ئۆز پۇخرالىرىم دېگەن خەلقلەرنى قىرىشتىن باشلىغان ئەمەس. ئامما، خىتاي ئۇنى قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىدى رەقىپلىرىنىڭ دىققىتىنى ئورتا ئاسىيا تەرپىگە جەلپ قىلىش. خىتاي ئامېرىكا بىلەن ئورتا ئاسىيادا ئۇرۇشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا ئىچكى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر قالسا، ئارقا سەپ بەك ئۇزاقتا قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇش تەشەببۇسكارلىقىنى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويىدىغانلىقى مۇقەررەر. ئامېرىكىنىڭ ۋېتنام، ئافغانىستان، ئىراقتا ئۇرۇشۇپ بەك مۇۋاپپەقىيەتلىك بولالمىغانلىقىنى كۆرگەن خىتاي، ئورتا ئاسىيادا ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ۋە ئورتاقلىرىنى ھالسىرىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

خىتاينىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى (刘亚洲)لىيۇ ياجونىڭ 2010. يىلى نەشىر قىلىنغان ”غەربى دىيار نەزىرىيەسى“(西部论) دىگەن كىتاۋىدا شۇ جۇملىلەر يەر ئالغان “ غەربكە يۈزلۈنۈش بىزنىڭ ئۈچۈن پەقەتلا ئىستىراتىگىيەلىك بىر تاللاش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەينى زاماندا ئۈمۈدىمىز. ھەتتا بۇگۈنكى بىر (خىتاي) نەسىلىنىڭ تەقدىرىدۇر. مۇكەممەل جوغراپىيەلىك ئورنى بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. غەربنى (ئورتا ئاسىيا تۈرك جومھۇرىيەتلىرىنى دىمەكچى) چىگرا رايونى دەپ ئەمەس، بەلكى ئالغا ئىلگىرلەش نىشانىمىزدىكى رايون دەپ بىلىشىمىز لازىم. ئورتا ئاسىيانى ئىشخال قىلىش خىتاينىڭ ئورتا ۋەدىلىك دۆلەت سىياسىتى ئىكەنلىگىنى ئۇنۇتماسلىق لازىم.

ئۇرتا ئاسىيادىكى رۇس ئامىلى

بەزىلەر، خىتاي ئورتا ئاسىيا تۈركى جۇمھۇرىيەتلەرگە ھۇجۇم قىلسا رۇسلار قاراپ تۇرامدۇ؟دەپ سورايدىغانلىقى مۇھەققەق. رۇسىيەنىڭ 1991. يىلدىكى نوپۇسى 149 مىليون ئىدى. 2018. يىلدىكى نوپۇسى 144 مىليون. نوپۇسى ئازىيىپ بېرىۋاتقان رۇسىيەنىڭ 17 مىليون كۋۋادىرات كىلومېتىر زىمىنىدىكى چىگىرا لىنىيەسى 61 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، چىگرادا پوستا تۇرۇشقا تېگىشلىك ئەسكەر سانى ئىنتايىن يېتەرسىز. İMF 2018. يىللىق مەلۇماتىدا روسسىيە ئىقتىسادى كۇچلەر تىزىملىكىدە 12. قاتارغا تىزىلغان بولۇپ، جەنۇبى كورىيىدىنمۇ كېيىن تۇرىدىغان ئىقتىسادى كۇچ. خىتايلار بولسا، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ھەجىمى بىزنىڭ گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىنمۇ كىچىك، دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. روسسىيە، سوۋىت ئىتتىپاقىدىن مىراس قالغان قۇرال كۈچى ۋە قۇرال-ياراق سانائىتى بىلەن كۈچلۈك بولسىمۇ ئىقتىسادى جەھەتتىن يىلدىن يىلغا يىگىلەپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەت. شۇڭا ئورتا ئاسىيادا خىتاينىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىنى غۇرۇرىغا يىدۈرەلمىسىمۇ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا روسسىيە ئۈچۈن سىبىرىيە، ئورتا ئاسىيادىن مۇھىم. رۇسلار تارىختىمۇ سىبىرىيە ئۈچۈن بۈيۈك تۈركىستاننىڭ بىر قىسمى بولغان شەرقى تۈركىستاندىن ۋازكەچكەن. گەرچە بۈگۈن روسسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان بىلەن ئەسكىرى ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزگەن بولسىمۇ، تارىخ يەنە تەكرارلىنىشى مۇمكىن.

