ئەڭ يېڭى خەۋەر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
مەن 2005-يىلى تۈركىيەگە بارغىنىمدا ئۇ يەردە ئوقۇۋاتقان بەزى دوستلىرىم ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىغا ياندىشالمىدىم. بولۇپمۇ كوردلاردىكى ھەمكارلاشماسلىق، نامايىش ۋە تېرورچىلىق ھەققىدىكى قارىمۇ قارشى باھالىرىمىز كۆڭۈلسىزلىك بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى. بىر نەچچەيلەن بۇنى كوردلارنىڭ مىللىي ئىرادىسى، ئاچچىق كەچۈرمىشىنىڭ پەرقلىق رىئال ئىنكاسى ئەمەس «غەرپنىڭ ئويۇنى» دەپ چىڭ تۇرغان بولدى. بىر قانچە يىل كېيىن ھىندىستاننىڭ بومبايدا تېرورلۇق يۈز بېرىۋىدى، تۈركىيەدىن كەلگەن بىر دوستۇم ئامېرىكىنىڭ ئويۇنىغا باغلىدى. مەن تۈركىيەدە غەرپنىڭ ئويۇنى، جاھانگىلارنىڭ توزىقى، يەھۇدىلارنىڭ قىلتىقى، خىرىستىيانلارنىڭ سۈيىقەستى، كۇپرىلارنىڭ دۈشمەنلىكى دېگەندەك پەرەزلەرنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرغىنىم ئۈچۈن توغرا چۈشەندىم.
تۈركىيەدىكى چاغلىرىمدا يەرلىك بۇرادەرلەردىن دائىم «تۈركىيە نېمىشقا ئاتوم بومبىسىدا ۋەيران قىلىنغان ياپۇنىيەدەك دېموكراتىك، تەرەققىياتلىق، پاراۋان بولالمايدۇ؟ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا خاراپ بولغان گېرمانىيە، فرانسىيە، گوللاندىيەلەر ۋەيرانچىلىقتىن دەس تۇرۇپ پاراغەتلىك جەمىئىيەت بەرپا قىلالىدىيۇ، نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇرۇشتىن پايدا ئالغان تۈركىيە تېخىچە بېلىنى رۇسلاپ بولالمايدۇ؟ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى شۇنچە پەرقلىق بولغان ياۋرۇپا ئەللىرى كېلىشىپ بىرلىك قۇرالىدىيۇ، ئامۇ دەرياسىدىن ئاناتولىيە ۋادىسىغىچە تىل، مەدەنىيەت ۋە كەچمىشتە قېرىنداش بولغان تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ باشلامچىسى بولغان تۈركىيە نېمىشقا شۇنداق بىر گەۋدىنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ؟ تۈركىيەدە نېمىشقا تولا ھەربى ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ؟» دېگەندەك سۇئاللارنى سورايتتىم. ئۇلارنىڭ جاۋابى ئاساسەن «غەرپنىڭ كونتروللىقى، كۇفرىنىڭ دۈشمەنلىكى، كوردلار ۋە قوشنا ئەرەپلەرنىڭ خائىنلىقى“ دېگەندەك قېلىپلاشقان ئىبارىلەر بىلەن بولاتتى. بۇلارنى ئاڭلاپ تۈرك سىياسىيۇنلىرىدىن ھىچ بىر سەۋەنلىك ئۆتمەمدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالاتتىم، يەنە بەزىدە بۇ جاۋاپلارنى توغرا دەيتتىميۇ، ھاكىمىيەتتە ئېغىرلىشىۋاتقان چىرىكلىك، جەمئىيەتتىكى يالغانچىلىق، ئورگانلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، مەكتەپلەردىكى گورۇھۋازلىق ۋە تەبىقىچىلىككە قاراپ ئويلىنىپ قالاتتىم، ئەجەبا بۇمۇ غەرپنىڭ ئويۇنىمىدۇ! قىزىق يېرى بەزىلەر ھەتتا بۇنىمۇ ئىمپىرىيالىستلارنىڭ قاپقان قۇرغانلىقىدىن كۆرىشەتتى. ئۇلارچە تۈركىيەنى كىملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش پۈتۈنلەي ئاق ساراينىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بولارمىش.
تۈركىيەدىكى چاغلىرىمدا تىمۇر ئىسىملىك بىرەيلەن بىلەن يېقىن ئۆتتۈم. ئۇ ئامېرىكىدا ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەن بولۇپ ماڭا پەقەتلا تۈركچە گەپ قىلمايتتى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا «يەنى شافاق» (يېڭى شەپەق) دېگەن گېزىتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى يەتكۈزدى. بىرلىكتە گېزىتكە باردۇق، بىزنى ساقلاپ تۇرغان بىر مۇخپىرمۇ ماڭا ئېنگىلىزچە گەپ قىلدى. ئىككى سائەتتەك ئېنگىلىزچە سۆھبەتلەشتۇق، ئەمما ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلىدىغان ماقالىنىڭ گېپى بولۇنمىدى. بۇ ئىش بىر قانچە ھەپتە داۋام قىلدى. بىر كۈنى ماقالىنى قاچان يازىدىغانلىقىمنى ۋە قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى سورىدىم. تىمۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئاۋۋال ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئىقتىدارىمنى ئىسپاتلايمىشمەن، يازالايدىغىنىمغا قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن يازدۇرارمىش. بىرەر ئايدىن كېيىن ھېلىقى مۇخپىر بىلەن تاسادىپى كوچىدا ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ كانادانىڭ ۋىزىسىنى ئاپتۇ. ئەمدى مەن بىلەن ئېنگىلىزچە سۆزلىشىشنى مەشىق قىلىشقا ئىھتىياجى يوقمىش.
كۈتۈلمىگەن بۇ ئىشتىن ھەيران قالدىم. بىر بىرلەپ ئويلىنىپ دەلىللەپ باقسام بەش ئايغا يېقىن ئالدىنىپتىمەن. ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا خەنسۇچە ئۆگەنمەكچى بولغان تۈركلەرگە جوڭگۇدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى تونۇشتۇرۇپتىمەن. جوڭگۇدا مال ئىشلەتمەكچى بولغان شىركەتلەرگە يارىدەملىشىپ خەنسۇلارغا تېلىفۇن قىپتىمەن. خەنسۇچە-ئېنگىلىزچە ئۇنى بۇنى ئۆرۈپ بېرىپتىمەن. ئەسلىدە تىمۇر بىر تەرجىمە شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن. ھەرخىل تىللاردىكى مۇلازىمەتلەرگە ئىھتىياجلىق كىشىلەرگە ئادەم تېپىپ بېرىپ نەپ ئالىدىكەن. ئۇنىڭ ماڭا «تۈرك سىتۇدېنتلار چىن ئىشكەنجىسىنى چۈشەنمەكچى، تۈرك شىركەتلىرى ئۇيغۇر خادىم قوبۇل قىلماقچى، تۈرك تاراتقۇلىرى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرماقچى» دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئويۇن ئىكەن.
بۇندىن يەتتە يىل بۇرۇن ئەردوغان بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەئىسى دەۋلەت باغچەلىگە تەنقىد ياغدۇردى. چۈنكى باغچەلى ئەردوغاننى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەن سۆككەنىكەن. ئەردوغاننىڭ شۇ چاغدىكى «ھۆرمەتلىك باغچەلى، سەن 2001-يىلى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان ئىدىڭ. شۇ چاغدا قولۇڭدىن نېمە كەلگەن…» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئەسلى تۈركچەسىنى ھازىرمۇ ئەينەن دوراپ بېرەلەيمەن. 2015-يىلى بىر قېتىم ئەردوغاننىڭ نۇتۇقلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ دەۋلەت باغچەلىگە قارىتىپ «مەن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان تۇنجى باش مىنىستىر بولىمەن، سەن ھاكىمىيەتتىكى ۋاقتىڭدا ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشقا بىر بېرىپمۇ باقتىڭمۇ؟» دېگىنىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. بۇ ئۇنۇتقاقلىقمۇ؟ ئەجەبا تۈركچىدە سىياسىيۇن دېگەن يالغانچى دېگەنلىك بولامدىغاندۇ؟ ئەجەبا بۇمۇ غەرپنىڭ ئويۇنىمۇ؟
تۈركچىدە «پارماقلارىندا ئويناتماق» دەيدىغان بىر ئىبارە بار. بەزى ئاددى چۈشەنچىلىك كىشىلەر مۇستاپا كەمال ئاتا تۈركنىڭ غەرپلىكلەرنى قانداق ئاماللار بىلەن بارماقلىرىدا ئوينىتىپ تۈركىيەنى ساقلاپ قالغانلىقلىرىنى سۆزلىشىپ ماختىنىشىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق يامانلىقلارنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋە ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق تەشكىلاتى موسادنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىگە چىنپۈتىدىغان گاھى كىشىلەر تۈرك سىياسەتچىلىرىنى غەرپنىڭ قانداق ئوينىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىپ ئۇھسىنىشىدۇ. يېڭىدىن گۈللەنگەن كورىيەنى، تەيۋەننى، مالايسىيەنى ئويناتمىغان، باپلىمىغان، قەستلىمىگەن غەرپ پەقەت تۈركىيەنىڭلا كويىدا قالغانمىدۇ؟ بۇلارنى ئويلاشقاندا كىشىگە بەزى تۈركلەرنىڭ پىشانىسىگە ئويناش ھەۋىسى، ئوينىلىش ئەنسىزلىكى پۈتۈلگەندەك تۇيۇلىدۇ. سۇلتان ئەھمەد جامەسىدە زىيارەتتە بولغىنىمدا رەسۇلىمىزنىڭ «دىن سەمىمىيەتتۇر» دېگەن سۆزى يوغان بىر تاختىغا يېزىلىپتۇ. ۋە شۇ نامدا مەخسۇس بىر تور بەتمۇ ئېچىلىپتۇ. قارىغاندا قەيەردە نېمە كەم بولسا شۇ بەكرەك كۈيلەنسە كېرەك.
تۈركلەرنى ئىشلىتىپ باققان ۋە تۈركلەر بىلەن ئىشلەپ باققان دوستلىرىم ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى قەتئىي بوينىغا ئالماي، باھانە كۆرسىتىپ تېنىۋالىدىغان خۇيىدىن خۇرسىنىشىدۇ. تۈركىيەدە قاتناش ھادىسىلىرى بىرىنجى قاتىل دېيىلىدۇ، ئەمما كۆپىنچە ئەھۋالدا جاۋاپكار بوينىغا ئالماي «بۇ بىر قازادۇر، ئاللاھتىن، بىزدىن ئەمەس» دەپ تۇرىۋالىدىكەن. 2014-يىلى قاماقتىكى چاغلىرىمدا تۈركىيەدە كان ۋەقەسى چىقىپ 300 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. دىققەت قىلسام باش مىنىستىر ئەمەس، بىرەر مۇئاۋىن مىنىستىرمۇ ئىستىپا بەرمىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە شۇ يىلى كورىيەدە پاراخوت چۆكۈپ كېتىپ 302 ئادەم ۋاپات بولدى. كورىيەنىڭ باش مىنىستىرى يىغلاپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى ۋە ئىستىپا بەردى. ئەجەبا تۈركىيەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، خاتالىقنى ئىتىراپ قىلماسلىق رەھبەردىن پۇقراغىچە ئومۇملاشقان ئەنئەنىمۇ؟ ئۇنداقتا بەزى تۈركلەرنىڭ ھەممىنى غەرپكە، غەرپ باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق ئويۇنغا، ئىسرائىلىيەگە دۆڭگەپ قويۇشلىرى تانغاقلىق، باھانەخورلۇق ئەمەسمىدۇ!
http://www.akademiye.org/
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.