logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئۇچقۇچى كاپىتان ئەكبەر مەمەت خاڭجۇدا ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى

Img390554057

مېھرىبان

ئۆتكەن ھەپتە ئاممىۋى تاراتقۇلاردا خىتاي جەنۇبىي جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە باش شىركىتى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى كاپىتان ئەكبەر مەمەتنىڭ ئۈرۈمچى خاڭجۇ ئۇچۇش سەپىرىدە خاڭجۇ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، ساقچىخانىدا جىنايەتچى مۇئامىلىسىدە قاتتىق تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر تارقىلىپ مۇنازىرە قوزغىدى

001966720b770da813201b

ئۇچقۇچى ئەكبەر مەمەت 23-يانۋار كۈنى ئۈندىدار تورىغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قوپال تەكشۈرۈشكە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق يازىدۇ: «23 يىل بىخەتەر ئۇچۇشنى تاماملىغان بىر ئۇچقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنى خىزمىتىمگە سادىق، كەسىپتە پىشقان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، رەھبەرلىك ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىرى دەپ بىلەتتىم. لېكىن يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ھەر قېتىم ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئۇچۇش سەپىرىمدە ساقچىلار كېلىپ كىملىكىمنى تەكشۈرىدىغان، چۈشىنىكسىز سوئاللارنى سورايدىغان قىسمەتلەرگە يولۇقۇپ كەلدىم، گەرچە بۇ ئىشلاردىن ئىنتايىن بىئارام بولساممۇ، لېكىن يەنىلا ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىپ كەلدىم. بولۇپمۇ 2016-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىپ 10 مىنۇت بولماي، 3 نەپەر خاڭجۇ ساقچىسى تەرىپىدىن نەرسە كېرەكلىرىم ئاختۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ساقچى ئاپتوموبىلى بىلەن ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، كىنولاردىكىدەك تامغا يۆلەپ تۇرغۇزۇلۇپ، سۈرەتكە تارتىلىش، بارماق ئىزىمنى ئېلىش، د ن ئا تەكشۈرۈشى قاتارلىق قوپال مۇئامىلىگە يولۇقۇشۇم، ماڭا ئۆزۈمنى جىنايەتكاردەك ھېس قىلدۇردى! خورلۇق تۇيغۇسى ھېس قىلدۇردى. مەن ئۇلارنىڭ باشلىقىنى ئىزدەپ تېپىپ نارازىلىقىمنى ئىپادىلىدىم. ئىدارە رەھبەرلىرىگىمۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدىم. گەرچە كېيىن ئۇلار مەندىن كەچۈرۈم سورىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى ئاچچىق قىسمەتنى بۇ يەرگە يوللاش ئارقىلىق، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارىدىغان شىنجاڭلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆڭلىدە بۇ خىل تەكشۈرۈشكە تەييارلىقى بولسۇن دېدىم.»

خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلاردا تارقالغان خەۋەرلەردىن، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان تىرىكچىلىك، ساياھەت، خىزمەت قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمانخانىلاردا ياتاق ئالالماسلىق، ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدە تەكشۈرۈلۈش ھەتتا يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن چىقىرىلغان «شىنجاڭلىقلارنى مەلۇم قىلىش» ئۇقتۇرۇشلىرى سەۋەبلىك ساقچىخانىلارغا مەلۇم قىلىنىپ قاتتىق تەكشۈرۈلۈش قىسمىتىگە يولۇقۇش ئەھۋالىنىڭ كۆپەيگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا. بۇ ئەھۋاللار خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلغان بولسا، بىر قىسىم دېموكراتىيە تۇيغۇسىغا ئىگە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. خەلقئارادا بولسا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى، مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىك دەپ قاتتىق تەنقىدلەشكە ئۇچرىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-uchquchi-01262016151735.html

Share
1744 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.