ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى پارچىلاش نىيىتىدە بولغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە دىققەت
يەنە دولقۇن ئەيسا، يەنە دولقۇن ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئەركىن
خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىپ، ھەربىي مەشىق باشلىشى خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىز فلوتىغا قاراشلىق بىر قانچە مىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەسكىرىنى ھاۋا، تۆمۈر يول ۋە تاشيول ئارقىلىق تارىم ئويمانلىقىغا يۆتكىگەن.
خىتاي جەنۇبىي دېڭىز فلوتىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى لى شاۋيەن، بۇ قىسىملارنى سوغۇق ھاۋادا مەشىق قىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ «يىراق مۇساپىدىكى ناتونۇش رايونلار» دا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، دېگەن.
بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تۇنجى قېتىم دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنى يۆتكىشىدۇر.
چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنى تەكلىماكانغا ئوخشاش دېڭىزغا يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىغا يۆتكەپ، مەشىق قىلدۇرۇشى خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەردە، «خىتاي ئوتتۇرا شەرققە قوشۇن چىقىرىشنى پىلانلاۋاتامدۇ؟» دېگەن گۇمان پەيدا قىلغان.
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىپ، چەتئەلگە قوشۇن چىقىرىشنى ماقۇللىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىسلام دۆلىتىنىڭ بىر خىتاي تۇتقۇننى ئۆلتۈرۈشى، مالىدىكى بىر مېھمانخانىدا 3 خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئىنكاس قايتۇرغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەر ئانالىزىدا، بۇ قانۇن خىتاينىڭ خەلقئارا سودا ۋە دىپلوماتىك مەنپەئەتىنى قوغداشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-herbiy-01152016162939.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.