logo

trugen jacn

مەمەت ئىمىن : ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ

مەمەت ئىمىن
ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ئابدۇرەھىم ھەيىتنىڭ خىتتاي تۇرمىسىدە شەھىت قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كىيىن، ئارىدىن 24 سائەت ۋاقىت ئۆتمەيلا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە لاگىر توغرسىدا، خىتتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلەپ، 2009 – يىلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن بىر بايانات ئىلان قىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كەسكىن پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق راھەتسىزلەنگەن خىتتاي ھۆكۈمىتى، ئارىدىن يەنە 24  سائەت ۋاقىت ئۆتمەيلا، ئابدۇرەھىم ھەيىتنى ئىكران ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۈنى سۆزلىتىپ ۋە ئۇنىڭ سۆزنى تۈركچە، ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى. ئابدۇرەھىم ھەيىتنىڭ ھايات ئىكەنلىكى توغۇرسىدىكى ئۇ قىسقا سىن فىلىمىنى كۆرگەن بەزى قىرىنداشلار فىلىمنىڭ راس يالغانلىقى توغۇرسىدا تالاش تارتىش قىلىشسا، يەنە بەزى قىرىنداشلار خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى يالغانچى چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىشىپ، ئابدۇرەھىم ھەيىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى تارقاتقانلارنى ئەيىپلىشىپ، ئۆز ئارا تاپا تەنە قىلىشماقتا ئىدى. دەل مۇشۇ پەيىتتە، فىللاندىيەدىكى قىرىندىشىمىز خالمۇرات ”ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ“ دەپ، ”MeTooUyghur#“ يەنى ”#مەنمۇئۇيغۇر“ ھەركىتىنى باشلىدى.

توغۇرا، ”ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ“، بۇ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئۇزۇندىن بىرى قوللۇنۇپ كەلگەن ئاددى بىر ماقال تەمسىل بولۇپ، قىرىندىشىمىز خالمۇرات بۇ ئاددى ماقال تەمسىلنى ناھايتى جايىدا ۋە دەل ۋاختىدا ئىشلىتىلىپ، ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا #مەنمۇئۇيغۇر ھەركىتىنى باشلىدى. قىرىندىشىمىز خالمۇراتنىڭ بۇ ئاقىلانە چاقىرىقى سەۋەبىدىن، ئالدى بىلەن نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان كۆپلىگەن قىرىنداشلار، دەرھال ھەركەتكە كىلىپ، قىلىش ئەڭ ئاسان بولغان، كۆپ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغان، ھىچقانداق ئەندىشە ۋە قورقۇش كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان، تەنى ئەڭ دىسمى كىتىدىغان بۇ يىقىملىق ئاددى سۆزنى ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ ئاقىلانە چاقىرىق، نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىزنى ئۆز ئارا تاپا تەنە قىلىشتىن قۇتۇلتۇردى. نەتىجىدە بۇ ھەركەت باشلىنىپ 24 سائەت ئىچىدە، ئۇنىڭ ئۈنىمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۈگۈن بۇ ھەركەتكەت باشلىنىپ قىسقىغىنا  96 سائەت ئىچىدە، خەلقارادىكى ھەر خىل چوڭ كىچىك ئاخباراتلاردا، بۇ ھەركەت توغۇرسىدا 100 دىن ئارتۇق خەۋەر چىققانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ناپولىيون خىل مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”ئەگەر سىز بۈيۈك ئىشلارنى قىلالمىسىڭىز، كىچىك ئىشلارنى بۈيۈك قىلىڭ“
مەن گەرچە بىرەر سىياسى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ۋە ياكى ئاكىتىپ پالىيەت ئىلىپ بىرىۋاتقان بىر پالىيەتچى بولمىساممۇ، بىراق بولۇۋاتقان داۋانى ئىزچىل كۈزۈتۈپ ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى كىسىپ ئەيتىمەنكى، بۇ كىچىككىنە ھەركەتنىڭ ئۈنىمى ئالاھىدە يۇقۇرى بولدى. راس گەپنى قىلسام، مەن بۇ ھەركەتنىڭ، بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق زور تەسىر قوزغايدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلمىغان ئكەنمەن. لاگىر مەسىلىسى ئوتۇرغا چىققان ئىككى يىل ئىچىدە، ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان قىرىنداشلار ئىچىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئويغۇنۇش بولۇپ، ئۇزۇندىن بىرى داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان داۋادا زور يىڭىلىقلار ۋە ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كەلدى. بەزىلەر گۇۋالىق بىرىش ھەركىتىنى قوزغىغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئالى مەكتەپ ۋە مىچىتلاردا لىكسىيە سۆزلەپ، خەلقىمىز ۋەتەندە دۇچ كىلىۋاتقان ئىغىر پاجەلەر توغۇرسىدا تەشۋىقاتنى كۈچەيىتتى. نامىيىشلارنىڭ شەكلى، كۆلىمى ۋە سانىدىمۇ بەزى يىڭىلىقلار دۇنياغا كەلدى. ۋەتەن داۋاسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار كۈنسايىن كۆپەيدى، داۋا سىپى كۈنسايىن چوڭايدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يىقىنقى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن يىڭىلىق ۋە داۋادا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر بولۇپ، ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە، ئايرىم ئايرىم بىر ھەركەت قاتارىدا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى  بۇ قىتىمقى بۇ ھەركەتكە ئوخشاش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق چوڭ تەسىر قوزغىمىغان ئىدى. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە بۇ ھەركەتنى ماختاش ئارقىلىق باشقا ھەركەتلەرنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن. مەن بۇ يەردە پەقەتلا يىڭى ئىدىيەنىڭ يىڭلىق يارتىشتا نەقەدەر موھىم ئىكەنلىكىنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

