(ئىككىنچى ھېكايە)
ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش
تۇرانىياز باشلىقنىڭ بېلى ئېغىر چىم بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دوختۇر ئۇنىڭ كارۋاتتىن چۈشىشىنى چەكلىدى، بىر ئولتۇرۇشىدا بىر پاقلاننىڭ گۆشىنى يەپ كۆنۈپ كەتكەن كالىدەك ئىشتەيلىك بۇ بىر نېمە تىمساخنىڭكىدەك دانە-دانە تاكان چىشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن گېلىدىن قالمىغان ئىدى. ئۇ كارۋاتتا يېتىپمۇ چىشى يوق موماي گۇلا شۈمىگەندەك بار-يوقنى توختىماي ماكىلدىتىپ چايناپ كۈندە زەمبىلدە بىرنى چىقىرىپ ياتتى، ياتاقنىڭ ھاۋاسى بولغىنىپ چىدىغۇسىز بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە ياتقان ئىككى سوقۇر ئۈچەي بىمار ئوپراتسىيە قىلىنىشتىن ۋاز كىچىپ ئۆلسەكمۇ ئاسمىنى ئۇچۇق يەردە ئۆلەيلى دەپ بۇرنىنى توتقىنىچە دوختۇرخانىدىن قاچتى.
ئۇنىڭ چىقىرىنىدىسىغا قاچا تۇتۇپ كۈتىگە قەغەز تاشىتالمىغان بىچارە ئاتا-ئانىسى دەرھال پىلان تۈزۈپ ئۇلارنىڭ نىكاھىنى شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ئۇقۇپ تۈگەتتى. شۇنداق قىلىپ ئايشىخاننىڭ سېسترا سىڭلىسى تۇنجى توي ئاخشىمىنى ئۇنىڭ تىگىنى قۇرۇقداش ۋە پوقىنى تۈكۈش بىلەن يورۇتتى.
دوختۇرلارنىڭ كارامىتى بىلەن تۇرانىياز ئوبدانلا ساقىيىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن تاماق يىسە توخۇدەك چېچىپ يەيدىغان، بىر مىنۇتتا ئون قېتىم تۇمشۇقىنى سۇنۇپ يىگىرمە قېتىم پوتلىسىنى تارتىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرانىيازنىڭ كىشىلەرگە دائىم قاپاق تۆرۈپ تورىدىغان مۇز چىرايى بۇ قېتىمقى داۋالاشتىن كېيىن بىر ئىشتىن ئاچچىقلانسىمۇ، خاپا بولسىمۇ «تاللىققا ئېسىپ قويۇلغان كاللىدەك» ھىجىيىپ تۇرىدىغان ھالەتتە ساقايدى…
«بىر قايغۇدا بىر خۇشاللىق» دېگەندەك ئۇنىڭ چىرايىدىكى بۇ نۇقسانلىرى ئۇنىڭغا ئېيتقۇسىز ئامەت ئېلىپ كەلدى، بىر قېتىم يۇقىرى ئورۇنلاردىكى ئالاھىدە رەھبەرلەر خىزمەت تەكشۈرۈپ كېلىپ تۇرانىياز باشلىقنىڭ ساقچىخانا ھويلىسىدا ئاممىغا گەپ قىلىۋاتقاندىكى ھالىتىنى يەنى دەمدە بىر تۇمشۇقىنى سۇنۇپ پوتلىسىنى تارتقىنىچە ئۇلارغا باشتىن –ئاخىرى كۈلۈپ تۇرغان قىياپىتىنى كۆرۈپ «قاراڭلار بىزنىڭ ئاساسى قاتلامدىكى بۇ قەھىرىمان كادىرىمىزغا، ئۇ خىزمەت ئۈستىدە ھېرىپ-تەرلەپ بۇرنىنى سۈرتكۈدەك ھالى قالمىسىمۇ يەنىلا خەلققە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرغىنىنى، بىز ھەممىمىز بۇنىڭدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك!» دەپ داۋراڭ سالدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ كاتتا زاتنىڭ بىر ئېغىز گىپى بىلەن تۇرانىياز باشلىق دەرھال«خەلقنىڭ غەمگۈزار چاكىرى –تۇرانىياز» غا ئايلىنىپ پۈتۈن گېزىت-ژورنال،تاراتقۇلارنىڭ باش بېتىنى ئىگەللىدى ھەم ئوزۇنغا قالماي قوشنا بىر ناھىيىگە ناھايىتى چوڭ ئەمەلدار بولۇپ ئۆسۈپ كەتتى.
ھاجىم ئائىلىسىدىكىلەرمۇ كىيئوغلىغا كەلگەن بۇ ئامەتنىڭ خوشلۇقىدا پاتمىخان بىلەن بولىدىغان توي ئىشىمىزنى ئالدىنقى ئايغا بىكىتتى.
«يىتىمنىڭ ئاغىزى ئاشقا تەگسە بورنى قاناپتۇ» دىگەندەك تويغا ئاز قالغاندا كەنتىمىزدە كۈتۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بىرىپ چوڭ-كىچىك ھەممىمىزنى يوق بىر بالاغا تىقتى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاسارىتى بولسا كېرەك مەكتەپ، كان-كارخانا تاملىرىنىڭ يۈزلىرىدە ئىشقىلىپ بوش-بىكارلىكى يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە ھەر خىل دەبدەبىلىك شۇئارلار يېزىغلىق توراتتى. ھەتتا مەن ئەقلىمگە كەلسەم كەنتە كومتىتىنىڭ چوڭ يېغىن مەيدانىدىكى قىشتا سېلىنغان چوڭ خالىجاينىڭ سىرتقى تام يۈزىدىمۇ قىزىل سىر بىلەن سىزىلغان شۇ بىر باش سۈرەت بىلەن چوڭ خەتلىك بىر شۇئار بار ئىدى.
بىر كۈنى قايسىدۇ بىر مەلئۇن بۇ ئۇلۇغ شۇئارنىڭ خېتىنى شاخ بىلەن جىجىلاپ قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كەنتىمىزدە بوران چىقىپ ئالەم –مالەم بولدى، ساقچى-ساقچى قايناپ كەتتى، يېزىدىن كەلگەن رەھبەرلەر بۇ ئىشنى دەرھال سىياسىيغا كۈتۈرۈپ«سەككىزىنچى ئىيۇل شۇئار جىجىلاش –بۇزۇش ۋەقەسى» دەپ نام قويدى، بىز ئىيۇل-پىيۇل دېگەن گەپنى چۈشەنمەيتتۇق، پەقەت بۇ چوڭ خەتنى يەتتىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى كۈنى بىرە ئۇششاق بالىنىڭ ئۇقماي جىجىلاپ قويغانلىقىدىن گۇمان قىلاتتۇق. مۇشۇ زور ۋەقە سەۋەپلىك مىنى قەيەردە كۆرسە، خىقىراپ يۈزۈمگە تۈكۈرۈپ يۈرۈيدىغان كونا قېيىنئاتام بىر كۈندىلا جازالىنىپ ھۇقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
ئىچىمدە بو ئوغرىنىڭ موللاق ئاتقانلىقىدىن قەۋەتلا خۇشال بولدۇم، لېكىن ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان كەنتە مۇدىرى دېگەن ئەبلەخ خىزمەت قىلمىسا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك كەنتىدىكى بارلىق ياشلارنى يېغىپ خالىجاينىڭ تېمىنى نۆۋەت بىلەن خەۋەر ئېلىپ قوغدىغىلى سالدى. ھەر كۈنى تۆت ئادەم كېچە-كۈندۈز بۇ تامنى خەۋەر ئالاتتۇق، بۇ ئىشنى قىلغان بەد نىيەت تېخىچە تېپىلمايۋاتاتتى.
«كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال» دىگەندەك نەچچە كۈن ئۆتمەي كەنتە كومتىتىنىڭ قوروسىدىكى دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان ئېگىز خادىنىڭ بايراق سىمىنى يەنە بىر نائەھلى ئوغرىلىۋالدى.
ھەر نېمە بولسا بۇ قېتىمقى ئىش يۇقىرىغا دوكلات قىلىنمىدى، ناۋادا دوكلات قىلىنغان بولسا بو ئىش يەنە«ئون بەشىنچى ئىيۇل سىم ئوغۇرلاش-بولاش -تالاش ۋەقەسى» دەپ ئاتىلىپ يېزا باشلىقى بىلەن كەنتىمىزنىڭ بۇ يېڭى«سېكرېتارى» ئاللاقاچان ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى مۇمكىن ئىدى.
