logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچچىق تىراگېدىيەسى: بىر ئەسىرلىك تۇيۇق يول

تەھرىردىن: ماقالە ئاپتۇرنىڭ تەلىۋى بىلەن ئېلان قىلىندى. كۆز قارىشى ئۆزىگە ئائىت بولۇپ، تورغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ

 

ئاپتۇرى: كۈرەش ئاتاخان
قاپاق ئەمەس باراڭ، ئاقىل ئەمەس ساراڭ پۇل بولدى

-ئۇيغۇر ھىكمەتلىرى

دۇنيادا ھىچقانداق بىر بىزگە ئوخشايدىغان مىللەتنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك تېراگەدىيىلىك ھەم ئېچىنىشلىق بولغان ئەمەس! كەيىنكى 500 يىلدىن بېرى ئۆزىمىزمۇ بىلمەي خەلقارادا دۈشمەنلىك بولۇپ قالدۇق. ئۇيغۇر سەيىدىيە دەۋلىتىنىڭ، قەشقەرىيە دەۋلىتىنىڭ، چوڭ-كىچىك خوجىلار ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ۋە ئاخىرقى ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ يىقىلىشىدا تاسگقىي كۈچلەرنىڭ يەنى دەرىجىدىن تاشقىرى دەۋلەتلەر ھەساپلانغان بۈيۈك بىرىتانىيە ئېمپەرىيىسى، ئوسمانىيە ئېمپەرىيەسى، چاررۇسسىيە ئېمپەرىيىسى ۋە مانجۇ ئېمپەرىيىسى قاتارلىقلارنىڭ بارماق ئىزى بار. بۇنداق بولىشىنى پەردە ئارقىسىدكى قاراڭغۇلۇق كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھېلىھەم شۇنداق بولىۋاتىدۇ. چۈنكى ئانا ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستان خۇددى يەنە بىر ئافغانىستاندەكلا دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى سىياسىي قۇتۇپلار مەنپەئەت تالىشىش يولىدا ئۆز-ئارا كۈچ سىنىشىدىغان شىددەتلىك جەڭ مەيدانغا ئايلانغان.

رۇسلارنىڭ ۋە ئەڭىلىزلارنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى ئىچىدە قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئوينالدۇق، ئەخمەق قىلىندۇق ۋە ئالداندۇق.ھېسابىنى سورمىدۇق، قاسساپقا پۇل بېرىپ، ناۋايغا قاراۋاتىمىز! بۇ رەسىمدە بىز ئەمەس، ئۇلار يازغان ئاچچىق تراگەدىيەنىڭ باش قەھرىمانلىرى ئۆز-ئارا چاندۇرماي خوجايىنلىرى تاقىغان ماسكا بىلەن ئولتۇرىدۇ. بۇلار بىر ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغىنى بىلەن، تومۇرلىرىدا بىر ئاتانىڭ قېنى ئېقىۋاتقىنى بىلەن، يوشۇرۇن دۈشمەن كۈچلەر تەرىپىدىن بىر-بىرىنىڭ خەتەرلىك كۈشەندىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ قويۇلغان رەقىپلەرىدى.
ئاھ! مېنىڭ ھاماقەت مىللىتىم، ئېچىنىشلىق يېرى بۇگۈنمۇ سىزنىڭ ھىچ ئۆزگەرمەستىن، پېتىڭىزنى بۇزماي مانا مۇشۇنداق ئولتۇرۇشىڭىزدۇر. بۇ مىللەتنىڭ ۋابالىنى قانداقمۇ تارتىپ بولارسىز، قىيامەتتە ئاللاھقا ۋە ئەجداتلارغا، ناھەق قىرىلىپ كەتىۋاتقانلارغا قانداقمۇ يۈز كېلەرسىز؟
قاراڭ بۇلارغا، بۇگۈنكىلەرنى بۇلارنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ بېقىڭ! ئىشەكمۇ جەنىدا پۇتى كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچى قېتىم ئۆتمەيدۇ….! كىچچىككىنە ۋىجدانىڭىز قالغان بولسا دىگەنلىرىمنى پەرۋاسىزلىق قىلماي ياخشى بىر ئويلاپ بېقىڭ!
سولدىن ئوڭغا: 1)مەسۇت سابىرى ئەپەندى (مىللەتنىڭ ھۈرىيەت ئۈمىدنى خىتاي دەۋلىتىگە باغلىغان ۋە خىتايغا ئالدانغان ئاز ساندىكى پۇلدار بايلارنىڭ ۋەكىلى)،

