logo

trugen jacn

ئاتا مەھبۇس قىزىنىڭ ۋاپاتىدىن، ئوغۇل مەھبۇس ئۆزىنىڭ جازا مۇددىتىدىن خەۋەرسىز

 

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئايكۆل پەيشەنبەبازارلىق سىياسىي تۇتقۇنلار (6)

ئاقسۇ ئايكۆلنىڭ پەيشەنبەبازار كەنتىدىكى سىياسىي تۇتقۇنلار ھەققىدە رادىيومىزغا يوللانغان مەكتۇپتا ئالدىنقى يىلقى قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا بىر ئائىلىدىن ئىككى كىشىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىپ، ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن باشقا يەنە، مەھبۇس تۇرسۇن مامۇتنىڭ قىزى ۋە نەۋرىسىنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى، ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدىكى ئوغلى مەھبۇس ئابلىكىم تۇرسۇننىڭ بولسا ئۆزىنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ ھەقتە ئاقسۇ ئايكۆلدىكى ساقچى ۋە ئاھالىلەردىن مەلۇمات ئىگىلىدى. ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار، مەكتۇپتىكى يۇقىرىقى دېيىلگەنلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

مەزكۇر مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، مەھبۇس تۇرسۇن مامۇت قىزى ۋە نەۋرىسىنى داۋالىتالمايلا قالماستىن، ئۇ يەنە تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن قىزى ۋە ئۇشتۇمتۇت ئاغرىق بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن نەۋرىسىنىڭ ئۆلۈم مۇراسىملىرىغىمۇ قاتنىشالمىغان، ھەتتا، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىدىنمۇ خەۋەر تاپمىغان. ئەمما ئائىلىدىكى بۇ پاجىئەنى كۆڭلى تۇيغان ئاتا ئائىلىسىگە ئارقا – ئارقىدىن مەكتۇپ يوللاپ قىزى، نەۋرىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان.

مەكتۇپتا يەنە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە جازاسىنى ئۆتەۋاتقان 17 ياشلىق ئابلىكىم تۇرسۇننىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكىدىن ئائىلىسىمۇ، ئۆزىمۇ خەۋەرسىز ئىكەن. بۇ ئاتا، بالا مەھبۇسنىڭ مەسچىت سىرتىدا توپلىشىپ ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەكتۇپتا، ئۇلار ئۈستىدىن مەخپىي سوت ئېچىلغانلىقى، ئەمما سوت ھۆكۈمى ھەققىدە ئائىلىسىگىمۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ھېچقانداق يازما ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن، ئالدى يەنە ئايكۆل ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئابلىكىم تۇرسۇننىڭ جازا مۇددىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ساقچى خادىمى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاھالىلەردىن بىرى، تۇرسۇن مامۇت ۋە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە توپلىشىپ ناماز ئوقۇغان 17 – كەنت 1 – گۇرۇپپىدىن 8 كىشىنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. تۇرسۇن مامۇتنىڭ ئايالى خاسىيەت خانىم، بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا ئۇلانبايدىكى ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئوغلىنى يوقلاپ بارغانلىقىنى، ئەمما ئوغلىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ جازا مۇددىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئايكۆل پەيشەنبەبازاردىكى سىياسىي تۇتقۇنلار ناملىق چاتما خەۋەرنىڭ 6 – قىسمىنى ئاڭلايسىلەر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/mehbusluq-03022016070855.html

Share
1141 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.