logo

trugen jacn

مەمەت ئەمىن: ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيە ئارىسىغا چۈشكەن قارا داغلار

 

 

مەمەت ئەمىن

دېكتۇر: پەرىزات غەيرەت

مەن 20 يىلدىن بىرى ئامىركىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى بولۇش سالاھىتىم بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى توغۇرسىدا سۆز قىلىشقا ھەقلىق ئەمەسمەن. شۇنداقتىمۇ مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇملارغا نىسبەتەن سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتىۋاتقانلىقىنى سىرىتتىن كۈزىتىۋاتۋان بىر ئۇيغۇر بولۇش سالاھىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتە ھىس قىلغانلىرىمنى ۋە ئويلىغانلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى. توغرا بولمىغان ۋە ياكى خاتا بولۇپ قالغان يەرلەر بولسا، قىرىنداشلارنىڭ توغۇرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مەن تۈركىيەگە 2010 – يىلى ۋە 2013 – يىلى جەمى ئىككى قىتىم بارغان بولۇپ، جەمى 24 كۈن تۇرغان ئىدىم. مەن تۈركىيەدە ئۇزۇن ياشاپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەھۋالىنى تۈركىيەدە ئۇزۇن ياشىغان قىرىنداشلاردەك چۈشىنىپ كىتىشىم ناتايىن. ئەمما شۇ ئىككى قىتىملىق زىيارىتىم جەريانىدا، مىنىڭ تۈركىيەگە بولغان تەسىراتىم، خۇددى مەن يۇرتۇمغا قايىتقان بىلەن ئوخشاش ھىسياتتا بولغان ئىدى. بۇنىڭ سەۋەپلىرى ھەر خىل بولۇپ، مەن ئۇنى بۇ يەردە بىر بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىدىكى تارىخى ۋە قان قىرىنداشلىق باغ ھەممىمىزگە ئايان. ئەپسۇس، يىقىنقى يىللاردىن بىرى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىك ۋە تەھدىتلەرگە، بولۇپمۇ مىللىيونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگىرلىرىغا سولىنىش مەسىلىسىگە سۈكىت قىلىشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ۋە تۈركتىن ئىبارەت ئىككى قىرىنداش مىللەت ئارىسىدا، ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك، ئۆز ئارا خاتا چۈشىنىش، ئۆز ئارا تەنقىت قىلىش ۋە ئۆز ئارا ئەيىپلەشلەر پەيدا بولماقتا. بۇنىڭ ئىپادىلىرى ۋە سەۋەپلىرى ھەر خىل بولۇپ، مەن تۆۋەندە بۇ ھەقەت ئازراق توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن.

مەن 2018 – يىلى 4 – ئايدا ۋە 12 – ئايدا، توردا ئىككى قىتىم راي سىناش ئىلىپ بارغان ئىدىم. 2018 – يىلى 4 – ئايدا ئىلىپ بارغا راي سىناشقا جەمى 871 ئادەم، 12 – ئايدا ئىلىپ بارغان راي سىناشقا جەمى 1117 ئادەم قاتناشقان.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ جىنسى:
(1) ئەر
(2) ئايال
(3) جاۋاپ بەرمىگەنلەر


يۇقارقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، ئىككى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى، قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ جىنسىدا چوڭ پەرىق يوق.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسى:
(1) ئالى مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى
(2) ئوتۇرا مەكتەپ
(3) باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن
(4) جاۋاپ بەرمىگەنلەر

يۇقارقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، ئىككى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى، قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالى مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى مەلۇماتقا ئىگە.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار تۇرىۋاتقان دۆۋلەتلەر:
(1) شىمالى ئامىرىكا (ئامىرىكا ۋە كانادا)
(2) ياۋروپا
(3) ئاۋىسىترالىيە
(4) ياپونىيە ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا
(5) ئورتا ئاسىيا
(6) تۈركىيە
(7) ئەرەپ دۆۋلەتلىرى
(8) جاۋاپ بەرمىگەنلەر

 

يۇقارقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، ئىككى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى، قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، ئۇندىن قالسا ياۋروپا ۋە شىمالى ئامىركىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار.

