ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
شۆھرەت ھوشۇر
ۇخبىرىمىز ئاقسۇ ئايكۆلدە سۇ تۇتۇۋاتقان دېھقان ياش تۇنىياز قۇرباننىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا، ئايكۆلدە ئۆتكەن يىلى روزا ھېيت ھارپىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ مەلۇماتقا ئېرىشتى. شۇ قېتىملىق ۋەقەدە سانى 500 چە ئەتراپىدا بولغان ئامما بىلەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەقەدىن كېيىن يۈزلەرچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
شۇ كۈنكى ۋەقەدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش داۋامىدا بېشىغا كېسەك تېگىپ يارىلانغانلىقىنى بايان قىلغان بىر ئامانلىق مۇدىرى، شۇ ۋەقەگە چېتىلىپ تۇتۇلغانلاردىن 22 كىشىگە 7 يىلدىن 18 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، بىر كىشىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىنى ۋە 9 كىشىنىڭ سىرتتا نەزەربەند ئاستىدا كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇ يەنە، شۇ قېتىملىق ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن 4 نەپىرىنىڭ ھازىرغىچە تۇتۇلمىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارنى ئىزدەپ تاكى خىتاي ئۆلكىلىرىگىچە بارغانلىقىنى ۋە تاپالمىغانلىقىنى بايان قىلدى
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/aykol-08262014230618.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.