2)ئاھمەتجان قاسىمى ئەپەندى (مىللەتنىڭ ھۈرىيەت ئۈمىدنى مىللىي دەۋلەتكە باغلىغان، خەلقارا مۇناسىۋەتلەرگە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىزىلگەن خەلىقلەرنىڭ ۋەكىلى)،

3)ئىسا يۈسۈپ ئەپەندى ( مىللەتنىڭ ھۈرىيەت ئۈمىدنى خەلقارا پاشىزىمىنىڭ ئاسيادىكى قول چوماقچىسى گومەنداڭچى خىتايلارغا باغلىغان، بايلارنى قۇترۇتۇپ رۇسلارنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى مىللىي جۇمھۇرىيەتكە قارشى تۇرىدىغان تۇڭگان ۋە خىتاي مەلىتارىستلار بىلەن ئىش بىرلىكىدە بولغان گومەنداڭچى خىتايلارنىڭ پارلامەنت ئەزاسى.

ئىسا يۈسۈپ ئەپەندى كېيىن مۇھاجىرەتتە ھەقىقەتكە قايىتىپ، خەلقارا كوممەنىزىمغا قارشى ھەرىكەت ناتو سېپىدە تۇرۇپ، غەرىپنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى مىللىي داۋانى قۇرۇپ چىققان ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تەيۋەن بىلەن بىرلىكسەپ تۈزۈپ كوممەنىست خىتايلارغا قارشى كۈرەش قىلغان ۋەتەن ئەۋلادى )،

ئىسا يۈسۈپ ئەپەندى مۇھاجىرەتتىكى مىلىي داۋايىمىزنىڭ ھۇلىنى سېلىپ، يولىنى سىزىپ چىقتى.

4)ئابدۇكەرىم ئاباسوف ئەپەندى(مىللەتنىڭ ھۈرىيەت ئۈمىدنى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا باغلىغان، رۇس ۋە غەرىپ تەسىرىدن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتقان، خىتايدىنمۇ خەتەرلىك خىتاي جاسۇسى)…

كىشىلەر دىققەت قىلمايدۇكى، تۈركىيەدە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىز ھەرگىز تىلغا ئەلىنمايدۇ. ئۇ جۇمھۇرىيەتكە قارشى تۇرغانلار قەھرىمان، داھى ۋە تەڭرىتاغ بۈركۈتى، ئالتاي قارىتالى دەپ مەدىھىيلىنىدۇ….

ھازىر مىللىي داۋا ئىسا يۈسۈپ ئالىپتەكىن ئەپەندىلەر ئاچقان يولدا كېتىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ يول ئامەرىكا قاتارلىق خەلقارا ئەمپەرىيال كۈچلەرنىڭ بىزنىڭ ئازاتلىقىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ ئەمەس، رۇسلارنىڭ كۈچلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويغان ئۇزاق مۇساپىلىك پروجەكتى بولغاچقا بىزگە ھىچقانداق پايدا بەرمىدى. بىز ھۈرىيەت يولى دەۋاتقان بۇ يۆلۈنۈش ئامەرىكا قاتارقلىق دەۋلەتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ قولى ئارقىلىق سىزىپ چىقققان بىر تۇيۇق يولىدى.غەرىپ بىز ئارقىلىق خىتاي ۋە رۇسلار بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي مەسەلىلىرىنى ھەل قىلىۋالدى. بىز بىر ئەسىرگە يەقىن بۇ يولدا كولدۇرلۇتۇلۇپ، ئەمدى ئەلقايىدىچىلەر ۋە دايىشچىلارنىڭ قوشۇنىغا ئىتتىرىۋەتىلدۇق!