1860-1856-.يىللىرىدىكى 2. قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كەينىلا مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنگىلىز، فرانسۇزلارغا يېڭىلىشىنى پۇرسەت بىلگەن چار روسسىيىسى خىتاينىڭ ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقى شىمالىدىن 400 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر زىمىننى بېسىۋالدى. خىتايلار تەرىپدىن (海参崴) خەى ىشەنۋەئى دەپاتىلىدىغان ۋىلادىۋوستوك پورتى ئەنە شۇ چاغدا بېسىۋېلىنغان. بۇ سەۋەپتىن غۇرۇرى قاتتىق سۇنغان خىتايلار، ئىنگىلىزلار بىلەن فرانسۇزلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ، رۇسلار بېسىۋالغان مانجۇرىيە زىمىنىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. مەنچىڭ خانىدانىنىڭ يىغىسى يىللار بويى پەسەيمىدى. خىتايدىن بۈيۈك مىقداردا مەنپەت قوپارغان ئىنگىىلىز ۋە فرانسۇزلار رۇسلارغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتتى. بېسىمغا چىدىمىغان رۇسلار، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە شەرقى تۈركىستاننىڭ يولىنى كۆرسەتتى. سىبىريەنى بەرمەيدىغانلىقىنى، شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋىلىشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، مەنچىڭ ئارمىيىسى شەرقى تۈركىستانغا قەدەم باسقاندا ئىلى رايونىنى مەنچىڭغا تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كېتىش ۋەدىسىنى بەردى ۋە 1875.يىلى كوروپاتكىن شەرقى تۈركىستانغا بېرىپ ئىگەلىگەن ئىستىغپارى دوكىلاتى بولغان “ئالېكسىي نىكۇلايېۋىچ كوروپاتكىن: قەشقەرىيە: تارىخى ۋە جوغراپىيەۋي ئوچېرىك” (Алексей Николаевич Куропаткин: Кашгаря: Историко-Географический Очерк) ئىسىملىك دوكلاتنى تەقدىم قىلدى. بىراق مەنچىڭ ھۈكۈمىتى، قۇرال- ياراقلىرى، ئۇزوق- تۈلۈكلىرى يوقلىغىنى باھانە قىلىپ رۇسلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، زوزۇڭتاڭنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان رۇسلار، مەنچىڭغا كېپىل بولۇپ ئىنگىلىزلاردىن قەرز ئېلىپ بەردى ۋە ئىنگىلىزلاردىن ئالغان ئالتۇنلارغا قۇرال- ياراق، ئۇزوق تۈلۈك سېتىپ بەرگەن رۇسلار، زوزۇڭتاڭنى شەرقى تۈركىستانغا يولغا سالدى. شۇنداق قىلىپ شەرقى تۈركىستان بىلەن مەنچىڭنىڭ كۆڭلىنى ئالغان رۇسلار ئىستىراتىگىيىلىك ئەھمىيىتى مۇھىم دەپ قاراپ خىتايدىن كېسىۋالغان سىبىرىيە زېمىنلىرىنى ئەبەدىي ئۆزىنىڭ قىلىپ ساقلاپ قالدى.
سىبىرىيە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندىن ۋازكەچكەن رۇسلار، يەنە سىبىرىيە ئۈچۈن غەربى تۈركىستاندىنمۇ ۋاز كەچمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى 16 مىليون نوپۇسلۇق قازاقىستاندا 5 مىليون رۇس ۋە باشقا سىلاۋيان مىللەتلەر ياشايدۇ. روسلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قازاقىستاننىڭ شىمالىدىكى سانائەت شەرھەرلىرى ۋە پايانسىز كەتكەن تېرىلغۇ ئىكىنزارلىقلرىنى ئىگەنلىگەن. گەرچە قازاقىستان ھۈكۈمىتى بىرمۇ ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىشىغا رۇخسەت بەرمىگەن بولسىمۇ،بۈگۈن قازاقىستاندا دۆلەتتىن ياردەم ئېلىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان 1000 دىن ئارتۇق رۇس ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەۋجۇت. ئۇنىڭدىن باشقا قازاقىستاندىن ئايرىلىپ روسسىيە بىلەن بىرلىشىش غايىسى بىلەن قۇرۇلغان مەخپى رۇس تەشكىلاتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى پائالىيەتلىرى ناھيىتى جانلىق. خىتايلار بۇ ئەھۋالدىن بەش قولدەك خەۋەردار. كۈنى كەلگەندە خىتايلار، رۇسلارغا، بىز سىبىرىيىنىڭ داۋاسىنى قىلمايلى. قازاقىستاننىڭ شىمالى سىلەرگە قالسۇن، ئورتا ئاسىيانىڭ قالغان قىسمىغا كۆزۈڭلارنى يۇمۇڭلار، دىسە، تارىختا شەرقى تۈركىستاندىن ۋازكەچكەن رۇسلار ئېغىر كۈندە قالسا غەربى تۈركىستاندىن ۋاز كېچىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟! 2. دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا پولشانى گېتلەر گېرمانىيىسى بىلەن بۆلۈشكەن رۇسلارنى قازاقىستاننى خىتاي بىلەن بۆلۈشمەيدۇ؟ دەپ ئىشەنچە قىلىش مۇمكىنمۇ؟