بار خاپىلىق يەنە شۇ بىز بىچارىلەرگە بولدى، نۆۋەتچىلىك قىلىپ قوغدايدىغان جاي بىردىن ئىككىگە كۆپىيىپ ئادەم سەككىزگە ئاۋۇدى. بىز بىر گۇرپپا تۆت ئادەم بار كۈچىمىز بىلەن بايراق خادىسىنىڭ تۈۋىدە يېتىپ-قوپۇپ خادىنى قوغدىدۇق يەنە شۇنداقتىمۇ بو نىيىتى يامان ئوغرى بىر ئاخشىمى بىزنىڭ ئۇخلاپ قالغان پۇرسىتىمىزدىن پايدىلىنىپ بايراقنىڭ يىپىنى يۆگەيدىغان چۈيۈن غالتەكنى ئوغرىلىۋاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ «چويۇن غالتەك ۋەقەسى» دىن كېيىن كەنتە رەھبەرلىگى بىر كۈن مۇزاكىر قىلىش ئارقىلىق بايراق خادىسىنىڭ تۈۋىگە توپاقتەك سېرىق ئىتتىن بىرنى باغلاپ قۇيىدىغان بولدى، بىز شۇ ئىت بىلەن بىرگە خادىنى قوغداپ يېتىشقا مەجبۇرى بولدۇق…
ئىتنىڭ پەيلى يامان ئىدى، بەزىدە بىزگىمۇ يۈز قىلماي داپشىنىپ قۇياتتى، ئىت بۇلا مۇشۇنداق بولا، ئاخشاملىرى خادا تۈۋىگە قۇيۇلغان كارۋاتتىن چۈشۈشكە ھېچقايسىمىز پېتىنالمايتتۇق، چۈنكى كارۋاتنىڭ ئاستىدىكى سېكرېتارنىڭ قول-چومىقى بولغان بۇ سېرىق ئىت كۈزىنى ئۈزمەي بىزنى باشقۇراتتى. سىيگۈمىز كەلسە تۆتەيلەن ھەممىمىز بىر بولۇپ ماڭاتتۇق، تەڭ كېچىسى باشقىلارنى ئويغىتالمىسام كارۋاتنىڭ ئۈستىدە ئۈرە تۇرۇپ يىراقلارغا قۇيۇپ بىرىشتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى، نېمە بالاغا قالغىنىمنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ھېلىغۇ ئىتكەن، ئىتنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ تىنىم جۇغۇلداپ يۈرۈگۈم قېپىدىن چىكىتىدىغان ئادەم ئىدىم…
ئىت ھېلى چىقىپ بىرە يېرىمنى كاپ قىلىپ ئالارمىكىن دىگەندەك قورقۇنچىدا تۈزۈكمۇ سىيەلمەيتتىم ھەر قېتىم يېرىمىنى سىرىتقا يېرىمىنى ئىشتىنىمنىڭ ئىچىگە چىقارغانچىلىك قىلىپ ھۆل زاكىدا قالغان بوۋاقتەك تاڭ ئاتقىچە يۇلتۇز ساناپ غىمىسلاپ چىقاتتىم، ئىشقىلىپ توختى پوكان بولغانغا گېلىمغىچە تويدۇم…
كەنتىمىزدە بۇنداق سىياسىيغا ياتىدىغان زور ۋەقەلەر ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەندىن كېيىن يۇقىرىنىڭ بۇيرىقىغا ئاساسەن كەنتە تەۋەلىكىدىكى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممىمىز كەنتە كومتېتىغا يېغىلىپ ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەجبۇرى«سىياسى ئۆگىنىش» قىلىش ئارقىلىق ئىدىيىمىزنى ئازاد قىلىدىغان بولدۇق. كۈندە بولىدىغان بۇ ئۆگۈنۈشتە سېكرېتار توختىماي گېزىت-ماتېرىيال ئۇقۇيتتى بىز زەن سېلىپ ئاڭلاپ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ھەزىم قىلاتتۇق، ئاندىن «مۇزاكىر باسقۇچى» دا ھەممىمىز بىرمۇ-بىر پىكىر بايان قىلىپ بۇ ۋەقەنى ئېيىپلاپ –تىللاپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىرادىمىزنى بىلدۈرىشەتتۇق…
بۈگۈنمۇ دائىمقىدەك سېكرېتار ماتېرىيال ئۇقۇشنى تۈگىتىپ مۇزاكىر باسقۇچىغا ئۆتمەكچى بولىۋاتاتتى، مەن كۆڭلۈمدە« ھاي سېكرېتار يا ئىتىڭنى يوقات، يا مەن خالىجاينىڭ تېمىنى بېقىپ شۇ يەردە ياتاي، يا بولمىسا مىنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈۋەت!»دېگەننى ئويلاپ ئېغىزىمنى ئاچاي دەپ تۇراتتىم، شۇ چاغدا سىرتتىن سايىت چولاق دېگەن پەسەندى «ۋاي سېكرېتار!…ۋاي سېكرېتار!» دىگىنىچە چىرايىدا قان يوق يۈگۈرۈپ يېغىن مەيدانىغا كىرىپ كەلدى، بىز ھەممىمىز بىرە يەرگە ئوت كەتكەن ياكى كەنتىمىزنى سەل باستۇرۇپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن توختاپ ئۇنىڭغا كۆزىمىزنى تىكتۇق.
– نېمە بولدى ھاي چولاق؟- دەپ ۋاقىرىدى سېكرېتار جىددىيلەشكىنىدىن ئورنىدىن چاچراپ تورۇپ.
– نېمە….نېمە بولاتتى، سېكرېتار…جىنايەتچى تېپىلدى!- دېدى سايىت چولاق ھاسىرىغىنىچە.
– قايسى جىنايەتچى؟
– بايراقنىڭ غا…غا…غالتىكىنى ئوغرىلىغان!
سېكرېتار بۇ جاۋابتىن شۇنداق خۇشال بولدى:
– ھە…كىمكەن؟
– ئەنە …مەن باشلاپ باراي!
يىغىندىكى ھەممەيلەن ئورنىمىزدىن گۆركىرەپ تۇرۇپ غەزەپ بىلەن كەنتە كومتىتىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولغا ئېتىلدۇق، بىز چوڭ-كىچىك بولۇپ كامىدا ئۈچ-تۆت يۈز ئادەم ئىدۇق، مۇشۇ ئوغرى سەۋەبلىك نەچچە ھەپتىدىن بىرى بىزنىڭ يىمىگەن پوقىمىز كىرمىگەن گۆرىمىز قالمىغان ئىدى، ھەممىمىز يەڭلىرىمىزنى شىمايلاپ ئىستىھكامغا ئېتىلغان جەڭچىلەردەك ئۇ ئوغرىدىن ئۈچىمىزنى ئالغىلى يۈگۈردۇق…ھەتتا مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى ئاخۇنى چۈشۈپ كەتكەن سەللىسىگىمۇ قارىماستىن سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ھاسىراپ قۇيۇندەك چاپماقتا ئىدى…
دېگەندەك چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەھەللىدىكى ساۋۇت ساراڭ قۇلىدا ھېلىقى چۆيۈندىن ياسالغان غالتەكنى ئويناپ بەخىرامان تۇراتتى، ئۇ نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆزى تەرەپكە «ھۇررا» توۋلاپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىدى، كەينىدە باشقا بىرسى يوق ئىدى. ئەتىدىن –كەچكىچە «ھو….ھو…» دەپ كۈلۈپلا يۈرۈيدىغان بۇ كۈلگۈنچەك ساراڭ كۆڭلىدە «بۇ تېگى پەسلىگە نېمە بولغاندۇ ئەمدى؟ بۇلارنى چوقۇم كەنىتتىكى ھېلىقى سېرىق ئىت ئالدىغا سېلىۋالدى، بولمىسا بۇ ساراڭ-لەقۋالار بۇنچىلىك قېچىشىپ يۈرمەستى!» دېگەننى ئويلاپ ھىجىيىشتىن توختىدى ئاندىن چىرايىنى تۈرگىنىچە ئىككى لىۋىنى چىشلەپ ئالدى-كەينىگە قارىماستىن بەدەر كەينىگە بۇرۇلۇپ قېچىشقا باشلىدى…
خۇدايىم بۇ ساراڭنىڭ پۇتىغا كۈچنىمۇ تازا بىرىپتىكەن، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۆز ئالدىمىزدىن پىلدىرىغۇچتەك پىقىراپ يىراقلاپ كەتمەسمۇ؟
قاچە-قاچ، تۇتە-تۇت….
