logo

trugen jacn

ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

323f4c56-cd83-48bd-959b-97c2477306cb

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئافغانىستانلىق ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى ئافغان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلار ھەققىدىكى بەزى مەلۇماتلارنى ئاشكارا قىلدى.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئافغانىستانلىق بىر ئۇيغۇر ئايال شاھىت گۇۋاھلىق بېرىپ، ئەينى چاغدا ئافغان ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى خىتايغا قايتۇرىدىغان چاغدا، ئۆزىنىڭ ئافغان ساقچى باشلىقىغا پارا بېرىش ئارقىلىق بىر نەپەر ئۇيغۇر قىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھالبۇكى، پۇل ئېلىش شەرتى بىلەن بىر نەپەر ئۇيغۇر قىزنى تۇتقۇن قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئافغان ساقچى شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر ئىككى نەپەر ئۇيغۇر شاھىتتىن داۋاملىق پۇل، مال تەلەپ قىلىدۇ.

ئافغان ساقچىنىڭ پۇل ۋە مال-دۇنيا تەلىپىنى بىر يىلغىچە چىشىنى چىشلەپ قاندۇرۇشقا مەجبۇر بولغان بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر شاھىت كېيىنچە نۇرغۇن مۈشكۈلاتلار بىلەن ھېلىقى ئۇيغۇر قىزنى 3- بىر دۆلەتكە يولغا سېلىپ، بىخەتەر ھاياتقا ئېرىشتۈرىدۇ.

ئىككى نەپەر ئۇيغۇر شاھىت زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، ئافغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ خوتۇن، بالىلىرىنى قانداق قولغا ئالغانلىق جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، شۇ چاغدا ئارقا كۆرىنىشى گۇمانلىق بولغان بىر ئۆزبەك قىز بىلەن ئۇنىڭ تاجىك ئېرى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدا مەلۇم رول ئوينىغان ئىكەن.

شاھىتلاردىن ئىبراھىم ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىدىن گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ، كابۇلدا ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن بىللە تۇتقۇن قىلىنغان ھېلىقى گۇمانلىق ئۆزبەك قىزنىڭ يېنىدىن 4 مىڭ نەچچە يۈز ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بىرمۇنچە ئافغان پۇلىنىڭ چىققانلىقىنى، تېخىمۇ سەزگۈر يېرى شۇكى، ئۆزبەك قىزنىڭ سومكىسىدىكى  MP3 ئاۋاز ئۈسكۈنىسىگە ئورنىتىلغان بومبا بىلەن بىللە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شاھىتلار يەنە، ئافغانىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە سايىدەك ئەگىشىپ يۈرگەن «ئىش-ھەرىكىتى گۇمانلىق» ئۆزبەك قىزنىڭ شۇنچە پۇل ۋە بومبا بىلەن تۇتۇلغان تۇرۇقلۇق، خىتايغا قايتۇرۇلمىغانلىقىنى، ئەمما يېنىدىن ھېچقانداق گۇمانلىق بۇيۇم تېپىلمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئەپسۇسلۇق بىلەن بايان قىلدى.

شاھىتلار 2015-يىلىنىڭ بېشىدا ئافغان دائىرىلىرى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇر ئەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بولۇپ، جەمئىي 24 نەپەر كىشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلدى.

ئىككى نەپەر شاھىت، ئافغان دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى يەنە باشقا 3 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇش جەريانىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارا قىلدى.

Share
997 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.