logo

trugen jacn

ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ مۇھىت، بايلىق ۋە سۇ مەنبەسى ھەققىدە بىر يېزا باشلىقى بىلەن سۆھبەت

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تەڭرىتېغىنىڭ شەرقىي ئۇچىغا جايلاشقان ئاراتۈرك ناھىيەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە سۇ مەنبەسى جەھەتتە كۆرۈنەرلىك چېكىنىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

بۈگۈن قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسىگە قاراشلىق تۇخولو يېزىسىنىڭ باشلىقى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى بەزى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئاراتۈرك ناھىيەسى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بىر كىچىك ناھىيە. ئۇ تەڭرىتاغ تىزمىلىرى ئارقىلىق جەنۇبتا قۇمۇل تۈزلەڭلىكىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شىمالىي قىسمى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرالىنىدۇ. ئارىتۈرك ناھىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان قەدىمىي يۇرت بولۇپ، 1931-يىلىدىن 1951-يىلىغىچە بولغان جەرياندا كۆپ قېتىم خىتاينىڭ مىللىي زۇلۇمىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار يۈز بەرگەن تاغلىق رايونلارنىڭ بىرىدۇر.

ئارىتۈرك ناھىيەسىدىكى ئەڭ قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى بولغان تۇخولو يېزىسىنىڭ باشلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر ناھىيەدە، بولۇپمۇ تۇخولو يېزىسىدا مۇھىت، بايلىق ۋە سۇ مەنبەلىرى جەھەتلەردە يۈز بەرگەن جىددىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالدى.

ئارىتۈرك ناھىيەسى ئەسلىدە يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان چېگرا ناھىيە بولۇپ، يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ كەلگەن ئىكەن.

ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «غەربنى ئېچىش»، «غەربنىڭ بايلىقلىرىنى شەرققە يۆتكەش» دېگەندەك شوئارلار ئاستىدا مەزكۇر ناھىيەنىڭ بايلىق مەنبەلىرى شىددەت بىلەن قېزىلغان. بۇنىڭ بىلەن ناھىيەنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي مۇھىتىدا چېكىنىش يۈز بېرىپ، ئەڭ ئالدى بىلەن سۇ مەنبەسىدە ئازىيىش كۆرۈلگەن.

زىيارىتىمىز جەريانىدا يېزا باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تەڭرى تېغىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قارلىق تاغدىن ئېقىپ كېلىدىغان ئېقىن سۇدا كۆرۈنەرلىك ئازىيىش بولدى. مۇھىتتىمۇ بۇلغىنىش روشەن كۆرۈلمەكتە. بىزنىڭ ناھىيەمىز بۇرۇندىن دېھقانچىلىق ھەم يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بىر تاغلىق رايون. يېقىندا ئارىتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم يېزىسى تەۋەسىدىن غايەت زور كۆمۈرلۈك بايقىلىپ، سىرتتىن كان قېزىش ئۈچۈن زور تۈركۈمدىكى تېخنىك خادىملار بىلەن ئىشچىلار يۆتكەپ كېلىندى. يەرلىكتىن بۇ كانغا ئاز ساندا ئىشچى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىچكى ئۆلكىلەردىن ئېلىپ كېلىندى. قېزىلغان كۆمۈر زاپىسىمۇ ئىچكى ئۆلكىلەرگە توشۇلماقتا. كانچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى ناھىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىغا زور يۈكسىلىش ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇھىت ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نوم يېزىسىدىن كۆمۈرلۈك بايقالغاندىن كېيىن، يېزا تەۋەسىدىكى غايەت زور قەدىمىي توغراقلىقنىڭ دائىرىسى ھەسسىلەپ تارىيىپ كەتتى. ئىلگىرىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە ئېقىپ بارىدىغان ئېقىن سۇلار بارغانسېرى ئازايدى. بۇ ھال بىزنى جىددىي ئويلاندۇرماقتا.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ھازىر ناھىيەمىزدە ”دېھقانلارنى كەتمەندىن، چارۋىچىلارنى قامچىدىن قۇتۇلدۇرۇش“ دەيدىغان چاقىرىق بار. يۇقىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن بىز ھازىر يەرلىك دېھقان-چارۋىچىلارنى ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئىگىلىك ئۇسۇلىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، كانچىلىق رايونىدىكى يېڭى ئەۋلاد ئىشچىلارغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتىمىز. بۇ چاقىرىققا كۆپىنچە ياشلار ئاكتىپ ئىنكاس بىلدۈرمەكتە، ئەمما چوڭلار يەنىلا بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ. بۇ ئىشقا مەلۇم جەريان كېتىشى ۋە ئاستا قەدەملەر بىلەن ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ، ھەممە نەرسە ئۆزگەرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/su-menbesi-03032015132518.html

Share
1571 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.