بۇ تراگەدىيلىك ئاقىۋەتنى بىزدىن سىر تۇتۇۋاتقانلار دەل بۇگۈنكى داۋا سەپىدىكى مىللىي داۋا ئارقىلىق جان بەقىۋاتقانلاردۇر!

مىللىي ھەركىتىمىزنىڭ بۇگۈنكى سېپىمۇ، مۇشۇ تۆت كىشىنىڭ ماڭغان توغرا ياكى ناتوغرا يوللارى ئۈستىگە ئىنشاھ قىلىنغان بولۇپ، غەلبە ياكى مەغلۇبىيەتلىرىمىزنىڭ يىلتىزى بولۇپ قالدى.

بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغانلار خەلقىمىز 20-ئەسىردە يېتىشتۈرۈپ چىققان ئەزىمەتلەردۇر. ئۇلار ئۆز ئالدىغا بىر تارىخ يېزىپ كەتتى. ئەمما بىزچۇ؟! ھەممىدىن ئېچىنىشلىقى ھازىرقى ئەھۋالىمىزنىڭ ئەشۇ چاغدىكىدىنمۇ بەتتەر يامان بولىشى. بۇلار تارىخىمىزدىكى تاشقىي كۈچلەرنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا قالغان سىياسەتچى ۋە ئىنقىلاپچىلەردۇر. بۇ سىياسەتچى ۋە ئىنقىلاپچىلەرنىڭ ئىچىدە تۆمۈر ھەلىفە، سابىت دامۇللام، ھوجا نىياز ھاجىم ۋە ماھمۇت سىجاڭدەك نىيىتى دورۇست ئەمما كالتە پەھەم ۋە سۈپرگە زىيانكەش مىللىي قەھرىمانلار يوق.ھەممىسى ھەر بىر قەدىمنى ئىنچىكە ھېساپلىغان ۋە تەسىرىگە ئۇچرىغان كۈچكە سادىق بولغان.

مەمەت ئەمىن ھەزرەت جاناپلىرىنىڭ يېرى باشقا، ئۇ خوتان ئىنقىلاۋىدىن باشلاپ ئۆلگىچە خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، دۈشمەننىڭ يوشۇرۇن ھالەتتىكى جىسمانىي، پىسسىخىك ۋە پىكىرىي مۇھاسىرىسىدە قېلىپ، خۇددى سۇغا غەرىق بولۇپ كەتكەن ئادەمدەك، سىياسەت ئاسمىنىدىن ساقىغان يۇلتۇز!مەمتىمىن بۇغرا جاناپلىرى مىللىي دەۋلەتچىلىك ئىددىيمىزنىڭ پىكىرىي ئاتىسى، ئۆلگەن بولسىمۇ ھەرگىز كۈچىدىن قالمىغان مىللىي ئىنقىلاۋىمىزنىڭ مەنىۋىي داھىسى!

ئىسمى يوقاردا تىلغا ئېلىنغان تارىخىي شەخىسلەر ھەقىقىتەن كۈچلۈك ئادەملەر ئىكەن، ئۇلار تۇتقان يېرىدىن ئاز بولسىمۇ بىر نەرسىنى خۇددى بۈركۈتتەك يۇلۇپ ئاپتۇ. بۇگۈن نىمە ئىش قىلدۇق، قىلالىدۇق، قىلىۋاتىمىز؟!

بىز ئىلگىركىلەرنىڭ يولىنى ئۇنىڭ توغرا بۇنىڭ خاتا دەپ قاراسىغا ھۆكۈم چىقارماستىن، تەجىربە ساۋاقلارنى ياخشى يەكۈنلەپ، ئىلگىركىلەرنىڭ ئىجابىي ئىددىيسىگە تەنقىدىي ۋارىسلىق قىلىشىمىز كەرەكتى، قىلالمىدۇق، ئۇلاردىنمۇ كۈچلىنىشىمىز كەرەكتى كۈچلىنەلمىدۇق. قەتتىيلىك بىلەن كېسىپ ئەيتىش كەرەككى ئەھۋالىمىز ناھايىتى ئېچىنىشلىق! ئىلگىركىلەرچىلىكمۇ بىر ئىش قىلالمىدۇق، مىللىي داۋا يەتىم ئاقساقاللىق، سەۋىيەسىزلىك ۋە مەنمەنچىلىكنىڭ ئىچىدە بىتاپ ھالەتتە جان تالاشماقتا!

