logo

trugen jacn

ئىلشات ھەسەن: دالاي لاما ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

image

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھىندىستاندىكى دارامسالادا شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان «ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى» نىڭ 2016 – يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئىلشات ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يىغىن مەزگىلىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يىغىن ئەھۋالى توغرۇلۇق بايان بېرىش بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دالاي لامانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدىكى سالىمىنى ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈشنى ھاۋالە قىلدى.

28 – ئاپرېل باشلانغان بۇ يىغىن 1 – مايغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئەسلى مەزكۇر يىغىنغا د ئو ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسامۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ ۋىزىسى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن بىكار قىلىنغان ۋە خەلقئارالىق غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يىغىندىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىقى قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردا تۆت قېتىم دوكلات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت جەھەتتە باستۇرۇشقا ئۇچرىشى قاتارلىق تېمىلار ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ۋىزىنى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن بىكار قىلغانلىقى قاتارلىقلاردا قىزغىن مۇنازىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە تېخىمۇ جىق مەسىلىلەرنى بىلىشكە قىزىققان يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ يىغىندا مەخسۇس دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۈچۈن تېلېۋىزىيە نۇتقى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان ھىندىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر، مۇخبىرلار، سىياسىي ئەربابلار ۋە تەشكىلاتچىلار بىلەنمە ئۇچراشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىندىستاننىڭ دارامسالادا شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ۋە ھىندىستاندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى يىغىن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ تۇنجى قەدىمى بېسىلغان مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىنىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/ilshat-hesen-daramsala-04302016113326.html

Share
1709 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.