ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
شۆھرەت ھوشۇر
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچتۇرپاندا قېچىپ يۈرۈپ ھۇجۇم ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى نەپەر پىدائىينىڭ جاسارىتى ۋە پاراسىتى ئۇلارنىڭ دوست ۋە دۈشمەنلىرىنى ئوخشاشلا ھەيران قالدۇرماقتا. بولۇپمۇ ئۇلاردىكى بۇ جاسارەتنىڭ مەنبەسى دىققەت قوزغىماقتا
مۇخبىرىمىز مەزكۇر ئىككى پىدائىينىڭ ئەھۋالىنى ئىز بېسىپ ئېنىقلاش داۋامىدا، 20 ياشلىق ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ ئائىلە تارىخىي ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىدى. نەتىجىدە، نۆۋەتتە ئامما ئارىسىدا «ئوت يۈرەك» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بىر سابىق سىياسىي مەھبۇسنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ دادىسى، 1998 يىلى ئاقسۇ بوزدۆڭ ۋەقەسىدە پۇتىغا ئوق تەككەن پىدائىي ھوشۇر توختىنى ئۆيىدە يوشۇرغان ۋە قارىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ بىر يىل قاماقتا ياتقان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-pidaiy-09172014163033.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.