Yazarın Tüm Yazıları Aşağıda Listelenmiştir.
-
07 يانۋار 2015 ئىلھام توختى
خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر، ئادۋوكاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1-تۈرمە دائىرىلىرىدىن ئېرى ئىلھام توختىنى يوقلاش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتى بۇلتۇر 32-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار...
-
07 يانۋار 2015 -دىن, ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, خەۋەر, دۇنيا, مىللى توقۇنۇش
قۇتلان
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
ئىگىلىشىمىزچە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھازىرقى رېئال ئەھۋالى كۆپلىگەن كىشىلەر ۋە ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم.
10 ئايدىن بۇيان تايلاند تەۋەسىدىكى لاگېرلاردا ۋە چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا نەچچە يۈزلىگەن مۇساپىرلارنىڭ قامىلىپ ياتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
يېقىن...
-
07 يانۋار 2015 ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
شۆھرەت ھوشۇر
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆتكەن ھەپتە شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ 76 سائەت ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بىر ئايال گۇماندارنى گۇاڭجۇدىن تۇتۇپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەردى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شايار ساقچىلىرى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا ۋىيېتنام ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى پىلانلىغان بىر ھىجرەتچىلەر دېلوسىنى پاش قىلغان.
«...
-
07 يانۋار 2015 ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, ئۇيغۇر مەدىنىيىتى, ئىلھام توختى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
مېھرىبان
ئامېرىكىدا چىقىدىغان خەلقئاراغا مەشھۇر «ۋالل سترېت ژۇرنىلى»دا 6-يانۋار ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگراسىدا ئوت كۆيمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسىگە قوشۇلۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مۇخبىر داۋىد فېئىتخ تەرىپىدىن يېزىلغان ...
-
06 يانۋار 2015 ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, ئىلھام توختى, خەۋەر, دۇنيا, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
ھاجى قۇتلۇق قادىرى
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا ياپونىيە قەلەمكەشلەر كۇلۇبى مەخسۇس قارار ماقۇللاپ ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى پەخرىي ئەزالىققا قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ياپونىيە قەلەشكەشلەر كۇلۇبى ئۆتكەن يىلى 15-يانۋاردا ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپى...
-
06 يانۋار 2015 ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان
اڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
بۇنىڭدىن يەتتە ئاي بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئۇيغۇر قىزى سۈرىيەنىڭ خەۋىرى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى، خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارالغان ئىدى. ھازىرغىچە سۈرىيە تېپىلمىدى، سۈرىيەنى ئىزدەش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نۇرغۇن پىدائىيلار مەيدانغا كېلىپ سۈرىيەنى شۇنداقلا يۈتكەن ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئىزدەش يول...
-
03 يانۋار 2015 ئ-كىتاب, ماقالە - مۇھاكىمە
ئومومىي كەڭەشنىڭ 61/295 نومۇرلۇق قارارى بىلەن ماقۇللانغان.2007-يىلى 13-سىنتەبىر
ب دت ئومومىي كەڭەشى
بدت نىزامنامىسىنىڭ روھى ۋە ئەزا دەۋلەتلەرنىڭ مەزكۇر نىزامنامىنىڭ بەلگۇلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قەلىش توغرىسىدىكى جاۋاپكارلىقىغا ئىشەنج قىلغان ئاساستا،
يەرلىك خەلقلەرنىڭ باشقا بارلىق خەلقلەر بىلەن تەڭ بارابەرلىكىنى جەزملەشتۇرۇش بىلەن تەڭ، ئىنسانلارنىڭ ئوزلىرىنى پەرقلىق ...
-
03 يانۋار 2015 -دىن, ئۇيغۇر مەدىنىيىتى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
مېھرىبان
2015-u0102-pmm.mp3
بۇ يىلنىڭ ئاخىرىقى ئىككى ئېيىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ۋىلايەتلىرىدە دائىرىلەر ئاتالمىش ئوچۇق سوت ئېچىپ، جازاغا ھۆكۈم قىلىش، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىنكى تەكشۈرۈش - تۇتقۇن قىلىش يوللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز، مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. 1 - نويابىر خوتەن ئىلچى يېزىس...
-
02 يانۋار 2015 ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئايماقلىرى, ئىلھام توختى, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
مېھرىبان
ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈش
ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى 12-دېكابىر كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى 1-تۈرمىگە يۆتكەلگەن. ئەمما تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرغا يازما ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، 2015-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر ئۇنىڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۈرمىگە كېلىپ ئىلھام توختىنى يوقلىشىغا...
-
02 يانۋار 2015 -دىن, ئۇيغۇرلاردا توي ۋە جىنازا, خەۋەر, سەھىپە ئايرىلمىغان, مىللى توقۇنۇش
قۇتلان
2014-u1231-pmq.mp3
ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ياشنى كەلپىندە ناھەق ئېتىۋېتىلگەن 17 ياشلىق ئابدۇلباسىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئۈندىدارغا يوللىغانلىقى سەۋەبلىك 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
مەرھۇم ئابدۇلباسىتنىڭ ئانىسى بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل ئاپرېلدا ئوغلى ئېتىۋېتىلگەندىن كېيىن كەلپىن ناھىي...