logo

trugen jacn

شىئەندە ئۇيغۇر ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

87dfd62a-0f9a-4cca-8a35-c2dfe0f7184f

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالدىنقى كۈنى شىئەندىكى بىر چوڭ يولدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە بىر ئاپتوبۇس شوپۇرى ۋە يولۇچىلار ھۇجۇمغا ئۇچراپ 8 كىشى ئۆلگەنلىكى ۋە بەش كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. بۈگۈن يەنە شىئەن لەنتيەن رايونلۇق ئېلېكتر قۇۋۋىتى شىركىتى تەرىپىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە چىقىرىلغان ۋە توردا تارقالغان ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشىدا «شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى» نىڭ 28-ئاپرېل كۈنى شىئەندە تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقى بايان قىلغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا كۆپلىگەن ساقچى خادىملىرى ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يەنە بىر نەپەر خادىم بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما ئارتۇقچە گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھەقتە تارقالغان شىئەندىكى بىر قاتناش ئىدارىسىگە ئائىت جىددىي ئۇقتۇرۇشتا، ۋەقەنىڭ 28‏-ئاپرېل كۈنى 12:40 دا يۈز بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ۋە ۋەقەدە 8 كىشى ئۆلۈپ، 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىنغان. بىز تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە شىئەندىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

ئەمما مەزكۇر جىددىي ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، شىئەندىكى نەنياڭ تەرەپكە قاراپ قوزغالغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى لەنتيەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىغا كەلگەندە «تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان». ھۇجۇمدا 3 نەپەر ئۇيغۇر ئاپتوبۇس شوپۇرىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىققان بېنزىن بىلەن ئاپتوبۇسنى كۆيدۈرگەن، نەتىجىدە 8 كىشى ئۆلگەن، 5 كىشى يارىلانغان. بۇ جىددىي ئۇقتۇرۇشتا، ھۇجۇمچىلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ۋە بارلىق شوپۇرلارنى ئۇيغۇرلارنى ئاپتوبۇسىغا چىقارماسلىق، ئاپتوبۇسقا چىققانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

شىئەندىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا، 28-ئاپرېل ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما خەۋەردە ۋەقەنى كىملەرنىڭ سادىر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

بۈگۈن يەنە « 1130خەۋەرلىرى» ناملىق بىر خەلقئارالىق خەۋەر تورىدا شىئەندە ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 8 كىشى ئۆلگەن ۋە 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنى بىر «جىنايى ئىشلار ۋەقەسى» دەپ ئۇقتۇرغانلىقى، ئەمما تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

8eb659d2-81d2-44a1-b2ba-370ff8547614

بۈگۈن يەنە بۇ ھەقتە شىئەن ئېلېكتر قۇۋۋىتى شىركىتى لەنتيەن شۆبە شىركىتى بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ 28 ‏-ئاپرېل كۈنى «شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى» نىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان» لىقى خەۋەر قىلىنغان.

بىز بۈگۈن بۇ ھەقتە يەنە بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. خادىم دەسلەپتە ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى، بىز ئارقىدىن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنىلا دېيەلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز يەنە بىر ساقچىخانا خادىمىغا تېلېفون قىلىپ، شىئەندە ئۇيغۇرلار سادىر قىلغان بىر ۋەقەدىن خەۋىرى بار ‏-يوقلۇقىنى سورىدۇق. ئۇ دەسلەپتە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىز مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتتى، ئەمما تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تېلېفونىنى قويۇۋەتتى.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، شىئەندە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشتا ئىككىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shiende-hujum-05032016140219.html

Share
947 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.