logo

trugen jacn

ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا يۈرەك سۆزلىرىم


مۇھەممەد يۈسۈپ

 

ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا يۈرەك سۆزلىرىم

شەكسىزكى، ئوقۇش، ئۆگىنىش دىنىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى چاقىرىقى ۋە ئىماننىڭ تەلىپىدۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە « بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر» دېيىش ئارقىلىق ئىمان بىلەن كۇفرى ئوتتۇرىسىدىكى پاسىل بولغان كەلىمە تەييىبەنى بىلىپ ئېيتىش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان. (مۇھەممەد سۈرىسى19_ ئايەت.) دېمەك، ئىمان ئىلىمسىز تولۇقلانمايدۇ. ئىماننىڭ كامالىتى ئىلىم بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: « بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار تەڭ بولامدۇ؟» دېيىش ئارقىلىق ئالىمنىڭ قەدرىنى كۆتۈرگەن. -زۇمەر سۈرىسى9_ئايەت
ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئەڭ كاتتا ئىبادەتلەردىن سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىغا كىرگەن ئادەم ئىبادەت ئۈستىدە بولغان بولىدۇ. دىنىمىزدا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان بىرلا نەرسە ئىلىمدۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا « ئى رەببىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن»دەپ دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغان. (تاھا سۈرىسى114_ ئايەت.) ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ چېكى يوق. قانچىلىك كۆپ ئوقۇسا، قانچىلىك كۆپ ھاسىل قىلىشنى تىلىسە شۇنچە ياخشى ۋە ئەۋزەلدۇر

ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىغا ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ۋە بەزى ئاپەتلەر چىقىپ تۇرىدۇ. ئۆتمۈشلەردە يوقسۇللۇق، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئاتلاشنىڭ جاپاسى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقلاردىن سانىلاتتى. بۇ ئىككى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلالىغان تالىپلار كۆزلىگەن مەنزىلىگە ئاسان بارالايتتى. ئەمدى زامان ئۆزگەردى، قىيىنچىلىقلاردىن كۆپرەك ئاپەتلەر كۆپەيدى. ئۆتمۈشتە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق يوقسۇللۇق بولسا، زامانىمىزدا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپەت بايلىق، راھەت، ئىنتېرنېت، يانفۇن قاتارلىقلار بولۇپ قالماقتا. بۇ ئاپەتلەر ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ئاپەتلەرنى يېڭىپ چىققانلارنىڭ مەنزىلگە يېتىش نىسبىتى ئەلۋەتتە چوڭ بولۇشىدا شەك يوق. مەن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ. مۇندىن ئوتتۇز يىل ئىلگىرى بىز ئەزھەر ئىلىمگاھىغا بېرىپ ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زور خوشاللىق ئىچىدە ئىدۇق، بىز ئوتتۇزغا يېقىن ئۇيغۇر تالىپلار ئىدۇق، ئۇ چاغلاردا ھەممىمىز يوقسۇل ئىدۇق، قىيىنچىلىقلىرىمىز كۆپ ئىدى، ئەمما ئىرادىمىز قەتئىي، ئۈمىدىمىز چەكسىز، ئۇتۇق قازىنىشقا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل ئىدى. بىزنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشكە ۋاقتىمىز يوق ئىدى، يانفۇن دېگەنلەر يوق ئىدى، ھازىرقى باش بالاسى ئىنتېرنېت ئۇ زامانلاردا يوق ئىدى، مىسىردا ئوقۇش، ئۆگىنىش، دەرس تەكرارلاشتىن باشقا ئىشىمىز يوق ئىدى، ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىمىز ئائىلىمىزدىن كېلىدىغان بىر پارچە خەت ئىدى. كەلگەن خەتنى دەرھال ئېلىپ ئوقۇشمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى، دوستلارنىڭ ئائىلىسىدىن كەلگەن خەتنى ئېلىۋېلىپ، خەت ئىگىسى بىزگە ئوبدان بىر چاي دەملەپ بەرگەندىن كېيىن، چاي ئىچىپ بولۇپ ئاندىن خېتىنى بېرەتتۇق، شۇ چاغدىلا خېتىنى ئوقۇيالايتتى. بۇ بىزدە ئومۇملاشقان قائىدە_ يوسۇن بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمما بۇ ئەھۋال بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك شېرىن، شۇنچىلىك خوشاللىق ۋە ھۇزۇرلۇق ئىدى

بىزدە كىنوغا بېرىش، توپ كۆرگىلى بېرىش، بىرەر ۋاخ نامازدا مەسجىدكە چىقماسلىق قاتتىق ئەيىب سانىلاتتى. بۇ ئىشلاردا بىر_ بىرىمىزدىن قاتتىق ھايا قىلاتتۇق. بۇنداق ئىشلار ھەرگىز تەكرارلىنىپ قالمايتتى. ۋاقىتنى ئىنتايىن چىڭ تۇتاتتۇق، بارچە ۋاقتىمىز دەرس مۇزاكىرە قىلىش، چوڭلاردا ئوقۇش، مەكتەپكە بېرىش، تاماق ئېتىش ياكى قاچا يۇيۇش بىلەن ئۆتەتتى. بىزگە بېرىلىدىغان ئوقۇش پۇلى چەكلىك بولغانلىقتىن، ھەر كۈنى گۆشلۈك تاماق يېيەلمەيتتۇق، شۇڭا ھەپتىدە ئالتە كۈن تاماقنى تۇخۇمدا، بىر كۈن گۆشلۈك ئېتەتتۇق.
بىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چەتئەلدە قالىمىز دەپ ئويلىمايتتۇق، ھەممىمىزنىڭ نىشانى ۋەتەن ئىدى، ۋەتەنگە بېرىپ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭلىمىزگە پۈتكەن ئىدۇق. بىزدە بىر نەرسە ناھايىتى ئېنىق ئىدىكى، ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ئىشەنچ قىلىش ئىدى. باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمۇ بىزدىن «سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نەدە ئىشلىمەكچى؟» دەپ سورايتتى، بىز ئۇلارغا: «نەدە ئىشلەشنى بىلمەيمىز، چۈنكى بىز دۆلەت تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن ئەمەس، پەقەت ئۆز ئىقتىسادىمىز ۋە ئۆز قىزغىنلىقىمىز بىلەن كەلگەن، بىز پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگىنىمىزدە، ئۇلار بىزگە قاراپ كۈلەتتى ۋە «سىلەر بەكمۇ ساددا بالىلار ئىكەنسىلەر» دەيتتى. چۈنكى باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تالىپلارنى يا دۆلەت ئەۋەتىدىكەن ياكى بىرەر جەمئىيەت ئىگە بولۇپ ئەۋەتىدىكەن، ئوقۇش پۈتكەندە، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن ئورگاندا ئىشلەيدىكەن.
ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا تۆۋەندىكى يۈرەك سۆزلىرىمنى ۋە ئاجىزانە تەۋسىيەلىرىمنى قىلغۇم كېلىدۇ
1. ئىخلاس.
ئىخلاس – لۇغەتتە بىر نەرسىنى باشقىسىدىن تاللاپ ئايرىش مەنىسىنى بىلدۈرسە، ئىسلام ئاتالغۇسىدا: ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ھەر قانداق بىر ئىشنى خالىس ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، دىندا كۆرسىتىلگەن بويىچە قىلىش دېمەكتۇر. ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۈ بىلەن كۆرسىتىلگەن ساداقەتتۇر. ئىخلاسنىڭ ئەكسى رىيادۇر. قىلىنغان ئىبادەت ۋە ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشلاردا ھېچقانداق بىر مەنپەئەت ياكى پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى مەقسەت قىلىش ئىخلاسنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان ئادەمنىڭ قەلبىدە ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشتىن باشقا غەرەز بولماسلىقى شەرتتۇر. مال_ دۇنيا، مەنسەپ، ئابرۇي قاتارلىق دۇنيا مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىمەي، پەقەت ئاللاھ تائالانى رازى ۋە مەمنۇن قىلىش نىيىتى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان ئادەمنىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدىكى ھاياتى پۈتۈنلەي ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. بۇنىڭدا مەيلى دىنىي ئىلىم بولسۇن، مەيلى پەننى ئىلىم بولسۇن پەرقى يوقتۇر. چۈنكى ھەر ئىككىلىسى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا تەھسىل قىلىنغان ئىكەن، ھەممىسى ئەمەل_ ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما دىنىي ئىلىمنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىدىن باشقا بىر غەرەز بىلەن ئوقۇغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئوقۇشقا تېگىشلىك ئىلىمنى مال_ دۇنياغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوقۇيدىكەن، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.» (ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە رىۋايىتى، ھاكىم« سەھىھ» دېگەن، ئىمام نەۋەۋى«رىيادۇسسالىھىن» دېگەن ئەسىرىدە نەقىل قىلغان.)
