ئەڭ يېڭى خەۋەر
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
بەزى يەرلىك كادىرلار ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يەنە يېڭى ئالامەتلىرىنى تېپىپ چىققان
ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر ئۈچ ي...رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان بىر قوللۇق ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» 24-ئۆكتەبىر رەسمىي ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» ھەققىدىكى مەزمۇنلارمۇ پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» ئىدىيەسى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىغا يول ئېچىلغان. خىتاي مەسىلىلىرى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ، خىتاينىڭ تاشقى سىياسەتكە بارغانسېرى بەكرەك ئېتىۋار بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭدەك شى جىنپىڭنىڭ خىتاينى دۇنيانىڭ خوجىسى قىلىش ئارزۇسىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارى ھەرقاچان «ئاچقۇچلۇق» ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان تۇنجى كۈنى شى جىنپىڭ خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئاغدۇرمىچىلىق ياكى بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىمىز» دېگەن ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى بۇنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق قوللۇق سىياسەتنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئېشىپ بېرىشى ھەققىدىكى سىگنال، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ر...ئاھالىلەر: يېپىق تەربىيەلەش سەۋەبىدىن خوتەن چوڭ بازاردا ئۈچتىن بىر قىسىم دۇكانلار تاقالدى
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كۆپ ساندا كىشىل...قاراقاشنىڭ ياۋا يېزىسىدا ئاز دېگەندە 10 پىرسەنت ئاھالە قاماق ۋە تۈرمىدە
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «يېپىق تەربىيەلە...كەنت ساقچىسى: ئىككىيۈزلىمىچىلەر گۇرۇھىنى پاش قىلىشتا قۇلاقلاردىن پايدىلاندىم
مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋام قىلىۋا...دۆڭئاشتى كەنتىدە ۋاڭ دەۋرىدە 1، جاڭ دەۋرىدە 15، چېن دەۋرىدە 65 كىشى تۈرمىگە تاشلانغان
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېپىق تەربىيىلەش...خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەش ئىنكاس قوزغىماقتا
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى مەخپىي تۇتۇپ ...خىتاينىڭ شىنجېن شەھىرىدە ئۇيغۇرغا ياتاق بەرگەن مېھمانخانا دىرېكتورى جازالانغان
خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى شىنجېن شەھىرىدە ئۇيغۇرلارغا...خىتاي جەنۇب ھاۋا يوللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئادەم ئورگىنى يۆتكەيدىغان «يېشىل ھاۋا يولى» تەسىس قىلغان
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي جەنۇب ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر...ئۇيغۇرلار دىيارىدا تىغلىق ئەسۋابلارغا بولغان كونتروللۇق كۈچەيمەكتە
يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرل...