logo

trugen jacn

ھىسلار، پىكىرلەر ۋە سوئاللار

 

Abduveli Ayup

ھىسلار، پىكىرلەر ۋە سوئاللار
ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

”ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار“ ۋە ”ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا“ ناملىق كىتابلىرىمغا ئىلاۋە
ئامېرىكىدىكى مۇساپىرلىق ھاياتىمنىڭ يادنامىلىرى بولغان ئەدەبىي خاتىرەمنى ئاساسەن ئېلان قىلىپ بولدۇم. يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باشتىن كەچۈرگەنلىرىم، ئوقۇغانلىرىم، تېلۋىزورلاردىن كۆرگەن ۋە تونۇش بىلىشلەردىن ئاڭلىغانلىرىمدىن ئېلىنغان. پەقەت ”تەپەككۇر تۇتقۇنلىرى ۋە بىز“ دېيىلگەن يازمىلا خىياللىرىمدىن توقۇلغان. ئىپادىلىمەكچى بولغىنىم قەشقەرنىڭ جاھان كۆزىدىكى سېھىرى، غېرىپلىقى، چارەسىزلىكى ۋە مەھكۇملىقى ئېدى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ شەھەرنىڭ ئىستەك ۋە غايىلىرى قايرىپ بۆلەنگەن، پۇت قوللىرى تېڭىلغان ھالەتتىكى ناتىۋانلىقى، ھالسىزلىقى ۋە سۈلكىتىنى سۈرەتلەپ باقاي دېگەنىدىم. ژانىرنى ئېنىق ئەسكەرتمىگىنىم، ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ زوقلىنىش ئادىتى ۋە نازۇك غۇرۇرىنى يېتەرلىك نەزەرگە ئالمىغىنىم ئۈچۈن يازما سەل خاتا چۈشىنىلدى.
بۇندىن باشقا ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن تويلىشىشى ھەققىدە يېزىلغان يازمىمۇ نېرىۋىلارنى بىئارام قىلغان بولدى. مەن پەقەت ئۆزۈم شاھىد بولغان رىياللىقىنى يازدىم، تەسۋىرلەش تەشۋىق قىلىش ئەمەس. ئەگەر يازما تەرغىباتتەك، تەشۋىق قىلىنىۋاتقاندەك مەنىدە چۈشىنىلگەن بولسا، كەچۈرۈڭلار خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇپتىمەن.  بەلكىم خاتا چۈشىنىلىپ قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن. تەشەببۇسۇمغا كەلسەم ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۇنۇتمايلىكى، خانىم قىزلىرىمىزنى باراۋەر كۆرمەي تۇرۇپ باراۋەرلىك تەلەپ قىلالايدىغان ئەۋلاد يېتىشتۈرەلمەيمىز. ئۇلارنى قەدىرلىمەي تۇرۇپ، قەدىر قىممەت شەرتسىز قوغدىلىدىغان ئائىلىۋىي موھىت بەرپا قىلالمايمىز.
مېنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئامېرىكادىكى ئائىلە قاراشلىرىنى سېلىشتۇرۇپ يازغان ئايال، پەرزەنت ۋە ئائىلە ھەققدىكى يازمىلىرىمدا تەشەببۇسلار بار دېيىلسە، بەلكىم مۇنداقراق ئويلىغاندىمەن. ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھەر يەردە ئاسرىلىشى، ئۈستۈن كۆرۈلىشى، ئايىلىشى ۋە ھەرزامان قوغداشقا چاقىرىلىشى بۈگۈنكى دۇنيادا ئورتاق ئىنسانىي ئەخلاق. ئاياللارنىڭ بويسۇنىشى، ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشى، ئائىلىدىكى ئىشلارنى بەجانىدىل ئورۇنلىشىنى ئاياللىق ئەخلاقى دەپ قاراپ ئەرلەردىن مۇشۇ ئەخلاقلارغا ماس بەدەلنى تەلەپ قىلماسلىق، ئورتاق مەسئۇلىيەتنى تەكىتلىمەسلىك ئادالەتىسزلىكتۇر. مەيلى قىز-ئوغۇللۇق، ئاتا-بالىلىق، ئەر-خوتۇنلۇق ياكى باشقا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن باراۋەرلىك، ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە ئەركىنلىكنىڭ مۇرەسسەسىز ھىمايە قىلىنىشى ھەممە مىللەتكە ئورتاق ئەخلاق مىزانى. ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى شەرتسىز باراۋەرلىك، ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ ئەقەللىي ئىنسانىي پەزىلەت ۋە روھتىكى پەرزەنتلەرنى تەربىيىلىگىلى بولمايدۇ.