خىتاينىڭ، شەرقى تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تۈركىستان تۇپراقلىرىنى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئاتوم ئۇرۇشى مەيدانىغا ئايلاندۇرۇش نىيىتى بارمۇ؟

دۇنيادا 70 يىل ئىچىدە 8 دۆلەت تەرىپىدىن 2056 ئاتوم بومبىسى سىناق قىلىپ پارتلىتىلغان بولۇپ، بۇ ئاتوم بومبىلىرىنىڭ 502 سى قازاقىستان بىلەن شەرقى تۈركىستان زېمىنلىرىدا پارتلىتىلدى. غەربى ۋە شەرقى تۈركىستان تەۋەسىدە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان رادىياسسۇننىڭ تەسىرى ئاستىدا راك ۋە باشقا كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ ھاياتىنى قايبەتتى. غەربى تۈركىستاندا ئارال كۆلىنىڭ 90%نى قۇرۇپ كەتكەن بولسا، شەرقى تۈركىستاندا لوپ نۇر كۆلى تامامەن قۇرۇپ كەتتى. بۈگۈن تۈركىستان زېمىنلىرىنى ئاتوم قاتارلىق رادىئوئاكتىپ قۇراللار قۇرشاپ تۇرماقتا. شەرقى تۈركىستاننى ئىشخال قىلىپ تۇرغان خىتايدا ئاتوم بومبىسى بار. تۈركىستاننىڭ قوشنىسى روسىيەدە ئاتوم بومبىسى بار. شەرقى تۈركىستاننىڭ قوشنىلىرى ھىندىستان، پاكىستاندا ئاتوم بومبىسى بار. ئافغانىستاننى ئىشخال قىلىپ تۈركىستانغا قوشنا بولغان ئامېرىكىدا ئاتوم بومبىسى بار. ئامما تۈركىستانلىقلارنىڭ قولىدا ئاتوم بومبىسى يوق.

سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىن قازاقىستانغا 1200 ئاتوم بومبىسى مىراس قالغان بولۇپ، ئاتوم بومبىسى قاچىلانغان بۇ راكىتالارنىڭ ئۈستىگە رۇسچە ۋە خىتايچە 1200 خىتاي شەھەرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان. ئىسمى يېزىلغان شەھەرلەر ئارىسىدا ئۈرۈمچىمۇ بار ئىدى. ئامېرىكا ۋە روسسىيە، قازاقىستاننى رادىئوئاكتىپ قوراللاردىن خالى بىر دۆلەت قىلىش پىلانىغا نۇرسۇلتان نەزەربايەۋنى قايىل قىلدى ۋە قازاقىستاندىكى ئاتوم بومبىلىرىنى رۇسلار سۆكۈپ ئېلىپ كەتتى. بۇگۈن تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ ھېچبىرسىدە ئاتوم ئۇرۇشىغا قارشى ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان ياكى كوزۇر قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئاتوم بومبىسى يوق. شۇئان، قازاقىستاندا ئەقلى بېشىدىكى زىيالىلار پۇشايماندا. نىمە ئۈچۈن؟ سەۋىت ئىتتىپاقىدىن ئۇكرايناغىمۇ 1200 ئاتوم بومبىسى مىراس قالغان بولۇپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە روسسىيە ئۇكرايناغىمۇ قازاقىستانغا قىلغان تەكلىپتە بولۇنغان ئىدى. قازاقىستاندىكى ئاتوم بومبىلىرى سۆكۈلۈپ كېتىلىپ بىر يىلدىن كېيىنمۇ ئۇكرائىنا ، ئاتوم بومبىسىدىن ۋاز كەچمەيمىز، دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە روسسىيە ئۇكرائىناغا يېڭى بىر تەكلىپ بىلەن كەلدى؛ ئۇكرائىناغا كىم ھۇجۇم قىلسا، بۇ 3 بۈيۈك كۇچ كلىپ ئۇكرائىنانى قوغدايدۇ. ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە مەڭگۈ كېپىل بولىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ ئاتوم بومبىلىرىدىن ۋاز كېچىشى قارشىلىقىدا بۇ دۆلەتكە بۈيۈك مىقداردا ئىقتىسادى ياردەم بېرىلىدۇ. ئاخىرى قايىل قىلىنغان ئۇكرائىنا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، روسسىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئىمزالاتتى. ئۇكرائىنادىكى رادىئوئاكتىپ قۇراللار 1994. يىلى سۆكۈلۈپ ئېلىپ كېتىلدى. ئۇكرائىنانىڭ زىمىنىنى دۈشمەندىن قوغداش ئۈچۈن كېپىل بولۇپ ئىمزا قويغان 3 بۈيۈك كۈچنىڭ بىرسى بولغان روسسىيە 2014. يىلى مارتتا ئۇكرائىنانىڭ قېرىم ئارىلىنىى ئىشخال قىلىۋالدى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيىنى ئەيىپلەپ قويۇشتىن باشقا ھېچبىر ئەسكىرى ھەركەتتە بولمىدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن بەزى قازاق زىيالىيلىرى ئەندىشىگە چۈشكەن بولسىمۇ، ئاستانە ئىككى ئاچ بۆرىنىڭ ئارىسىدا بىخىرامان ئوتلاۋاتقان قۇزىدەكلا بىغەم ۋەياكى بىغەم قىياپەتكە كىرىۋالغان ۋەزىيەتتەتۇرماقتا . دۇنيا، خىتاينىڭ ئاتوم ئۇرۇشىنى ئوز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇرۇشلارنى بۇيۇك تۇركىستاننىڭ پايانسىز زىمىنلىرىدا ئېلىپ بېرىش ۋە تۇركىي خەلقلەرنى بۇ زىمىنلاردىن تامامەن تازىلاپ تۇگۇتىش قارا نىيىتىگە سەل قارىماسلىق لازىم. ئەپسۇسكى تۇركىي دولەت ھۇكۇمەتلىرى خۇددى ئاچ يولۋاسنىڭ ئالدىغا ئۇنى ئۇيۇنچاق ساناپ ئومىلەپ كېتىۋاتقان بۇۋاقتىن پەرىقسىز ھەركەت قىلىۋاتىدۇ.