2. تەقۋالىق
تەقۋا سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى- كۈچلۈك بىر ھىمايىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆزىگە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىن زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش دېمەكتۇر. تەقۋانىڭ ئىسلام ئاتالغۇسىدىكى مەنىسى: ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسى ئاستىغا قويۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزىگە زىيان ۋە ئازاپ ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلاش ۋە ھەر تۈرلۈك گۇناھ- يامان ئىشلاردىن چېكىنىپ، ياخشى ئەمەللەر دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىش دېمەكتۇر.
تەقۋادارلىق پەقەت ئىماندىن كېيىن كېلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرگەن ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ شۇ ئىمانىنى ئاخىرغىچە ساغلام ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن كۈچلۈك بىر ھىمايە ئاستىغا كىرىشى ئەقىل ۋە ئىماننىڭ بىردەك تەلىپىدۇر. ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ھېمايە ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسىدا. تەقۋالىقى توسقۇن بولىدىغان بەزى ئامىللار بار. ئۇلار غەپلەتتىن ئىبارەت ئىنساننى ھوشىيارلىقنى ئۇزاقلاشتۇرۇپ، دىققەتسىزلىك ئاپىرىدىغان بىغەملىك ۋە دۇنيادا مەڭگۈ ياشايدىغاندەك ئىنساننى ئالدايدىغان ھېسلاردۇر. ئۇلار ئىنساننىڭ تەقۋادارلىق دائىرىسىدە ئىش ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ چوقۇم تەقۋالىق قىلىش شەرتتۇر. چۈنكى دىنىي ئىلىم ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا ئىنئامى ۋە مۇكاپاتى بولۇپ، ئۇ پاسىق كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك بېرىلمەيدۇ. بەزى پاسىق كىشىلەر گەرچە ئەرەب تىلىنى ھەممىدىن ئوبدان راۋان سۆزلىگەن ۋە يازغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ نۇرىدىن مەھرۇم بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن كىشىلەرگە ئىلىم_ھېكمەت يۇقمايدۇ، تەقۋالىق يۇقمايدۇ، ئومۇم خەلق تەرەپتىن سۆيۈلمەيدۇ ۋە گەپ _ سۆزىنىڭ تەسىرى بولمايدۇ. شۇڭا ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى تەقۋالىقنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىشنى، ئاللاھ تائالادىن مەنپەئەتلىك ئىلىم تىلەشنى قەتئىي قولدىن بەرمەسلىكى لازىم. تەقۋالىق بىلەن ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىش ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قورالى بولۇشى كېرەك.
3. ئەمەل
بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز بولۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ئۆگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەل قىلىش ئايرىم بىر پەرزدۇر. تالىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆگەنگەنلىرىنى ھاياتتا تەتبىق قىلىشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇردۇر. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا، ئۇنىڭ ئوقۇغانلىرىدىن مېۋە بېرىشى ۋە كىشىلەرگە ئىلىم_ ئىرپان بېرەلىشى قىيىندۇر. چۈنكى خەلق ئۆلىمالارنىڭ ئۆزلىرى تەبلىغ قىلىۋاتقان شەرىئەتكە قانچىلىك ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىغا ۋە ئەخلاقىغا قاراپ ئۇلارغا ئەگىشىدۇ. دېمەك، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى ھەم بىلمىگەنلەرنى ئۆگىنىش ھەم ئۆگەنگەنلىرىنى ھاياتقا تەتبىق قىلىشقا ئۆزىنى كۆندۈرۈش ۋە ئادەتلىنىش دەۋرىدۇر. ئەمەلسىز ئىلىم پايدا بەرمىگەندەك، مۇنداق ئىلىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە قىلچە قىممىتى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلمايدىغانلارغا قاتتىق كايىپ مۇنداق دېگەن: « ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى(باشقىلارغا) سۆزلەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى(باشقىلارغا) سۆزلىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر.»(سەف سۈرىسى2_ ئايەت.)