ساراڭ بىزگە تۇتۇق بىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە چوڭ ئۆستەڭدىكى ياغاچ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە چىقىپ توختاپ ئالدىغا ئىڭىشىپ تۇرۇپ ھاسىرىغىنىچە دېمىنى ئېلىشقا باشلىدى…
بىزمۇ كەيندىن تۈشمۈ-تۈش باستۇرۇپ كىلىپ قەدىمىمىزنى كۆۋرۈكنىڭ لېۋىدە توختىتىپ تىزلىرىمىزنى تۇتۇشقىنىمىزچە چوڭ-چوڭ نەپەس ئېلىشقا باشلىدۇق، ساۋۇت ساراڭ ئېڭىشكەن يېرىدىن بېشىنى كۈتۈرۈپ بىزگە ئالىيىپ قارىدى، بىزمۇ ھەممىمىز بېشىمىزنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلدۇق، ئۇ زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي بىزگە تىل سالدى:
– ئاناڭنىڭ تويى بولاشتىما ھەرقايسىڭغا؟
بىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ھەيران قالدۇق، چۈنكى بۇ ساراڭ ئۆمرىدە بىرسىنى تىللاپ باقمىغان ئىدى.
– ھەي ساراڭ! – دېدى سېكرىتار ھارغىنلىقتا دېمىنى ئالالماي،- ئاۋۇ قولۇڭدىكى غالتەكنى نەدىن تاپتىڭ؟
ساراڭ قولىدىكى چويۇن غالتەككە لاپپىدە قاراپ ئۇنى دەرھال كەينىگە تىقىۋالدى-دە توۋلاپ جاۋاب بەردى:
– ئاچاڭنىڭ ئېرىما مەن؟ بوش توۋلا ماڭا!،-دەپ خىرقىرىدى ساراڭ.
– غالتەكنى نەدىن ئالدىڭ دەيمەن؟
– ئاناڭنى ئالغان يەردىن!
ئۇنىڭ جاۋابىدىن ھەممەيلەن پىخىلداپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇسال بولغان سېكرېتار تەلەتىنى بۇزدى:
– ھاي ساۋۇت ساراڭ ، ئاۋۇ قولۇڭدىكى غالتەكنى نەدىن تاپتىڭ دەيمەن؟
– سىنىڭ ئاناڭنى غالتەك ئالمىغان بولغىيتتى، ھەي غالتەك جېنى چاپلىشىۋالغان ساراڭ!،- دەپ ۋارقىرىدى ساۋۇت ساراڭ غەزەپ بىلەن، – نىمانداق كەچكۈچە غالتەك-غالتەك دەۋېرىسەن، غالتەكتىن بۆلەك گىپىڭ يوقما سىنىڭ؟
ساراڭ بىگىز بارمىقىنى سېكرېتارغا چىنەپ تۇرۇپ غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى، بىچارە سېكرىتار خۇددى ئاتىسىدىن تەنبىھ يېگەن بەش ياشلىق بالىدەك يۇۋاشلاپ قالدى، بىز بۇلارنىڭ ھالىتىگە قاراپ قايسىسىنىڭ ساراڭ قايسىسىنىڭ سېكرىتار ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيلا قالدۇق.
بۇ چاغدا يېڭىدىن سايلانغان كەنتە مۇدىرى سېكرېتارغا ياخشىچاق بولۇپ گەپكە ئارىلاشتى:
– ھاي ساۋۇتاخۇن، ئاۋۇ قولۇڭلىدىكى غالتەكنى بىزگە بىرىۋېتىپ ئاندىن گەپ قىلىڭلار ئۇكام!
– تۈفىي!،- ساراڭ ئاچچىق بىلەن يەرگە بىرنى تۈكۈردى،- قاچاندىن بىرى مەن سىنىڭ ئۇكاڭ بولۇپ قالدىم، سەندەك نەسلى پەس، دادىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان مۇناپىققا ئۇكا بۇلىدىغان ساۋۇت تېخى دۇنياغا تۇغۇلمىدى!
ھەممەيلەن كەنتە مۇدىرىنىڭ راستىنلا ئۆز دادىسىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىشەتتۇق، شۇڭا بىز يەر تىگىدىن كۆز بېقىشىپ كۈلۈشۈشكە باشلىدۇق.
بۇ ساراڭنىڭ ئېغىزىدىن ھەر بالا كىلەتتى، يەنە ئۆزىنىڭ بىرە ئەيىبىنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقىنى ئويلىغان كەنتە مۇدىرى بىر ئاز شوك بولۇپ قالدى.
بۇ چاغدا ئاخۇنۇم سالاغا چۈشتى:
– جېنىم ساۋۇتاخۇن، قولۇڭلاردىكى ئاۋۇ نەرسىنى بىزگە بېرىۋېتىڭلار، بىز نەچچە كۈن بولدى، شۇ غالتەكنىڭ خاپىلىقىدا يا ئۇيقۇ ئۇيقۇ بولمىدى، يا يېگەن تاماق تاماق بولمىدى…
ساۋۇت ساراڭ ئاخۇنۇمنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى كۆرۈپ تەلەپپۇزىنى يۇمشاتتى:
– بوپتۇ سەن گەپ قىلىپ سالدىڭ، بەرسەممۇ بېرەي، لېكىن بىر شەرتىم بار!
– دىگىنە يۈز شەرتىڭ بولسىمۇ،- دېدى سېكرىتار جىلە بولۇپ،- بىر ئاڭلاي باقىلى!
– ھەرقايسىڭ دادامنى پومىشچىك دەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشتۈڭ، ئانامنى پومېشچىكنىڭ خوتۇنى دەپ ئاچ قۇيۇپ ئۆلتۈرۈشتۈڭ، بىر تۇغقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى پومېشچىكنىڭ باللىرى دەپ يىراق-يىراقلارغا پالاشتىڭ، ئۇلارمۇ سەرسانچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگىدى، قېنى ئېيتە، ئۆز ۋاقتىدىكى بىزنىڭ قوي-كالىلىرىمىزنى نەگە ئاپارغان، ئۆيىمىزدىكى گىلەم-كىگىزلەرنى نەگە تىقىشتىڭ؟ماۋۇ كۆۋرۈكنى كىمنىڭ سالغانلىقىنىغۇ بىلىشىدىغانسەن؟ نېمىشقا بۇ كۆۋرۈكنى بوزۇشمايسەن؟ بۇپتۇ ئۇلارنىڭ ئۆلگىنى ئۆلگەن بولسۇن، دەيدىغان شەرتىم شۇكى مال-مۈلكۈمنى قايتۇرۇپ بەر، بولمىسا بۇ غالتىكەڭنى ئۆستەڭگە تاشلىۋەتكىنىم تاشلىۋەتكەن!
ئۆز ۋاقتىدا بۇ كۆۋرۈك بىلەن كەنىتتىكى كونا مەكتەپنى ئۇنىڭ دادىسنىڭ سالغانلىقىنىغۇ ھەممىمىز بىلەتتۇق، لېكىن بىز بۇ ساراڭنىڭ بۇ ئىشلارنى بۇنداق تەپسىلى بىلىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئىدۇق، بىز ئاغزىمىزنى ئېچىپ ھاڭ-تاڭ قالدۇق.
سېكرېتار غەزەپتىن يېرىلدى:
– ۋۇ ئىززىتىنى بىلمەيدىغان قېرى ساراڭ! ئەكىلە غالتەكنى!
سېكرېتار شۇنداق دىگىنىچە ئالدىغا مېڭىشقا تەمشەلدى.
ساۋۇت ساراڭ بۇنى كۆرۈپ قۇلىدىكى غالتەكنى بىر بارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ تىز ئېقىۋاتقان ئۆستەڭنىڭ سۈيىگە سۇنۇپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى:
– ۋۇ خام كاللا بەڭگى! ئالدىڭغا مېڭىپلا قالساڭ بۇنى تاشلايمەن!