قۇرال سودىگەرلىرىگە يېڭى سىناق مەيدانلىرى لازىم

قۇرال سۆدىگەرلىرى دۆلەتلەر، ئافغانىستاننى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىراقنى، ئۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيىنى قۇرال سىناق قىلىش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ كەلدى. خىتاي، بۇ قۇرال سىناق مەيدانلىرىدا بىۋاستە كۆرۈنمىگەن بولسىمۇ، قۇراللىرىنى ئەۋەتىپ ئۆزى ئۇزاقتا خۇيپىيانە تۇرۇۋالدى. ھازىر ئەھۋال ئۆزگەردى. خىتاينىڭ شەرقى جەنۇبى تىنچ ئوكيان رايونىغا بولغان تەھدىتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بۇ رايوندا كۈچ توپلاشقا باشلىدى. جەنۇبى دېڭىز ۋەزىيىتى جىددى كۆرۈنسىمۇ، ئامېرىكا ھۇجۇم قىلمىسىلا خىتاي ئۇرۇش قىلىشتىن چىكىنىدۇ. ئامېرىكا ھۇجۇم قىلسا خىتاي كىچىك ياكى ئورتا تىپتىكى دېڭىز ئۇرۇشى بىلەن جەنۇبى دېڭىزنى تاشلاپ بېرىش بەدىلىگە ئۇرۇشنى توختىتىشى مۇمكىن.چۇنكى خىتاي دېڭىزدا ئۇرۇش قىلغۇدەك دېڭىز كۇچىگە ئىگە ئەمەس. ئامما خىتاي ھەقىقى ئۇرۇش تەييارلىغىنى شەرقى تۈركىستاندا جىددى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا “ئۇرۇش قىلىشنى خالىساڭ بۇ تەرەپكە كەل!” دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتىدۇ.
2018.يىلى 11.ئاينىڭ 29. كۈنى تيانشان تورىدا؛ (تەڭرىتاغ ئىسمىنى تيانشان قىلىپ ئۆزگەرتىۋاپتۇ) يېڭى 9 نازارەت قۇرۇلغانلىقى ئەلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئى بايلىقلار نازارىتىدىنمۇ بەكرەك مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقىنى ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغانلار نازارىتى ((自治区退役军人事务厅) بىلەن جىددى ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش نازارىتى ((自治区应急管理厅) بولدى. پۈتۈن خىتايدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەر شەرقى تۈركىستانغا توپلىنىدۇ، بۇ يەرگە يەرلەشتۈرۈلىدۇ. نىمىشكە دەل بۈگۈن ئۈرۈمچىدە بۇ نازارەت قۇرۇلدى؟ جىددى ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى ئىسمىدىكى نازارەتنى قۇرۇشتىكى ئىھتىياج نىمە؟ ئۇنىڭدىن كەينىلا بىڭتۇەننىڭ ھەربىيلىك خاراكتىرىنى كۈچلەندۈرۈش شىجىنپىڭنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك يوليۇرۇقى ئىكەنلىكى تەشۋىق قىلىنماقتا. شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ قۇرال- يارار ئامىرى. خىتاي ئۆتكەن يىلى رۇسىيەدىن سېتىۋالغان 400 -S راكىتا سىستېمىنى شەرقى تۈركىستانغا ئەكىلىپ قازاقىستان چېگرىسىغا يەرلەشتۈردى. 400-S راكىتالارنىڭ سۈننى ھەمرادىن تارتىلغان رەسىملىرى مەديادا تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتە سوئالىغا خىتاي تەرەپ، ئامېرىكانىڭ تەھدىتىگە قارشى يەرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئاستانىنىڭ، “ئامېرىكىغا قارشى مۇداپىئەلىنىدىغان 400-S راكىتالىرى نېمە ئۈچۈن قازاقىستان چېگىرىسىغا قۇرۇلىدۇ؟” دەپ سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى ئىنساننى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. 1460 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چىگرا بويلىرى رايونلىرىدا خىتاي چىگىرا مۇداپىيە قىسىملىرىدىن باشقا،بىڭتۈەن ئاتالغان 2 مىليون پۇخراچە كىيىنگەن خىتاي قۇراللىق قىسىملىرى قازاقىستان چىگراسىدا ھازىر ۋەزىيەتتە. ئەسكەرنىڭ كەسپى نىمە؟ ئۇرۇش قىلىش. بۇنچىۋالا كۆپ ئەسكەر، بۇنچىۋالا كۆپ قۇرال- ياراق ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈنمۇ؟ جىددى ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش نازارىتىچۇ؟ ئۇرۇش ئارقا سەپ سەۋەرۋەرلىگىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بولماي نىمە؟ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان خىتايغا تەھدىت يارىتالغۇچىلىك دۆلەتلەرمۇ؟ خىتاي، بۈيۈك تۈركىستان زىمىنلىرىنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن غەربتىكى قۇرال سودىگەرلىرىنى ۋە بۇ سودىگەرلەرنىڭ قولىدىكى بۈيۈك مەديالارنى ھەكەتكە كەلتۈرىشى مۇمكىن.

