logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان لى فاڭپىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىندى

33541286-0282-4dc4-90bd-ca4ded101dfb

تۋىتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ۋە چەتئەللەردىكى سەنيۈ تورىنىڭ 1 – مارت خەۋەر قىلىشىچە، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىپ كەلگەن لى فاڭپىڭ 1 – مارت بېيجىڭ خەيدىيەن رايونلۇق ساقچىخانىنىڭ ساقچىرى تەرىپىدىن خەيدىيەن رايونىدىكى جۇڭشىڭ بىناسىدا تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان.

سەنيۈ تورىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، 10 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىپ كېلىۋاتقان لى فاڭپىڭ، بۇلتۇر ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئادۋوكاتلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىدە تۇتقۇندا سوراق قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز ساقچىلارنىڭ كۆزىتىش نىشانى بولۇپ كەلگەن.

خەۋەردە يەنە، لى فاڭپىڭنىڭ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۇنىڭ 26 – فېۋرال بېيجىڭ چاڭپىڭ سوت بىناسى ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئايال سوتچى ما سەييۈن ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بەرگەن ما سەييۈن مەدھىيىلەنگەن خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ما سەييۈننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاۋامغا ئاشكارىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان ئىنكاسى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ 2014 – يىلى 23 – سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-advocati-li-fangping-03012016221642.html

Share
1654 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.