سىزچە بىزگە ئەڭ كۆڭۇل بۆلىدىغان دۆۋلەتلەر قايسى؟
(1) تۈركىيە
(2) ئورتا ئاسىيا
(3) مۇسۇلمان دۆۋلەتلىرى
(4) ئامىرىكا باشچىللىق غەرىپ دۆۋلەتلىرى
(5) ھىچقايسىسى ئەمەس
(6) بىلمەيمەن
(7) جاۋاپ بەرمىگەنلەر

يۇقارقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، بىرىنجى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى) راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 52% تۈركىيەنى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆۋلەت دەپ قارىغان بولسا، ئىككىنجى قىتىملىق (قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشقتا، ئوخشاش قاراشتىكىلەر 10% گە چۈشۈپ قالغان. راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە ئامىرىكا باشلىق غەرىپ دۆۋلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆۋلەت دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلار، بىرىنجى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى) راي سىناشدىكى 12% دىن ئىككىنجى قىتىملىق (قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشدىكى 59% گە كۆپەيگەن.

سىزچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قايسى دۆۋلەت ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ؟
(1) تۈركىيە
(2) ئورتا ئاسىيا
(3) مۇسۇلمان دۆۋلەتلىرى
(4) ئامىرىكا باشچىللىق غەرىپ دۆۋلەتلىرى
(5) ھىچقايسىسى ئەمەس
(6) بىلمەيمەن
(7) جاۋاپ بەرمىگەنلەر

يۇقارقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، بىرىنجى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى) راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 23% تۈركىيەنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ دەپ قارىغان بولسا، ئىككىنجى قىتىملىق (قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشقتا، ئوخشاش قاراشتىكىلەر 8% گە چۈشۈپ قالغان. راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە ئامىرىكا باشلىق غەرىپ دۆۋلەتلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلار، بىرىنجى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى) راي سىناشدىكى 44% دىن ئىككىنجى قىتىملىق (قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشدىكى 72% گە كۆپەيگەن.

يۇقارقى ئىككى قىتىملىق راي سىناش نەتىجىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەردىن باشقا، بەزى ئۇيغۇرلار، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ۋە تۈركىيەدىكى بەزى شەخىسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى تەنقىت قىلىپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە ۋە ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىمەكتە. بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە بەزى تۈرك سىياسىيۇن، بىلىم ئادەملىرى ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان خاتا چۈشەنچىسى ۋە خاتا ترشۋىقاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.

بىزدە “ئاياقنىڭ قانداقلىقىنى پۇت بىلىدۇ” دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. ئاسارەت ئاستىدا ياشاپ باقمىغان ئىنسانلار، ئاسارەت ئاستىدا ئۇزۇن ياشىغان بىر خەلقنىڭ پىسخىلوگىيەسىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدىغانلىقنى تەسەۋۇر قىلالىشى مۈمكىن ئەمەس. تۈركىيەدىكى تۈرك قىرىنداشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا ياشاپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۇيغۇرلاردەك ھىس قىلالماسلىقى، ئۇيغۇرلاردەك تولۇق چۈشۈنۈپ كىتەلمەسلىكى، ھەتتا خاتا چۈشىنىپ قىلىشى تامامەن مۈمكىن. ۋەتەن ئىچىدىكى خەلق خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ قات تەھدىت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغا كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلالىشى بەك قىيىن. ۋەتەن سىرتىدىكى بەزى ئۇيغۇر قىرىنداشلار، ۋەتەندىن ئىسپاتلىق ئۇچۇر ئىلىش قىيىن بولغانلىقى سەۋەبىدىن، تورلاردا ئىقىپ يۈرگەن، كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولمىغان بەزى رەسسىم ۋە سىن فىلىملەرنى تارقىتىپ، باشقىلارغا يالغان ئۇچۇر تارقاتقان تۇيغىنى بىرىپ قويغان، ۋە ياكى بەزىلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويغان بولىشى مۈمكىن. مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتتى نەزەر، ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇم ۋە ئىرقى يوقۇلۇش تەھدىتى ئەسلا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت.

ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىغىر ۋەزىيەتنى تۈرك قىرىنداشلارغا ۋە دۇنيا جامائەتىگە توغۇرا ئاڭلىتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. چۈشەنمىگەن تەرەپلەر ۋە ياكى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويغان ئەھۋاللار بولسا، بىز چۈشەندۈرسەك، خاتا قاراشلار بولسا، ئۆز ئارا تۈزەتسەك بولىدۇ. بىراق تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى بەزى تۈرك سىياسىيۇن ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن ۋە كىلىۋاتقان بۇ ئىغىر كىرزىسنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى ئامىرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان دەپ قارىشى، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىلارنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.

مەن بىر بىلىم ئادىمى بولۇپ، 20 يىلدىن بىرى ئامىركىدىكى ئىلمى تەتقىتقات بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلدىم. مەن ھازىرغا قەدەر ھىچ بىر دۆۋلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولغان ئىش بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باقمىدىم. ھىچقانداق بىر سىياسى تەشكىلاتتا ۋەزىپە ئۆتىمىدىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق 2017 – يىلى 4 – ئايدىن ئىتىۋارەن مىنىڭ يۇرتۇمدىكى قىرىنداشلىرىم، دوستلىرىم ۋە كەسىپداشلىرىم بىلەن بولغان ئالاقەم پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن ئالاقە قىلغانلىق سەۋەبىدىن جازاغا تارتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، مىنى دوستلۇق ئالاقىسىدىن چىقىرىپ تاشلىدى.

مەن 2018 – يىلى 12- ئايدا ئىلىپ بارغان راي سىناشتا، ”تۇققانلىرىڭىز ئىچىدە لاگىر ياكى تۈرمىگە سولانغانلارمۇ بارمۇ؟“ دەيدىغان بىر سوئال بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىرىلگەن جاۋاب:
(1) بىر نەچچە كىشى بار
(2) كەم دىگەندە بىر كىشى بار
(3) بىلمەيمەن
(4) يوق
(5) جاۋاپ بەرمىگەنلەر

يۇقارقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 56% تى، ئائىلىسىدە بىر نەچچە ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىگىنى، 15% تى ئائىلىسىدىن كەم دىگەندە بىر ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىگىنى، يەنى جەمى 71% ئادەمنىڭ ئائىلىسىدە بىر ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىكىنى بىلدۇرگەن. ئۇندىن باشقا راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 24% تى ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ئائىلىسىدە تۇتۇلغانلارنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەيدىكەن. راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ پەقەت 4% ئائىلىسىدە تۇتۇلغانلارنىڭ يوق ئىكەنلىكى بىلدۇرگەن. بۇلارنىڭ ھىچ بىر ئامىرىكا تەرەپ ئويدۇرۇپ چىقارغان ئىش ئەمەس ئىدى.

بەيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋەرسىتىدا، ئىقتىزاد پەنلىرى پوراپىسۇرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىلھام توختى، خىتتاي قانۇنىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىلدى. ئىئىھام توختى ھىچ بىر يەردە ۋە ھىچ بىر سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا مۇستەققىللىق تەلەپ قىلمىغان، خىتتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنمىغان، ھىچ بىر زامان تەرورلۇق تەشەببۇسىدا بولمىغان ئىدى. ئىلھام توختى دۇچ كەلگەن پاجىيە ھەممىمىزگە ئايان بولغان ھەقىقى مەۋجۇت بىر پاجىيە ئىدى.

ئامىركىدا ياشاۋاتقان تايىر ھامۇت بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، يىقىنقى 2 يىل ئىچىدە قولغا ئىلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۇنگەن 200 دىن ئارتۇق بىلىم ئادەملىرى، جامائەت ئەربابى، سەنەتچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تىزىملاپ چىقىپتۇ [1]. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇرۇنقى شىنجىئاڭ تىببى ئۇنىۋەرسىتنىڭ مۇدىرى خالمۇرات غوپۇر، شىنجىئاڭ ئۇنىۋەرسىتىنىڭ مۇدىرى تاشپولات تەيىپ، راھىلە داۋۇت قاتارلىق پىراپىسۇر ۋە دوكتورلار بار بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئامىرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويدۇرما ئەمەس ئىدى.

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان موسكوۋالىق جورنالىست ۋە بىلىم ئادەمى گەنە بۇنىن ياساپ چىققان شاھىت بىز [2] دىگەن تور بەتتە، 2019 – يىلى 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنىگە قەدەر 2100 ئەتىراپىدا سەۋەپسىز تۇتۇلغان ياكى ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ئارخىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئامىرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويدۇرما ئەمەس ئىدى.