بىر يول، بىر بەلۋاغ پىلانى نىمە بولىدۇ؟

بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا، خىتاينىڭ بىر يول، بىر بەلۋاغ پىلانىنىڭ تۈگۈن نوقتىسى شەرقى تۈركىستان ۋە ئورتا ئاسىيا تۇرسا خىتاي نىمىشكە بۇ رايوندا ئۇرۇش ئىستىسۇن؟ دېگەن سوئال كېلىشى مۇمكىن. بىر يول، بىر بەلۋاغ پروجەكتىنىڭ رۇسىيەدىن ئۆتىدىغان شىمالى لىنىيەسى ئاللابۇرۇن پائالىيىتىنى باشلىدى. بېىجىڭدىن چىققان بىر كونتېينېر 12. كۇنى لوندۇنغا يېتىپ بارالايدۇ. بىراق خىتاي بۇ لىنيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋە ھالقىلىق دۆلىتى بولغان رۇسىيىگە مەبلەغ سېلىشنى توختىتىپلا قالماي 2018. يىلى ئالدىنقى 6 ئاي ئىچىدە رۇسىيەدىن فابرىكىلارنى سېتىپ بىر مىليارد دوللار مەبلىغىنى ئېلىپ كەتتى. خىتاينىڭ رۇسىيىگە سالغان مەبلىغى تاشقى دۇنياغا سالغان مەبلىغىنىڭ 1% نىمۇ ئىگەللىمەيدۇ. خىتاينىڭ كىچىككىنە قىبرىس رۇم دۆلىتىگە سالغان مەبلىغى 148 مىليارد دولار بولۇپ، رۇسىيىگە سالغان مەبلىغىدىن 49 ھەسسە ئارتۇق. ئەگەر خىتاي بىر يول، بىر بەلۋاغ پروجەكتىگە راستىن مەبلەغ سالىدىغان بولسا ئەڭ كۆپ مەبلەغنى رۇسىيىگە سالماسمىدى؟ بىراق خىتاينىڭ بىر يول، بىر بەلۋاغ پروجىكتى ئۈچۈن قازاقىستانغا سالغان ۋە سالماقچى بولىۋاتقان مەبلىغى پۈتۈن دۇنياغا ئاجىراتقان بىر يول، بىر بەلۋاغ پروجەكتىگە ئاجىراتقان مەبلەغنىڭ 40% نى تەشكىل قىلىدۇ. قازاقىستاندىن باشلىنىپ ئىرانغا ئىراندا ئىككى بۆلۈنۈپ، بىر لىنيە پارىس قولتۇقى ۋە ئىراق، سۇرىيە، قىبرىس رۇم قىسمى ئارقىلىق خىتاينىڭ گىرىتسىيەدىن سېتىۋالغان پىرە پورتىغا چىقىشنى نىشان قىلغان بولسا، يەنە بىر لىنىيە ئىران، تۈركىيە ئارقىلىق ئورتا ياۋروپاغا بارماقچى. بۇ پىلاننى ياخشى بىلگەن ئامېرىكا ئىرانغا قايتا ئىمبارگو قويدى ۋە قاتتىق ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. يەنى، بىر يول، بىر بەلۋاغنىڭ كېكىردىكى بولغان ئىراننى بوغۇپ تاشلىدى. ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا بولغان ئىمبارگوسى ئەسلىدە خىتايغا بولغان ئىنتىقامنىڭ ئېشىكىگە كۇچۇڭ يەتمىسە ئۇر تۇقىمىنى مىسالى بىر جازادۇر.
خىتاي بۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئورتا ئاسىياغا سالىدىغان مەبلەغلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بىر يول، بىر بەلۋاغ پىلانى، خىتاينىڭ 21. ئەسىردىكى مۇستەملىكىچىلىك ھەركىتىنى پەردىلەيدىغان بىر پەردىنىلا ئىبارەت، خالاس. خىتاي سەرمايىسى، خىتاينى پاراخورلۇق مىكروپى بىلەن بۇلغاپ بولۇپ تاشقى دۇنياغا يۈزلەنگەن، ئىقتىسادى ۋە دېموكىراتىيەسى زەيىپ دۆلەت رەھبەرلىرى، بىروكىراتىك ئەمەلدارلىرىنى پارا ئىسمىدىكى مىكروپ بىلەن چىرىتىپ ئۆزىگە باغلاۋەلىشنى مەقسەت قىلغان خىتايچە ئىستىراتىگىيەدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.