بەزىلەر يازمىلىرىمغا قاراپ مېنى مىللەتچىمىكىن دەپ قاپتۇ. ئۇنداقلار مىللەتچىلىكنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ئويلىنىپ باققان بولۇشى ناتايىن. مەن ئۆز مىللىتىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، ئۆز مەدەنىيىتىنى زامانىۋىي مەدەنىيەت دەپ خەققە تاڭىدىغان، باشقا مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ ئۆز مىللىتىگە خىزمەت قىلدۇرىدىغان مىللەتچىلىككە قارشى. بۇنداق قىلمىشنىڭ خەلقئارادىكى شەرھىسى فاشىستلىق، بۇ بىر جىنايەت. بۇ مەسىلىگە قىزغىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ”خەلقىم ئازاتلىققا چىقىشتىن بۇرۇن مىللەتچىمەن. ئازاتلىق ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن مىللەتچى ئەمەسمەن“ دېگەن گېپىنى ئويلىنىپ بېقىشنى ئىلتىماس قىلىمەن. مەن فاشىستلىققا قارشى مەدەنىيەتلەر ھىمايىچىسى. مەدەنىيەتلەر دىيالوگى ۋە كۆپخىلىلىقىنىڭ تەشەببۇسچىسى.
مەن دىنىمىزغا ئۇيغۇن مىللەت سۆيگۈسىنى ياشىغۇچى. شۇڭا دىنىغا جان دىلى بىلەن ئاشىق ئۇيغۇرنى سۆيۈشنى داۋام قىلىمەن. دىنىمىزدا زاكاتنى ئەڭ يېقىنلىرىمىزدىن باشلاپ بېرىمىز، ياخشىلىق يېقىنلىرىمىزدىن باشلىنىدۇ، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى سىلى-رەھىمنىڭ كېسىلىشى ھارام قىلىنغان. مەن ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە ياشايمەن، ئاللاھ مەندىن ئائىلەمگە، قېرىنداشلىرىمغا ۋە قوشنامغا نېمە قىلىپ بەرگەنلىكىم ھەققىدە ھىساپ ئالىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. مەن بارالمايدىغان يىراق ئەللەردىكى مەزلۇم كىشىلەر ئۈچۈن ئامالسىزمەن. چۈنكى ئاللاھ بىزنى قۇربىتىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىمىغان. بىز مۇسۇ ئەقىدىلەرگە ئەگەشكەن كىشىلەر بولغاچ ئۇيغۇرنى سۆيىمىز. پەيغەمبىرىمىز مەككىگە قاراپ كۆز يېشى قىلغان بولسا بىزمۇ ۋەتەننىڭ تەقدىرىدىگە ياش تۆكىمىز. ۋەتەن مۈلۈكتۇر، دىنىمىزدا مۈلۈك دەخلىسىز، ئۆزىنىڭ ئاتا مىراس مۈلكىنى سۆيۈش، قوغۇدىيالمىسىمۇ سۆيگۈسىنى ئىپادىلەش مىللەتچىلىك بولمايدۇ، مۇسۇلمانلىق بولىدۇ.
بەزىلەر ئەسەرلىرىمدىكى مىللەت سۆيگۈسىنى ۋە ۋەتەن مۇھەببىتىنى جاھىللىق ۋە جاھالەتكە تەققاسلاپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. شۈبھىسىزكى، ئىنساننىڭ مەلۇم يۇرت ۋە مەلۇم مىللەتنى سۆيىشى جاھىللىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھ بۇيرىغان مىھرىۋانلىق. رەببىمىز ھەممىمىزنى ئاشۇنداق ھەر خىل مىللەتتىن قىلىپ ۋە ھەر قايسى رايۇنلارغا ياراتتى، بەرھەقكى شۇ ماكان ۋە قەۋم ئىچىدە نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىزدىن ھىساپ ئالىدۇ. بىز بىر قەۋىملىكنىڭ بەلگىسى بولغان كونكىرىت بىر تىلدا -ئۇيغۇرچە سۆزلىشىمىز ۋە بىر بىرىمىزگە ئىماننى، نامازنى، ھەقنى ۋە سەبىرنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاللاھنىڭ بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ يارىتىشى مەدھىيە ۋە شۈكۈرلەرگە لايىق نىمەتكى ئۇنى ئىنكار قىلىشىمىز سۈرە ئەرراھماندا تەكرارلىنىدىغان ”فەبەيەئى ئەلا رەببىكۇما توكەززىبان“ (سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نىمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر) دېگەن ئايەتنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. دىنىمىزدا سىلى رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇش ھارام قىلىنغان. بۇيەردىكى سىلى رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشنى سالىھ ئالىملار قېېرىنداشلىقنى ئۈزۈپ قويۇش دەپ چۈشەندۈرىدۇ. ئاللاھ قان قېرىنداشلىقنى ئۈزۈپ قويماسلىقنى بۇيرىۋاتسا بىز نېمىشقا قېرىنداشلىقنى، قېرىنداشلىقنىڭ كېڭەيگەن ھالىتى بولغان ئۇيغۇرلۇقىمىزنى ئىنكار قىلىمىز!
