Yazarın Tüm Yazıları Aşağıda Listelenmiştir.
-
17 ماي 2014 ئىلھام توختى, سەھىپە ئايرىلمىغان
مېھرىبان
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى بىكار قىلغانلىقى مەلۇم. ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ نۆۋەتتە مەكتەپنىڭ مەزكۇر قارارى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا ھازىرلانغان.
ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا ئىلھام توختىنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنىڭ ساقچىلار پەيدا قىلغان...
-
17 ماي 2014 خەۋەر
شۆھرەت ھوشۇر
سەيشەنبە كۈنى تاڭئاتار مەزگىلىدە يەنى سائەت 1 ئەتراپىدا، گۇما ناھىيىسىدىكى مۇجى يېزىلىق ساقچىخانىغا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى دانە بومبا تاشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بومبا 1 كىلومېتىر ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى ئويغاتقۇدەك دەرىجىدە زىلزىلە پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بوش قورۇغا تاشلانغىنى ئۈچۈن، پەقەت ئىككى نەپەر خادىم يارىلانغان.
ھۇجۇمچىلار بومبىنى تاشلىغاند...
-
16 ماي 2014 ئىلھام توختى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
مېھرىبان
گۈزەلنۇر خانىم 15-ماي كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ ئېرى ئىلھام توختىنىڭ مائاشىنى رەسمىي توختاتقانلىقى ۋە 8 ياشقا تولمىغان چوڭ ئوغلىنىڭ يۈرەك ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولۇشى بۇ ئائىلىگە ئېغىر كۈلپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە ساقچىلارنىڭ ئىلھام توختىنى نارەسىدە بالىلارنىڭ كۆز ئال...
-
15 ماي 2014 خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
شۆھرەت ھوشۇر
مەلۇم بولۇشىچە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىرقانچە جايىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن؛ خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇلاردىن پەقەت ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىلا يوشۇرۇپ بولالمىغان ئەھۋالدا خەۋەر قىلغان. تۈنۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىئومىزغا ئىنكا...
-
14 ماي 2014 خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
تۈركىيەنىڭ مانىسا ۋىلايىتىگە قاراشلىق سوما ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كانىدا 2014.يىلى 5.ئاينىڭ 13.كۈنى قازا يۈزبەردى.بۇگۈن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قازا يۈزبەرگەن كانغا كەلدى ۋە ئۆلگەن ئىشچى سانىنىڭ 232 ئىكەنلىگىنى ئىلان قىلدى
ئەيتىشلارغا قارىغاندا چۆككەن كاندا 125-150 ئەتىراپىدا ئىشچىنىڭ بارلىغى تەخمىن قىلىنماقتا.ئۇلارنىڭ تىرىگى ياكى ئۈلۈگىگە ئۇلىشىش ئۈ...
-
14 ماي 2014 خەۋەر, مائارىپ
گۈلچېھرە
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال قويۇش، چۈمبەل ئارتىش، ھىجاب كىيىشىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ سىمۋولى» دەپ قاراپ باستۇرۇشنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، دىنىي تۈستە كىيىنگەن ھىجابلانغانلارنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرى دوختۇرخانا، گاز قاچىلاش پونكىتى قاتارلىق جامائەت سورۇنلىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان ئۇقتۇرۇش، بۇيرۇقلارمۇ مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇ خىل چەكلىمىلەر ھەتتا ئالىي بى...
-
14 ماي 2014 خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
قۇتلان
ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى باشقا يۇرتقا سەپەر قىلىش ئۈچۈن «4 خىل ئىسپات» تەييارلىشى ۋە شۇ ئاساستا يول خېتى بېجىرىشى تەلەپ قىلىنماقتىكەن
يېقىندا شايار ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن چىققان بىر دېھقان يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە يول خېتى بېجىرگەن. ئۇنىڭدا سەپەر قىلغۇچىنىڭ ئىسمى، ك...
-
13 ماي 2014 خەۋەر
گۈلچېھرە
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان زىيارىتىدىن كېيىن بىر قىسىم خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىمۇ ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى ۋە مىللىي زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
شۇ خىل پىكىردە ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىك...
-
13 ماي 2014 ئۇيغۇر دوستلىرى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
گۈلچېھرە
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو تېلىۋېزىيىسىنىڭ، - 2 مايدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تېلىۋېزىيە مۇنازىرە پروگراممىسىدا، مەخسۇس ئۈرۈمچىدىكى ئادەم بومبا ۋەقەسى ھەققىدە سۆھبەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان نيوروكتىكى داڭلىق خىتاي ئوبزورچىسى چېن پوكۇڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى مەيلى قايسىلا ئۇسۇلدا ئىپادىلىمىسۇن تېررورلۇق دېگەن قالپاق بىلەن باستۇرۇپ مەسىلىنى يوقاتم...
-
12 ماي 2014 خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
ئەركىن تارىم
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھەق - ھوقۇقلىرى كومىتېتىنىڭ 52 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا 20 ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەق - ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلغان - قىلمىغانلىقى تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، 8 - ماي كۈنى خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىتى تەكشۈرۈلگەن. بۈگۈنكى يىغىندا خىتاينىڭ 7 مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن 40 ئ...