ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
2001.يللى مەرھۇم نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ، تەمبور كىچىلىگىدە ئۇقۇلۇپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ساراسىمگە سالغان ، پۇتۇن ۋەتەندىكى ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر ۋە يازغۇچى ، مىللى كادىرلارنى، 1ئاي سىياسىي ئۆگىنىشكە سەۋەپ بولغان، ئۇت يۇرەك شائىرمىز تۇرسۇنجان ئەمەت ئاكىنىڭ ، (قانغا بويالغان ناخۇل )
دىگەن ئۇلۇغ ئەسىرى 。
نالەڭدىن خىجالەت ئىلكىدە قۇياش،
ناخۇلدىن تۆكۈلدى پەلەكتىن قان ياش…
مۇڭ بىلەن خۇن بۇلدى زاماننىڭ باغرى،
نە تەندە جان قالدى، نە جانغا چىداش…
ئىڭرىدى ئۇيغۇرنىڭ باغرىدا نالە،
كۆيلىرىڭ پىغانى ئاللاھقا سىرداش…
چىكىلگەن تار ئەمەس تاڭدىكى يىغا،
باغرىڭدا ئوت يانسا ئىرىپ كىتەر تاش…
قانداقمۇ سىغقاندۇ كۆكسىلىرىڭگە مۇڭ،
ئىيتىڭلار باغرىڭلار كىم بىلەن مۇڭداش؟
بىسىلغان پەدەڭگە باش قۇيغۇم كەلدى،
توۋا دەي يىغلىماي تۇرۇپتۇ قۇياش…
چىتىلغان زەنجىردۇر ئەجدادىي-ئەۋلاد،
تەشۋىشلەر سىياقى قان بىلەن رەڭداش،
نۇرلانسا ئەجەپ ئەمەس ئەجرىڭدىن دۇنيا،
سەنئەت بۇ. ئەمەس بۇ، ۋىجداننى بۇياش…
كۆرىمەن خىيالەن تىرناقلىرىڭ قان،
بىر تەنھا سىياقىڭ تاڭدىكى ئىڭراش،
تىترەيدۇ سىملاردا ھەسرەتنىڭ دېغى…
بۇ مۇڭغا كىملەر يات كىملەر تەغدىرداش…
ساناقسىز سىملارنى خەلقىڭ ئۆچۈن چەك ،
بىلىپ قال دۇنيا مانا بۇ ياشاش….
_____
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.