سېكرېتار كۆزلىرىنى پىلدارلاتقىنىچە ئورنىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدى، مەن ئاخىرى بۇلالماي سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ سالدىم:
– جېنىم ساۋۇت ئاكا، ماڭا بىر ئىچىڭ ئاغرىسۇن!،-دېدىم ھۆركىرەپ يىغلىغىنىمچە،- ماڭا نەچچە كۈن بولدى، شۇ خالىجايدا تام قوغدايمەن دەپ پوق بۇراپ ياتقىلى، ئەمدى قۇپۇپ بۇ غالتەكنى دەپ كۈنلىكى بايراق خادىسى ئاستىدا ئەشۇ ئىت بىلەن بىرگە ياتىمەن….ئېيتقىنا ئاكا ماڭا نېمە كۈن بۇ، مەن تۈزۈك بىر سىيىپ باقمىغىلى نەچچە كۈن بولسا، سەنمۇ كۆردۈڭ ئۇ ئىتمۇ ياكى توپاقمۇ؟ جاھاندا بونداقمۇ چوڭ ئىت بۇلامدۇ؟ مەن سەندىن خوش بۇلاي ئاكا، ئۇنداق قىلماي غالتەكنى بەرگىن…
ساۋۇت ساراڭ مىنىڭ يىغامنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئاچچىقلاندى:
– ئاناڭ بولغان ساراڭ جادى، دادامنى كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ بىرسى، تولا ۋالاقلىماي كۆزۈمدىن يوقال!
بىز نېما قىلارىمىزنى بىلەلمەي، ئاغزىمىزنى ھاڭ ئېچىپ ساراڭغا قاراپ قالدۇق، ھازىر بۇ ساراڭ ئۈزىنى دۇنيانىڭ خۇجىسى دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك ئەلپازىدىن بۇ يېقىنلاردا غالتەكنى بىزگە بىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
شۇ چاغدا ساراڭ سەت كۈلۈپ ئېغىز ئاچتى:
– ھەرقايسىڭغا بۇ غالتەك بەك مۇھىمما؟
– مۇھىم!
نەچچە يۈز ئادەم تەڭلا ۋارقىراپ جاۋاب بەردۇق.
ساراڭ ئاغىزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلگىنىڭچە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
– ھەرقايسىڭنىڭ ئەقلىنىڭ پوققا چۈكۈشۈپ قالغانلىقىنىغۇ ئوبدان بىلەتتىم، غالتەككە ئېرىشىمەن دىيىشىدىكەنسەن، ئۇيۇن ئوينايمىز! ئاڭلاشتىڭما؟
«ئاھ خۇدا! بۇ جاھان نېمە بولۇپ كەتتى، بىر ئەرزىمەس غالتەك ئۈچۈن بۇ ساراڭ بىلەن ئۇيۇن ئويناپ يۈرۈرمىزمۇ ئەمدى…»
ھەممىمىز تەڭلا جاۋاب بەردۇق:
– ئاڭلىدۇق!
– ھەممىڭ ئورنىڭدا ئولتۇرۇش!،- كوماندا بەردى ساراڭ ئۈزىنى كاتتا بىرسى چاغلاپ.
بۇ بۇيرۇقتىن بەزەنلىرىمىز ئولتۇردۇق، بەزەنلىرىمىز پىخىلداپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرمىدۇق، لېكىن ساۋۇت ساراڭ كىنونى تولا كۆرۈپ گېنراللىق سەۋىيىگە يەتكەندەك قىلاتتى، ئۇ بوش كەلمىدى:
– ۋۇ نەسلى پەس، سۇلامچى خوتۇننىڭ باللىرى، مىنى نېمە كۆرۈپ قېلىشتىڭ، ھەرقايسىڭغا غالتەككە لازىممۇ ياكى كەنتىدىكى ئۈگۈنۈشمۇ؟
– غالتەك لازىم!
بىز ئۆلگۈدەك ۋارقىراشتۇق، چۈنكى ساۋۇت ساراڭ غالتەكنى سۇغا تاشلاي دەپ تۇرىۋاتاتتى، ئاڭغىچە سېكرىتار بىزگە نەسىھەت قىلدى:
– جېنىم جامائەت، مۇشۇ قېتىم ئۇنىڭ گېپىنى بىر ئاڭلاڭلار، بىز بىر ئامال قىلىپ غالتەكنى قولغا ئېلىپ يۇقىرىغا جاۋاب قايتۇرايلى، بولمىسا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كەنتىمىزگە بىر يىللىق خىزمەت گۇرۇپىسى كىلىدىكەن!
«خىزمەت گۇرۇپىسى» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ھەممىمىزنىڭ دېمى ئىچىمىزگە چۈشۈپ كۆزلىرىمىز يوغىناپ كەتتى، ناۋادا ئۇلار كەنتىمىزگە كېلىدىغان بولسا كۈندە قىلىدىغان يېرىم كۈنلۈك ئۆگىنىش پۈتۈن كۈنگە ئۆزگىرەتتى، يەنە تېخى…..
– سېكرېتار داداڭلار توغرا دەيدۇ،-دېدى ساۋۇت ساراڭ كاللىسىنى لىڭىشتىپ تورۇپ ھاكاۋۇرلارچە،- توخۇ-كەپتەر، ئۆردەك-غازلىرىڭدىن ئايرىلىشماي دىيىشسەڭ بۇيرۇققا بويسۇنۇش! مەن ھازىردىن باشلاپ پادىشاھمەن، بىلىشتىڭما؟
– بىلىشتۇق!
– بىلىشكەن بولساڭ ئېيتىشە مەن كىم؟
– پادىشاھ!
– زۇۋانىڭغا بىر نېمە تورۇپ قېلىشمىغاندىكىن ئۈچ قېتىمدىن ئۈنلۈك جاۋاب بىرىش، مەن كىم؟
– پادىشاھ! پادىشاھ! پادىشاھ!
بىز قاتتىق ۋارقىراپ جاۋاب بەردۇق، گۆركىرەپ چىققان ئاۋازىمىزدىن مەيدان ئاسمىنى تىتىرەپ كەتتى.
يېڭى «پادىشاھ» بىزنىڭ يۇۋاشلىق بىلەن بەرگەن جاۋابىمىزدىن رازى بولۇپ ئۈسۈپ چاڭگا بولۇپ كەتكەن كالتا ساقىلىنى ئاستا سىلاپ قويدى-دە يەنە بۇيرۇق قىلدى:
– ھەممىڭ ئورنىڭدا ئولتۇرۇش!
ھەممەيلەن ئىتائەتمەنلىك بىلەن دەرھال ئولتۇردۇق.
-جاللات!
بىز بۇ ساراڭنىڭ كىمنى جاللات دەپ چاقىرغانلىقىنى بىلەلمەي سوئال نەزىرىدە بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق، بۇ چاغدا سېكرېتار ماڭا قاراپ كۆز ئىشارىتى قىلدى، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈپ خالىجاي باقىدىغان تۆتى بىلەن خادا باقىدىغان ئۈچىنى تارتىپ چىقىرىپ توۋلىدىم:
– لەببەي شاھىم!
– ئاۋۇ پوق ساقالنى تۇت!
بىز ئۇنىڭ كىمنى دىگەنلىكىنى بىلەلمەي ساۋۇت ساراڭغا سوئال نەزىرى بىلەن قارىدۇق.
– يېنىڭدىكى ئاۋۇ گەدەنكەشنى!
ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى يېنىمىزدىكى ئىمام ئاخۇنۇم ئىدى. بىز ئۇنى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالماي گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدۇق بۇنى كۆرگەن ساۋۇت ساراڭ غالتەكنى ئېگىز كۆتۈردى:
– غالتەكنى تاشلىدىم ئەمىسە!
بۇنى كۆرگەن سېكرېتارنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ ئورنىدىن چاچراپ تۇردى-دە ئاخۇنۇمغا ۋارقىرىدى:
– چىقسىلا ئاخۇنۇم ئالدىلىرىغا قاراپ تۇرماي!
ئاخۇنۇم سېكرىتارغا سادىق ئىدى، ئۇنىڭ ئىماملىق ۋەزىپىسىنى مۇشۇ سېكرىتار ئېلىپ بەرمىگەن بولسا بۇ ئاخۇنۇم ئۆزىنىڭ كالتە بىلىمى بىلەن ھەرگىزمۇ مەسچىتنىڭ ئىماملىقىنى قىلالمايتتى ھەم يۇرتنىڭ چوڭلىرى قاتارىغا كىرەلمەيتتى، شۇڭا ئاخۇنۇم غىڭ قىلماي ئورنىدىن تۇرۇپ سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇردى.
