logo

trugen jacn

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى داۋاملىق دەپسەندە قىلىشقا ئۇچرىدى

 

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 13‏-ئاپرېل ئۆزىنىڭ يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى داۋاملىق دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ۋە دېموكراتىيە ياردەمچى مىنىستىرى تام مالىنوۋسكى، خىتاينىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كەملىكىدىن پەرقلىق پىكىر-ئېقىملارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى، مائارىپ، تىل، دىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ داۋاملىق دەپسەندە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ: «ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي قارىشىنى تىنچ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەرنى، مۇسۇلمان دىنىي زاتلارنى داۋاملىق باستۇردى. ئۇ ئىزچىل تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ ھەرىكەت قوللاندى. دائىرىلەر زوراۋانلىق تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ يەرلىك خەلق، ژۇرنالىستلار ۋە چەتئەل زىيارەتچىلىرىگە قاراتقان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاقلاپ كەلدى.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەزكۇر دوكلاتىدا دۇنيادىكى 199 دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى باھالاپ چىققان. دوكلاتنىڭ خىتايغا ئايرىلغان 141 بەتلىك قىسمىدا، 2015‏-يىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى، ئۆكتىچى ئاممىۋى گۇرۇھلارنى باستۇرغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەرىي چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تەنقىدلەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇ مۇقىملىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

جون كەرىي مۇنداق دېدى: «بىز شۇ نۇقتىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كەلدۇق. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئۇ نوقۇل ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت ئەمەس. بەلكى ئۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بىرلىكنى ئالغا سۈرۈش ۋە گۈللەنگەن جەمئىيەت بەرپا قىلىشىدىكى بىر پۇرسەت. ئۇ مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ. بەلكى مۇقىملىقنى كۈچەيتىدۇ. سىز بۇنى باشقا دۆلەتلەرگە قاراپ ھېس قىلالايسىز. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىنغان ئەللەردە خەلق خۇشال-خۇرام ياشايدۇ. ئۇنداق دۆلەتلەردىكى خەلق ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، سەنئەت، ئىجادىيەت، كەشپىيات ئىشلىرىدا بەختىيار ۋە ئەركىن ياشاپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىدۇ.»

لېكىن جون كەرىي سۆزىدە يەنە، ئىپادە ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چەكلەپلا قالمايدىغانلىقى، بۇنىڭ بەزىدە ئەسەبىي زوراۋانلىقنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

جون كەرىي: «ئىپادە ئەركىنلىكىنى باستۇرغان دۆلەتلەردە، ئۇ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى، كۆپ خىللىشىشى ۋە ئۆسۈشىنى بوغىدۇ. ئاياللار ۋە ئازسانلىق مىللەتلەر كەمسىتىشكە ئۇچرىغان جەمئىيەتلەردە بۇ تېخىمۇ ئىزتىراپ يارىتىدۇ. ئۇ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تۆھپىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارنى بۇنىڭدىن مەھرۇم قويىدۇ. ئۆز خەلقىنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكىنى رەت قىلغان ھۆكۈمەتلەر خەلقنىڭ ئىشەنچىدىن ئايرىلىپ، ھەرخىل ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقلارغا، خۇسۇسەن ئەسەبىي زوراۋانلىققا يول ئاچىدۇ» دېدى.

بۇ دوكلات د ئۇ ق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىش، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ رايوندىكى قانۇنلۇق نارازىلىق ھەرىكەتلەرنى قوراللىق باستۇرۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەمما ئۇنىڭ قەغەز يۈزىدە قېلىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.

رابىيە قادىر: «ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، كۆردۈم ئەمدى. دېمەك، بۇ بىزنىڭ ئىنكاسىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى. بۇنداق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە باستۇرۇپ، ھېچكىم ئۇقمايدۇ، خالىغانچە ئۆلتۈرۈۋاتىمەن، بىلمەيدۇ ئەمەس، ھەر كۈنلۈك ئىشىمىزدىن دۇنيا خەۋەردار ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى بۇ دوكلات، دەپ قارايمەن. ھەم خۇددى تىبەت مەسىلىسىگە سىياسەت بەلگىلىگەندەك، مۇشۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر سىياسەت بەلگىلىشىنى، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تەرتىپىگە كىرىشىنى داۋاملىق تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. مۇخبىر ئەپەندى شۇنى ئېيتىمەن، ‹قانۇن ماقۇللىتىمىز› دەپ دۆلەت مەجلىسى ۋە باشقا يەرلەرگە يول مېڭىۋاتىمىز، مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش نامىدا داۋاملىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى «3 خىل كۈچلەر» نى قوللىغان گۇماندارلارغا زەربە بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ جەرياندا پەرقلىق سىياسىي، دىنىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان شەخس ۋە گۇرۇھلارنى نىشانغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپى، ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىش، قوشنا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە ئۆزىنىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ كەلدى. بۇ يىل مەزكۇر دوكلاتنىڭ 40-قېتىم ئېلان قىلىنىشىدۇر.

رابىيە قادىر خانىم بۇ دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇل سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رابىيە قادىر مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتنىڭ ھەر يىلى شۇنداق چىقىشى، دېمەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سىياسەت بەلگىلىشىنىڭ ئاساسىنى سالىدۇ ھەم شۇنىڭ كۆۋرۈكى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بىزمۇ داۋاملىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، دۆلەت مەجلىسىگە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەتتا تەتقىقات مەركەزلىرىگە بېرىپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. بۇ دوكلاتىنى چىقارغان ئىكەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دېمەك پەقەت رەسمىيەت مەسىلىسى قالدى. بىز ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تەرتىپىدە بار، لېكىن بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نۇرغۇن ئىشلار كېتىدىكەن.»

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، بۇنىڭغا ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدىكى نوپۇس ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى مىسال كەلتۈرۈپ، بۇرۇن ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ 80% نى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ھازىر 20% گە چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئاقتاشلىق كىتابى» دا، رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنى 37%, دەپ ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ  63%  نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ستاتىستىكىسىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاز ھېسابلانغانلىقىنى، ئۇنىڭدا بىڭتۇەن ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق «ۋاقىتلىق ئىشچىلار» نىڭ ھېسابلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ دوكلاتىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا خۇسۇسەن ئۇيغۇر رايونىدا ھوقۇقنى خىتاي كادىرلار كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، ئىشقا قوبۇل قىلىشتىكى «كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئىجرائات» دەيدۇ.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئىجرائات خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يولىنى ئېچىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى توسىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-kishilik-hoquq-04142016163034.html

Share
1428 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.