كانادادا ئوقۇۋاتقان خىتتاي ئوقۇغۇچى شاۋن زھاڭ، 2018 – يىلى 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنىگە قەدەر سۈنئى ھەمرا رەسسىمىگە ئاساسەن 70 ئەتىراپىدىكى جازا لاگىرلىرىنىڭ ئورنىنى ئىنىقلاپ چىققان [3]. ئاۋۇستىرالىيە ئابك قانىلىنىڭ 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى خەۋىرىدە شەرىقى تۈركىستاندىكى لاگىر سانىنى 181 – 1200 ئارىسىدا بولۇشى مۈمكىن دەپ تەخمىن قىلغان [4]. كۆپۇنچە مۇتىخەسىسلەر بۇ لاگىرلەرنىڭ ھەر بىرىگە 10 مىڭ ئەتىراپىدا ئادەم قامالغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا. بۇلارنى قانداققىسىگە ئامىرىكا تەرەپ ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويدۇرما دىگىلى بولسۇن؟

ئەمدى شۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ بىر مۈرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۈرىيەگە قانداق بىرىپ قالغانلىقىنىڭ كونكىرىت سەۋەپلىرى ماڭا ئايان ئەمەس، بىراق ماڭا ئايان بولغىنى شۇكى، 2008 – يىللىق بەيجىڭ ئولىمپىكنىڭ ئالدىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ 2009 – يىلىدىكى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقى [5] دىن كىيىن خىتتاينىڭ ئىچكىر ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىغا ھەيدىۋىتىلگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتتاي ئىچكى ئۆلكىلىرىگە كىرىش قاتتىق كونتۇرۇل قىلىنغان. ھەتتا شەرىقى تۈركىستاننىڭ ئۆزىدە، ئۇيغۇرلار بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە، بىر كەنىتتىن يەنە بىر كەنىتكە بىرىشى ئۈچۈنمۇ ساقچىدىن تەستىق ئىلىش تۈزىمى يولغا قويۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئىلىش مەسىلىسىمۇ قات قات شەرتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇراپ كەلگەن. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، “رادىكال ئىدىيەسى بار” دەپ قارالغان ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز پاسپورت ئىلىپ چەتەلگە چىقىشى ۋە ياكى خىتتاينىڭ ئىچكىر ئۆلكىلىرىگە بىرىپ، ئىنسان قاچاقچىلىرىنىڭ ياردىم ئارقىلىق كامبودىجا، تايلانت قاتارلىق دۆۋلەتلىرىگە چىقالىشى ئاساسەن مۈمكىن بولمىغان بىر ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايى خىتتاي خەلقىدىن ئالاھىدە پەرىقلىق بولغاچقا، ئۇ ئۇيغۇرلار، ئۆز يۇرتلىرى بىلەن خىتتاينىڭ كامبودىجا، تايلانت چىگىرسىغىچە بولغان بىر نەچچە مىڭ كىلومىتىر مۇساپىنى بىسىپ، چىگىرغا بارغىچە، خىتتاي ھۆكىمىتىنىڭ كۆزىدىن قىچىپ قۇتلالىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. بىراق ناھايتى ئەپسۇس، مۈمكىن بولمىغان ئۇ ئىشلار مۈمكىن بولۇپ، “رادىكال ئىدىيەسى بار” دەپ قارالغان ئۇ ئۇيغۇرلار مەيلى قانۇنلۇق يول بىلەن بولسۇن ۋە ياكى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق بولسۇن، ئاخىردا تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە بىرىپ توختىدى.

2012 – يىلدىن ئىتىۋارەن ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بىرىش بۇرۇنقىغا نىسبەتەن ئاسانلاشتۇرۇلدى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار پاسپورت ئىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىپ، قانۇنلۇق يوللار بىلەن تۈركىيە قاتارلىق دۆۋلەتلەرگە بارغان بولسا، يەنە بىر قىسىم پاسپورت ئالالمىغان ئۇيغۇرلار، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە تۇيدۇرمىغان ھالدا خىتتاي ئىچكىر ئۆلكىلىرىدە نەچچە مىڭ كىلومىتىرلىق مۇساپىنى بىسىپ، كامبودىجا ۋە تايلانتلارغا يىتىپ كەلدى. كىيىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىرىنداشلارچە قىلغان ياردىمى [6]، [7] ئارقىلىق تۈركىيەگە ئىلىپ كىتىلدى. يەنىمۇ كىيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ “رادىكال ئىدىيەسى” تۈپەيلىدىن شۈرىيەگە بىرىپ ھاياتىنى دوغا تىكىشنى تاللىدى.

