logo

trugen jacn

جازاسى يېنىكلىتىلگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس ھەققىدىكى خەۋەردە ئىلھام توختى تىلغا ئېلىنمىدى

image5

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-فېۋرال ئۈرۈمچىدىكى 1-تۈرمىدە «جازا يېنىكلىتىش ئوچۇق سوتى» ئېچىلىپ، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» قاتارلىق «جىنايەتلەر» بىلەن جازالانغان 11 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ جازا مۇددىتى قىسقارتىلغان.

خەۋەردە بۇ 11 كىشىدىن مەمەت توختى مەتروزى، ھۈسەنجان جېلىل، مەمەتجان ئابدۇقادىر قاتارلىق 3 كىشىنىڭلا كىملىكى ئاشكارا ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 1-تۈرمىدە بۇلتۇر سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىمۇ جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئەمما جازاسى يېنىكلىتىلگەن سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدىكى خەۋەردە ئىلھام توختى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

خىتاي خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ 11 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ توۋا قىلىپ، جىنايىتىنى تونۇشى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ 7 نەپىرىگە بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا يېنىكلىتىلدى، 4 نەپىرىنىڭ جازا مۇددىتى 6 ئاي قىسقارتىلدى، بىر نەپىرىنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلدى.»

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، تۈرمىدە ئېچىلغان «جازا يېنىكلىتىش ئوچۇق سوتى» غا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ قاتناشقان.

ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازىسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، نارازىلىق ئەرزى سۇنغان، ئەمما ئۇنىڭ ئەرزى رەت قىلىنىپ ئەسلى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىنغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-02022016170004.html

Share
1639 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.