– تىزلان!،- دەپ ۋارقىرىدى خان غەزىپىنى بېسىپ تۇرۇپ.
ئاخۇنۇم ئاچچىقىدا لىۋىنى چىشلەپ تىزلىنىپ ئولتۇردى. خان سوراقنى داۋام ئەتتى:
– ئېيتە ناماز بىزگە نېمە؟
– ناماز بىزگە پەرز!- دەپ ئۈنلۈك ئېيتتى ئاخۇنۇممۇ بوش كەلمەي.
– خوش، ئۇنداق بولسا، نامازنىڭ ۋاقتى بىزگە نېمە؟
– نامازنىڭ ۋاقتىمۇ پەرز!
ئاخۇنۇم ئۆزىنىڭ بەرگەن توغرا جاۋابىدىن مەمنۇن بولۇپ بىز كۆپچىلىككە غادىيىپ قاراپ قويدى.
– ئۇنداق بولسا ھەي پوق ساقال!،- پادىشاھ قۇلىنى شىلتىپ ۋارقىرىدى،- نېمىشقا كەنتىدە يېغىن ئاچقاندا پىشىن بىلەن ئەسىرنى قازا قىلىسەن؟ نېمىشقا جامائەتنى مەسچىتكە ئېلىپ چىقمايسەن؟
ئاخۇنۇم كېكەچلەپ قالدى:
– بۇنى…بۇنى…سېكرىتار قويمىسا!
– سەن بەدبەخ خۇدادىن قورقامسەن ياكى سېكرېتاردىنمۇ؟
– بۇ….بۇ….
– جاللات!، -دەپ ۋارقىردى شاھ غالتەكنى كۆتۈرۈپ،- بۇ سېكرېتارنى ئۈزىگە خۇدا قىلىۋالغان مۇرتەدنىڭ كۈتىگە قىرىق دەۋرە!
بىز سېكرېتارنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن كۆزىمىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئاخۇنۇمنىڭ كۈتىگە تىپىشنى باشلىدۇق، بىچارە ئاخۇنۇم ھەر بىرنى تەپسەك بىر قېتىم ئىنجىقلايتتى…تېپىكنىڭ ئون توققۇزىنچىسىغا بارغاندا ئاخۇنۇم بۇلالماي كۈتىنى تۇتقىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ سېكرىتارغا ۋارقىردى:
– ئالە ئىماملىقىڭنى، ئىككى تال پۇلۇڭنى ئۆزۈڭ خەجلە، بىر تال قۇتا غالتەكنى دەپ مۇشۇ ساراڭنىڭ كەينىگە كىرىپ مىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچىما سەن؟ ئىماملىقنى ئەمدى ئاناڭ قىلسۇن!
ئىمام ئاخۇنۇم كۆزىگە ياش ئالغىنىچە مەيداندىن ئالا-تاغىل توۋلاپ چىقىپ كەتتى.
خان بېشىنى لىڭىشتىپ يەنە بىزگە قاراپ ۋارقىرىدى:
– ئالتە قاراقچىنى تۇت!
«بۇ ساراڭنىڭ ئالتە قاراقچى دىگىنى كىمدۇ ئەمدى؟»
بىز ھېچنىمىسىنى بىلەلمەي خانغا تەلمۈرۈپ قارىدۇق.
– ھەي ئوغرى كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ ئولتۇرىسەنغۇ!- دەپ ۋارقىرىدى خان سەپنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان سېكرېتارغا بىگىز بارمىقىنى چەنلەپ تۇرۇپ،- شېرىكلىرىڭ بىلەن ئورنۇڭدىن دەرھال تۇر!
بۇ چاغدا سېكرىتار ئامالسىز قىزارغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ پەستە ئولتۇرغان كەنتە مۇدىرى، بۇغالتىر، ئەترەت باشلىقلىرى بولۇپ بەش كىشىگە بىرمۇ-بىر قاراپ چىقتى. بىزنى كۈلكە بېسىۋېلىپ كۆزىمىزنىڭ قۇيرىقىدا بىر-بىرىمىزگە كۆز قىسىشقىلى تۇردۇق.
پادىشاھ يەنە پەرمان چۈشۈردى:
– جاللات !
– لەببەي شاھىم!
– بۇ گەدەنكەش تاغ قاراقچىلىرىنى ئالدىغا ئاچىقىپ تىزلاندۇر!
بىز تەمتىلەپ نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي تۇرغىنىمىزدا سېكرېتار ئۆزى باش بولۇپ سەپنىڭ ئالدىغا نەچچە قەدەم چىقىپ تىزلىنىپ ئولتۇردى، بۇنى كۆرگەن باشقا بەش كىشىمۇ غۇدۇڭشىغىنىچە سېكرېتارنىڭ سېپىگە قېتىلدى.
– جاللات!
– لەببەي شاھىم!
سەككىزىمىز ئۆلگۈدەك تەڭ ۋارقىراپ جاۋاب قايتۇردۇق.
– ئاۋۋال بۇ مەلئۇنلارنىڭ كۈتىگە ئون دەۋرە!
بىز سېكرىتارغا قارىدۇق، سېكرىتارنىڭ كۆزى بولسا ئەشۇ چويۇن غالتەكتە ئىدى، ئۇ بىزگە بېشىنى لىڭىشىتىپ ئىشارەت قىلدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنى «تەپسەڭلار تىپىڭلار، لېكىن بوشراق بولسۇن»دېگىنى ئىدى.
بىز دەرھال يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇ ئالتىسىنىڭ كۈتىگە تەپكەننى دوراپ ساناشقا باشلىدۇق.
– توختاش، ھەرقايسىڭغا غالتەك لازىم ئەمەسكەندە؟- دەپ ئاچچىق توۋلىدى ساۋۇت ساراڭ غالتەكنى يەنە سۇغا تەڭلەپ تۇرۇپ.
– ياق…بىز…بىز….
– ھەرقايسىڭ بۇلارنىڭ قوڭىنى سۈرتىۋاتەمسەن ياكى ئوۋلىۋاتامسەن؟
سېكرىتار يەنە بىزگە قاراپ بېشىنى لىڭىشتقاچ كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋالدى.
بىز بۇ قېتىم «بىر…ئىككى…ئۈچ…» دەپ سانىغىنىمىزچە يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ئالتەيلەننىڭ كۈتىگە بار كۈچىمىز بىلەن تەپتۇق، مەن بۇ قېتىم ھېلىقى سېرىق ئىتنىڭ ئىگىسى بولغان ئەترەت باشلىقىنىڭ كۈتىگە«ئىت باققانغا توي، ئىت دىگەننى شۇندامۇ باققان بارمۇ؟» دەپ راسا كۈچەپ تەپتىم، ھەر بىر تىپىشىمىزدە بۇ بىچارىلەر تۇغۇتلۇق ئايالدەك «ئې….ئې…» دەپ ۋايجانلىشىپ ئالدىغا دۇم چۈشۈشەتتى. ئون تىپىكمۇ ئاخىرلاشتى، ئۇلار ئېغىز-بۇرنىدىكى تاش- توپىنى سۈرتۈپ پادىشاھقا ئۈمىد بىلەن قاراشتى.
– ئەمدى ئېيتىشە بۇلاڭچىلار!،- دېدى پادىشاھ چىشىنى غۇچۇرلىتىپ،- بۇ قېتىم سۇ پۇلى يېغىشقانسەن؟
– شۇنداق يىغدۇق!،- تەڭ جاۋاب بەردى ئالتىسى كۈتىنى سىلىشىپ.
– ھەر يىلى ئەزالارنى ئېرىق-ئۆستەڭ قازدۇرغىنىڭ راستما؟
– راست…
– كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەپ دەريا بېشىغا بىر ئاي مەجبۇرى ئەمگەككە ئاچىقىدىنىڭ راستما؟
– راست…
پادىشاھ تېخىمۇ ئالچاڭلىدى:
– ئېرىقتىكى سۇ ئاناڭنىڭمىدى؟
– ياق…
– ئەمىسە داداڭنىڭمىدى؟
– ياق…
ئەمىسە ئاناڭنى مۇنداق قىلغىلى بىزدىن سۇ پۇلى يېغامسەن؟- ساۋۇت ساراڭ بۇ گەپنى دىگەچ غالتەكنىڭ تۈشىكىگە بىگىز بارمىقىنى تىقىپ تۇرۇپ بىرنىمىلەرنى ئىشارەت قىلدى.