ئەمدى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 – يىلقى ئۈرۈمقى قىرغىنچىلىقىغا بىلدۈرگەن كەسكىن پوزىتسىيەسى [8]، [9] دىن كىيىن تۈركىيە – خىتتاي مۇناسىۋىتىدە دىراماتىك ئۆزگۈرۈش بولغانلىقىنى كۆرىۋىلىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس. ئەۋەل ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ بىر بىرىنى ئەيىپلىشى، ئاندىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشى [10] ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىگە زور ئۈمۈت بىرىشى، ئاندىن ئىككى دۆۋلەت ئارىسىدىكى ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، باردى كەلدىنى كۇچايتىشى، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتىدا خىتتاي بىلەن بولغان ھەر ئالاقىنى كۇچەيتىشى، ئەڭ ئاخىردا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ 180 گىرادۇس ئۆزگۈرىشى، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن پاجىيەلەرگە كۆز يۇمۇپ، ئۇنى ئامىركا ئويدۇرۇپ چىقارغا ئويۇن دەپ قاراپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشى. ئەجىبا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تاسادىپىلىقمۇ؟

ئاسىيا كۈزۈتىش گىزىتىنىڭ 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خىتتاي ھۆكۈمىتى، كىرزىسقا ئۇچۇرغان تۇركىيەگە 3.6 مىلىيارت دوللار ياردەم بەرگەن [11]. ئەلۋەتتە بۇ ياردەم ئەمىللەشتىمۇ، ئەگەر ئەمىللەشكەن بولسا قانچىلىك ئەمىللەشتى، بۇنىسى بىزگە نامەلۇم.

ساباھ گىزىتىنىڭ 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 30 كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تۈركىيەگە مەبلەخ سالغان خىتتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 1000 گە يىقىنلاشقان بولۇپ، مەبلەخ سالغان تۈرلەر ئىنىرگىيە، پۇل مۇئامىلە، ئالاقە، ساياھەتچىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن [12]. يەنە ساباھ گىزىتىنىڭ 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىكى خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا 2017 – يىلى خىتتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىخى 124 مىلىيارت دوللارگە يەتكەن [13]. ئەمما “خەلقارا پۇل مۇئامىلە قانۇن كۈزىتىش” (ئىنتەرناتىئونال فىنانكىئال لاۋ رەۋىئەۋ) نىڭ 2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا خىتتاينىڭ ھازىرغا قەدەر تۈركىيەگە سالغان ئەڭ كۆپ مەبلىخى 940 مىلىيون دوللارغا يەتكەن. بۇ سان يۇقاردا ساھاھ تىلغا ئالغان 124 مىلىيارت دوللاردىن 125 ھەسسە ئاز. ساباھ، خىتتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىخىنى نىمىگە ئاساسەن 124 مىلىيارت دوللار دەپ خەۋەر قىلىدۇ، سەۋەبى بىزگە نەمەلۇم. ئۇندىن باشقا ئۇ دوكىلاتتا 2017 – يىلى تۈركىيەنىڭ خىتتايدىن ئىمپورت قىلغان ماللارنىڭ قىممىتى 23.4 مىلىيارت دوللار بولۇپ، تۈركىيەنىڭ خىتتايغا ئىكىسپورت قىلغان ماللارنىڭ قىممىتى 2.1 مىلىيارت دوللار بولغان. يەنى تۇركىيە بىلەن خىتتاي ئارىسىدىكى سودا پەرىقى 1 دە 11 بولغان [14]

بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرقىيات مەجىلىسى (ئۇنكتاد) نىڭ 2018 – يىللىق خەلقارا مەبلەخ سىلىش دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلى تۈركىيە سىلىنغان بىۋاستە چەتەل مەبلىخى 10864 مىلىيون (يەنى 10.864 مىليارت) دوللار بولۇپ، بۇ 2016 – يىلدىكى 12942 مىلىيون (12.942 مىلىيارت) ۋە 2015 – يىلدىكى 17717 مىلىيون (17.717 مىلىيارت) دوللاردىن ئايرىم ئايرىم ھالدا 16% ۋە 38.24% تۆۋەنلىگەن [15]، [16].

تۈركىيە سىلىنغان چەتەل بىۋاستە مەبلىخى (مىلىيون دوللار)

2017 – يىلى تۈركىيە ئەڭ كۆپ مەبلەخ سالغان 9 دۆۋلەت ۋە ئۇلار سالغان مەبلەخنىڭ ئومۇمى مەبلەخ ئىچىدىكى پەرسەنتى (%)

 

ئەلۋەتتە تۈركىيەنىڭ خەلقارا مۇناسىۋەت قائىدەلىرى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن نورمال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشى ۋە خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا كەلىشىم تۈزۈشى، دۆۋلەرلەر ئارىسىدا بولىدىغان نورمال ئالاقە؛ بىراق ئۇ چوقۇم باراۋەرلىك ئاساسىدا بولۇشى كىرەك؛ يوشۇرۇن غەرەز ياكى شەخسى مەنپەت ئارلاشماسلىقى كىرەك. ئۇ كىلىشىملەر ھەرگۈزمۇ تۈرك خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلىش ئاساسىدا بولماسلىقى كىرەك.

ئەگەر خىتتاي ھۆكۈمىتى خەلقارا قانۇن تۈزۈمگە ۋە ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى ئىغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلسا، ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن ئىرقى قىرغىنىچىلىق ئىلىپ بارماقچى بولسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرسا، ئۇ يالغۇز ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق ۋە تۈركلۈك قىرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلمىغانلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى تۇركىيە ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق بۇرچىنىمۇ ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ.

ئۇيغۇر – تۈرك مۇناسىۋىتى قان قىرىنداشلىق مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇ ھەرگۈزمۇ “ساتسا سىتىلىدىغان، ئاتسا ئىتىلىدىغان” بىر مۇناسىۋەت ئەمەس. ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتتاي – تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى موھىم مەسىلىنىڭ بىرى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ۋاز كىچەلمەيدۇ، ۋە شۇنداقلا خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز مەسىلىمىزنى تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئايرىم تۇتالمايمىز. بۇلارنى ئىككى دۆۋلەت ھۆكۈمىتى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ ئوبدان بىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان يالغۇز شەرىقى تۈركىستاندا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئورتا ئاسىيادا موھىم رول ئوينىغان تۈركى مىللەتلەردىن بىرى ھىساپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار، مانچۇ ئىمپىريەسىنىڭ ئىشخالىتىگە ئۆتكەندىن بۇيان، بولۇپمۇ خىتتاي كومىنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كونتۇرۇللىقىغا ئۆتكەن 70 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ھەق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىندى. ئالدى بىلەن ئۆز تارىخىنى ئۈگۈنۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى. ئۆزىگە تەۋە قىممەت قارىشى ۋە ھايات پەلسەپىسى بىلەن پەرزەنتلىرىنى تەربىلەش ھەق ھوقۇقلىرى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچۇردى، ياكى ئۇلاردىن مەھرۇم قالدى. ئەنەنىۋى ئۆرپە ئادەت، ئەخلاق پەزىلەت ۋە دىنى ئىتىقاد ئىغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇردى. كۆزگە كۆرۈنگەن تارىخچىلار، ئەدىپلەر، پەيلوسوپلار ۋە دىننى زاتلار، ئوخشىمىغان دەۋىردە ئوخشىمىغان جىنايەتلەر بىلەن جازالاندى، ۋە ھەتتا ئۆلتۈرۈلدى. ئومۇمى خەلق نادان ۋە كەمبىغەل قىلىشقا مەجبۇرلاندى. خەلق ئۆز ئارا ئىشەنمەيدىغان، كۆڭەلدىكى سۆزنى سۆزلەشكە، راس گەپ قىلىشقا پىتىنالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى. خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن بۇ قاتتىق سىياسەتلىرىنى ناھايتى ئۇستۇلۇق بىلەن خەلقارادىن يوشۇرۇپ كەلدى. ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ كۆپلىگەن ئادەملىرىمۇ بۇنى سىزەلمىگىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2015 – يىللىق سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 11.30 مىليۇن بولۇپ، چەتەللەردە پالىيەت ئىلىپ بىرىۋاتقان ئوخشىمىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 20 مىلىيۇن بىلەن 35 مىلىيۇن ئارىسىدا دەپ مۆلچەرلىمەكتە. ئۇيغۇرلار، تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۇلارمۇ بىر ئىنسان. ئۇيغۇرلارمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ، ئۆز تىلى ۋە مەدىنىيىتى بىلەن ئەركىن ياشاشقا ھەق ئەتىدىغان بىر مىللەتتۇر.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارغا قىرىنداشلىق يۈزسىدىن كۆڭەل بۆلمىگەن تەقدىردىمۇ، ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇرلارنى ئىنسان كۆرۈپ، ئۇيغۇرلارغا ئىنسانى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشى، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرىشى كىرەك. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياكى ھۆكۈمەت ئىچىدىكى بىر قىسىم سىياسەتچıلەر ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلماسلىقى كىرەك. مەيلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بولسۇن ۋە ياكى شۇ بىر قىسىم سىساسەتچىلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنى ئامىركا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويۇن دەپ قارىلاش ھەققى يوق.

تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى بەزى سىياسۇنلار ۋە بىلىم ئادەملىرى، كۆزىنى ئىچىپ ھەقىقەتنى كۆرىشى، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويۇنىغا كەلمەسلىكى، خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىختىزادى مەنپەت تۈپەيلىدىن، تۈركىيە ۋە مۇسۇلمان دۆۋلەتلىرى بىلەن ئامىرىكا قاتارلىق غەرىپ دۆۋلەتلىرى ئارىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سىلىپ، ئۇنى ئامىرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، ئۆز ئەقلىنى ئىشقا سىلىپ، ۋەزىيەتنى توغۇرا ئانالىز قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلماسلىقى كىرەك.

پايدىلانغان مەنبەلەر

[1] List of Uyghur intellectuals imprisoned in China from 2016 to the present (Last up-dated on January 17th, 2019)

https://www.facebook.com/100000777053688/posts/2350341208335091/

[2] Shahit.biz:  https://www.shahit.biz/eng/%20

[3] Shawn Zhang: https://medium.com/@shawnwzhang

[4] China’s frontier of fear

https://www.abc.net.au/news/2018-11-01/satellite-images-expose-chinas-network-of-re-education-camps/10432924

[5] July 2009 Ürümqi riots:

https://en.wikipedia.org/wiki/July_2009_Ürümqi_riots

[6] Turkish help for Uighur refugees looms over Erdogan visit to Beijing

https://www.reuters.com/article/us-turkey-china-uighurs-insight/turkish-help-for-uighur-refugees-looms-over-erdogan-visit-to-beijing-idUSKCN0Q10PM20150727

[7] China-Turkey relationship strained over Uighurs

https://www.bbc.com/news/world-asia-china-33440998

[8] Turkey attacks China ‘genocide

http://news.bbc.co.uk/2/hi/8145451.stm

[9] Turks criticize Chinese treatment of Uyghurs

http://www.cnn.com/2009/WORLD/europe/07/11/turkey.china.uyghurs/

[10] Erdogan Visits Xinjiang:

https://thediplomat.com/2012/04/erdogan-visits-xinjiang/

[11] China money flows into Turkey as crisis creates opening:

https://asia.nikkei.com/Politics/International-Relations/China-money-flows-into-Turkey-as-crisis-creates-opening

[12] Turkey sees a sudden spike in Chinese investments through ‘Belt and Road Initiative

https://www.dailysabah.com/economy/2018/06/30/turkey-sees-a-sudden-spike-in-chinese-investments-through-belt-and-road-initiative

[13] Turkey eyes larger share of China’s overseas investments, import market:

https://www.dailysabah.com/economy/2018/11/08/turkey-eyes-larger-share-of-chinas-overseas-investments-import-market

[14] Chinese Outbound Investment Guide 2018: Turkey | IFLR.com

http://www.iflr.com/Article/3803006/Chinese-Outbound-Investment-Guide-2018-Turkey.html

[15] TURKEY: FOREIGN INVESTMENT

https://en.portal.santandertrade.com/establish-overseas/turkey/foreign-investment

[16] (UNITED NATIONS CONFERENCE ON TRADE AND DEVELOPMENT) UNCTAD 2018 World Investment Report

https://unctad.org/en/PublicationsLibrary/wir2018_en.pdf

2019 – yili 1- ayning 18 – kuni

Posted by Memet Emin at 11:46 AM

 

https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/01/uyghurlar-bilen-turkiye.html

Share
1877 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.