ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئامېرىكا يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتى پىروفېسسورى – رەيھان بەكتۇر
مەن ئالدىنقى قېتىملىق ماقالەمدە، چەتئەلدە ئوقۇش ۋە چەتئەلدە ئوقۇش مەسلىھەتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ھەققىدە توختالغان ئىدىم. بۇ قىسقا ماقالەم شۇ يازمىلارنىڭ داۋامى دەپ قارالسا بولىدۇ. بۇ ماقالىدە، مەن ئۆزۈمنىڭ پەقەت ماڭا ۋەكىللىك قىلىدىغان، بالىلارنى چەتئەلگە ئەۋەتمەسلىك ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تېخى پۈتتۈرمىگەن بالىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان شىركەتلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى كېيىنكى ماقالەمدە ئوتتۇرىغا قويىمەن.
چەتئەلدە ئوقۇش ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرىدىغان شىركەتلەر سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بەزىلىرى ئوقۇغۇچىلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ كىنىشىكىسىنى قولغا ئالمىسىمۇ، ئۇلارنى ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرستېتلارغا يولغا سالالايدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان تارقىتىشقا باشلىدى. مەن ئۇلارنىڭ ئېلانلىرىنىڭ نەقەدەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغانلىقىنى چۈشىنىمەن، ھەم بىر قىسمىنى مەلۇم دەرىجىدە توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇڭا، مەن بۇ چەتئەلدە ئوقۇش مەسلىھەتچىلىك شىركەتلىرىنى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ دېمەيمەن. راستىنى ئېيتسام، كىمنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، بەلكى مەن بىر بالىنىڭ مائارىپ جەھەتتە نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەشكە بەكرەك قىزىقىمەن.
مەن سۆزۈمنى مۇنداق باشلاي، كۆپىنچە دۆلەتلەردە 18 ياشقا توشمىغانلار قورامىغا يەتمىگەنلەر ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا بىر قانۇنىي ھامىي بولۇشى كېرەك. بۇ قائىدىنىڭ ئۆزىدىن چىقىپ تۇرغىنىدەك، بىر قورامىغا يەتمىگەن بالا ئاتا ئانىسى ياكى ئۇلارغا مەسئۇل بولىدىغان بىر ھامىينىڭ يېنىدا بولۇشى كېرەك. ھەتتا جۇڭگودىمۇ، بىز دائىم ئاتا-ئانىسىنىڭ باشقا جايلاردا خىزمەت قىلىپ پۇل تېپىشى سەۋەبلىك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا قالغان بالىلارنىڭ ئازاپلىق ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. يەنە نۇرغۇن ۋاقىتلاردا بالىلار تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدۇر. مەن ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بارلىقىنى بىلىمەن، ئەمما بالىلارنى شۇنچە كىچىك تۇرۇپ ئۆيدىن يېراقلارغا يولغا سېلىشنىڭ نۇرغۇن بەدەللىرى بولىدۇ.
شۇڭا ئەمدى بىز بالىلارنى تۇغقانلارنىڭ يېنىدا قويۇپ قويۇش ياكى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يولغا سېلىشنىڭ بەدەللىرى ۋە خەتىرى بارلىقىنى بىلىگىنىمىزدە بالىنى چەتئەلگە يولغا سېلىشنىڭ خەتىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. ئالدى بىلەن، ئىقتىساد جەھەتتە بۇنىڭ چىقىمى ئىنتايىن يۇقىرى. ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى نېمىلا دېگەنبىلەن دۆلەت ئىچىگە جايلاشقان ھەم چىقىملىرىمۇ ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس. بېراق چەتئەلنىڭ ئوقۇش پۇلى بەكلا قىممەت. ئوقۇش پۇلىدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار چەتئەلدە ئوقۇش مەسلىھەتچىلىك شىركەتلىرىگە نۇرغۇن پۇل تۆلەيدۇ. ئاندىن بۇ ئوقۇغۇچىلار شۇنچە كىچىك ياشتا ئامېرىكىغا كەلگىنىدە، ئۇلار بۇ جايدىكى قېيىنچىلىقلارغا تېخى تەييار تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ. يەنە دېسەك، ئامېرىكىدا ئۇلارنى يېتەكلەيدىغان ۋە ياردەم قىلىدىغان ھامىيسى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، شۇنداق ئۇسۇلدا ئامېرىكىغا كىلىپ ئاخىرىدا ئاشخانىلاردا قانۇنسىز ئىشلەيدىغان، زەھەر ساتقۇچىلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، ھەتتا پاھىشىلىك يولىغا مېڭىپ قالغان دېگەندەك يامان كۈنگە قالغان بالىلارنىڭ مىساللىرى خىلى بار.
