Yazarın Tüm Yazıları Aşağıda Listelenmiştir.
-
17 ئۆكتەبىر 2014 خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
گۈلچېھرە
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
ۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە يەرلىك دائىرىلەر رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ 27-مايدىن ئېتىبارەن ئۈندىدار، كيۇ-كيۇ قاتارلىق 17 خىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى تاقىۋەتكەن ئىدى
بەش ئايدىن بۇيان تور ۋە تاقالغان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى تېخىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار توردا ۋە باشقا ئۇچۇر ئالاقە ...
-
17 ئۆكتەبىر 2014 ئىلھام توختى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
مېھرىبان
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم 16-ئۆكتەبىر كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام ئەپەندى ھەققىدە چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمى ئۈستىدىن سۇنغان نارازىلىق ئەرزىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ئائىلىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ، بانكا ھېسابى ۋە باشقا رەسمىيەتلەر ئاساسەن ئىلھام ئەپەندى نامىدا بېجىرىل...
-
15 ئۆكتەبىر 2014 -دىن, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
شۆھرەت ھوشۇر
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
10-ئۆكتەبىر كۈنى گۇما كونا بازاردا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە، ئىككى نەپەر پىدائىي 6 نەپەر ساقچى ۋە خادىمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، 12-ئۆكتەبىر كۈنى سەھەر سائەت 6 دە، گۇما بازىرىدا بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقىسىغا موتسىكلىت بىلەن ئەگىشىپ مېڭىپ ساغان تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە، پونكىتتىكى ق...
-
15 ئۆكتەبىر 2014 ئىلھام توختى, خەۋەر, دۇنيا, سەھىپە ئايرىلمىغان
گۈلچېھرە
خەلقئارا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ 80-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 29-سېنتەبىردىن 2-ئۆكتەبىرگىچە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. قۇرۇلتايدا خىتاي سوتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى ئۈچۈن مەخسۇس بىر بوش ئورۇندۇق قويۇلغان بولۇپ، ئىلھام توختىنىڭ سىزما رەسىمى قويۇلغان بىر سىمۋوللۇق ئورۇندۇق، تۆت كۈن داۋام قىلغان ...
-
14 ئۆكتەبىر 2014 -دىن, ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
قۇتلان
ەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 13 - ئۆكتەبىر قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى «يەكەن قىرغىنچىلىقى» دا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا كوللېكتىپ سوت ئېچىپ ئۇلارنى ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، سوتتا ئوسمان ئابلەت قاتارلىق 12 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. راخمان سادىر قاتارلىق 15 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسىنى 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا ...
-
14 ئۆكتەبىر 2014 -دىن, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
شۆھرەت ھوشۇر
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
10-ئۆكتەبىر كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئىككى نەپەر پىدائىي بىر موتسىكلىت بىلەن گۇما ناھىيە ئىچىدىكى چاسا مېۋە-چېۋە بازىرىدا پەيدا بولغان، ئۇلاردىن بىرى موتسىكلىتتىن چۈشۈپ بازاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى خادىمى پەرىدە كۈرەشكە پىچاق تىققان، ئارقىدىن موتسىكلىتقا تەكرار مىنگىشىپ چاسا بازاردىن دەرھال ئۇزاقلاشقان؛ ئۇلار چاسا بازاردىن ...
-
13 ئۆكتەبىر 2014 -دىن, ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
ۋېيبو تورىنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 10 – چېسلا گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك ساقچىخانىسىنىڭ ساقچى خادىمى پەرىدە كىرەم، ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەتراپىدىكى كونا بازاردا موتوسىكلىتقا مىنىۋالغان ئىككى كىشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. خەۋەردە، ئۆلگۈچىنىڭ سەپداشلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، «ئۇ ئىككى ئايلىق ھامىلە ئىدى» دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ۋەقەنى...
-
11 ئۆكتەبىر 2014 ئەدەبىيات سەنئەت, ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, ئۇيغۇر مەدىنىيىتى, تارىخ
تۇنجى تۈرك لۇغەت تۈزگۈچىسى، تۇنجى تۈرك تىلشۇناسى، تۇنجى تۈرك گىرامماتىكا تەتقىقاتچىسى، تۇنجى تۈرك فولكلور تەتقىقاتچىسى ۋە تۇنجى خەرىتە سىزغۇچى، دېگەندەك ئۇنۋانلارنىڭ ئىگىسى بولغان مەھمۇت قەشقىرىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق مەلۇمات بولمسىمۇ، ئۇنىڭ 1025 – يىلى دۇنياغا كەلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ پادىشاھ نەسەبىدىن كەلگەنلىكى بىلىنىدىغان...
-
11 ئۆكتەبىر 2014 ئەدەبىيات سەنئەت, ئۇيغۇر مەدىنىيىتى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
يازغۇچى زوردۇن سابىر(سولدا) گېرمانىيە ئالىمى توماس خوپپە (ئوتتۇرىدا) قاتارلىقلار بىلەن. 1988-يىل، گېرمانىيە.
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
قۇتلان
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 1988-يىلىدىكى گېرمانىيە سەپىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدا كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا ئىلھام بولغان.
شۇ يىللاردا زوردۇن سابىر «ياۋروپاغا سەپەر» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي خاتىرىسىنى ۋە «سىزىق ئادەم...
-
10 ئۆكتەبىر 2014 ئىلھام توختى, سەھىپە ئايرىلمىغان, مۇلاھىزە, مىللى توقۇنۇش
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ‹كۈنتەرتىپتىكى شەخس› ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، 2014- يىلى 23- سېنتەبىردە «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئىقتىساد پىروفېسسورى ئىلھام توختىنىڭ قىسقىچە ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
ئىلھام توختى 1969- يىلى 25- ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ئېلى...