logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: مەن مەۋجۇت سىستېمىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇنۇپ كۆردۈم

cb269e93-2dbf-4093-86b2-eaf8263bc189

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«مەن ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىشنىڭ ئالدىدىلا ھەر ئىشنىڭ شارائىت يول قويغان دائىرە ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان ئىدىم. چۈنكى شارائىت بىلەن ھېسابلاشماي بوينىنى قىلىچقا ئۇرۇشنىڭ ئۆزىنى مەن قەھرىمانلىق ئەمەس، بەلكى ساددىلىق دەپ بىلەتتىم.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرى سۆزلەر بىلەن ئۆز بايانلىرىنى باشلىدى.

– ئەسلىدە مېنىڭ قىلماقچى بولغان پىلانىم، «ئانا تىل يەسلىسى» ياكى «ئانا تىل مەكتىپى» دېگەن ۋىۋىسكىدا ئەمەس، بەلكى «خۇسۇسىي يەسلى» ياكى «خۇسۇسىي مەكتەپ» دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىلماقچى ئىدى. ھالبۇكى، كېيىنچە بۇ ئىشلار «ئانا تىل مەكتىپى» دېگەن ناملاردا تور ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس-مۇنازىرە قىلىندى. ھۆكۈمەت «قوش تىللىق مائارىپ» نى كەڭ تۈردە يولغا قويغان ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتقان بىر شارائىتتا «ئانا تىللىق مائارىپ» دېگەن تەشەببۇسنى كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغان ئىدىم. شۇڭا مەن مەيلى قەشقەردە بولسۇن، ياكى ئۈرۈمچىدە بولسۇن، «ئانا تىلدىكى يەسلى» ياكى «ئانا تىلدىكى مەكتەپ» دېگەن ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈپ چىقمىدىم، بەلكى «خۇسۇسىي مائارىپ» بەرپا قىلىش يولىدا ئىزدەندىم. مەن ۋەتەندىكى مەۋجۇت سىستېمىدىن پايدىلانماقچى ئىدىم. چۈنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يولغا قويغان «قوش تىللىق مائارىپ» ئىستراتېگىيەسىدە ئۈچ خىل ئەندىزە بار ئىدى: ‹بىرى، تىل-ئەدەبىياتتىن باشقا دەرسلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە ئۆتىلىدۇ. ئىككىنچىسى، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۇيغۇرچە ئۆتىلىدۇ، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە ۋە بىئولوگىيە قاتارلىق دەرسلەر خەنزۇچە ئۆتىلىدۇ. ئۈچىنچىسى، خەنزۇ تىلى زۆرۈر دەرس قىلىنىدۇ، باشقا پەنلەر ئۇيغۇرچە ئۆتىلىدۇ.› مەن مەكتەپ ئاچسام يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەۋجۇت ئۈچ خىل مائارىپ ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ خىل سىنىپنىڭ ھەممىسىنى ئاچماقچى ئىدىم. قايسى خىلدىكى سىنىپقا كۆپرەك ئوقۇغۇچى كەلسە شۇ ئەندىزە ئىچىدە مەكتەپنى راۋاجلاندۇرماقچى ئىدىم.

– ئەمما مەن ئۆزۈم ئاچقان يەسلىدە ئانا تىلى تېخى پۈتۈنلەي تولۇق يېتىلىپ بولمىغان بالىلارغا مەيلى خەنزۇچە، مەيلى چەتئەل تىللىرىنى زۆرۈر دەرس قىلىپ ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلمىدىم. چۈنكى مېنىڭ ئوقۇغان كەسپىم تىلشۇناسلىق. مەن تىل پسىخولوگىيەسى بويىچە 13 ياشقا تولمىغان بالىلارنىڭ ئانا تىل جەھەتتە پىشىپ يېتىلەلمەيدىغانلىقىنى، يەنى 13 ياشتىن بۇرۇن ئۇلارغا باشقا تىللارنى زورلاپ تېڭىشنىڭ ئىلمىي مائارىپ قائىدىسىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار يەسلىدە بالىلىرىغا چوقۇم خەنزۇچە ئۆتۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلارمۇ بولدى. ئەمما مەن سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنى قايىل قىلدىم. يەسلىدىكى بالىلارغا ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ رەسمىي دەرس تەرىقىسىدە ئەمەس، بەلكى ئويۇن بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئۆتتۇق. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈنۈمى بالىلارنىڭ كېيىنچە نورمال پسىخىكىلىق ساپاغا ئىگە بولۇشىدا ھەمدە ئۇزاققىچە جۇشقۇن روھىي ھالەتنى ساقلىشىدا روشەن بىلىندى.

– شۇنداق بولغاچقا، مەن قەشقەردە ئاچقان خۇسۇسىي يەسلىدە «ئۇيغۇر ئانا تىلى يەسلىسى» دېگەن ۋىۋىسكىنى ئىشلەتمىدىم-يۇ، ئەمما پروگرامما پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولدى. «ئانا تىل» دېگەن سۈپەت ئېنىقلىمىسىنى ئىشلەتمەسلىكىم، مەۋجۇت سىستېمىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىمدىن بولغان ئىدى. مېنىڭ ئەينى چاغدا 40 يىللىق پىلانىم بار ئىدى. ئەگەردە مەن مەۋجۇت سىستېمىغا بىۋاسىتە تېگىدىغان يول تۇتسام، پىلانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. شۇڭا مەن پەقەت مەۋجۇت سىستېمىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئىش ئېلىپ بېرىش، مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۆز غايەمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆردۈم، خالاس!

– ھالبۇكى، ئىشلار ھامان كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك بولىۋەرمەيدىكەن. 2012-يىلى 9-ئايدا مەسلەكداشلىرىمدىن دىليار ئوبۇل ئۈرۈمچىدە «ئانا تىل يەسلىسى»، «ئانا تىل مەكتىپى» ئېچىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەن گەرچە بۇ مەسىلىدە ئالدىراپ ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولساممۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ قانۇنى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدە «ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش قانۇنغا خىلاپ» دەيدىغان ھېچقانداق ماددا بولمىغاچقا مەسىلە چىقماس دەپ ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ يەنە بىر دوستىمىز مۇھەممەت سىدىقنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە بۇ لايىھەنى شىركەت شەكلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلدى.

– ئويلىغىنىمدەك، «ئانا تىل» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا دوستىمىز دىليار ئوبۇل بىرىنچى بولۇپ «چاي ئىچىش» كە چاقىرتىلىپتۇ ۋە بېسىمغا ئۇچراپتۇ. 2013-يىلى بىز ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ياشلىرىنىڭ نورۇزلۇق سۆھبەت پائالىيىتى تەشكىللەپ، «ئانا تىل ۋە قانۇن» تېمىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقچى بولدۇق. دەل مۇشۇ ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان كۈنلەردە مەن ۋە مېنىڭ مەسلەكداشلىرىم «چاي ئىچىش» كە چاقىرتىلىپ، ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدۇق. ئۇزۇن ئۆتمەيلا دائىرىلەر مەن قەشقەردە ئاچقان خۇسۇسىي يەسلىنى تاقىۋەتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/abduweli-ayup-06022016142156.html

Share
2079 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.