ئاللاھ ئۇلارنىڭ ۋەتەن-مىللەت يولىدا قىلغان گۇناھلىرى بولسا كەچۈرگەي، ۋەتەن-مىللەت يولىدا قىلغان ياخشى ئىشلىرى بولسا مۇكاپاتىنى بەرگەي!

بۇلار بۇگۈڭىچە قىرىلىپ كەتكەن مىليونلىغان كىشىنىڭ ياكى بۇگۈڭىچە ھايات قالغان مىليونلىغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتىگە سەۋەپچى بولغان تارىخىي شەخىسلەردۇر!

ھازىر بىزنىڭ تەقدىرىمىز خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان تەخىمۇ خەتەرلىك دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى…ھەرقانچە قىلساقمۇ، ھەتتا بەشىمىزنى تاشقا ئۇرىۋالساقمۇ بۇ يولدىن ۋاز كەچمەي تۇرۇپ، يەڭى يول تاپالمايمىز.

ھە! ئىسلامنى مەنبە قىلغان ئازاتلىق يولى…سىز زاتەن شۇ يولدا…كېيىنكى يىگىرمە يىل شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى…سىز بىلمىگىنىڭىز بىلەن شۇ يولدا ئۆلۈمگە كەتىۋاتىسىز…دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى… ئۇ…بۇ دەيسىز…ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تاشقىي كۆرۈنۈش….باشقىلار يات دەسە ياتىدىغان، قوپ دەسە قوپىدىغان….قىلىپ ياساپ چىقىلدۇق! مىللىي ئىنقىلاپ، ئىنسان ھەقلىرى داۋاسىغا، ئىگىلىك ھوقۇقى دىنىي ئەركىنلىك داۋاسىغا، مىللىي ماۋجۇتلۇق قوغداش، مىللىي باراۋەرلىكنى قوغداش دەرىجىسىگە چۈشۈرىۋېتىلدى!

بىز بىر پۈتۈن مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دوستنى توغرا تاللايلى، پىكىرنى توغرا تاللايلى، يولنى توغرا تاللايلى…دورۇست، سەمىمىي ۋە ۋاپاكار بولايلى…يوللار ئاندىن ئۆزلىگىدىن ئېچىلىدۇ!

شۇنى دەپ قوياي.ئەجداتلىرىمىز رۇس مەسەلىسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغان، بىزمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمىز.تارىخىي خاتالىقىمىز بۇ. بىز مەيلى ياخشى ياكى مەيلى يامان كۈڭە قالايلى، خىتاينى ۋە غەرىپتىكى بىزگە قارشى كۈچلەرنى ئەمەس، رۇسلارنى تاللىغان بولساق، مىللىي تەقدىرىمىز بۇگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق بولمايتى…

رۇسلار بىزنىڭ تام خوشنىمىز. ئەگەر پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپ بىزگە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىمىزنى قوللىغان تەقدىردىمۇ رۇسلار بۇ ئىشقا تەتۈر قارىسا، دەرھال قامچىمىز سۇغا چىلىشىدۇ.

رۇسلار بۇ ئىشنى ئاللا بۇرۇن ئويلاپ قويغان ۋە بىز ئۇلارنىڭ دوستلۇقىغا سەمىمىيەت بىلدۈرمىگەچكە، ئىنقىلابىمىزنى خاتا ۋە تۇيۇق يولغا باشلاپ قويغان. بىلىشىمىز كېرەككى پۈتۈن دۇنيادا بىزگە دۈشمەن بولۇشتا رۇستەك خەتەرلىك بىر مىللەت ۋەيەنە بىزگە قىيامەتلىك دوست بولۇشتا رۇستەك يەنە بىر ئەڭ ئىشەنچلىك مىللەت يوق.

مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق مەنپەئەتلەر ئۈستىگە قۇرۇلغاچقا، خاتالارنى تۈزۈتۈپ، مۇناسىۋەتنى تامامەن يېڭىدىن قۇرۇشقا بولىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى رۇسلار بىزنىڭ تام خوشنىمىز، ئۇلار بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزنى ياكى ئالىي دەرىجىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى خالىسا، خىتاي ئارقىغا چېكىنىشكە ياكى زور ئىمكانلار بىلەن يول قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

بىز بىلمىگەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئەگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىتىمىزنىڭ دەۋلەت تەۋەلىكىگە ئايىت نۇرغۇن مەخپىي ھۆججەت ۋە توختاملار رۇسلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئارخىپخانىسىدا ساقلانماقتا. رۇسلار بۇ توختاملارنى خىتاي بىلەن بىزگە ئۇختۇرماي بىزگە ۋاكالىتەن تۈزگەن.

ئاساسىي خەلقارا ئارخىپلاردا بىز خىتاي پۇقراسى، ئۇيغۇرىستان خىتاي تېرىتورىيسى كۆرۈنىۋاتقىنى بىلەن تېخىچە ئىلگىركى قازاق، قىرغىز ۋە ئۈزبەك…ئەللىرىگە ئوخشاشلا رۇسلارنىڭ مۈلۈكى ھېساپلىنىمىز! خەلقارا ۋە دەۋلەتلەر ئارا توختاملارنىڭ مۇددىتى 100 يىل ئىكەن. تەقدىرىمىزگە ئايىت ئەشۇ توختاملارنىڭ بەزىللىرىنىڭ ۋاقتى ئاللا بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، بەزىلىرىنىڭ ئۆتۈپ كېتەي، دەپ قالدى.

خىتايلار بىلىنمىگەندەك قىلغىنى بىلەن رۇسلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى. خىتاي دەۋلىتى ئەڭىلىزلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى قارانچۇق بىر دەۋلەت! رۇسلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى بىزگە خىتاينىڭكىدەك ناتونۇش ۋە خەتەرلىك ئەمەس! ھازىرقى ئەھۋالدا ئېڭىلىزلار، مۇسۇلمان ئەرەپ ياكى قانداش تۈرۈكلەر بىزگە ھەرگىز ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياردەم قىلالمايدىغاندەكلا قىلىدۇ. ئۇلار ھازىر خىتايلار بىلەن پەردە ئارقىسىدىكى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىللىرى بولۇپ قالدى.

بىز مىللىي داۋانى رۇسلار ئارقىلىق غەلبىگە ئېرىشتۈرۈش ئىشىنى پىلانلاشنى، رۇسلار بىلەن ئەسىرلەپ بىرلىكتە ياشىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ۋە رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا بېرىشىمىز ۋە ئۇلارغا خەلقارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك! بىزنىڭ رۇسلار بىلەن ھەمكارلىشىشىمىزنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرى كۆپ. تارىخىي دوستلۇققا ئىگە ئىككى خەلىقمىز. رۇسلار بىلەن بىرلىشىشنىڭ جۇغراپىيلىك، تارىخىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي تەرەپتىن ئىمكانلىرى كۈچلۈك.

غەرىپتىكى ھىچقانداق بىر دەۋلەت ئۇيغۇرىستان مەسەلىسىنى ھەل قىلىشتا رۇسلاردەك ئىستىراتەگىيلىك قىممەتكە ئىگە ئەمەس! شۇنداق قىلىدىغان بولساق بۇگۈنكى قالايمىقان خەلقارا ۋەزىيەتتە ئۇزاققا قالماي كام دەگەندىمۇ قازاقىستانچىلىك بىر دەۋلىتىمىز بولۇپ قالىدۇ.

ھەلىمۇ كەچ ئەمەس، ئەمدى يېتەر، كۆزۈمىزنى ئېچىشىمىز،مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز، ھۈرىيىتىمىز ۋە ئىستىقبالىمىز ھەققىدە يېڭى پىلان تۈزۈشۈمىز لازىم
15-ماي 2015 گېرمانىيە

Uyghurlarning Achchiq Tiragédiyesi: Bir Esirlik Tuyuq Yol!

Share
2262 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.