تىزلىنىپ ئولتۇرغان ئالتەيلەن تەڭلا بېشىنى كۈتۈرۈپ ساۋۇت ساراڭنىڭ قۇلىدىكى چويۇن غالتەككە تىكىلىپ قاراپ ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىما-ئىشارىتىنى چۈشۈنۈپ قىزرىشقىنىچە بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى.
يەردە ئولتۇرغان دېھقانلار بۇ گەپتىن خۇشال بولۇپ ئاۋازىنى چىقىرىپ كۈلۈشۈشكە باشلىدى، ئاياللار بولسا بۇ ساراڭنىڭ ھاياسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئىككى قۇلى بىلەن يۈزىنى يۆگىۋېلىپ پىخىلداشقا باشلىدى.
سۇراق داۋاملاشتى:
– ئۇنداق بولسا بۇ قېتىم يىغقان سۇ پۇلىنى يۇقىرىغا ئۆتكۈزۈشتىڭما؟
بۇ سۇئالغا سېكرىتار جاۋاب بېرەلمەي يېنىدىكى يۈز-كۈزى توپىدىن تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن بوغالتىرغا قارىدى.
– ھە…ھە…ئۆتكۈزدۈم، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن!- دەپ ئالمان-تالمان جاۋاب بەردى بۇغالتىر كېكەچلەپ.
– قانچىلىك تىقىۋالدىڭ؟
– مەن…مەن…تىقىۋالمىدىم، ھەممىنى ئۆتكۈزدۈم…
پادىشاھ بۇ جاۋاپتىن دەرغەزەپكە كەلدى:
– جاللات!
– لەببەي شاھىم!
– ماۋۇ يۇندە پۇرۇشقا قىرىق دەۋرە!
بىز خاننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ بۇغالتىرنىڭ كۈتىگە تازا تېپىشكە باشلىدۇق، بىز تىپىپ ئون ئىككىگە بارغاندا بوغالتىر تېپىككە چىدىيالماي ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى:
– مەن ئىقرا قىلاي…مەن ئىقرا قىلاي…مەندە بۇۋاسىر باتتى…ئەمدى تەپمەڭلار!
– ئېيتە قىزىل كۆز! بۇ پۇلدىن زادى قانچىلىك زىغ-زىغ چىقاردىڭ؟
بۇغالتىر يەرنىڭ تىگىدىن سېكرىتارغا ئالىيىپ قارىدى، سېكرىتار بىر قۇلىنى ئۆزىنىڭ بوينىغا ئەكىلىپ گېلىنى چىمدىپ سوزۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنى«جېنىم بوغالتىر ئۇكام، ھەممىنى ئۈستۈڭگە ئالغىن، مەن ھامىنى ساڭا ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن، مەن سەندىن ئۆتىنەي، جۇگۇ…جۇگۇ..» دېگىنى ئىدى.
بوغالتىر بۇ قېتىم سېكرىتارغا رەھىم قىلىپ ھەممىنى ئۆز بوينىغا ئالدى :
– مەن…مەن …سۇ پۇلىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئېلىپ قالغان…
دېھقانلار بۇنى ئاڭلاپ «مەرگەزنىڭ سىياسىتى ئەزەلدىنلا توغرا ئىدى، ئۇلار ئولتۇرسا-قوپسا خەلقنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ھەممىنى قىلىدىغانلار مۇشۇ يەرلىك نائىنساپلار ئەمەسمۇ؟» دەپ غۇلغۇلا قىلىشىپ مەيداننىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى.
پادىشاھ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى:
– ھەممىڭ ئاغىزىڭنى يۇمۇش قەلەندەرلەر!
جامائەت خاننىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ قاينىۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك تىمتاس جىمىپ قالدى. خان سوراقنى كۈچەيتتى:
– تىققان پۇلۇڭ قەيەردە؟
– ئىشخانامدىكى تارتمامدا…
– ئىشخاناڭ مەككە مۈكەررەمدىما؟
– ياق…شۇ …
– ئەمىسە ئاناڭنى ئالغىلى قاراپ تۇرامسەن، بېرىپ ئەكەلمەمسەن؟
پادىشاھ چويۇن غالتەكنى يەنە كۆتۈردى. بۇنى كۆرگەن سېكرېتار ئالاقزادە بولۇپ بوغالتىرغا ۋاقىرىدى:
-نېمە قاراپ تۇرىسەن، تىزىملىك بىلەن ئەكىلىپ ھەممىسىگە تارقىتىۋەتمەمسەن قاپاقباش!
بوغالتىر قۇيۇندەك يۈگۈرۈپ كېتىپ ھايال ئۆتمەي تىقىۋالغان پۇلنى ئەزالارغا تىزىملىك بويىچە بۆلۈپ تارقىتىشقا باشلىدى.
بىز بۇلۇۋاتقان بۇ ئىشلارغا قاراپ ھەيرانۇ-ھەس قالدۇق، «توۋۋا خۇدايىم ماۋۇ ساراڭنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى! خۇدايىم بىلىپ ئىشەككە مۈڭگۈز بەرمەپتىكىنا؟بۇ ساراڭ سېكرېتار بولۇپ قالغان بولسا كۈتىمىزگە شام قىستۇرۇپ ياندۇرىدىغان چېغى نىمانچە ئاچچىق بۇنىڭدىكى!»
شۇنداق قىلىپ پۇل تارقىتىلدى دىھقانلارنىڭ چىرايىغا باشقىدىن قىزىللىق چىقىپ كۈلكە يۈگۈردى. مۇشۇ تاپتا ساۋۇت ساراڭ بىز دىھقانلارنىڭ كۆزىگە ساراڭ ئەمەس ئەۋلىيادەك كۆرۈنۈۋاتاتتى.
پادىشاھ يەنە زۇۋانغا كەلدى:
– سەن كەنتىنىڭ بېشىمۇ؟
– شۇنداق پادىشاھى ئالەم!-دېدى سېكرىتار يېڭى بىلەن پېشانىسىدىكى مۇنچاق-مونچاق تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.
– سەن خۇدانىمۇ ئالدىساڭ، خەلقنىمۇ ئالدىساڭ،پارتىيەنىمۇ ئالدىساڭ، دېگەن سەن زادى نېمە؟
– مەن…مەن…
– سەن دېگەن سېپى ئۈزىدىن مۇناپىق، سېپى ئۈزىدىن بۇلاڭچى! دېگەنلىرىم توغرىما؟
ساۋۇت ساراڭ شۇنداق دەپ بولۇپ غالتەكنى قۇلىدا يورغىلىتىشقا باشلىدى، سېكرىتار غالتەكنىڭ سوغا چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ تىزلا جاۋاب بەردى:
– شۇنداق ئېيتقانلىرى توغرا!
– ئۇنداق بولسا سەن نېمە؟
– مەن…مەن مۇناپىق!
– يەنىچۇ؟
– مەن بۇلاڭچى!
– ئۆزەڭنى كاچاتلا ھەزىلەك!
سېكرىتار ئۈزىنى-ئۆزى كاچاتلاپ تۇرۇپ يىغلامسىراپ ئېيتتى:
– ئەمدى خوش بۇلاي غالتەكنى بەرگىن!
پەستە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىمىز ئىچىمىزدە راسا خوش بولدۇق.
خان يەنە پەرمان چۈشۈردى:
– ھەممىڭ ئورنۇڭدىن تۇرۇش!
بىز ھىجىيىشقىنىمىزچە ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق.
– سەنلەرگە لازىمى مۇشۇ غالتەكقۇ؟
– شۇنداق!
– ئەمىسە مەن كىم؟
– پادىشاھ! پادىشاھ! پادىشاھ!
بىز بۇ قېتىم ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ قۇيىۋېتىپ چىن دىلىمىزدىن ۋارقىرىدۇق.
– ياخشى! ياخشى!- خان يەنە بىر قېتىم بىزدىن مەمنۇن بولۇپ بېشىنى لىڭىشتقاچ ساقىلىنى سىيلىدى،- ئەمدى ھەممىڭ كۈزۈڭنى يۇمۇش!
بىز كۆزىمىزنى يۇمدۇق. مىنۇت ئۆتمەي خاننىڭ يىراقتىن ئاۋازى كەلدى:
-ئەمدى كۆزۈڭنى ئېچىش!
بىز كۆزىمىزنى ئاچتۇق.