 سىئودور لەۋىت مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”يىڭى ئىدىيە، يىڭى ئىشلارنى ئويلاش دىمەك. يىڭىلىق يارىتىش، يىڭى ئىشلارنى قىلىش دىمەك“
مىنىڭ ئامىركىدىكى 20 يىللىق ھاياتىم ئىلمى تەتقىتقات بىلەن ئۆتتى. بۇ 20 يىللىق ئىلمى تەتقىتقات ھاياتىمدا، مەن تونۇپ يەتكەن ئەڭ موھىم بولغان بىر نەرسە ”يىڭى ئىدىيە“ نىڭ نەقەدەر موھىملىقى بولدى. بىز بۇرۇندىن موھىم دەپ قاراپ كەلگەن نەرسە ”تەجىربە ۋە ياكى تەجىربە ساۋاق“ بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان بىز ئۇنىنىڭ موھىملىقىنى ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كەلگەن. خۇددى ”توققۇز ئۆلچەپ بىر كەس“ دىگەندەك، تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردۇق. تەرجىربە ساۋاقلارنى ئىگەللەش، تەجىربىسى مول ئىنسانلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش ھەقىقەتەن موھىم. تەجىربىلىك كىشىلەر، ئىشلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى، ئۇنىڭ پۇختا ۋە مۇئاپىقىيەتلىك بولىشىنىڭ كاپالىتى. بىراق ئەگەر پەقەت تەجىربە بولۇپ يىڭى ئىدىيە بولمىسا، ھەرگۈز يىڭىلىق بولمايدۇ. تەجىربىلىك كىشىلەر ئەگەر يىڭى ئىدەلەرنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلمىسا، ئىشلار ئۇ بۇرۇن ئىگەللىگەن تەجىربىلەرنىڭ يىتەكچىلىكى بىلەن ئوڭۇشلۇق يۈرىشىشى مۈمكىن، بىراق ئالاھىدە يىڭى ئۆزگۈرۈش بولىشى ناتايىن. يىڭى ئىدىيە ھەر زامان دەۋىرگە ماسلاشقان يىڭى ياشلاردىن كىلىدۇ. دۇنيادا مۇئاپىقىيەت قازانغان ئالىملار، دەل شۇ ياش دوكتۇر ئاشتىلارنىڭ يىڭى ئىدىيەسى تۈپەيلىدىن، ئۆزلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرالايدۇ.

جورج كانتور مۇنداق دىگەن ئىكەن، ”بۈيۈك يىڭلىق پەقەت ئىنسانلار ئىشلارنى پەرىقلىق ئۇسۇلدا قىلىشتىن قورۇقمىغاندا دۇنياغا كىلىدۇ“
ئاخىردا خالامۇرات قىرىنىدىمىزنىڭ ئەقلىگە باھاركاللا ئەيتىش بىلەن بىرگە، تىخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ داۋا سىپىگە قىتىلىشىنى، داۋادا تەجىربىسى بار قىرىنداشلارنىڭ ياشلاردىن ئۈزلۈكسىز يىڭى ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە ئۆز ئارا تولۇقلاش مۇھىتىنى بەرپا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
2019 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى

http://www.uyghurnet.org/ug/wp-admin/post.php?post=13238&action=edit
Share
1428 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.