4. ئابرۇيىنى ساقلاش
ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق بىلەن تولۇق زىننەتلىنىشى، تەقۋالىق بىلەن قوراللىنىشى، ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ساقلىشى، كىشىلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويىدىغان ئىشلاردىن ۋە جايلاردىن يىراق تۇرۇشى، ئىلىم_ مەرىپەت چېچىشتا ۋە گۈزەل ئەخلاقتا باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. چۈنكى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى ئاساس سېلىش دەۋرى بولۇپ، تەقۋالىققا، ياخشى ئىشقا، گۈزەل ئەخلاققا ئاساس سالغانلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن خەلق تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش ۋە ئېتىراپ قىلىنىش ئىمتىيازىغا نائىل بولىدۇ. خەلق تەرەپتىن قوبۇل قىلىنىش ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس، چۈنكى سىزنىڭ دېڭىزدەك چوڭقۇر ئىلمىڭىز بولسىمۇ، ئەخلاقىڭىز ناچار بولسا ياكى سىز مۇسۇلمانلار ئاممىسى تەرەپتە ئىكەنلىكىڭىزدە شۈبھىلىك بولسىڭىز ۋە ياكى پاسىق بولسىڭىز خەلق سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىن تارقاپ كېتىدۇ، سۆزىڭىزنى ئاڭلىمايدۇ. بۇ چاغدا سىز بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ تەھسىل قىلغان ئىلمىڭىزنى خەلقىڭىزگە يەتكۈزەلمەيسىز. مۇسۇلمانلار ئاممىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان ئالىملار ھەر كاتتا ئەسەرلەرنى يازسىمۇ خەلق ئۇنى ئوقۇمايدۇ، نەتىجىدە، خەلق ئۇنىڭدىن ئىلمىدىن نەپ ئالالمايدۇ. بۇ بىر رېئاللىق بولۇپ، ھەممە جايدا ئەھۋال مۇشۇنداقتۇر. بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپتۇر.
5. ئىرادىلىك بولۇش
ئىلىم تەھسىل قىلىش سەپىرى ئۇزۇن يىللىق، مۇشەققەتلىك بىر سەپەر بولۇپ، بۇ سەپەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئوزۇقى سەۋرچانلىق، چىدامچانلىق، تۇرماستىن تىرىشىش قاتارلىقلاردۇر. ئادەتتە بىر ئىنسان بەش_ ئالتە يىل ئوقۇپ دوختۇر بولالايدۇ، بوغالتىر بولالايدۇ ۋە ھەر قانداق بىر كەسىپنىڭ ئىگىسى بولالايدۇ. ئەمما بىر تالىپ بەش- ئالتە يىلدا ئالىم بولالمايدۇ، مۇدەررىس بولالمايدۇ. شۇڭا دىنىي ئىلىم تەھسىل قىلىش يولى ئۇزۇن يولدۇر ۋە سەۋر_ تاقەتنى كۆپ تەلەپ قىلىدىغان يولدۇر. بۇ يولغا كىرگەن ئادەم چوقۇم سەۋرچان، چىدامچان، ئىرادىلىك ۋە قەتئىي بولۇشى لازىم. شۇنداق بولمىغاندا ئوتتۇرا يولدا سۇغۇرۇلۇپ قالىدىغان ئىش. ئوتتۇرا يولدا سۇغۇرۇلۇپ قالغانلار خەلقنىڭ بېشىغا چوڭ بىر ۋابادۇر. چۈنكى ئۇلار ئوقۇشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ چىقالمىغان، ئوتتۇرا يولدا قالغان شەخستۇر. مۇنداق شەخس خەلقتىن ئۇيالغانلىقتىن، بىلمەيمەن دېيىشتىن نومۇس قىلىپ دىنىي مەسىلىلەر ھەققىدە كەلسە_ كەلمەس سۆزلەرنى قىلىدۇ، پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلقنى ئازدۇرىدۇ. شۇڭا ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىغا كىرگەنلەر ئۆزىنى ئىبادەت ئۈستىدە ھېس قىلىشى، سەۋرچان بولۇشى، تۇرماستىن ئالغا ئىلگىرىلىشى لازىم.
6. ئۈمىدۋار بولۇش
ۋەتىنىدىن، ئاتا _ ئانىسىدىن ۋە قەۋم _ قېرىنداشلىرىدىن يىراقلارغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆزىنى خوش قىلىپ تۇرىدىغان، يۈرىكىنى ياشارتىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ نەرسىسى ئۈمىدتۇر. ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى بۇ ئۇزۇن يىللىق ئوقۇشنى پەقەت ئۈمىدۋارلىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەنلا ھېچبىر ئۇزۇن كۆرمەي داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلەيدۇ، بۇ يولدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ بۇرۇختۇم كۈنلىرىدە ئۈمىد خۇددى قاراڭغۇدىكى مەشئەلگە ئوخشاش ئۇنىڭ كۆڭلىنى يورۇتىدۇ ۋە ئۇنى يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. قانداقلا بىر ئىنسان ھەر قانداق بىر ئىشتا ئۈمىدسىزلىككە ئۇچرىغان ھامان ئۇنىڭ يورۇق دۇنياسىنى قاراڭغۇ باسىدۇ، ئۇ بولسا گاڭگىراپ قالىدۇ. شۇڭا ئۈمىدسىزلىككە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن قولدىن كەلگەننى قىلىش كېرەك، قەتئىي ئۈمىدسىز بولماسلىق كېرەك. خەلقىمىزدىمۇ «ئۈمىدسىز شەيتان» دەيدىغان ماقال بار.