ساۋۇت ساراڭ كۆۋرۈكنىڭ ئۇ قېتىدا بىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ «مانا غالتەك!»دىگىنىچە چويۇن غالتەكنى كۆۋرۈكتىن بىز تەرەپكە قارىتىپ ئاتتى. بىز ھەممىمىز غالتەكنىڭ يورغىلاپ كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆلە-تىرىلىشىمىزگە قارىماي غالتەك تەرەپكە يۈگۈردۇق. چويۇن غالتەك كۆۋرۈك ئۈستىدە توروقشىپ سەكرەپ ئۇدۇل بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى.
غالتەكنىڭ تېپىلىشىغا ئىنتىزار بولۇپ كەتكەن بۇ بىچارىلەر ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرە توپىدەك يۈگۈرۈشۈپ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىشتى.
ھاينى-ھۇيت دېگۈچە چۈيۈن غالتەك بىرىنچى بولۇپ سېكرېتارنىڭ قۇلىغا چۈشتى، ئۇ خۇشاللىقىدىن غالتەكنى ئېگىز كۈتۈرۈپ ھۇررا توۋلىدى، بۇنىڭدىن بىزمۇ خۇشال بولۇشۇپ كۆزلىرىمىزگە ياش ئېلىپ ھاياجاندىن بىر-بىرىمىزنى قۇچاقلاشتۇق، كۆۋرۈك ئۈستىدە سەكرىشىپ غەلبىدىن تەنتەنە قىلىشتۇق ، لېكىن بۇ خۇشاللىقىمىز ئۇزۇنغا بارالمىدى.
ئەمەلىيەتتە كونىراپ لىغىلداپ قالغان بۇ ياغاچ كۆۋرۈك بۇنچە جىق ئادەمنى ئەسلا كۆتۈرەلمەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ غەلبە خۇشاللىقىدىكى ئۆچكىدەك قالايمىغان سەكرەشلىرىمىز كۆۋرۈكنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ قىسقارتقان ئىدى، تۇيۇقسىز «قاراس-قۇرۇس» قىلغان بىر ئاۋاز ئاسمان-زېمىننى بىر ئېلىپ قىيا-چىيا كۆتۈرۈلدى…
مۇشۇ تاپتا بۇ «غەلبە قۇشۇنى» دىكىلەرنىڭ ھەممىمىز خالتىنىڭ تۈشۈكىدىن قۇيۇلۇپ كەتكەن پۇرچاقتەك كۆۋرۈكنىڭ شال-ياغاچلىرى بىلەن تەڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىۋاتاتتۇق…
* * * * * * *
بۇ غالتەك ۋەقەسىدە كۆۋرۈكنىڭ زىيىنىدىن باشقا بىرە ئادەم ئۆلۈپ-يارىلىنىدىغان ئىش بولمىدى لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى سېكرېتار ئىھتىياتسىزلىقتىن قۇلىدىكى چويۇن غالتەكنى سۇنىڭ ئىچىدە يەنە يۈتتۈرۈپ قويدى.
بۇ ۋەقە يېزىلىق ئورگانغا يىتىپ بېرىپ كەنتە كومتىت ھويلىسىنى يۇقىرىدىن كەلگەن باشلىق-تاشلىق، ساقچى –پاقچى دىگەنلەر قاپلاپ كەتتى، ساۋۇت ساراڭ تۇتۇلۇپ تامدىكى شۇئارنى جىجىلىغانمۇ، غالتەكنى ئوغرىلىغانمۇ شۇ «پادىشاھ ساۋۇت» بولۇپ چىقتى.
لېكىن يېزىدىن كەلگەن كۆز ئەينەك مۇئاۋىن باشلىق «چوقۇم چويۇن غالتەكنى تېپىشىمىز كېرەك! » دەپ تۇرىۋېلىپ پۈتۈن ئەزالارنى ئۈچ كۈن ئۆستەڭدىكى سۇدىن غالتەك ئىزدەشكە سالدى. شۇنىڭ بىلەن كەنىت تەۋەسىدىكى ساقىلى مەيدىسىگە چۈشىدىغان قېرىلاردىن باشلاپ ئون بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىلارغىچە ھەممىمىز مەيدىمىزگىچە سۇغا كىرىپ چويۇن غالتەكنى ئىزدەشكە باشلىدۇق، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۈچىنچى كۈنى بۇ ئەتىۋارلىق «گۆھەر» سايت چولاقنىڭ پۇتىغا ئورۇندى….
چويۇن غالتەك ئاخىرى بايراق خادىسىغا قادالدى، قۇياش كۆتۈرۈلۈپ جاھان قايتىدىن ئەسلىدىكى رەڭدارلىقىنى تاپتى بىزمۇ خۇدايىم بەرگەن بۇ بايراق خادىسى بىلەن خوشلاشتۇق، خالىجاينىڭ تېمىدىكى شۇئارمۇ قايتا شوخلاندى، «ساراڭغا سوت يوق» دىگەندەك ساۋۇت ساراڭمۇ پاراۋانلىق ئورنىغا تىقىۋېتىلدى…
شۇنداق قىلىپ بىز بىچارىلەر يەنە ئېتىزغا مەھكۇم بولۇپ ئىشلىرىمىز بىلەن ئالدىراش بولدۇق، نەچچە كۈندىن كېيىن پاتمىخان بىلەن توي ئىشى توغرىلىق ھويلامدا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم ئىشىكتىن سايىت چولاق دېگەن خۇمپەر يەنە ھاسىراپ كىرىپ كەلدى.
– يەنە پادىشاھنىڭ خەۋىرىنى قىلىپ كىرمىگەنسىلەر ئاداش؟- دېدىم ئاچچىقىم بىلەن سۆھبىتىمىزنى بۇزۇپ كىرگەن سايىت چولاققا ئالىيىپ.
– ياق …ياق … سىلىگە دەيدىغان بىر گېپىم بار ئىدى…-دېدى سايىت چولاق بىر ئاز قورىنىپ.
پاتمىخان ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ بىرە مۇھىم ئىشى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ مەن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
– ھە ئەمدى دەڭلا، ئەتىدىكى توي ئىشىڭلارنىڭ گىپىمۇ؟،- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
– شۇنداق ، بۇ گەپنى باشقا بىرسىگە دېگىلى بولمىدى، سىلى ئەتە مىنىڭ يىگىت قولدىشىم ئەمەسمۇ ئاداش، سىلىگە دېسەم….
سايىت چولاق گېپىنىڭ ئايىغىنى ئېيتماي جىم تۇرىۋالدى.
– دېمەمسىلەر ئاداش، زادى نېمە ئىشتى؟
– سىلىگە دېسەم ئاداش، قاراڭلار ماۋۇ پۇتۇمغا!،-دېدى سايىت چولاق ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تىزىغىچە تۈرۈپ،- كىندىكىمنىڭ ئاستىغىچە مانا مۇشۇنداق بولۇپ كەتتى.
قارىسام سايىت چولاقنىڭ سونجىقىدىن باشلاپ تىزلىرىغىچە تېرىسى قومچاقنىڭ تېرىسىدەك ھۈلدىلەپ چىقىپ كىتىپتۇ.
– ۋوي بۇ نېمە ئىشتۇ ؟ سەن ياكى يىلان بولمىساڭ تىرە تاشلايدىغان؟- دەپ سورىدىم ھەيران بولۇپ.
– مەنمۇ بىلەلمىدىم ئاداش، ئەتە تويۇم بۇلىدىغان تۇرسا، بېرىپ دوختۇرغا بىر كۆرىنىپ باقايلى دېگەن.
بىز ئالدىراش كەنتىدىكى يالاڭئاياغ دوختۇرنىڭ ئۈيىگە باردۇق، دوختۇر ئۇنىڭ ھەممە يېرىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ پىكىرىنى بەردى:
– بۇ پەقەت سۇدا ئۇزاق تۇرغاننىڭ ئىشى، بەدىنىڭنى چوقۇم سۇغۇقلۇق ئېلىپ كەتكەن گەپ، ئوڭشىلىپ كىتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى تىۋىپتىن ئازراق ئىسسىقلىق دورا يەۋال بولمىسا ئەتە توي ئاخشىمى خوتۇنۇڭنىڭ قۇچىقىغا سىيىپ قويىسەن!
بىز دوختۇر بىلەن بىر پەس چاقچاقلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن قوشنا كەنىتتىكى تىۋىپ ئاخۇنۇمنىڭ ئۈيىگە ماڭدۇق.
