logo

trugen jacn

ئاپپاق غۇجىنىڭ بۇگۈنكى ۋاريانتلىرىغا دىققەت – جەۋلان ج.

ئاپتورى: جەۋلان ج.

5-ئاينىڭ 16-كۇنىدىكى روسيە پىرىزدىنتى پۇتىننىڭ خىتاي زىيارىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزىنىڭ ئامىرىكىغا قارشى روسيە تەرەپكە ئۆتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ، بايدىن ھۆكۈمىتى ۋە ياۋرۇپانىڭ خىتاينى روسيەدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۆزلىرگە تارتىش سىياسەتلىرى ئۈزۇل-كىسىل بەربات بولدى، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى پوزىتسىيىسىدىن قارىغاندا دۆلەت ئىچىدىكى جىددىيچىلىك يەنىمۇ كۇچىيىدۇ ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسەتلىرى يەنىمۇ تۇراقسىزلىشىدۇ ، ئامىرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىدىن ئاساسەن ئۈمىت قالمىدى ، ۋەتەنددىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم ئارتىشى مۇمكىن ، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارىتىلغان ھۇجۇم بۇندىن كىيىن ھەسسىلەپ كۇچىيىدۇ بۇنىڭدا شەك يوق . رۇسيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۇچلۇك تەرەققى قىلشى ئوتتۇرا ئاسىيا دولەتلىرنى خىتاي بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ . يېقىن كەلگۇسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىدا قانداق ئۆزگۇرۇش بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا، قۇرۇلتاينىڭ خەلىقئارالىق تەسىرى ۋە داۋادىكى نەتىجىلىرنى قوغدايدىغان، ۋارىسلىق قىلىدىغان، تەرەققى قىلدۇردىغان قابىلىيەتلىك بىر رەھبەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا باش بولغان كىشىنىڭ چۇقۇم تاشقى سىياسەتتىن ياخشى خەۋىرى بار، دىپلۇماتىيەدە ئەمىلى تەجىربىگە ئىگە بولۇشى . دۇشمىنىگە رەھىمسىز، مەسىلىلەرنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلالايدىغان بۇلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز . ھېچبولمىغاندا ئۆتكۇنچى بىر مەزگىللىك بولسىمۇ مۇشۇنداق كىشىلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قۇيۇش لازىم، ئىھتىياتچان ، يۇۋاش-يۇمشاق ئادەمگە دادىسىدىن ئالتۇن تەخىت قالسىمۇ ساقلاپ قالالمايدۇ. پەقەت ھاياتىنى دوغا تىكەلەيدىغان ئەركەكلەرنىڭ قۇلىدىن نەتىجە چىقىدۇ، ئاپپاق خوجىنى ئۆز ۋاقتىدا دانىشمەنلەر ئۆلتۇرۇۋىتىشنى تەلەپ قىلسا ئىسمايىلخان ئۇنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ شەرقى تۇركىستان زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ھايات قويغان ئىكەن شۇ چاغدا ئۆلتۇرۇۋەتسە بەلكىم كىيىنكى ئىشلار يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى ، ئاپپاق خوجا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كىيىن ئىسمايىل شاھنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىۋەتتى ئەڭ كىچىك يەتتە ياشلىق ئوغلىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئوتتا كۆيدۇرۇۋەتكەن. ئىراندا پادىشا رىزا پەھلىۋى، ھۈمەينىنى ئۆلتۇرمەي چەتئەلگە قوغلىۋەتكەنلىكى ئۇچۇن ئاخىرى پادىشاھلىق ۋەيران بۇلۇپ پۇتۇن ئەۋلادى يوقالدى، تارىختا دۇشمەنگە كەڭچىلىك قىلىپ يۇرىتنى ۋەيران قىلغان مىساللار كۆپ كۇرۇلگەن. بۇ يىل3- ئايدا تۇركىيە ئىستىقباراتى خىتاي ئۇچۇن ئىشلەۋاتقان3 ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىۋىدى ئۇيغۇرلۇق نوقتىسىدىن، ئۇممەت نوقتىسىدىن يەنە شۇ ئۇيغۇرلىرمىز خەيرىخاھلىق قىلغىلى تۇردى، ئويلىمىدوقكى بۇلارنىڭ ئەركىنلىگى قانچىلىغان ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم ئەكىلىدۇ ، دولقۇن ئەيساغا، قۇرۇلتايغا ھۇجۇم قىزىپ كەتكەن مۇشۇ كۇندە ياشلار قۇرۇلتىيى رەئىسى تۇمارىس ئالماس خىتاي كونسۇلىغا قاتراپتىكەن ، خىتاي كونسۇلىدىن چىقىۋاتقىنىنى باشقىلار كۆرگەنلىكى سەۋەپلىك دەرھاللا ۋىدىيۇ تارقىتىپ خىتاي كونسۇلىنىڭ پاسپورتىنى ئەتكەس قىلىپ بەرمىگەنلىكىدىن شىكايەت قىلىپ ئۈزىنى ئاقلاپتۇ ، قايسى دۆلەتتە كىمگە ۋەتەنداشلىق بەرگەندە، ياكى شۇ دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولغاندا خىتاي كونسۇلىدىن رەسمىيتىڭنى ئۆتەپ كەل دىگەن تەلەپ بار ؟ خىتاي كونسۇلىدىن خىتاي ۋىزىسىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلسا ياكى ۋەتەنگە بېرىشنى تەلەپ قىلسىمۇ كۈزىگە سىغمىغان ئادەمنىڭ پاسپۇرتىنىڭ بىرىنچى بىتىگە ئەتكەس قىلىندى دىگەن قارا تامغىنى بېسىۋىتىدۇ ياكى پاسپورىتنىڭ بىر بۇرجىكىنى كىسىۋىتىپلام قۇلىڭغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، ماڭا پاسپۇرتىڭ كېرەك ئەمەس دىسە پاسپۇرتىڭنى قۇلىڭغا زورلاپ تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ . ئۇيغۇرلارنى كونسۇلغىمۇ كىرگىزمەيدۇ توردىلا بېجىرىدۇ ، ئۆزىنى ھەممىدىن بەك مۇستەقىلچى كۆرسۇتۇپ تورلاردا ۋاقىراۋاتقان تەشكىلاتنىڭ باشلىقىنى كونسۇلىدىكىلەرنىڭ بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. تۇمارىس ئالماسنىڭ خىتاي كونسۇلىغا نىمە ئۇچۇن كىرگەنلىكىنى ئۈزى بىلەر بەلكىم ئۇنىڭ ئارقا تىرىگى بىلەر، لىكىن ئاشۇنداق بىمەنە گەپلەر بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كولدىرلىتىمەن دىگەنلىك بەكلا نادانلىقتىن دىرەك بېرىدۇ . دوس-دۇشمەن مەسىلىسىدە يالغۇز قۇلىغا قاتىللىق قۇرال ئالغان كىشىلا دۇشمەن بولمايدۇ ، سىنى يوقىتىمەن دىگەن ئادەممۇ دۇشمەن بولىدۇ، دۇشمەن بىلەن يۇشۇرۇن ئالاقە قىلىۋاتقانلارمۇ دۇشمەن بولىدۇ، بىزدە دوس-دۇشمەن كۆزقارىشى ئېنىق بولمىسا بىر ئىشلاردا تىڭىرقايمىز ، كەسكىن قارارغا كىلەلمەيمىز ، ئالدىنىمىز، ئۇنىڭسىزمۇ خامۇش ھالەتتە ياشاۋاتقانلار كۆپ، : «ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ۋەتەن دەۋاسى قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرغۇ، قېرىنداشقۇ، » دەيدىغان ئىدىيەلەر ،« پىكىر ئوخشىماسلىقى بىلەن ئۆز ئىچىمىزدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلمايلى » دىيىشلەر، ھەتتا بەزى ئۆزىنى ئىلمى سانايدىغانلار تەرىپىدىن «توغرا چۈشۈنۈشلەر» ئۈستۇنلىكنى ئىگەللەپ بىزنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قويىۋاتىدۇ، خىتاي مەلۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ-كىلىشىگە يول قويغاندىن كىيىن بەزى شەھەرلەردە نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئاۋازىنى چىقىرالماي دىمى ئىچىگە چۇشۇپ كەتكەنلەرگە ئالاھىدە جان كىردى ھەتتا ئۇلار بىر توپ بۇلىۋىلىپ دەۋاغا قاتناشقانلارنى يەكلەيدىغان سەۋىيەگە كەلدى، شۇنى ئەسكەرتىپ قويايلى : .بۇرۇن خىتايغا قارشى نامايىشلارغا قاتناشقانلار ، قارشى ئىنكاس بىلدۇرگەنلەر بىر مەزگىل يۇۋاش بولساملا خىتاي ئۇنتۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلىساڭلار خاتالىشىسىلەر، خىتاي ئۇنتۇمايدۇ، خىتاينىڭ مەرھىمىتىگە ئىرىشىش ئۇچۇن چۇقۇم ئۇنىڭ شەرتىنى قۇبۇل قىلىشىڭلار كېرەك. شۇڭا بىزدىكى دۇشمەن كۆز قاراش ئېنىق بۇلىشى لازىم، بۇنى يۇشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، بىزنىڭ مەيدانىمىزغا قۇشۇلغانلار بىزنىڭ ھەقىقى قۇشۇنىمىز بولىدۇ. پۇرسەتپەرەسلەر ئۈزىنى ئاشكارىلىسا قۇشۇنىمىزنى ساپلىشىدۇ، ، ئەگەر بىز كەسكىن تۇردە دۇشمەنگە رەھىمسىز بولالمىساق قۇرۇلتاينى قوللاۋاتقان، بەدەل تۆلەۋاتقان بارلىق خەلىق ئۈمىتسىزلىنىدۇ. بىز بۈگۈنكىدەك سىناقلاردا سىنىلىمىز، تاۋلىنىمىز . خىتايلار ژىلاننى ئۆلتۇرىمەن دىسەڭ ئالدى بىلەن كاللىسىنى يەنچىۋەت دەيدۇ نىمە ئۇچۇن خىتاينىڭ پۇتۇن ھۇجۇمىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغىلا قارىتىلىشى مەقسەتسىز ئەمەس. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇندىن كىيىنمۇ خەلقىمىزنىڭ ئىزچىل، تېخىمۇ كۇچلۇك قوللىشىغا ئىھتىياجلىق، دۇشمەننىڭ غەرىزىگە يول قويماسلىقىمىز لازىم . دولقۇن ئەيسا36 يىللىق كۆرەش تەجىربىسىگە ئىگە پىشقەدەم رەھبەر، ئۇنىڭ ھاياتى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاتالغان بۇنىڭدىن باشقا تاللىشى يوق ، ئۇ شەخسى مەنپەئەتلىردىن ئاللا قاچان ۋاز كەچكەن دەپ ئىشىنىمەن، ئۇ رەئىسلىكتىن قالسىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا خەلقىمىزنىڭ يېنىدا بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

Share
702 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.