مۇندىن ئوتتۇز يىل بۇرۇنمۇ چەتئەللەردە دىنىي بىلىمگاھلاردا ئوقۇغانلارنىڭ كېلەچىكى قاراڭغۇ ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق. خۇددى ئىلگىرىكى تالىپلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن نەگە بېرىشىنى پىلانلىيالمىغاندەك، ھازىرقى تالىپلار شۇنداق. چۈنكى بىزنى قوينىغا باسىدىغان، بىزنى قوللايدىغان دۆلىتىمىز يوق. ئەمما ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھىمايىچىمىز بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا چىن يۈرەكتىن ئىشەنچ قىلىپ، ئۇنىڭغا تايانساق، ئاللاھ تائالا بىزنى ھەرگىز نائۈمىد قويمايدۇ، بىزنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە بىزنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويمايدۇ. شۇڭا ئۈمىدنى بىر ئاللاھ تائالادىنلا كۈتۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن يولىمىزغا داۋام قىلىشىمىز لازىم. ئىلىم تەھسىل قىلىپ دىنىمغا، خەلقىمگە خىزمەت قىلىمەن دېگەن ئىرادىمىزدە سەمىمىي ۋە راستچىل بولساق، ئاللاھ تائالا بىزنى قوللايدۇ، بىزنى چوقۇم شۇنىڭغا مۇيەسسەر قىلىدۇ. بۇ بىزنىڭ بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن تەجرىبىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر.
7. مەۋقە ئېنىق بولۇشى
ئوقۇغۇچىنىڭ مەۋقەسى، مەيدانى ئېنىق، ئىمانى كامىل، ئەقىدىسى دۇرۇس بولۇشى تولىمۇ زۆرۈردۇر. قىسقىسى، ئوقۇغۇچى ئۆز خەلقىنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان، باشقىلارنىڭ دېپىنى چالمايدىغان، خەلقى تەرەپتە تۇرىدىغان بولۇشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى ئۇ خەلقنىڭ پەرزەنتىدۇر، ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى خەلقى بىلەن بولىدۇ. ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەۋقەسى، مەيدانى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا ئېنىقلىنىشقا باشلايدۇ. ئۆز خەلقىگە ئۈلگە بولىدىغان، ئۇلارغا يول كۆرسىتىدىغان رەببانىي ئالىم ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىلا ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا باشلايدۇ. ئۇنى قوللايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلارمۇ ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۆتمۈشىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمما ۋەزىيەتكە قاراپ بىردەم خەلق تەرەپتە، بىردەم بېسىمدارلار تەرەپتە تۇرىدىغان ئادەملەرنى خەلق ياقتۇرمايدۇ ۋە ئىشەنچ قىلمايدۇ. مەۋقەسى، مەيدانى ئېنىق ۋە ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرىدىغان ئىنسانلارنى خەلق قوللايدۇ، ئارىسىغا ئالىدۇ ۋە قوغدايدۇ. بىزنىڭ كېلەچەك دىنىي ئالىملىرىمىز ئەنە شۇنداق خەلقنىڭ قوللىشىغا، ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدىغان، ئۈلگىلىك، مەۋقەسى مۇستەھكەم، مەيدانى ئېنىق كىشىلەردىن بولۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، مۇساپىرچىلىقتا غۇربەتچىلىك دەردىنى تارتىپ ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلغاننىڭ پايدىسى بولماي قالىدۇ. بۇ بەك خەتەرلىك ئىشتۇر. شۇڭا مەيدانسىزلىقتىن ساقلىنىش، ئىرادىلىك، مەۋقەسى ئېنىق، سۆزى كەسكىن، ئۆزى دادىل بولۇش كېرەك.
8. ئۆگىنىش، ئۆگىنىش، يەنە ئۆگىنىش
ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشى ئۆگىنىشتۇر. ئوقۇغۇچى مەيلى قانچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ بولغان بولسىمۇ، يەنىلا قەتئىي قانائەت قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى ئۇنىڭ ياشلىق باھارى، ئۆمرى، پۈتۈن ۋاقتى بىلمىگەنلەرنى ئۆگىنىشكە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشى ئۆگىنىشتۇر. بۇنى ھەربىر ئوقۇغۇچى قەتئىي ئېسىدىن چىقارماسلىقى لازىم. قانچىلىك كۆپ تىرىشسىڭىز، قانچىلىك كۆپ ئوقۇشىڭىز، قانچىلىك كۆپ ئۆگەنسىڭىز، شۇنچىلىك كۆپ نەرسىنى بىلىۋالىسىز.
مەن ساۋاقدىشىم ئابدۇلئەھەد ھافىز بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى سىنىپىدىن تۆتىنچى سىنىپىغا مۇسابىقە قىلىپ ئاتلىماقچى بولغاندا، ئۈچىنچى يىللىقنىڭ بارلىق كىتابلىرىنى تولۇق ئوقۇپ ھەممىسىدىن ئىمتىھان بېرىشكە مەجبۇر ئىدۇق، شۇڭا بىز قاھىرەنىڭ ئابباسىيە دېگەن رايونىدىكى بىر مەسجىدكە پىشىن نامىزىغا كىرگەنچە خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ چىقاتتۇق. بۇ ئارىدا تۇرماستىن كىتاب ئوقۇيتتۇق، دەرس مۇزاكىرە قىلاتتۇق. بەزىدە بىرەر كىتابنى تولۇق ئوقۇپ بولغان كۈنلىرىمىزمۇ بولغان. كۈنىگە يىگىرمە سائەت ئەتراپىدا دەرس مۇزاكىرە قىلغان ئىدۇق. بەختىمىزگە يارىشا مۇسابىقە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ تۆتىنچى سىنىقا كۆچكەن ئىدۇق.
9. جاپا چېكىش
ئانا ۋەتەندىكى ئۇستازلىرىمىز ھەمىشە بىزگە «رىيازەت چېكىڭلار، تالىپ دېگەن چوقۇم رىيازەت چېكىشى كېرەك، راھەت بولساڭلار ئۆگىنىش قىلالمايسىلەر» دەيتتى. ئەمما مەن بۇ سۆزلەرگە قايىل ئەمەس ئىدىم. بىراق مەن مىسىردا ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى راھەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. چۈنكى بىز مەكتەپنىڭ ياتاقخانىسىنىڭ سىرتىدا ئۆزىمىز ئۆي ئىجارە ئېلىپ، بىر ئۆيگە ئالتە، يەتتە كىشى ئولتۇرغان چاغلىرىمىزدا، جاپانى كۆپ چەككەن ئىدۇق. مەكتەپتىن ئاچ قورساق كېلىپ بىر تەرەپتىن تاماق ئېتىش، بىر تەرەپتىن دەرس مۇزاكىرە قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆينى تازىلاش قاتارلىق ئىشلار كۆپ ۋاقتىمىزنى ئېلىپ كېتەتتى، ئەمما دەرس مۇزاكىرە قىلىش ئەڭ ئالدىنقى ئىشىمىز ئىدى. مەكتەپنىڭ ياتاقخانىسىغا كېرەلمىدۇق دەپ ھەسرەتلىنەتتۇق، « ياتاقخانىغا بىر كىرسەك كۆپ دەرس تەكرارلاپ ياخشى ئوقۇيتتۇق» دەپ ئۆزىمىزگە سۆز بېرەتتۇق ۋە كىرىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتۇق. نەتىجىدە، ئاخىرقى ئۈچ يىلىمىزنى مەكتەپنىڭ ياتاقخانىسىدا ئۆتكۈزۈش بىزگە نېسىپ بولدى. ئەمما ئوقۇشىمىز، تىرىشچانلىقىمىز تۆۋەنلەپ كەتتى. چۈنكى بىز مەكتەپنىڭ ياتاقخانىسىدا ھەربىرىمىز بىردىن ياتاققا ئېرىشىپ مۇستەقىل بولغان، دوستلارنىڭ كونترولىدىن قۇتۇلغان، ئازادىچىلىككە ۋە راھەتكە چىققان ئىدۇق. بىز بۇلارغا ئېرىشتۇق دەپ ئوقۇشىمىزدىكى ئاكتىپلىقنى، تىرىشچانلىقنى قولدىن بېرىپ قويغىنىمىزنى بىلمەيلا قالدۇق. ھەممىمىز ئوقۇشتا دېگۈدەك ئارقىغا چېكىنىپ كەتتۇق. مەسىلەن: مەن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاخىرقى يىلىدا بىرىنچى قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قايتا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم. دېمەك، بىز راھەتكە چىقتۇق دېگەن بىلەن ئوقۇشتا كەينىگە كەتتۇق.
شۇڭا ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى راھەتكە بېرىلمەسلىكى لازىم ئىكەن. چۈنكى ئىنسان بىر نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئىستىگىدە يۈرگىنىدە ئۇ تىرىشچانلىق، جەڭگىۋارلىق ئىچىدە بولىدىكەن، ئەمما ئۇ ئىستىگەنلىرىگە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىنلا ئارقىغا چېكىنىپ كېتىدىكەن. بىزنىڭ شۇ جاپالىق ئوقۇش يىللىرىمىزدا مەكتەپنىڭ ياتاقخانىسىغا ئورۇنلىشىپ، چۈشتە دەرستىن چىققاندا ئاچ قورساققا تەييار تاماقنى يېيىش ئىستىكىمىز بىزنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيىمىزغا ئايلىنىپ قالغان ئىكەن، شۇڭا ياتاقخانىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندا بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئاشقان بولدى، ئەمما بىزدىكى ئېنېرگىيە ۋە تىرىشچانلىق ھەممىسى يوقاپ كەتتى. تارىخلارغا قارايدىغان بولساقمۇ، ھېچبىر كاتتا ئۆلىمانىڭ راھەت ئىچىدە ئوقۇغانلىقىنى كۆرمەيمىز. ساھابىلەرنىڭ زامانىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئۆتكەن كاتتا ئۆلىمالارنىڭ ھېچبىر ئېسىل قەسىرلەردە، ھەممە ئېھتىياجى تەل بولغان ئائىلىلەردە يېتىشىپ چىققان زاتلار ئەمەس. ئەكسىچە، دېگۈدەك مۇتلەق كۆپ سانلىقى يوقسۇللۇق، يېتىملىك ئىچىدە ئۆسكەن ئىكەن. كاتتا مۇپەسسىرلەرنىڭ، مۇھەددىسلەرنىڭ ۋە فۇقەھالارنىڭ(فىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ) كۆپلىرى قۇل ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى سۆزلىنىدۇ.
10. سوتسىيال مېدىياغا چەك قويۇش
شەكسىزكى، ئىنتېرنېت بىلەن يانفۇن ھازىرقى زاماننىڭ ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ زىيانلىق ئاپەتلىرى بولۇپ، بۇلاردىن قانچىلىك يىراق تۇرالىغانلار شۇنچىلىك پايدا تاپىدۇ، قىممەتلىك ۋاقتىنى پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلالايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككىسى ۋاقىتنى ئۆلتۈرۈشنىڭ، ئۆمۈرنى زايە قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىلى بولۇپ قالماقتا. سوتسىيال مېدىياغا چەك قويۇش ياكى پەقەتلا يىراقلىشىش ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالغان مۇشۇ زاماندا، ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ زۆرۈردۇر. ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلار ئەگەر سوتسىيال مېدىياغا سەرپ قىلغان ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە دەرس مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان بولسا، ئوقۇشىدا چوقۇم غەلىبە قازانماي قالمايدۇ. چۈنكى ۋاقىت ئۆمۈر، ۋاقىت ھاياتتۇر. ۋاقىتنى پۇلغا سېتىپ ئالغىلى بولمىغاندەك، مەنىسىز ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. « كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن» دېگەن گەپ بار
سوتسىيال مېدىياغا بېرىلىپ كېتىشنىڭ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا يەنە كۆپلىگەن زىيانلىق تەرەپلىرى بار. ھازىرقى زامان تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى يانفۇن، كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت، ۋايفاي قاتارلىق نەرسىلەردىن تارقىلىدىغان رادىياتسىيەنىڭ تەن ساقلىق ئۈچۈن، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ تەن ساقلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتە. ئۇلار ئاخشىمى ياتىدىغان ۋاقىتتا ئۆيدىكى ۋايفاينى، كومپيۇتېرنى، تېلېۋىزورنى، ھەتتا توك مەنبەسىنى تاقىۋېتىپ ئۇخلاش لازىملىقىنى قاتتىق تەكىتلىمەكتە
