logo

trugen jacn

ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ئايرىلمايدىغان بىر پۈتۈنلۈكتۇر 

 


مۇھەممەد يۈسۈپ

 

ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ئايرىلمايدىغان بىر پۈتۈنلۈكتۇر 

ئىنسان تەنتەربىيە ئارقىلىق جىسمانىي ساغلاملىققا ئېرىشسە، ئىبادەت ئارقىلىق روھىي گۈزەللىككە ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا ئېرىشىدۇ. بەزى كىشىلەر مەسجىدتە ناھايىتى ئەخلاقلىق بولسىمۇ، ئەمما مەسجىدنىڭ سىرتىدا، جەمئىيەتتە، ئائىلىسىدە، ئىش ئورنىدا، ئۇ باشقا بىر ئىنسان…
ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق چوڭ ئايرىلىش نەتىجىسىدە، ئىسلام دۇنياسىدا، مۇنداق ئىككى خىل ئىنسانلار مەۋجۇت:
بىرى، ئەخلاقى ناچار، ئەمما ئىبادەتلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇندايدىغانلار،
يەنە بىرى، ئەخلاقى ياخشى، ئەمما ئىبادەتلەرنى ياخشى ئورۇندىمايدىغانلار، ياكى پەقەت ئورۇندىمايدىغانلار.
جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار مۇئامىلە ئىشلىرىدا ناھايىتى راستچىل، دۇرۇس ۋە ئىشەنچلىك، ئەمما ناماز ئوقۇمايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئىبادەتلەرگە ناھايىتى ھېرىسمەن بولسىمۇ، ئەخلاقى ناچار بولغانلىقتىن بىراۋنى ئالدايدۇ، يەنە بىرىگە ئازار قىلىدۇ.
بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ھېچقايسىسى ئىسلامدىن ئەمەس!( )
سۇ بىلەن ئوت بىرلىشەلمىگەندەك، تەلەپكە لايىق ئورۇندالغان ئىبادەت بىلەن ناچار ئەخلاق بىرلىشەلمەيدۇ.
«قۇرئان كەرىم» بەختكە ئېرىشىدىغان ھەقىقىي مۇئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان جىمى ئايەتلەردە، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئىبادىتىنى ماختىغان. مەسىلەن: مۇئمىنۇن سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:
﴿قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ﴾ يەنى ﴿مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. ئۇلار (شۇنداق مۇئمىنلەركى) نامازلىرىدا (ئاللاھنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن) ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر﴾. بۇ ئىبادەت.
﴿وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ﴾ يەنى ﴿ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر﴾. بۇ ئەخلاق.
﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ﴾ يەنى ﴿ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر﴾. بۇ ئىبادەت.
﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِمْ أوْ مَامَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ فَمَنِ ابْتَغَى وَرَاءَ ذَلِكَ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْعَادُوْنَ﴾ يەنى ﴿ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن (يەنى ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر. ئۆز ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن جىنسىي يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر﴾. بۇ ئەخلاق.
﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ﴾ يەنى ﴿ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر﴾. بۇ ئەخلاق
﴿وَالَّذِينَ هُمْ عَلَى صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ﴾ يەنى ﴿نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەلەپكە لايىق) ئادا قىلغۇچىلاردۇر﴾.( ) بۇ ئىبادەت.
«قۇرئان كەرىم» يەنە ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ياخشى بەندىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئىبادىتى ۋە ئەخلاقى بىلەن بىرگە بايان قىلغان. مەسىلەن: فۇرقان سۈرىسىدە مۇنداق كەلگەن:
﴿وَعِبَادُ الرَّحْمَنِ الَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى الْأَرْضِ هَوْنًا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ الْجَاهِلُونَ قَالُوا سَلَامًا﴾ يەنى ﴿مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ (ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى، زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (نالايىق) سۆز قىلسا، ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ (ۋە ئوز يولىغا داۋام قىلىدۇ)﴾. بۇ ئەخلاق.
﴿وَالَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمْ سُجَّدًا وَقِيَامًا﴾ يەنى ﴿ئۇلار كېچىلەرنى(ناماز ئوقۇپ) رەببىگە سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ﴾. بۇ ئىبادەت.
﴿وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا اصْرِفْ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا إِنَّهَا سَاءتْ مُسْتَقَرًّا وَمُقَامًا﴾ يەنى ﴿ئۇلار: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى يىراق قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ. جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر» دەيدۇ﴾. بۇ ئىبادەت.
﴿وَالَّذِينَ إِذَا أَنفَقُوا لَمْ يُسْرِفُوا وَلَمْ يَقْتُرُوا وَكَانَ بَيْنَ ذَلِكَ قَوَامًا﴾ يەنى ﴿ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇرھال خىراجەت قىلىدۇ﴾.( ) مانا بۇ ئەخلاق.
دېمەك، دىنىمىزنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى ئىبادەت بىلەن ئەخلاقنىڭ ھەر ئىككىسىدۇر
ئىبادەتتىن ئەخلاقىي نېسىۋە ئالالمىغانلار قىيامەتتە قۇرۇق قول قالىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»( ) دېگەن.
ھەدىستە كۆرگىنىمىزدەك، ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولماسلىقىنىڭ ۋە ئاخىرەتتە ئەسقاتماسلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ناچار ئەخلاقلاردۇر
پېقىرنىڭ «ئىسلام ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدىن

Share
1650 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.