logo

trugen jacn

گۇننار ياررىڭ نامىدىكى مەركىزىي ياۋروئاسىيا ئىلمىي يىغمىسىنىڭ رەقەملىك ئامبىرى ئىلىم ساھەسىگە ئېچىۋېتىلدى-1

a7ce3004-9b6b-4ed7-baf0-5d8d241f3992

قۇتلان

2015-u1216-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەشھۇر دىپلومات، دۇنياغا داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا شىۋېتسىيە كۇتۇپخانىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر مۇھىم ئىلمىي يىغمىلار شەكىللەنگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، گۇننار ياررىڭنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىدا قۇرۇلغان گۇننار ياررىڭ يىغمىسى 2012 – يىلى ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا كۆچۈرۈلگەن.

يېقىندا مەزكۇر يىغمىنىڭ رەقەملىك (دىجىتاللىق) ئامبىرى ياسىلىپ، گۇننار ياررىڭ توپلىغان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى قوليازمىلار ۋە كلاسسىك مەنبەلەرنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسى تورغا قويۇلغان.

بۇ ئىلمىي يىغما نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان بىلىم ئادەملىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى شىۋېتسىيە پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى بىر ئىلمىي تەتقىقات ئورنى. بۇ ئىنستىتۇت شىۋېتسىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئوسمان سۇلتانلىقى زامانىسىدا ئىستانبۇلغا قۇرغان ئەلچىخانىسىنىڭ كونا قورۇسىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، 250 يىلدىن بېرى شىۋېتسىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2012 – يىلى ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مەشھۇر تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭنىڭ ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب – ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە شۋېد مىسسىونېرلىرى ئەينى چاغدا قەشقەردىكى باسمىخانىسىدا باسقان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرچە كىتاب – ماتېرىياللارنى توپلاپ، مەركىزىي ياۋروئاسىيا رەقەملىك كۇتۇپخانىسىنىڭ تور ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرقانداق كىشى مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ تور بېتىگە كىرىپ، <http://www.srii.se/Jarring> دېگەن ئادرېستىن بۇ ماتېرىياللارنى كۆرەلەيدىكەن

38ed333b-c268-478b-aa38-5cf300bab28d

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان پاترىك خەلزون ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. ئۇ رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر مەزكۇر يىغمىدا گۇننار ياررىڭ توپلىغان 5 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب – ماتېرىيال ۋە قىممەتلىك قوليازمىلار ساقلانماقتىكەن. ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان مەزكۇر يىغمىدىكى بىر قىسىم ماتېرىياللارنىڭ ئېلىكترونلۇق نۇسخىسى ياسىلىپ، رەقەملىك كۇتۇپخانا شەكلىدە تورغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئىكەن.

پاترىك خەلزون مەزكۇر يىغمىدىكى بىر قىسىم قوليازمىلارنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىل – يېزىقىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بەزى ئۇيغۇرچە قوليازمىلارنىڭ دۇنيادىكى يىگانە نۇسخىسىنىڭ بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە مەزكۇر يىغمىدىكى كىتاب – ماتېرىياللارنىڭ ئېلىكتىرونلۇق نۇسخىسىنىڭ جىددىي تۈردە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، يېقىن كەلگۈسىدە تورغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا گۇننار ياررىڭ توپلىغان بۇ كىتاب – ماتېرىياللارنى ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدا گۇننار ياررىڭ نامىدا قۇرۇلغان ئىلمىي يىغما كېيىنچە ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا كۆچۈرۈلگەن ئىكەن

گۇننار ياررىڭ نامىدىكى مەركىزىي ياۋروئاسىيا يىغمىسى ۋە ئۇنىڭ رەقەملىك كۇتۇپخانىسى ئېچىۋېتىلدى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس گۇننار ياررىڭ توپلىغان زور تىپتىكى ئىلمىي يىغمىنىڭ شىمالىي ياۋروپادىكى ئالىي بىلىم يۇرتى-سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلىشى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئىلمىي خادىملار، «بۇ دۇنيا تۈركولوگىيەسىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆز تۇپرىقىغا قايتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى» دەپ قارىماقتا. ئۇلار يەنە «20-ئەسىردە دۇنيا تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ يېتەكچى مەركىزى ياۋروپا ۋە سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى بولغان بولسا، 21-ئەسىردىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ مەركىزى تۈركىيە ھەمدە شەرقتىكى ئەللەر بولۇپ قالىدۇ،» دەپ ھېسابلىماقتا.

ئەسلىدە سىتوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىدىن ئورۇن ئالغان «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» نىڭ 2012-يىلى ئىستانبۇلدىكى شىۋېتسىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا كۆچۈرۈپ كېلىنىشى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۇقىرىقى قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە.

«گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» نىڭ سىتوكھولمدىن ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈلۈش ۋە ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىگە ئېچىۋېتىلىش قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە قاتناشقان شىۋېت تەتقىقاتچىلىرىدىن پاترىك خەلزون ئەپەندى ئۇيغۇر تىلى بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» دا ساقلىنىۋاتقان 5 مىڭدىن ئارتۇق قىممەتلىك كىتاب-ماتېرىياللار نەچچە ئون خىل تىل-يېزىقتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇندىن باشقا يىغمىدىكى ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن توپلانغان تىل، تارىخ، تېبابەت، دىن، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەتكە دائىر قوليازمىلار ھەمدە تەزكىرىلەر زور قىممەتكە ئىگە بولۇپ، بەزى ئەسەرلەرنىڭ دۇنيادىكى يېگانە نۇسخىسى بۇ يەردە ساقلانماقتىكەن.

ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» غا توپلانغان زور تىپتىكى ماتېرىياللارنىڭ خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىلمىي ۋە ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇمكى، تۈركىيە-تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ ئانا ۋەتەنلىرىدىن بىرى. تۈركىي تىللىق خەلقلەر ياشاۋاتقان بىپايان تۇپراقلار ئىچىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنى ئەڭ بالدۇر باشلىغان شۇنداقلا ئۇنى كۆلەملەشتۈرگەن ئەللەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى دۇنيا تۈركولوگىيەسىدىكى ئەڭ مول مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» نىڭ ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈلۈشى «ئۇنىڭ ئۆز ئىگىلىرىگە يېقىنلاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى» دەپ قارايدۇ.

شىۋېتسىيەدە يېتىشىپ چىققان يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىدىن پاترىك خەلزون ئەپەندى ئۆزىنىڭ «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇنياسىغا كىرىپ كەلگەنلىكىنى، بەلكىم بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات ھاياتىنىڭ ئۇيغۇر تېمىسى ئىچىدە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/gunnar-yarin-12172015140338.html

Share
1890 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.