ياشلارنىڭ ۋايفاي بىلەن ئىنتېرنېتكە خۇمار بولۇپ قېلىشى ھازىرقى زاماننىڭ ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ زىيانلىق ئاپىتى ئىكەنلىكىنى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار تۇرماستىن سۆزلىمەكتە. بۇ نەرسىلەر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھېسابسىز زىيانلارنى كەلتۈرمەكتە. ئەمما ئۇلار تارتقان زىيانلىرىنى دەرھال ھېس قىلىشمىغان بىلەن، كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى سوتسىيال مېدىيادىكى مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە دوستلىرىنى ئازايتمىسا چوقۇم زىيان تارتىدۇ. مەن فېسبۇك ۋە باشقا سوتسىيال مېدىيالارنى ئىشلىتىمەن. ئەمما ئۆزۈمگە ئاز ئىشلىتىش ئۈچۈن تەلەپ قويۇپ ئىشلتسەممۇ يەنە بەزىدە نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىۋېتىمەن. مەن شۇنى بىلدىمكى، سوتسىيال مېدىيانىڭ بەزى پايدىلىق تەرەپلىرى بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز كۆپ ئىكەن. سوتسىيال مېدىيادىن بىر سائەت ۋەز_ نەسىھەت ئاڭلىغاندىن، ماقالا ئوقۇغاندىن كۆرە، بىرەر كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ، بىر بەت كىتاب ئوقۇسام بۇنىڭ پايدىسى نەق ۋە چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. بەلكى باشقىلارمۇ شۇنداق قاراشقا كەلگەندۇ
11. ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش
ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى تولۇق ئۆگىنىش ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. چۈنكى ئۇستاز قەدىرلىك، ئۇستاز باغۋەن. بىر تال خورمىغا چاغلىق نەرسىنى ھەدىيە قىلغان ئادەمگە رەھمەت ئېيتىش ۋە ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇشقا تىرىشىش تەلەپ قىلىنغان يەردە، ئىنساننىڭ ئېغىزىغا ئىلىم سالىدىغان، بىلمىگەنلىرىنى ئۆگىتىدىغان، قايمال كاللىلارنى ئۆزگەرتىدىغان، ئىلىم_ مەرىپەت بىلەن ئۇپۇقىنى ئاچىدىغان ئۇستازلارنى ھۆرمەتلىمەسلىك ئەدەپسىزلىك ۋە نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدىن تارتىپ تالىپ ئۇستازىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ، نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، گۈزەل ئەخلاقىنى ئۆگىنىدۇ. چۈنكى ئىشنىڭ يولى مۇشۇدۇر.
ئۇستاز سىنىپقا كىرىشتىن ئاۋۋال كىرىپ ئولتۇرۇپ بولۇش، ئۇستاز كىرگەندە ئورنىدىن قوپۇپ ئۇستازغا سالام بېرىش، ئۇستاز سۆزلەۋاتقاندا، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ دىققەت بىلەن تىڭشاش، ئۇستازدىن سوئال سورىماقچى بولسا قولىنى كۆتۈرۈپ ئىجازەت ئېلىپ ئاندىن سوراش، ئۇستاز سىنىپتىن چىقىشتىن بۇرۇن سىنىپتىن چىقماسلىق، ئۇستاز بىلەن يۈرگەندە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈش، ئۇستازغا گەپ قىلغاندا ئەدەپ بىلەن قىلىش قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇستازغا قارىتا قىلىشقا تېگىشلىكلىرىدۇر.
چەتئەللەردىكى بىلمگاھلارنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئالاھىدە ھۆرمەتكە لايىق بولمايدىغاندەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. چۈنكى مىسىردا بەزى ئۇستازلاردىن كۈتكەنلىرىمىزنى تاپالمايتتۇق. شۇنداق بولسىمۇ بىزگە ئىلىم ئۆگەتكەن ئۇستازلارنى قاتتىق ھۆرمەتلەش كېرەك. چۈنكى ئۇلار بىزگە ئىككى دۇنيالىق ئەزىزلىقنىڭ كاپالىتى بولغان ئىلىم_ مەرىپەت سىڭدۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ توغرا، چەتئەللەردىكى ئۇستازلار ئانا ۋەتەندىكى تەقۋادار، پىداكار، ئۈلگىلىك، مېھرىبان ئۇستازلىرىمىزدەك بولالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ قەلبىمىزگە ئىلىم_ ئىرپان چاچقان ئادەم بىز ئۈچۈن ئۇلۇغ، ھۆرمەتلىك ۋە قەدىرلىك بولۇشقا تېگىشلىكتۇر

Share
1804 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.