Yazarın Tüm Yazıları Aşağıda Listelenmiştir.
-
23 ئىيۇل 2014 خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
شۆھرەت ھوشۇر
9-ئىيۇل كۈنى ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا يۈز بەرگەن 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر يېزىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاھالىلەرنىڭ شەرت-شارائىت پەرقلىرى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىماملىرىمدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ئىلىكىدىكى تېرىلغۇ يە...
-
23 ئىيۇل 2014 خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
قۇتلان
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا كەلپىن ناھىيىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنغا يېپىق سوت ئېچىلىپ، ئۇلارغا 6 ئايدىن 7 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.
ھازىرغىچە ھېچقانداق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خەۋەر بېرىلمىگەن بۇ يېپىق سوت كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئېغىر قىسمەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن.
يېپىق سوت ئېچىلغان مەزكۇ...
-
22 ئىيۇل 2014 خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, ۋېدىئولار
http://www.dailymotion.com/video/x9tpxg_cin-zulmu_news&start=94...
-
21 ئىيۇل 2014 ئىلھام توختى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
مېھرىبان
ئىلھام توختىنىڭ ئايالى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئائىلىسى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-07-18
2014-u0718-pmm.mp3
ئىلھام توختى ئەپەندى ئائىلىسى بىلەن ئۆز ئۆيىدە خاتىرە سۈرەتتە. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
Sociao Media
تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىن...
-
19 ئىيۇل 2014 -دىن, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
قۇتلان
مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن خەلقى قاتمۇ - قات بېسىم ۋە چەكلىمىلەر ئىچىدە بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنى ئۆتكۈزمەكتىكەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن شەھىرىدىكى تىجارەتچىلەر يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مەمۇرىي بۇيرۇق بويىچە بۇ يىللىق رامىزاندىمۇ ئاشخانا ۋە تېز تاماقخانىلىرىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولغان.
ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئى...
-
19 ئىيۇل 2014 ئىلھام توختى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
مېھرىبان
تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان تەقىب كۈچەيتىلىپ، ئائىلىسى تەھدىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچى بارلىق كىشىلەرگە مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئىلھام توختى ئائىلىسى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
گۈزەلنۇر خانىم 18-ئىيۇل رادىئو...
-
18 ئىيۇل 2014 خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
ئىرادە
بۈگۈن «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتىدىكى مۇلاھىزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق» دەپ تەنقىد قىلىندى. مۇلاھىزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنى خىتايغا كىرگۈزمەي جازالاش ئارقىلىق، باشقىلارنىمۇ ئۆزىنى سوراشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىى بىلدۈرۈلدى.
يېقىندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېللوت سىپېرلىڭنى بېيجىڭ ئايرودورىمىد...
-
18 ئىيۇل 2014 ئىلھام توختى, خەۋەر
ئىرادە
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇنىڭغا تۆلەم تۆلەشكە چاقىرغان. ئۇلار باياناتىدا، پىكىر ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى ئىكەنلىكى، ئىلھام توختىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن جازالاندۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىن...
-
18 ئىيۇل 2014 خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
شۆھرەت ھوشۇر
ئۈچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدا 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ۋەقەگە تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. ئاھالىلار ۋە كەنت مەسئۇللىرىنىڭ بايانلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كەنتتە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ جان سانى 54، ئائىلە سانى 17 بولۇپ، ئۇلار 3050 مو يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن. كەنتتە ئۇيغۇرلارن...
-
17 ئىيۇل 2014 -دىن, خەۋەر, مىللى توقۇنۇش
شۆھرەت ھوشۇر
دائىرىلەرنىڭ خىتاي يەر خوجايىنلىرىنى ئۆلتۈرگەن گۇماندارلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى جىددىي ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
9 - ئىيۇل ئاقسۇ ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنلىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ناھىيە بويىچە 7 نەپەر ھۇجۇم گۇماندارىنى تۇتۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغالغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز بۈگۈن گۇماندارلاردىن 5 نەپىرى تەۋە بولغ...