logo

trugen jacn
31 مارت 2014

ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ

ilham.wiyser,

ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ

 

”ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺑﯩﺰ“ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻨﯩﯔ ﺩﻭﺗﺴﯧﻨﺘﻰ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ.

ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ، ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻕ – ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ 15 ﻳﯩﻞ ﻛﯧﺴﯩﻠﮕﻪﻥ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺖ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﻧﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻤﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﭘﺘﻪ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﻛﯩﻠﻰ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻫﻪﭘﺘﻪ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ – ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﯩﺪﻩ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.

ﺑﯘ ﯞﻩﻛﯩﻞ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ، ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺳﯚﻫﺒﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qisqa_xewerler/musteqil-tetqiqatchi-ilham-toxti-09282010181729.html/story_main?searchterm=ilham+tohti&encoding=arabic

Share
1442 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.