خىتاينىڭ ئورتا ئاسىيادىكى مەبلەغلىرى نېفىت،گاز، كان بايلىقلىرى ۋە قاتناش- تىرانسىپورت لىنيەلىرى چەمبىرىنىڭ سىرتىغا چىققىنى يوق. مەقسەت، ھازىرچە ئورتا ئاسىيانىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تۇشۇپ تۇرۇش، ۋاختى كەلگەندە خىتاي ئەسكەر ۋە كۆچمەنلىرىنى تىز ۋە توسالغۇسىز بۇ رايونغا يۆتكەپ كېلىش. ئاخىرىدا ياۋرۇپا بازىرىغا تۇسلغۇسىز ئۇلىشىش. خىتاي بۇ مەقسەت ئۇچۇن 100-200 مىليون ئادەم چىقارسا، كومىنىستىك پارتىيە نۇپۇس ۋە ئىشسىزلىق بېسىمىدىن بىر ئاز بولسىمۇ قۇتۇلدۇ ئەمەسمۇ؟ ماۋ زېدوڭ چوڭ سەكرەپ  ئىلگىرلەش زامانىدا 45 مىليون ئىنساننى ئاچلىقتىن ئولتۇرىۋەتتى، خىتايدا ئادەم ئازلاپ قالدىمۇ؟

ئەڭ مۇھىمى خىتاينىڭ خەزىنىسى قۇرۇغداپ قالدى. 2008. يىلىدىكى ئىقتىسادى كرىزىستىن كېيىن، خىتاي ئەڭ كۆپ تاشقى قەرىزگە بوغۇلغان دۆلەت. خىتاينىڭ تاشقى پىرىۋوت زاپىسىدىن قەرزى قانچە مىسلى كۆپ. ئىچكى قەرزىمۇ  خىتاي دۆلتىنى يۇتۇپ كېتىۋاتقانتولماس بىر ھاڭغا ئايلانغان ۋەزىيەتتە. خىتاي كومپارتىيىسى، بىر يول، بىر بەلۋاغنى ئەمەلگە  ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇرۇشقا تېخىمۇ تىز تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى بىزنى ھەممىدىن بەك قايغۇلاندۇرىدىغنى، بىزگە قان ۋە دىن قېرىنداش بولغان دۆلەت ھۈكۈمەتلىرىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قان ۋە كۆز ياشلىرى سېڭىپ كەتكەن خىتاي دوللىرىنى ئېلىپ، مىللى قىرغىنچىلىققا ئۇچىراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىيەلىك ھالتىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلغىدۇر. ئۇلار، ئۆزلىرىگە تۇتۇشىدىغان ئوت دېڭىزىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىغىنى سەزمەسلىگى تېخىمۇ ئېغىر پاجىيە.