تېخى يېقىندىلا مېنىڭ بىر دوستۇم قورامىغا يەتمىگەن بىر كوچىدا قالغان ئۇيغۇر بالىنى سان فىرانسىسكودىن ئۆيىگە ئىلىپ كەلگەن. بۇ بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش مەسلىھەتچىلىك شىركەتلىرىگە نۇرغۇن پۇل خەجلىشى بىلەن ئامېرىكىدىكى بىر جامائەت ئۇنىۋېرستېتى (community college) غا ئوقۇشقا كەلگەن (ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تۈرلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئالدىنقى قېتىملىق سوئال-جاۋابقا قاراڭ)، ئاندىن ئۇ مەكتەپتىكى ئوقۇشقا يېتىشەلمەي قالغان. ئاخىرى، ئۇ زەھەرگە ئۆگىنىپ قالغان. ھېلىقى دوستۇم مۇنداق دەيدۇ: ”ئەگەر مەن ئۇ بالىنى ئۆيۈمگە ئەكىۋالمىغان بولسام، ئۇ كوچىدا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى“. ئاتا-ئانىلار! ئۆتۈنەي سىلەردىن! مەن بۇ ھېكايىنى توقۇۋالمىدىم. بۇ بىر ئەمەلىي يۈز بەرگەن ۋەقە. مەن پەقەت باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسمىنى تىلغا ئالمىدىم. لېكىن بۇ راست بولغان ئىش ھەمدە بۇ سۆزۈمگە گۇماندا بولىدىغانلار بولسا مەن سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتەلەيمەن.
بىر بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرغاندا ئەڭ ياخشى ئۆسۈپ يېتلىدۇ. سىلەر قولۇڭلاردىن كىلىشىچە بالىلىرىڭلارغا زۆرۈر بولغان پۇرسەتلەرنى تەمىنلەڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بىر بالا سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا تۇرۇپ ياخشى ئوقۇمىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ چەتئەلدە ياخشى ئوقۇپ كېتىشىنىڭ ئېھتىمالىمۇ تۆۋەن، بولۇپمۇ ئامېرىكىدا. ئاخىرىدا بىراۋ پىكىرىمگە قارشى چىقىپ قالسا رەددىيە ئۈچۈن بىر قىسقا مۇنازىرىنى باشلاي. بەزىلەر بەلكىم ”پالانچى، پوكۇنچى ئاۋۋال جامائەت ئۇنىۋېرستېتلىرىغا بېرىپ ئاندىن بىر داڭلىق ئۇنىۋېرستېتقا يۆتكەلگەن“ دېيىشى مۇمكىن. شۇنداق، دەرۋەقە شۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت. بېراق، ئۇنداق قىلالىغان ئوقوغۇچىلار بىر بولسا چوڭراق ياشتا ئامېرىكىغا كىلىپ جامائەت ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئوقۇشنى باشلىغان، بىر بولسا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر يېنىدا بىللە تۇرغان، ۋە ياكى ئۇلار جۇڭگودىكى ۋاقتىدا ئەسلىدىنلا ناھايىتى ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، دەيدىغىنىم ھەرگىزمۇ باشقا كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرى ئۈچۈن زىيادە ھاياجانلىنىپ كەتمەڭلار. ئامېرىكىدا ھازىر بىر قىسىم ناھايىتى ياشتا كىچىك بالىلار بار، بېراق ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تۇغقانلىرى ياكى دوستلىرى بار. مەن مۇنداقلا دەي: ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارنى تولۇقسىز ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئامېرىكىغا چىقىرىش قارارىغا كىلىشتىن بۇرۇن ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭلار. مۇمكىن بولسا، ئۇلار بەكرەك مۇستەقىللىقى يېتىلگىچە يېنىڭلاردا ئۆسۈپ يېتىلسۇن. ئۇلار كېيىن كۈچلۈك دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈپ بولغاندا ئاندىن ئامېرىكىغا ھەر قاچان كەلسە بولىدۇ.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.