بەزى ئوقۇرمەنلىرىم يازمىلىرىمدا ئامېرىكا ماختىلىۋاتىدۇ دەپ چۈشەنگەن ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە مەن ئامېرىكىنى ئەمەس ئۇيغۇرنى يازدىم. مەن ئامېرىكىنى ماختىمىدىم ئامېرىكىنىڭ پۈتۈنلەي قارىشىسىدىكى مەجرۇھ موھىتتا ياشاپمۇ قىلچىلىك بوشاشماي تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرنى ماختىدىم. ھۆر جەمئىيەتتىكى كەسكىن رىقابەتتە جۇشقۇن ۋە ئۇتقۇن ياشاۋاتقانلارنى يازدىم. دېموكراتىيەدىن مۇستەسنا ياشاۋاتقانلار بىلەن ھۆر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ رىياللىقى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى يازدىم. مەن  مۇستەبىتلىككە ئۆچ. شۇڭا ئەسەرلىرىمدە ئوقۇرمەنگە ئىددىيە تېڭىشتىن ساقلىناي دېدىم. بۇ مەۋقەسىزلىككە كىرمەيدۇ. مەن مەۋقەيىمنى ئوقۇرمەنگە تاڭغانغا ئۆچ.
بىر ئوقۇرمەنىم ”مەن يازمىلاردىن ئۆزۈمنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقى، نەدە ياشاۋاتقانلىقىم، نېمە ئۈچۈن، نېمە كۈندە قېلىۋاتقانلىقىمنى بىلگەندەك قىلدىم“ دېگەنىكەن، ئوقۇپ سۆيىنىپ قالدىم. بەزىلەر ”ئابدۇۋەلى مۇئەللىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بۇرۇن يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىدىكى ئەيىپلىرىمىزنىڭ مىللىتىمنىڭ ئەيىپىمۇ ياكى تۈزۈمنىڭ ئەيىپىمۇ دېگەننى ئايرىۋالدىم. يۇرتتا ھىس قىلىنغان نۇقسانلىرىمىزنىڭ موھىت ھەممىمىزگە تاڭغان نوقسانمۇ ياكى ئۇيغۇرغا خاس نۇقسانمۇ، دېگەننى چۈشىنىۋالدىم. بەختسىزلىكىم ئۆزۈمنىڭ بەختسىزلىكىمۇ ياكى ئىدولوگىيە تاڭغان بەختسىزلىكمۇ دېگەنلەرنى ھىس قىلدىم» دەپ يېزىپتۇ.
مەن يازمىلىرىمدا ئامېرىكىنى ماختـىدىم ئەمەس ئىنساننىڭ مەنىۋىي قىممەتلىرى ۋە ئەقلىي پىرىنسىپلار ئۈستىگە قۇرۇلغان تۈزۈمنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم. مەن ئامېرىكىلىقلارنى ئەمەس شۇ ئەلدە ھۆرلۈكنىڭ تەمىنى تېتىپ ياشاۋاتقانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىز تەنقىدلىنىۋاتقان ئەيىپلەردىن خالىلىقىنى يازدىم. تارىختا ۋە رىياللىقتا ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى سادىر قىلغان تاجاۋۇزچىلىقنى، ئۇرۇشخۇمارلىقنى، پۇلپەزلىكنى، دۇنياۋىي كونتروللۇقنى يازمىدىم، بۇنى يازسام ئۇيغۇر ھىكمەت ۋە ئىبرەت ئالغىدەك ھىچ بىر بىلىم ئىلمىنتى يوق.
ئۆزگىرىش مارشى پروگراممىسى بۈگۈن ئاياقلاشتى. تىرىشچان غالىپلارنى، ئۆزگەرگەن قەدىردانلارنى، ئۇتۇق يولىدىكى چىدامچانلارنى يۈرەكتىن تەبرىكلەيمەن. كېيىنكى ئۆزگىرىش مارشىدا كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭلار.

قوشۇمچە:
يازمىلىرىمنى كىتاب قىلىپ چىقىرىشقا ۋاقتىم يەتمىدى. ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ۋاقتىم يېتىشى ناتايىن. ئەگەر مۇشۇ سودىنى قىلاي دېگەنلەر بولسا قارشى ئالىمەن. شەرتىم كىرگەن كېرىمنىڭ ئاپتۇرغا تەۋە قىسمى ئاتا-ئانىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن، ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى تۇرمىلەرگە كىرىپ كەتكەن ئائىلىلەرگە ھەدىيە قىلىنىشى ئارزۇيۇمدۇر. ئەگەر بۇنى قولايسىز ھىس قىلسا، غۇلجىدىكى نۇرتاي ھاجىم يېتىملەر مەكتىپىگە ئىئانە قىلسا بولىدۇ. مەن كىتابلارنى دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن، ھازىرقى سىياسەتلەرگە مۇناسىپ، رايۇنىمىز ئەھۋالىغا لايىق قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرىشكە مەسئۇل.

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-36676-1-1.html

Share
1548 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.