تىۋىپ ئاخۇنۇم ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ پۇت-پاچاقلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئوخشاش خۇلاسىنى چىقىرىپ «ئەتە توي ئاخشىمى ھۇجرىغا كىرىشنىڭ ئالدىدا بۇ كۇمىلاچ دورىدىن بىرنى ئىچىۋالساڭ بولدى!» دەپ خېلى جىق پۇلغا ئۈچ كۇمىلاچ دۇرا بەردى.
ئەتىسى توينى تىنجىلىق ئۆتكۈزۈپ يىگىت قولداشلىق ۋەزىپەمنى جايىدا ئورۇندىدىم، ئاخشىمى ياتار چاغدا ئۇلارنى ھوجرىسىغا تىقىۋەتكەندىن كېيىن ئۆيۈمگە ياندىم.
كۈندۈزى بەكلا چارچاپ كېتىپتىكەنمەن بېشىمنى قۇيا-قويماي بىر چاغدا ئىشىكىمنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، تامبىلىمنى كىيىپ تالاغا چىقسام ئىشىك تۈۋىدە يېڭى كىلىن يەنى سايىت چولاقنىڭ بۈگۈن چۈشتە نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنى پوتلا-مىشقىسىنى ئېقىتىپ يىغلاپ تۇرۇپتۇ.
– نېمە بولدى بوغدايچىخان؟
– سايىت…ئۇ…ئۇ…
– ھە…سايىت…ۋاي نېمە بولدى، گەپ قىلىڭە؟
– تىز بۇلۇڭ،- دېدى بوغدايچىخان يېڭىمنى تارتىپ،- ئۇنىڭغا بىر قاراڭ، ئاغىنىڭىز ئۇ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى…
مەن زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئالدىراپ بۇ خوتۇننىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ماڭدىم، سايىتنىڭ ئۆيى بىزنىڭ ئۆيگە ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى.
بىز ھاسىراپ-ھۆمىدەپ ئۆيگە كىردۇق، قارىسام سايىت چولاق ئانىسىدىن توغما ھالدا سۇپىدىكى يوتقان-كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئىككى پوتىنى ئاسمانغا تىكلەپ ئوڭدا ياتقان ھالدا«ئاللاھۇ ئەكبەر…ئاللاھۇ ئەكبەر…» دەپ قالايمىقان ۋارقىرىغىلى تورۇپتۇ.
بۇنى كۆرۈپ ئاغزىمغا ئىسسىق سۇ كەلدى«بۇ خۇمپەر ئېلىشىپ قالدىمۇ-يا؟»، مەن دەرھال بىر تال يوتقاننى ئۇنىڭ تۇرۇسقا تىكلەپ ياتقان پوتىغا ئارتىپ ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى يۆگەپ قۇيۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
– ۋوي سايىت بۇ نېمە ئىش؟
سايىت چولاق مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ«تەكبىر»دىن توختاپ پۇتۇمغا ئېسىلىپ قان-يامغۇر يىغلاشقا باشلىدى:
– ۋاي توختى…ماڭا ئالۋاستى ئاپىتىنى سالدى…ماڭا جىن چاپلاشتى ئاداش…مەن تۈگەشتىم…
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ يەنە «ئاللاھۇ ئەكبەر…ئاللاھۇ ئەكبەر…» دەپ ۋارقىراشقا باشلدى.
-ئالۋاستى قانداق ئاپىتىنى سالدى ساڭا؟- دەپ سورىدىم زادى نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي.
– ۋاي ئاداش…باياتتىن بىرى ئىككى پۇتۇم ئاسمانغا تىكلىنىپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم، پۇتۇمنى چۈشۈرەي دىسەممۇ چۈشمەيۋاتىدۇ، مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟
ئاڭغىچە سايىت چولاقنىڭ خوتۇنى ھۆركىرەپ يىغلاپ ئۆينى بېشىغا كېيدى:
– توختى ماۋۇ ئاغىنىڭىزنى بىر نېمە قىلىڭ، ئۇ ياتار-ياتماي پوتىنى ئاسمانغا تىكلەپ مۇشۇنداق تۇرىۋالدى، مەن …مەن…
– ۋاي ئەنسىرىمەڭ، ئۇنى ھازىرلا دوختۇرغا ئاپىرايلى، قېنى تامبىلىنى كېيگۈزۈڭ!
– مەن…مەن …خىجىل بولىمەن، ئۆزىڭىز كېيگۈزۈڭ…
بودايچىخان بىر قولىدا سايىتنىڭ تامبىلىنى ماڭا تەڭلەپ يەنە بىر قولىدا كۆزىنى يۆگىۋالغان ئىدى. بۇ بوغدايچىخاننىڭ قىز تويى بولغاچقا مەن بونى توغرا چۈشۈنۈپ ئاچچىق بىلەن ئۇنىڭ قولىدىن تامبالنى يۇلۇپ ئالدىم« توۋۋا خۇدايىم نېمە بالاغا قالدىم، يا مەن بۇ چولاقنىڭ تاپقان دادىسى بولمىسام، ئەمدە قوپۇپ بۇ راھەندىنىڭ كۈتىنى سىلاپ يۈرەرمەنمۇ؟»
شۇنداق تەسلىك بىلەن تامبالنى كېيگۈزۈپ چىقتىم، ئەڭ قىيىن بولغىنى سايىت چولاقنى ھويلىدىكى ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىش بولدى. بۇ چولاقنىڭ تىكلىنىپ قالغان ئىككى پوتىنى بوغدايچىخان بىلەن ئىككىمىز بېسىپمۇ چۈشۈرەلمىدۇق، ئىككى پۇتىنى باسساق كاللىسى تەرەپ قوپىۋالاتتى، كاللىسى تەرەپنى باسساق ئىككى پۇتى يەنە ئاسمانغا قارىۋالاتتى…
بۇنداق ئۆچ بۇرجەك بولۇپ قالغان ئادەمنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۈشمۇ بىر تەس ئىشكەن، خوتۇنى ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈردى، مەن ئۇنىڭ بىلىنى كۆتۈردۈم، شۇنداق قىلىپ ئۇنى مىڭ بىر بالادا ھويلىغا ئاچىقىپ ھارۋىغا باستۇق. ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ھارۋىدىمۇ ئاسمانغا تىكلىنىپ تۇراتتى، بىز ناھايىتى ئالدىراش دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتۇق.
دوختۇر بىر كۆرۈپلا مىنى يانغا تارتىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى قولىقىمغا دەپ بەردى:
– ئاغىنىڭىز ئۇ، تىۋىپنىڭ دورىسىدىن زەھەرلىنىپتۇ ئەمەسمۇ؟
– قانداق دەيسىز دوختۇر؟
– ئۇنىڭ يېگەن دورىسىغا ئەسلىدە كۇچۇلا ئارلاشتۇرىلىدۇ، ئەشۇ كۇچىلا دېگەن نەرسە مىقداردىن ئېشىپ كەتسە ياكى خام ھالەتتە بولۇپ قالسا، پۇتنىڭ پەيلىرىنى ئەشۇنداق تارتىشتۇرۇپ ئادەمنى مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيىدۇ، بۇنداق ئشلار ئالدىمىزدىن جىق ئۆتكەن ئۇكام!
مەن دوختۇرنىڭ گىپىدىن ھەممىنى چۈشەندىم، چۈنكى بىز تۆنۈگۈنلا تىۋىپتىن ھېلىقىدەك ئىسسىقلىق دورىسىدىن ئۈچ كۇمىلاچنى ئالغان ئىدۇق.
مەن ئاستا بېرىپ كارۋاتتا ئاسما ئوكۇل سېلىنىۋاتقان سايىت چولاقنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم:
– دورىدىن قانچىنى يېگەن ئاداش؟
– ئۈچ كۈندىن بىرى چويۇن غالتەك خاپىلىقىدا سۇدىن چىقماي يۈرگەچكە ئاچچىغىمدا كۈنىگە بىردىن ھىساپلاپ ئۈچ تالنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئىچىپتىكەنمەن ئاداش.
سايىت چولاق بۇ گەپنى دەپ بولۇپ پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۆرلىدى:
– ھەي پەسەندى چولاق! ھەي پەسەندى چولاق! ساڭا ئىسسىغلىق دورىسى ئەمەس كۈتۈڭگە خالتا كېيگۈزۈپ قۇيۇپ سۈرگە دورىسى بىرىدىغان نىمىكەنسەن!
يىل 1996- قاراقاش