غەرب دۆلەتلىرى ۋە روسسىيە بۇنىڭغا يول قويامدۇ؟

قازاقىستاندىكى يەر ئاستى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى يەر ئۈستىگە چىقىرىش ئۈچۈن 17 مىليارد دوللار خەجلەپ بۇ دۆلەتنىڭ نېفىت، گازلىرىنى كۈن نۇرىغا چىقارغان دۆلەت ئامېرىكا. ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ئەنگلىيە، فرانسىيە، گىرمانيە، كانادا… قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قازاقىستان نېفىت،گاز مەيدانلىرىدا ئوخشاش بولمىغان مىقتارلاردا ھەسسىلىرى بار. تۈركمەنىستان، ئۆزبەكىستان نېفت، گازلىرىدىمۇ ئوخشاش مەبلەغلىرى بار. ئورتا ئاسىيادىن خىتايغا ئېقىۋاتقان نېفت، گازلارنىڭ پۇلىنىڭ مۇتلاق كۆپ قىسمى مەبلەغ ئىگىسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يانچۇغىغا كىرىدۇ.كاپىتالىزىم ھەر يەردە سەرمايەسىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر چىقىرىشقا تەييار تۇرىدۇ. كاپىتالىستلارنىڭ ئاغزىنى پەقەت پۇللا تۇۋاقلىيالايدىغانلىقىنى خىتايلار ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. خىتاي، غەرب كاپىتالىستلىرىنىڭ پۇل- بارلىقلىرى ھېچقانداق دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىمايدىغانلىقى توغرۇلۇق گارانتى بەرسە ئورتا ئاسىيانىڭ كىمنىڭ قولىدا بولشى ئۇلار ئۈچۈن مۈھىم ئەمەس.
ئەمدىكى مەسىلە روسىيەدە. ئەگەر روسسىيە بۇگۇن سىبىريەنى قوغداپ قېلىش بەدىلىگە ئورتا ئاسىيادىن ۋاز كېچىدىغان بولسا روسسىيە پەدىراسسىيەسى دېگەن دۆلەت چېكى چېكىدىن سۆكۈلۈشكە باشلايدۇ. روسسىيە ئەڭ ئاخىرىدا 500 يىل ئالدىدىكى ئۇرال تاغلىرىنىڭ غەربىدىكى مۇسكۋا كىنەزلىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۈگۈن روسسىيە ئىقتىسادى جەھەتتە تارىخنىڭ ئەڭ ئاجىز دەۋرىدە ياشاۋاتسىمۇ، رۇسىيەنىڭ قولىدا يەرشارىنى بىر قانچە قېتىم يوق قىلىۋېتەلەيدىغان قۇراللار بار. شەرقى تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تۈركىستاننىڭ مەۋجۇدىيىتى رۇسىيەنىڭ سالامەتلىكىنىڭ گارانتىسىدۇر. رۇس مىللىتى ئەقىللىق ۋە جاسارەتلىك مىللەت. رۇسلار، ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلۈشنى، جاپا چېكىشنى شەرەپ ۋە بەخت بىلىدىغان مەدەنىيەتكە ئىگە بىر خەلق. خىتاينىڭ بۈيۈك تۈركىستاننى يۇتۇپ كېتىش خىرىسىغا قارشى رۇسىيەنىڭ مەيدانى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۇرۇش ئاپەتلىرىدىن قانداق ساقلىنىپ قالالايدۇ؟

نېفىت، گاز بولغان زېمىنلاردا نېفىت،گاز بىلەن بىللە قان ۋە كۆز ياشلىرى ئېقىپ كەلمەكتە. ئەرەب زىمىنلىرىدىكى نېفىت، گازلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى زاپاسلىرى قېزىلىۋاتىدۇ. 20-50 يىل ئىچىدە بۇ زىمىنلاردىكى يەر ئاستى بايلىقلار تۈگەيدۇ، ئۇ خەلقلەرنىڭ قان ۋە كۆز ياشلىرىمۇ توختايدۇ. قۇمۇلدىن ھەزەر دېڭىزىغىچە سۇزۇلغان تۈركىستان توپراقلىرىنىڭ ئاستى نېفىت، گاز ئوكيانىدۇر ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەڭ ئاز 500 يىللىق ئېنېرگىيە ئىھتىياجىنى قامدايدۇ. داۋانچىڭ-توقسۇن شامال ئىنىرگىيە بازىسى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە ئېكىنزارلىغىدۇر. تېكلىمىكان بويلىرىنى دۇنيانى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان قوياش ئېنىرگىيە  بازىسىغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن. بۇ بايلىقلار كىمنىڭ قولىدا بولسا، كېلەچەك دۇنيانىڭ تىزگىنى ئۇنىڭ قولىدا بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنى بىز دەسسەپ تۇرغان بايلىقلىرىمىز قۇتقۇزىدۇ. قانداق قىلىپ؟

ماقالە داۋام قىلىدۇ.

Share
3170 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.