ئەڭ يېڭى خەۋەر
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە كەلگەن بىر ئىنكاستا، خوتەندە رامىزان مەزگىلىدە نورمال تىجارەتنى توختاتقان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رادىيومىزغا يېزىلغان خەتتە، 2- ئىيۇندىكى شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئاقتاشلىق كىتابى ھەققىدىكى بايانات بېرىش يىغىنىدا دېيىلگەن «مۇسۇلمانچە رېستوران خوجايىنلىرىنىڭ رامىزاندا ئاشخانا ئېچىش-ئاچماسلىق ئىختىيارى ئۆزىدە» دېگەن سۆزگە رەددىيە بېرىلىپ، «ئاشخانا ئاچمىسا ئىختىيارى دېگىنى پەقەتلا ئۈرۈمچىگە دېيىلگەن، چۈنكى ئۈرۈمچىدە مۇخبىرلار بولغاچقا ئەيمىنىپ ماقۇل بولدى. ئەمما ئىككى كۈن ئاۋۋال خوتەندە بىر ۋاراق ئەھدىنامىگە قول قويغىلى سالدى، ئارىسىدا رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىلاردا نورمال تىجارەت قىلمىسا 500 سومدىن 1000 سومغىچە جەرىمانە تۈلەيدۇ دېيىلىپتۇ» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.
رادىيومىز مۇخبىرى خوتەنگە تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋالدىمۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رېستوران-ئاشپۇزۇللىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ رامىزان مەزگىلىدە ئاشخانىلارنىڭ ئېچىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-ramizan-06082016163444.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER